كۆرۈش: 1595|ئىنكاس: 0

مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1100 001_副本.jpg

                                                                    مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق

1971-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا مەرىپەتسۆيەر باغۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1979-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە بەشكېرەم قۇمباغ باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1984-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغاندىن كېيىن، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. بۇ جەرياندا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى پەن تەتقىقات باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېچىلغان ئەرەب تىلى كۇرسىدا ئوقۇغان. 1995-يىلى 7-ئايدا باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بىلەن ئوقۇش پۈتكۈزۈپ بەشكېرەم ئوتتۇرا مەكتەپ (بۈگۈنكى قەشقەر شەھەرلىك 26-ئوتتۇرا مەكتەپ) كە تەقسىم قىلىنغاندىن بۇيان ئانا مەكتىپىدە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
مۇھەممەدئىمىن قۇربان بالىلىق دەۋرىدىن باشلاپ ئەدەبىياتقا، جۈملىدىن شېئىرىيەتكە ئىشتىياق باغلىغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا بەشكېرەم ئۆلىمالىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەرەب تىلىدىن دەسلەپكى مەلۇمات ئالغان ھەم چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى «دىۋانى ھېكمەت»، «سوفى ئاللايار»، «نەۋايى»، «دىۋانى مەشرەپ» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى ئۆگىنىپ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان. ئۇ «چاقماق دەرياسى» ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باشلىغان ھەم 1987-يىلى «تۇزكورغا» ناملىق شېئىرىنىڭ «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنىشى بىلەن رەسمىي ئىجادىيەت سېپىگە قېتىلغان. 1992-يىلىدىن باشلاپ «تۇغلۇق» سۆزىنى تەخەللۇس ھەم فامىلە ئورنىدا قوللىنىپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئاساسلىقى شېئىرىيەتنى، بولۇپمۇ ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرىيەتنىڭ ئەڭ جۇلالىق شەكىللىرىدىن غەزەل بىلەن مۇخەممەسنى ئاساس قىلىپ 200 پارچىدىن ئارتۇق غەزەل يازغاندىن باشقا، ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرى ھەم ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ داڭلىق غەزەللىرىگە مۇخەممەس باغلاپ، 100 پارچىدىن ئارتۇق تەخمىس يازغان ھەم بىر قىسمىنى «ئوكيانلارغا قوشۇلغان ئېقىن» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا ھەرقايسى ئەدەبىي ژۇرناللاردا كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن. بىر تۈركۈم غەزەللىرى قازاقىستاندا چىقىدىغان «يېڭى ھايات» ۋە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتلىرىدە ئېلان قىلىنغان.
مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق خىزمەتكە چىققاندىن بۇيان يەنە ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرى ۋە توپلىغان ماتېرىياللىرى ئاساسىدا ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ۋە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىدا «قەدىمكى ئۇيغۇرلاردا تامغا مەدەنىيىتى»، «دەريا: ئىنسان ۋە مەدەنىيەت»، «‹يىللارغا جاۋاب› ناملىق شېئىرنىڭ پەلسەپىۋى مەزمۇن قاتلىمى»، «‹دىۋانۇ لۇغاتت تۈرك›تىكى ئىسلام دىنىغا دائىر بايانلار»، «ئۇيغۇرلاردا ‹تاۋاپ› سەيلىسى»، «مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تارىخ تەتقىقاتىدىكى رولى» قاتارلىق 30 پارچىدىن ئارتۇق خاس تېمىدىكى ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغاندىن باشقا، يەنە «سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىزى بۈۋى مەريەم خېنىم ۋە ئۇنىڭ مازىرى»، «قىلىچ بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ مازىرى»، «ئەلى ئارسلانخان ۋە ئۇنىڭ مازىرى»، «ئوسمان بۇغراخان ۋە ئۇنىڭ مازىرى»، «سۇلتان مەجىد غوجام ۋە ئۇنىڭ مازىرى»، «ھۈسەيىن فەيزۇللا غوجام ۋە ئۇنىڭ مازىرى»، «شامپادىشاھ ۋە ئۇنىڭ مازىرى»، «سەنجەر مازىي غوجام ۋە ئۇنىڭ مازىرى»، «‹بۇغراخان› نامىدا ئاتالغان مازارلار ۋە ‹گۈمبەزەتۇل خاقانىيە›»، «قۇتبۇللا غوجام ۋە ئۇنىڭ مازىرى»، «چاقماق دەريا ۋادىسىدا ‹تاۋاپ› سەيلىسى» قاتارلىق ئۇيغۇر مازارشۇناسلىقىغا دائىر يۈرۈشلۈك تەتقىقاتىنى تاماملاپ، «چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى مازارلار ھەققىدە تەتقىقات» نامىدا ئارقىمۇ ئارقا ئېلان قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە «قازئېرىقنىڭ ئانتروپولوگىيەسى» ناملىق دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان.
مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا «باغدا پۈتكەن سۆيگۈ كۈيلىرى»، «تۇپراق قەسىدىلىرى»، «قەلب سادالىرى» قاتارلىق 250 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، «قەشقەرنىڭ كۆزى»، «ئالتۇن بۆشۈك» ناملىق ئىككى داستان، 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە، بەش پارچە تەرجىمە ماقالە ئېلان قىلغان. «بەشكېرەمنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق ئىلمىي تەتقىقات كىتابىنى يازغان ۋە «چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى مەرىپەت بۆشۈكى» ناملىق كىتابنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى يىغىپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە «بەشكېرەمنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتاب بىرىنچى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، «چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى مەرىپەت بۆشۈكى» ناملىق كىتاب ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ «ئەجدادلار سوۋغىسى»، «بەشكېرەم تارىخىي ئوچېرىكلىرى»، «ئانا دەريا ۋادىسىغا نەزەر»، «بەشكېرەم پەرزەنتلىرى» قاتارلىق تۆت قىسىمدىن تەشكىل تاپقان «چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمىي ماكان ــ بەشكېرەم» ناملىق يىرىك ئىلمىي ئەسىرى 2014-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت فوتۇ-سۈرەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىزىقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-23 01:45  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش