يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 615|ئىنكاس: 1

ھېرتا مۈللېر شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھېرتا مۈللېر 2009 يىلى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن گېرمان تىللىق شائىر ۋە يازغۇچى .

  ئۇ 1953-يىلى 17-ئاۋغۇستتا رۇمىنىيەدىكى بىر گېرمان تىللىق كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان كەنتتە دۇنياغا كەلگەن.1990-يىللىرىدىن باشلاپ دۇنيا مىقياسىدا داڭ چىقىرىشقا باشلىغان .ئەسەرلىرى 20 نەچچە چەتئەل تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.ئەسەرلىرى 20 نەچچە خىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئۇنىڭ شېئىرلىرى دادائىزىم شېئىرىيىتىنىڭ لوغەتتىن سۆزلەرنى قىيىپ قۇراشتۇرۇش شەكلىدە مىسرا بارلىققا كەلتۈرۈش ئەنئەنىسىگە ئاساسەن يېزىلغان .ھەممە شېئىرىنىڭ مىسرالىرى لوغەتتىكى سۆزلەرنى قىيىپ چاپلاش نەتىجىسىدە كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان .

مەن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنى بۇ خىل شېئىر يېزىش تېخنىكىسى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە ئۇچراشتۇرۇش شۇنداقلا ھېرتا مۈللېرنىڭ شېئىرىيەتتىكى مۇۋاپىقىيىتىدىن ھوزۇرلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ئوقۇرمەننىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.بۇ شېئىرلار تىنىش بەلگىللىرىنى ئىشلەتمىگەن ئالاھىدىلىكى بىلەن كۆزگە چېلىقىدۇ .

شېئىر خەنزۇچىن تەرجىمە قىلىندى .خەنزۇچىسى گېرمان تىلىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ شېئىرنىڭ ئەسلى پۇرىقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان.مەنمۇ ئۆز نۆۋىتىدە  ئىمكان بار شېئىرنىڭ  ئۆز تەمىنى ساقلاپ قېلىشقا كۈچىدىم .لېكىن ۋاستىلىق تىلدىن تەرجىمە قىلغانلىقىم تۈپەيلدىن يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇشى مۈمكىن. تەنقىدىڭلارنى قارشى ئالىمەن.

ھۆرمەت بىلەن بەرقى





ھېرتا مۈللېرنىڭ سۈرىتى



ھېرتا مۈللېر شېئىرلىرىدىن

44

ئەشۇ  تۆت  كېچە   مەن چەكتىم  ئىشىكىنى ئۇنىڭ  مېنىڭ يوپكام

ئۇنى مەن شۇنداق كىيىمەن   شۇندىلا  ئۇ

چېقىلالمايدۇ  مەن خالىمىغاندا ماڭا  ئۇ كىيىمىنى سېلىۋەتتى

ئاندىن ماڭا قارىدى  مەن ھاك ۋە مايغا ئوخشاپ قالدىم

ئۇ كىردى  ئەشۇ تېرە ئىشكتىن چانامنىمۇ سۆرەپ كىرىمەن

كېيىنكى قېتىمدا  مۇشۇ يېرىڭگە دىدى ئۇ

ئىشقىلىپ كاللامدىكى كىنوخانىدا

قويۇلىۋاتىدۇ باشقا بىر كىنۇ  بىر پاسپورت ئۈچۈن

مېنىڭ باشقا ھىچقانداق ئامالىم يوق  لېكىن قېچىش

ناخشا ئېيتقانغا ياكى دۇئا ئوقۇغانغا ئوخشايدۇ

ئەشۇ بەكمۇ تونۇش لېكىن قىلماق تەس ئىشتا  مەن سۆيىمەن

نەپرىتىم ئۇنىڭ بوينىدا  ئاندىن دەيدۇ  ماقۇل

مەن ئەشۇ ھاۋا تەرىپىدىن ماڭار چاغدا ئاللىقاچان

ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قويۇلغان بولىمەن

37

قار ياغدى  بۇ

ئاياق بولسا بىرجۈپ بۇ

ئورۇن ئۆلۈكتۇر مەن كۆزۈم

بىلەن چىشلىدىم ئاق بولكىدىن بىر پارچە

31

ناۋادا چېچىڭ ئاستىدىكى ئەشۇ ئالدامچى

قاقاھلاپ كۈلسە ماڭا ئۇنىڭ ئېغىزىدىن  ئېشىپ قالىدىغىنى

پەقەت بىر تال چىش ئۆتۈپ

قاتمۇ قات تاغلار بار ئەشۇ بالقاندىن

يېتىپ بارساڭ  ھىساباتىڭدا بىر پارچە گۇڭگىلىق

بۇ مېنى بويسۇندۇرىدۇ  مەن پەقەت

سېرىك ئۆمىكىنىڭ بىر ئىتى ۋە قېتىپ كەتكەن قىرغاۋۇلى

ئېشىپ قالغىنى پەقەت خەيرىلىك كەچ دېگەن سۆز

33

ئەشۇ پادىشاھ ھايات چاغدا ئوخشايتتى بىر

ئىت ۋە بىر موزايغا لېكىن

ئۆلگەن چاغدا ئۇنىڭ تاجى يېرىمى شىرنە

يېرىم تاۋۇز شەكلىدە  چاپلىشىپ قالدى چېچى ئاستىغا بارلىق

ياز يامغۇرى ئۇنىڭ بارلىق دەلدەڭشىپ قالغان پەرىشتىللىرىنى

ئەۋەتتى قوناقلىققا ئىچىدە ھەممىسى سادىق قوغدىغۇچە ئەسلىدە

پادىشاھ يېنىدا تۇرۇپ باققان

28

يالغان ئېيتىشىمنىڭ ھاجىتى يوق مەن

سۈكۈتكە مايىل ھەمدە سېنىڭ ھەربىر

كۆزۈڭدىن ئوغرىلايمەن بىر تال ئاپتاپپەرەسنى

ئىشلىتىپ چىۋىن پۇتىنى بىرقېتىم

مەن ئاخىرى  مەغلۇپ بولدۇم

مەن ئەسلى ئوغرىلاپ بولغان

نۇرغۇن نەرسىنى شۇنداقتىمۇ يەنىلا

ئېلىپ كەتكۈم بار ئىككى تال  مەن ئسقىرتتىم

مەجنۇنلارچە ئاندىن ئۇلار كەلدى قاتتىق

شۇنداقلا زەھەرلىك  قىزىق ۋە توپىغا مىلەنگەن

گويا كەنتتىن

بەزىدە شامال ئېلىپ كەتكەندەك ئەپيۇن گۈلى ئۇرىقىنى




باھا سۆز

سەن دادىللىق بىلەن توسوقلاردىن ھالقىپ يېڭى بۇلاق بىلەن ئۇچىرىشىشىڭ كېرەك  ۋاقتى: 2012-4-8 06:47 PM
ۋاقتى: 2015-9-4 12:25:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش