يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 889|ئىنكاس: 11

نۇر ئىسلام قۇربان: ھەۋەس باشقا ، ئىش باشقا ( ھېكايە )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەۋەس باشقا ، ئىش باشقا
( ھېكايە )
                                                                نۇر ئىسلام قۇربان
                                               ( ئاپتۇر باشلانغۇچ 4- يىللىق ئوقۇغۇچىسى )
مەكتەپتىن قايتىپ كەلگىنىمدە ئاپام پۈتۈن زېھنى بىلەن پۇتبۇل مۇسابىقىسى كۆرۈۋاتاتتى .
ــ تاماق ئەتمىدىڭما ئاپا ،ــ دېدىم بوش تۇرغان تاماق ئۈستۈلىگە قاراپ .
ــ ھە ... ئازراق تاتلىق –تۈرۈم يەپ قورسىقىڭنى ئەستەرلەپ تۇرغىن ،ــ دېدى  ئاپام تېلۋىزۇردىن كۆزىنى ئۈزمەي ،ــ ئاخشام تولۇق كۆرەلمىگەن ئىدىم مۇسابىقىنى ، نەچچە مېنۇتلا قالدى تۈگەيدىغانغا ، كۆرۈپ بولۇپلا تاماق ئېتىمەن .
ــ قايسى دۆلەت ئويناۋاتىدۇ ؟
ــ ئىسپانىيە بىلەن گوللاندىيە . ۋاي توۋا ... كاشىلياس ئۆزىگە ئوخشىمايلا قالدىيا ، قارا ...قارا ... مۇشۇنىڭ بىلەن گوللاندىيەنىڭ 3- توپى كىرىپ بولدى . ھەي ...بۇ ئىسپانىيە كوماندىسى  ئەجەبمۇ ئۈمۈدسىزلەندۇردىغۇ ئادەمنى ...
مۇسابىقە تۈگىگەندە ئاپام نېمىلەرنىدۇ دەپ غودۇڭشىغىنىچە ئاشخانىغا ماڭدى .
      تۇنجى قېتىم ئاپامنىڭ پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى كۆرۈۋاتقانلىقىمنى كۆرگىنىمدە ھەيرانلىقىمنى باسالماي قالغان ئىدىم . مېنىڭچە بولغاندا ئاپامدەك خىزمەت بىلەن ئۆي ئىشىدىن ئېشىنالمايدىغان ئاياللارنىڭ پۇتبۇلغا قىزىقىشى راستلا ھەيران قالارلىق ئىش ئىدى . بولۇپمۇ ئاپامدەك نازۇك ، مۇلايىم ئاياللار تېخىمۇ شۇنداق ئىدى . لىكىن ئاپامنىڭ پۇتبۇلغا قىزىقىپلا قالماستىن ،مەن تونۇمايدىغان  پۇتبۇل چولپانلىرىنىمۇ تونۇيدىغانلىقىدىن باشتا ھەيران قالغان بولسام ، كېيىن ناھايتى ئىپتىخارلاندىم . « ئەمدى ياخشى بولدى ، سىنىپتىكى پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرى ئاغزى –ئاغزىغا تەگمەي س رونالدۇ ، مىسسى دەپ  سۆزلەپ يۈرگىنى بىلەن ئاپام تونۇيدىغان چولپانلارنىڭ يېرىمىنىمۇ تونۇمايدۇ . مەنمۇ ئاپام بىلەن مۇسابىقە كۆرسەم ، چوقۇم ئىككى كۈندىلا نۇرغۇن چولپانلارنى تونۇۋالىمەن ، ھەم ئاپامدىن مۇسابقىنىڭ قائىدە قانۇنيەتلىرى ، توپ تېپىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى دېگەنلەرنى ئۆگۈنىۋالسام ئۇ چاغدا سىنىپتىكى پۇتبۇلچىلارنىڭ ئارىسىدا ئىناۋىتىمنىڭ بىراقلا ئۆسۈپ كەتمىگىننى كۆرەي » .
  
   كەچلىك تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاپام مەندىن سىناق ئىمتىھانى ئېلىپ نەتىجەمدىن رازى بولغاندىن كېيىن پىشانەمگە سۆيدى .
ــ ئەقىللىق قوزام ، بالدۇرراق ئۇخلاپ ئارام ئالغىن . ئىمتىھانغا ئىككى كۈنلا قالدى . ئارام ئېلىش ياخشى بولمىسا ، دەرسلەرنى ياخشى تەكرار قىلالمايسەن .
ــ مېنىڭ ئۇيقۇم كەلمىدى . سەن بىلەن دۇنيا لوڭقىسىنى كۆرەيچۇ ئاپا .
ــ ۋىيەي ... ماۋۇ بالىنى ، ئىمتىھان دەۋاتسا توپ كۆرەي دېگىنىڭ نېمىسى .  مۇسابىقە سائەت ئوندا باشلىنىپ 12 دە تۈگەيدىغان تۇرسا ، ئۇيقۇڭ چالا قالسا قانداق بولىدۇ ؟ئاۋال ئىمتىھاننى ياخشى بەر . تەتىلگە چىققاندىن كېيىن كۆرىمەن دېسەڭمۇ كىچىكمەيسەن .
ــ مەن تەتىلگە چىققاندا مۇسابىقە تۈگەپ بولسىچۇ ؟
ــ ئۇنداق بولمايدۇ . ئەڭ قىزىيدىغان يېرى شۇ چاغدا بولىدۇ تېخى .
ئاپام يېنىمدا بىر دەم ياتقاندىن كېيىن ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ چىقىپ كەتتى . سائەت ئون بولغىچە ئۇخلىماسلىقنى قارار قىلغان بولساممۇ ئۆزەممۇ تۇيمايلا ئۇخلاپ قاپتىمەن .
   ئاخىرى ئىمتىھان تۈگەپ تەتىلگە چىقتىم .
  كەچتە ھېلى كىر يۇيۇپ ، ھېلى دەزمال سېلىپ ئالدىراش يۈرگەن ئاپام سائەت ئون بولۇشى بىلەنلا تېلۋىزۇر ئالدىغا كەلدى .
ــ بالاتوللى رولىنى تازا ياخشى جارى قىلدۇرالمايۋاتىدىغۇ ،ــ دېدى ئاپام دادامغا ،ــ 2012-يىلدىكى ياۋۇرپا لوڭقىسىدا ئىتالىيەنىڭ 2- بولۇشىدا موھىم رول ئوينىغان ئىدى ئۇ .
ــ پۇرسەت كەلمەيۋاتىدۇ ،ــ دېدى دادام ،ــ كوستارىكانىڭ مۇداپىئەسى ناھايتى ياخشىكەن .
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىشىغىلا ئاپام كايىپلا كەتتى .
ــ قاراڭ ...قاراڭ ... بالاتوللىنى مەيداندىن چۈشۈرۋالغىنى نېمىسى ؟ئىتالىيە تېخى بىرمۇ توپ كىرگۈزمىگەن تۇرسا ...
ــ ئۇلار ھۇجۇمغا ئانچە كۈچىمەي ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىشنى ئويلاشتى ، قاراڭ ، بالاتوللىنىڭ ئىزىغا بېكتىن بىرنى چىقاردى .


  نەچچە كۈن مۇسابىقە كۆرۈش ئارقىلىق رونالدۇ ، مىسسى ، ئۆزىل ، كاشىلياستىن  باشقا يەنە گوللاندىيەلىك روبىن ،ۋان پېرىس ، ئىسپانىيەلىك ئىنىستا ، رامۇس ، بىرازىليەلىك نىيمار ، فىرانسىيەلىك بېنزىما ، ئىتالىيەلىك بالاتوللى ،پورتۇگالىيەلىك پىپى ، نانى ، گىرمانىيەلىك كېلۇز ... قاتارلىق بىر نەچچە چولپانلارنى ، ئۇلارنىڭ قايسى كوماندىدا توپ ئوينايدىغانلىقى ، قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى بىلىۋالدىم . ھەتتا ئاپام ئارقىلىق  ماھىرلارغا قانداق ئەھۋالدا سېرىق كارتا ۋە قىزىل كارتا بېرىدىغانلىقىنى ، مەيدان شەكىلنىڭ قانداق سەپتە تۈزۈلسە ياخشى بولىدىغانلىقىنمۇ چۈشۈنىۋالغاچقا ، پۇتبۇل ئەتىرتىمىزدە تېزلا ئىناۋەت تىكلىدىم .
  بۈگۈنمۇ ئادىتىمىز بويىچە پۇتبۇل كوماندىمىز ئائىللىكلەر بىناسىنىڭ ئالدىدىكى ھويلىدا توپ ئويناۋاتقىنىمىزدا، ئۇزۇن ئاق كۆينەك كىيگەن   ئاپام ھويلىغا كىرىپ كەلدى . ئۇ تاقىلدىتىپ دەسسەپ بىزگە يېقىن كەلگەندە ، تۇيۇقسىزلا كاللامغا« دوستلىرىمغا ئاپامنىڭ ماھىر پۇتبۇلچى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويايچۇ » دېگەن خىيال كەلدى-دە ، « ئاپا ، پاس كەتتى » دەپلا توپنى ئاپامغا قارىتىپ تەپتىم . مېنىڭ خىيالىمچە بولغاندا ، ئاپام دەرھاللا ئىنكاس قايتۇرۇپ ، مەن بەرگەن توپنى ناھايتى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلالايتتى .لېكىن ئاپام كۈتكىنىمنىڭ ئەكسىچە توپتىن ئۆزىنى قاچۇرىمەن دەپ، دەلدۈگۈنۈپ  يېنىدىكى دوستىغا يۆلىنىپ قالدى .توپ قولىغا تەگكەچكە  قولىدىكى كۆز قويۇلغان قىزىل سومكىسى يەرگە چۈشۈپ كەتتى .
ــ نېمە قىلغىنىڭ بۇ ؟! ــ ئاپام ئىنچىكە ، ئېگىز پاشىنىلىق ئاياق كىيگەن پۇتىنى ئۇۋلىغاچ ماڭا نارازىلىق بىلەن قارىدى ،ــ ئويۇنۇڭنى ئوينىساڭ بولمامدۇ ، ماڭا چاقچاق قىلغۇچە ، قورقۇتۇپ جېنىمنى ئالغىلى تاس قالدىڭ .
ــ مەن ... مەن تېخى سېنى ...
ــ مەن بىلەن توپ ئوينامدىكىن دېگەنما ؟ ئوينىساڭ تۈزۈك ئوينا ، بولمىسا ئۆيگە كىرىپ ئىش قىل  !
ئاپام ئاچچىقلىغان ھالدا ئۆيگە كىرىپ كەتتى .
ــ  ئاپام پۇتبۇل ماھىرى دەپ پو ئېتىۋاتاتتىڭغۇ ،ــ دېدى يالقۇن مەسخىرلىك كۈلۈپ ،ــ لىكىن ئاپاڭ توپتىن قورقۇپ تاس قالدى يىقىلىپ چۈشكىلى .
ــ ھەي ، ئۇنىڭ ئاپىسى ئېگىز پاشىنىلىق ئاياق ، ئۇزۇن كۆينەك كېيىۋالغان تۇرسا ، ھەر قانچە ماھىر توپچى بولسىمۇ ئۇنداق ئاياق بىلەن توپ تېپەلمەيدۇ دە ،ــ ساۋاقدىشىم ئەكرەم ماڭا بولۇشۇپ يالقۇنغا رەددىيە بەردى .
ــ شۇنداق بولسىمۇ توپتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەكتە ،ــ دىلشات يالقۇننىڭ تەرىپىنى ئالدى ،ــ نۇر ئىسلامنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ ئاپىسى پۇتبۇلنى ناھايتى ياخشى كۆرەرمىش ، ھەم پۇتبۇل توغىرسىدا بىلمەيدىغىنى يوقمىش . شۇنداق بولغانكەن ئۇنچىلىك بىر توپنى ۋارتاغا سولىۋىتىشى ، ھېچ بولمىسا پاس بېرىشى كىرەك ئىدى .
ــ سېنىڭچە چوپ –چوڭ بىر ئايال بىز بىلەن توپ ئويناپ يۈرسە بولىدىكەندە . خەق زاڭلىق قىلمامدۇ .
بىر دەمدىلا تالاش –تارتىش ئاۋۇپ ، كوماندىمىزدىكىلەر ئىككى تەرەپ بولۇپ كەتتى . بەزىلەر ئاپامنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ ماڭا بولۇشسا ، بەزىلەر ئاپامنىڭ توپتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، يىقىلىپ چۈشۈشكە تاس قالغىننى مەسخىرە قىلىشاتتى .شۇنداقلار بىلەن ياقا سىقىشىپ ، سوقۇشۇپمۇ كەتتىم . ھەتتا ئۇلار مېنىڭ ئاپام توغىرسىدا ئېيتقان بارلىق سۆزلىرىمنى يالغانغا چىقىرىپ ، مېنى بىردەمدىلا يالغانچى ، پوچى دەپ لەقەم قويۇپمۇ ئۈلگۈردى .
   ئۈستى باشلىرىم توپا ، كەيپىم ناچار ھالدا ئۆيگە كىرگىنىمدە ئاپام تاماق ئېتىۋاتاتتى .
ــ كەلدىڭما ؟ــ دېدى ئاشخانىدىن چىقىپ ،ــ كىيىمىڭنى  نېمانچە مەينەت قىلىۋەتتىڭ ، يۈزۈڭمۇ توپا بولۇپ كېتىپتۇ ، مەن تاماقنى ئۇسۇپ چىققىچە كىرىپ يۇيۇنۇپ چىق .
  دوستلىرىم ئالدىدا يۈزۈمنىڭ تۆكۈلۈشىگە سەۋەب بولغان ئاپامنىڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك گەپ قىلىشى جودۇنۇمنى ئۆرلەتكەن بولسىمۇ، دادامنىڭ مىقتەك قادىلىشىدىن گەپ قىلالماي ، يۇۋاشلىق بىلەن مونچىغا كىرىپ سۇنى شارقىرىتىپ قويۇۋەتتىم . يۇيۇنۇپ چىققاندا يۈزۈمدىكى يالقۇننىڭ مۇشتى تېگىپ قىزىرىپ قالغان يەر مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ قالدى .
ــ بالىلار بىلەن مۇشلاشقان ئوخشىمامسەن ،ــ دېدى دادام قولىنى يۇيۇۋېتىپ ،
ــ شۇنداق .
ــ نېمىشقا ؟
ــ ...
ــ سوقۇشماي ئوينىساڭلار بولمامدۇ ،ــ تاماق كۆتۈرۈپ چىققان ئاپام قولىدىكى تەخسىنى ئۈستەلگە قويۇپ ، يۈزۈمنى سىلىدى ،ــ ۋوي ، قىزىرىپ قاپتىغۇ ، مەن دورا سۈرۈپ قوياي ،
ــ بولدى !ــ زەردە بىلەن ئاپامنىڭ قولىنى سىلكىۋەتتىم ،ــ دورا سۈرمىسەڭمۇ بولىدۇ .
ــ ئاپاڭغا مۇشۇنداق مۇئاملە قىلامسەن ؟! ــ دادام ئاچچىقى بىلەن ۋاقىرىدى ،ــ ساڭا كۆيۈنۈپ شۇنداق قىلىۋاتسا ... قارا ماۋۇ بالىنىڭ ئەدەبسىزلىكىنى .
  بايىقى قورساق كۆپۈكۈم ئاز كەلگەندەك دادامدىن بىر مۇنچە تەنقىد ئاڭلاپ ، سالپايغان ھالدا ھوجرامغا كىردىم . مېھمانخانا ئۆيدىن دادام بىلەن ئاپامنىڭ مۇسابىقە كۆرگەچ پاراڭلىشىۋاتقانلىقى ئاڭلىنىپ تۇراتتى .
ــ ۋىيەي ،نېمە بولغىنى بۇ ؟ مۇسابىقە باشلىنىپ  يېرىم سائەت بولا بولمايلا گىرمانىيە تۆت توپ سولىۋەتتىغۇ ، تېخى نەچچە مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا دەڭا  
ــ شۇنى دېمەمسىز ، بىرازىليەنى چىمپىيۇن بولارمىكىن دەپتىمەن تېخى ...
ــ بۇنداق بولۇشىنى كىممۇ ئويلىغان ؟ قاراڭ ...قاراڭ يەنە بىر توپ كىردى . كېلوز بىرازىليەنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ رونالدونىڭ 15 توپلۇق رېكورتىنى بۇزۇۋەتتىغۇ ئەمدى .
ــ ۋاي توۋا ، بۇنداق يەتتە توپ كىرگەن مۇسابىقىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن ، بىرازىليىلىكلەر ئەجەپمۇ ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۋەتتىيا ...
   ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ ، ئاپامغا تېخىمۇ ئاچچىقىم كەلدى . « بىر توپنى ئوڭشاپ تېپەلمىگەن نېمەڭگە نېمە قىلىسەن پۇتبۇل مۇسابىقىسى كۆرۈپ . تېخى «پىپى بولمىغانلىقى ئۈچۈن پورتۇگالىيە شاللىنىپ كەتتى . ئىسپانىيەنىڭ بۇنداقلا مەغلۇپ بولۇشىنى ئويلىماپتىكەنمەن ، سايورىزنىڭ ئادەم چىشلىگەنلىكى ئۈچۈن قىزىل كارتا بېرىلىشى كىرەك ئىدى »... دەپ ئاھ ئۇرۇپ كېتىشلىرىڭ قىززىق . ئۆزەڭنى بىلەرمەن كۆرسەتكىنىڭمۇ بۇ ، ياكى مۇسابىقە كۆرۈش ئاياللار ئارسىدا « مودا » بولدىمۇ ؟ ئېست ...ھەممىنى بىلىدىغان ، ھەممىنى قىلالايدىغان ئاپام بار دەپ سەندىن پەخىرلنىپ كەتكىنىم ...»
  شۇ كۈنلۈك جىدەلدىن كېيىن ، ئۆزىمىز قۇرۇۋالغان پۇتبۇل كوماندىمىز پارچىلىنىپ كەتكەچكە ، سىرتتا ئويناشتىن زېرىكىپ ، ئۆيگە سولىنىپ كومپىيۇتىردا ئويۇنچۇق ئويناشقا كىرىشىپ كەتتىم . دەسلەپكى نەچچە كۈندە ئاپام گەپ قىلمىغان بولسىمۇ ، بەشىنچى كۈنىگە كەلگەندە ئاچچىقلاندى :
ــ بولدى ئوينىما ! بۇنداق ئەتىگەندىن كەچكىچە ئوينىساڭ ، كۆزۈڭگە زىيانلىق .
ــ مېنىڭ ئوينىغۇم بار .
ــ ئوينىساڭمۇ بىرەر سائەت ئوينا ، ئىسسىقتا ئۆيگە سولىنىپ ئولتۇرغىچە سىرتتا ئوينىساڭ بولمامدۇ .
ــ سىرتقا چىققۇم كەلمىدى . ــ ئاپامغا خوش ياقمىغاندەك جاۋاپ بېرىپ قويۇپ ئويۇنۇمنى ئويناۋەردىم .
ــ ما بالىنى ، نېمانداق ...  شۇنچە گەپ قىلسام قېتىڭغىمۇ ئالماي ئولتۇرسىىنا ؟!ــ دېدى  ئاپام زەردە بىلەن ،ــ تۇرە ئورنۇڭدىن ، ئوينىساڭ سىرتتا ئوينا . بولمىسا ماڭا ياردەملىشىپ دەرىزىلەرنى سۈرت !
  ئورنۇمدىن ئالدىرماي تۇرۇپ ، ئاپامغا مىقتەك قادالدىم .
ــ ئاپا ، سەن راستلا پوتبۇلغا قىزىقامسەن ؟
ــ بۇنى سوراپ قالدىڭغۇ ؟
ــ گېپىمگە راستچىللىق بىلەن جاۋاب بەر ئاپا .
ــ شۇنداق . قىزىقىمەن ،ــ ئاپام ماڭا بىر دەم قاراپ تۇرۇۋەتكەندىن كىيىن ، مۇلايىم ھالىتىگە قايتتى .
ــ پۇتبۇل ئويناشنىڭ قائىدىلىرىنىمۇ بىلەمسەن ؟
ــ ئانچە –مۇنچە بىلىمەن . دۇنيا لوڭقىسى ، ياۋۇرپا لوڭقىسى كۆرۈش جەريانىدا ئۆگۈنىۋالغان .
ــ ئۇنداقتا سەن پۇتبۇل ئوينىيالامسەن ؟
ــ ياق . ئويناپ باقمىدىم .
ــ نېمە ؟ راستلا ئويناپ باقمىدىڭما ؟
ــ شۇنداق . ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغدا ئانچە –مۇنچە ئويناپ باققان . كېيىن ئويناپ باقمىدىم .
ــ ئەمسە سەن ... پۇتبۇل ئوينىيالماي تۇرۇپ ، نېمىشقا پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى شۇنچە قىزىقىپ كۆرىسەن ؟
ــ پۇتبۇل مۇسابىقىسى كۆرۈش ئۈچۈن ، چوقۇم پۇتبۇل ئوينىيالىشىم كىرەكما ؟
ــ مېنىڭچە شۇنداق بولۇشى كىرەك .
ــ ئەمسە سەن پولۇغا شۇنداق ئامراق . لېكىن پولۇ ئېتەلمەيسەنغۇ ؟
ــ ئۇ باشقا گەپ .
ــ ئەخمەق بالام ،ــ ئاپام قولىدىكى دەسمالنى قويۇپ ، مېنى يېنىغا تارتىپ ، بېشىمنى سىلىدى ،ــ قىزىقىش باشقا ، قىلىش باشقا . بىر نەرسىگە قىزىقساڭلا ، ئۇنى چوقۇم قىلالشىڭ ناتايىن. ھەر بىر ئىشنىڭ ماھىرى بولىدۇ ، تاماشىبىنى بولىدۇ . مەسلەن : ناخشا ئاڭلاشنى ياقتۇردىغان كىشلەرنىڭ ھەممىسىلا چوقۇم ناخشا ئىيتالىشى ناتايىن . ناخشىنى ناخشىچىلار ئېيتىدۇ ، ئۇسۇلنى ئۇسۇلچىلار ئوينايدۇ . كىتاپنى يازغۇچىلار يازىدۇ ، بىز ھوزۇرلىنىپ ئاڭلايمىز ، كۆرىمىز ، ئوقۇيمىز . مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ دۇنيا بىر سەھنە ، ھەر –بىر ئادەم ئوخشىمىغان ماھارەتلەرنى كۆرستىدۇ ، ۋە ئوخشىمىغان ماھارەتلەرنىڭ تاماشىبىنى بولىدۇ .
ئاپام يەنە نېمىلەرنى دېدىكىن ... ئىشقىلىپ ، ئۆزەمنىڭ خاتا ئويلىۋالغانلىقىمنى ۋە ئاپامدىن ئارتۇقچە رەنجىپ يۈرگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم .ئىشنىڭ باش –ئاخىرىنى ئۇقمايلا  دوستلىرىم ئالدىدا بولۇشىغا پو ئېتىپ ، ئۆزەمنىڭلا ئەمەس ئاپامنىڭمۇ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزگىنىم مېنىڭ خاتالىقىم ئىدى .ئىشلارنى يۈزەكى ئويلاپ قالغان  خاتالىق مەندە بولغانكەن ، ئەلىۋەتتە ھېچكىمدىن ئاغىرنىشقا ھەققىم يوق ئىدى . ئاپام چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇزاققىچە ئولتۇرۇپ كەتتىم .  بىر چاغدا ئىشىك چىكىلگەن  ئاۋازدىن ئېسىمگە كېلىپ ، ئىشىكنى ئاچتىم .
ــ يۈرە توپ ئوينايمىز ،ــ بىزنىڭ تارقىلىپ كەتكەن كوماندىدىكى بىر نەچچەيلەننى كۆرۈپ خۇشال بولغان بولساممۇ ، « مەن سوقۇشقان باشقا ئەزالارچۇ » دېگەن خىيال بىلەن لاسسىدە بوشاپ كەتتىم .
ــ باشقىلارچۇ ؟
ــ ئۇلار پەستە ساقلاۋاتىدۇ ، پەقەت سەنلا كەم .
ــ راستما ؟
ــ ئەلىۋەتتە ... قېنى ماڭايلى ...
ــ ماڭايلى !

( ئاپتۇر باشلانغۇچ 4- يىللىق ئوقۇغۇچىسى )


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 00:36  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-14 01:08:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەڭگۈ ئالغا،كەلگۈسىڭىز تېخىمۇ پارلاق.

ۋاقتى: 2014-7-14 02:23:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرىننىڭ بالىلار ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجىرى تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي!

ۋاقتى: 2014-7-14 11:52:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھېكايىدا تىلغا ئېلىنغان بۈگۈنكى دۇنيا پۇتبولچىلىقى، پۇتبول ماھىرلىرى، پۇتبولغا ئائىت تېخنىكا-ماھارەتلەر... ھەققىدىكى تەپسىلاتلار خېلى چىن ھەم جانلىق ئىپادىلىنىپتۇ. قارىغاندا سىلى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، سىمېنا ئالمىشىپ ئىشلىگەندىن سىرت پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈشنىمۇ قولدىن بەرمەيدىكەنلا-ھە؟ مېنىڭچە، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ بەزىبىر تېتىقسىز فىلىملەردىن كۆرە، پۇتبولغا  ھەۋەس ۋە ئىشتىياق باغلىشى ئۇلارنىڭ قەلبىدە جەسۇرلۇقنىڭ، مەردانىلىقنىڭ بالقىۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىرخىل ئىپادىسىمىكىن؟
   مەزكۇر ھېكايىدا  باش تېما بىلەن ماتېرىيالنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ئەپچىللىك بىلەن بىلەن بىرتەرەپ قىلىنغانلىق مۇۋەپەقىيىتىنى ئالقىشلايمەن!

(كېيىنكى قېتىم سىلى ئۆزلىرى مۇشۇ تېمىدا ئەسەر يېزىپ قالسىللىرى «پۇتبول پادىشاھلىقى»دا «شاھ»نى «مات» قىلىپ، «پامپاس بۈركۈتلىرى»نى بەشىنچى قېتىم داغدا قويۇپ، «دۇنيا لوڭقىسى»نى تۆتىنچى قېتىم كۆتۈرگەن «جەڭ ماشىنىسى»نىڭ مۇھىم ئەزاسى بولغان مەسئۇد ئۆزىلنى بالىلارغا ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويارلا). بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئادىل0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 12:11  


ۋاقتى: 2014-7-14 13:22:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ئەقىللىق بالا  تەربىيەلاپلا !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-14 17:11:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 11:52
ھېكايىدا تىلغا ئېلىنغان بۈگۈنكى دۇنيا پۇتبولچىلىقى ...

پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .  كېچە -كېچىلەپ پۇتبۇل كۆرىدىغان مەستانە بولمىساممۇ ، پۇتبۇلغا ئىشتىياقىم بار . يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ قويۇلۇش ۋاقتى سەھەردە ئويغاق ۋاقتىمغا توغرا كەلگەچكە ھەممىنى تولۇق كۆرۈشكە ئىمكان بولدى .
  
  قارىغاندائۆزىڭىزمۇ پۇتبۇل ھەۋەسكارى ئوخشايسىز . كېيىنكى قېتىم يەنە مۇشۇ ھەقتە ئەسەر يېزىش توغرا كەلسە ، چوقۇم دېگىنىڭىزدەك قىلىمەن .

ۋاقتى: 2014-7-14 18:08:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرىن1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 17:11
پىكىر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .  كېچە -كېچىلەپ پۇتبۇل كۆرى ...

   يېزىقچىلىققا ئىشتىياق باغلىغان ئادەم بۇ تۇرمۇشنىڭ ھەممە بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا نەزەر-گۈزىرىنى ئىختىيارسىز تاشلاپ سالىدىغان چېغى(ئەلبەتتە، پۇتبولمۇ شۇنىڭ ئىچىدە). بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى مەنمۇ باشقىچە قىزىقىش بىلەن كۆرۈپ چىقتىم. ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى تېخىمۇ شۇنداق. قارىسام، تەكلىپلىك مېھمانلار قاتارىدا مۇ يەن خۇددى غورا يېۋالغاندەك چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ. لىكىن، مەن سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم. گېرمانىيە كوماندىسىدىكى ئاۋۇ گوتېز سەبدىشى شۈللېر بەرگەن پاسنى كۆكرىكى بىلەن توراپ توختىتىپ، سول پۇتى بىلەن ئۇرۇپ ئارگېنتىنانىڭ ۋارتاسىغا كىرگۈزگەندە، خۇددى مېنىڭ يۈرىكىممۇ ئاشۇ توپ بىلەن قوشۇلۇپ «ۋارتار»غا كىرىپ كەتكەندەك ھېسىياتتا بولدۇم-يۇ، دەررۇ رېئال ھالىتىمگە قايتىپ قالدىم. نېمىلا دېگەنبىلەن، بۇ ۋاقىتتىكى ھېسىياتنى 2007-يىلى ئۈرۈمچى تەنتەربىيە سارىيىدا شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن تىيەنجىن پاراۋوز كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىنى كۆرگەن ۋاقىتتىكى ھېسىياتقا ئوخشاتقىلى بولمايتتى...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-14 18:15:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 18:08
يېزىقچىلىققا ئىشتىياق باغلىغان ئادەم بۇ تۇرمۇشنىڭ  ...

ئوخشاش قاراشتىكىلەرنىڭ كۆپ بولغىنى ياخشى ئىش . كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ .

ۋاقتى: 2014-7-14 18:29:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرىن1 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 18:15
ئوخشاش قاراشتىكىلەرنىڭ كۆپ بولغىنى ياخشى ئىش . كۆپرەك ...

   دېگەنلىرى توپ-توغرا. بىراق، ئوخشىمايدىغان قاراشتىكىلەرنىمۇ «يامان» دەپ كەتكىلى بولماس؟ مېنىڭچە، ھاياجىنى قىستىغاندا قاھ-قاھلاپ كۈلەلمەيدىغان، پىغانى ئۆرلىگەندە چۇقان-سۈرەن سالالمايدىغان ئادەم ھېچبولمىغاندا ساغلام ئادەم ئەمەسمىكىن، دەيمەن.

ۋاقتى: 2015-4-5 22:05:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل0998 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 18:29
دېگەنلىرى توپ-توغرا. بىراق، ئوخشىمايدىغان قاراشتىك ...

[/colo
ۋىسال چۇققىلىرىغا قاراپ ئالغا!r]

ۋاقتى: 2015-7-28 22:25:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرئىسلام قۇربانغا ئۇتۇق تىلەيمەن. ھېكايىنى ئوبدان يازىدىكەن.

ۋاقتى: 2015-8-11 11:45:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلىرىغا قارىغاندا بۇ ھېكايىنىڭ ماۋزۇسى مۇۋاپىق قويۇلۇپتۇ! مۇبارەك بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش