ھاجى ئىھسان قاۋۇل 1972-يىلى يەكەن ناھىيىسىدە توغۇلغان،1994-يىلى ئۈرۈمچى كەسپىي تېخنىكۇمىنى پۈتتۈرۈپ،يەكەن ناھىيىسى قوشئېرىق ئوتتۇرا مەكتىۋىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. 2002-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى تولۇق كۇرسى ئوقۇشىنى تاماملىغان. 2003-يىلى يەكەن ناھىيىلىك كونا شەھەر مەكتەپكە يۆتكەلگەن،2013-يىلىدىن باشلاپ «يەكەن مەدەنىيىتى»ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى تەڭ ئۆتەپ كەلمەكتە.
ئەدەبىي ئىجادىيتى 1989-يىلى سابىق «يەكەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «كىچىككىنە بىرئىش»ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ،ھازىرغىچە «تارىم»،«تەڭرىتاغ»،«شىنجاڭ ياشلىرى»،«قەشقەر»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«شىنجاڭ گېزىتى»،«ئىشچىلار ۋاقت گېزىتى»،...،قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 350 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى،20 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىسى ئېلان قىلىنغان.«زەرەپشان سۆيگۈسى»،«زەرەپشان گۈلزارى»،«قۇتلۇقنامە»قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملىرىغا ئەسەرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.«سالامنامە»ناملىق شېئىري چاقچاقلار توپلىمى،«ھۆرمەت چاچقۇلىرى»ناملىق شېئىرلار توپلمىنى نەشىرگە تاپشۇردى. بۇيىل «تېنىچسىز ھايات»ناملىق رومانى نەشىردىن چىقىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ،قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ،يەكەن ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-25 01:03