كۆرۈش: 8997|ئىنكاس: 39

''پەرۋاز '' ژۇرنىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
4.jpg

3.jpg

بالىلارنىڭ  قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان《پەرۋاز》ژۇرنىلى



        《پەرۋاز》ژۇرنىلى 1995-يىلى شىنجاڭ مائارىپ گېزىت-ژۇرنال نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىچكى نومۇر بىلەن نەشر قىلىنغان《 ماقالىلار ئايلىق ژۇرنىلى 》دىن 1998-يىلى نەشر قىلىنغان《 ئۈمىد چېچەكلىرى 》گە،《 ئۈمىد چېچەكلىرى 》دىن 2003-يىلى شىنجاڭ مائارىپ گېزىت-ژۇرنال نەشرىياتى بىلەن شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى بىرلەشكەندىن كېيىنكى مەملىكەت ئىچى – سىرتىغا  ئاشكارە  تارقىتىلىدىغان《پەرۋاز》ژۇرنىلىغا تەرەققىي قىلىپ خۇددى توختاۋسىز ئېقىپ تۇرغان ئەزىم دەريادەك ئۈزۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ ، قەدەم ئىزىدىن چېچەك-چىمەنلەرنى ئۈندۈرۈپ ، بالىلارنىڭ غايە-نىشانىگە نۇرلۇق ماياك ،بىلىم خەزىنىسىگە جاۋاھىر بولۇپ كەلدى. بۇ جەرياندا 《بالىلار دۇنياسى》 ، 《دۇردانىلەر خەزىنىسى》، 《كىچىك ئەدىبلەر بۆشۈگى》 ،《 ئاتا-ئانىلار دەستۇرى》 بولۇشقا تىرىشتى.بالىلارنىڭ ئەقىل بولىقىنى ئېچىش، يېزىقچىلىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي نىشانى قىلدى. بۇ ئارقىلىق سان ۋە سۈپەت جەھەتتە بۆسۈش خاراكتىرلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەكتەپلەر ، ئاتا – ئانىلار  ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ياخشى ئوبراز ياراتتى.

شان-شەرەپلىرى:
2008-،2010-يىلى دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات باش مەھكىمىسى تەرىپىدىن《ئۆسمۈرلەرگە تەۋسىيە قىلىنغان ژۇرنال》؛ 2012-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى ، ئاپتونوم رايونلۇق ژۇرنالچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن《7-نۆۋەتلىك شىنجاڭ ژۇرنال مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ژۇرنال》بولۇپ باھالانغان.

ئاساسلىق سەھىپىلەر:
《يېزىقچىلىق يېتەكچىسى》،《ئۈلگە ۋە ئۆرنەك》،《قەلب ئۈنچىلىرى》،《روجەك》،《گۈلدەستە》،《كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر》،《تىل-تىللادىن قىممەت》،《خاسىيەتلىك ئويۇنلار》،《ئەدىبلىرىمىز》،《قائىدىنى قانات قىلىڭ》،《مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدە》،《مارجانبۇلاق》،《مەسەللەر گۈلىستانى》،《تاغنىڭ ئارقىسىدا تاغ بار》،《مەغرىپتە-مەشرىقتە》،《كىم ئەقىللىق》.


ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 187-قورۇ  《پەرۋاز》ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى

پوچتا نومۇرى : 830049  
ئېلخەت ئادرېسى : parwazlove@126.com  
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى : 0991-8564393،2852464   
مۇشتەرى قوبۇل قىلىش ۋاكالەت نومۇرى :  58-140
مەملىكەت ئىچىدىكى بىر تۇتاش نومۇرى :CN65-1247/G
地址:乌鲁木齐市胜利路187号 《小学生时空》维文编辑部
联系电话:0991-8564393  ,2852464
邮政代码:  58-140     全国统一刊号: CN65-1247/G


1.jpg

باش مۇھەررىر : تۇنىياز ئىلىياس(شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى،ئالىي مۇھەررىر)

2.jpg

دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش مۇھەررىر : ئەسقەر مىجىت ( كاندىدات ئالىي مۇھەررىر،تەھرىر بۆلۈم مۇدىرى)

图片1.jpg

ژۇرنالنىڭ يېقىنقى  بىر قانچە سانلىرىنىڭ مۇقاۋىلىرى   


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-8 21:11:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ ئوقۇشلۇغى بولغان ‹‹پەرۋاز›،ژورنىلى ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلىنىپ كېلىۋېتىپتۇ . يېقىندا بىرقانچە سانلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم . ژورنالنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ بالىلارنى ئورتاق قىزىقىشىنى چىقىش قىلغان ئاساستا يەنىمۇ ئەتراپلىق ئىشلىنىپ چىقىشىنى،گۆدەكلەرنىڭ مەڭگۈلۈك  ئۆز، مەنىۋى ماكانى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .

ۋاقتى: 2012-5-8 21:23:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتقۇچى ياخشى ژورنال.ئۇنى قوللاش كەڭ مەزمۇننى جۈملىدىن بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكى ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ يوللاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇ ژورنال گۈللەنگەي.ئاپتورلار قوشۇننى كۆپەيگەي دەپ ئۈمىد قىلىمىز.

ۋاقتى: 2012-5-8 21:26:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارغا كۆڭۈل بۆلگەن ئەزىزلەرگە كۆپ رەھمەت.

ۋاقتى: 2012-5-9 09:41:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلارنىڭ سىرداش دوستى بولغان پەرۋاز ژۇرنلىنىڭ تېخمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن!

ۋاقتى: 2012-5-9 10:29:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسقەر مىجىتنىڭ ئەمگەك مىۋىسى يەردە قالمايدۇ

ۋاقتى: 2012-5-9 11:40:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مۇشۇنداق بىر ژۇرنالنىڭ بولغانلىقى بىزنىڭ، جۈملىدىن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆگۈنىشىدىكى ناھايىتى مۇھىم ئامىل، «پەرۋاز» ژۇرنىلىنىڭ توختاۋسىز پەرۋاز قىلىشىغا چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن، ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەرگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

ۋاقتى: 2012-5-9 22:30:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جورنالنىڭ  ھەر ئايلىق سانىنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا تارقىتىۋاتقىنىمدا ،ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى تەقەززالىق،خۇشاللىق ئالامىتى بىلەن تەڭ چۇۋۇرلۇشۇپ كېتىشلىرىنى كۆرۈپ تولىمۇ سۆيۈنۈپ كېتىمەن .  مەن جورنال ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بارلىق جاپاكەشلەرگە ، ئوقۇغۇچىلىرىم نامىدىن ئامانلىق تېلەيمەن .

ۋاقتى: 2012-5-11 03:48:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە بالىلار بىلەن بىللە قانات قېقىشقا ئاسمان بەرگەن «پەرۋاز»غا سالام!

ۋاقتى: 2012-5-11 09:28:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    خېلى يىللاردىن بېرى بۇ ئوماق ژۇرنالنىڭ ھەر بىر سانىنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. ئۆزىنىڭ رەڭدار سەھىپىلىرى بىلەن بالىلارنىلا ئەمەس، چوڭلارنىمۇ ئۆزىگە تارتىدىغان بۇ ژۇرنالنىڭ تېخمۇ گۈللىنىشىنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-5-11 14:56:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇ ژۇرنالنىڭ بالىلىرىمىزنى قولىدىن يېتىلەپ ئەدەبىيات ئالىمىگە ئېلىپ كىرىشىدە ئۆزگىچە تۆھپىسى بار.ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ھەر بىر سان ژۇرنالنى شۈنچىلىك تەشنالىق بىلەن ئوقۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنۈپ كېتىمەن.ئەسقەر مىجىتنىڭ تىرىشچانلىقىغا  تەشەككۈر!
بۇ ژۇرنال  باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلىپ چىقىرىلىۋاتقان بولغاچقا كەلگۈسىدە بىر تۈ*ركۈم يېڭى يازغۇچىلارنى تەربىيەلەپ چىقىشتا ياخشى مەكتەپ بولالايدۇ.
     يەنە كېلىپ بۇ ژۇرنال ئارقىلىق زامانىدىن پاكزات، ئابلېكىم ھەسەن، پەرھات كازىمى، جاسارەت جاپپار،ياسىنجان توخنىياز توغراق،نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن قاتارلىق  بالىلار يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. ئۇلارمۇ مۇشۇ بۇلاقنىڭ سۈيىنى دائىم ئىچىپ تۇرىدۇ...

ۋاقتى: 2012-6-3 14:05:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ژۇرنالغا چوڭلار بالىلار ئۈچۈن يازغان  ئەسەرلەرنى ئەۋەتسىمۇ بولامدۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-6-3 14:34:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپار يوللىغان ۋاقتى  2012-6-3 14:05
بۇ ژۇرنالغا چوڭلار بالىلار ئۈچۈن يازغان  ئەسەرلەرنى ئە ...

ئەلۋەتتە بۇلىدۇ .

ۋاقتى: 2012-6-3 14:37:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانغىن يوللىغان ۋاقتى  2012-6-3 14:34
ئەلۋەتتە بۇلىدۇ .

ئەجەپ ياخشى، ئەمسە ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتسەك بولىدىكەن دە؟

ۋاقتى: 2012-6-3 14:41:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكام يانغىن ،ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئەسرلىرىنى ئەۋەتمەكچى بولسام ،ئىلخەت ساندۇقىغىلا يوللىسام بولارمۇ؟ياكى چوقۇم پوچتىدىن سېلىش كېرەكمۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش