«زۇۋانداز»
(نەسىر)
ئەلقىزى
سىز زۇۋانداز توغرۇلۇق بىرەر ھېكايە ئاڭلاپ باققانمۇ؟ ئەگەر ئاڭلىغان بولسىڭىز، ئۇ چوقۇم مەن بولىشىم ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ئەگەر ئاڭلىمىغان بولسىڭىز، مەن سىزگە سۆزلەپ بېرەي: مېنىڭ تەرەققىي قىلىپ ‹‹گۆھەر›› تامغىدەك ھالغا يەتكەن بىر پەخىرلىك ئۇزۇن تىلىم بار.
مېنىڭ بىر تىلىم بار، ئۇ ئاغزىمغا پاتمايدۇ.
مېنىڭ بىرلا تىلىم بار، ھەممىنى غاجاپ – سۆكۈپ ئۈلگۈرىدۇ.
مېنىڭ بىرلا تىلىم بار. بىراۋلاردىن قىل كەتسە دەرھال نەشتىرىنى ئۇرۇپ ئۈلگۈرىدۇ. بۇ يەردە كاللىڭىزغا نىمە كېلىۋاتىدۇ؟” تىلدىمۇ نەشتەر بولامدۇ “ دەمسىز؟ مېنىڭ تىلىمدا نەشتەربار.
مېنىڭ بىرلا تىلىم بار، سىز ھەرقانچە بىزار بولسىڭىزمۇ،پەرۋايىغا ئالماي سۆزلەۋېرىدىغان.
مېنىڭ بىرلاتىلىم بار. سىز ئۇنى بىرلا دېمەڭ، تەڭرى ئۇنى قۇدرەتلىك ياراتقان. ئۇ، يۇقۇرى –تۆۋەن باشلىقتىن تارتىپ ئەغناسى، خوشنامنىڭ ئۈچ ياشلىق قىزىغىچە يامان گېپىنى قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ. سىزنىڭ ئونتىلىڭىز بولغان ھالەتتىمۇ، مېنىڭ بۇ بىر تىلىمغا يېتەلەيتتىمۇ؟!
ئۇلار مېنى‹‹زۇۋانداز›› دېگەن پەخىرلىك نام بىلەن ئاتايدۇ. نەقەدەر شەرەپلىك نام – ھە؟! سىزبىر ئۆمۈر ياشاپمۇ بۇنداق شەرەپلىك نامغا نائىل بولالمايسىز، ئەمىسە سىزئېرىشەلەيتتىڭىزمۇ؟
قاراڭ، خالىغان چاغدا باشلىقىمنى تىللاشقىمۇ پېتىنالايمەن، تېخى. بۇ دېگەن شەرەپ دەڭا. ئەمىسە شەرەپ بولمىسا، سىز تىكلىشىپ تۇرۇپ باشلىقىڭىزنى مەندەك تىللىيالامسىز؟ مۇشۇ تىلىمنىڭ زۇۋاندازلىقىدىن خىزمىتىم پات – پات تايىنى يوق، ھېچكىم ياراتمايدىغان ئورۇنلارغا ئالمىشىپ تۇرىدۇ.مۇئاشىممۇ پات – پات تۆۋەنلەپ تۇرىدۇ. بىراق ھېچقىسى يوق، مۇنداق ئورۇنلاردا ‹‹ئالدىراش›› دېگەن سۆز يوق. بۇمۇ بولغىنى،سىز مۇنداق بوش – بىكار ئۆتىدىغان خىزمەت ئورنىنى نەدىنمۇ تاپىسىز؟ باشلىقىڭىز ھېلىدىن – ھېلىغا چاقىرىپ ئۇنى قىل، بۇنى قىل، ئۇياققا تۇر، بۇياققا تۇر دېگەن گەپلەرمۇ بولۇنمايدۇ.
ئەگەر تىلىم ئۇزۇن بولمىسا، باشلىقنىڭ ئەمىلى مېنىڭ ئاددىي ئىش ئورنۇمغا سېلىشتۇرغاندا نەچچە دەرىجە ئارتۇق تۇرسا، باشلىقنى سۆكۈشكە يېتەتتىمۇ؟ ئەلۋەتتە يەتمەيتتى – دە!
مېنىڭ تىلىمنىڭ بەرىكاتىدىن خوشنا – خولۇم، خىزمەتداشلىرىممۇ خاتىرجەم ياشىيالمايۋاتسا، مېنىڭ تىلىمدىن كېلىدىغان خاتىرجەملىك سىزگە نەدە تۇۇرۇپتۇ.بەزىلەر دەيدۇ:تىلدىكى ئەيپ ئەڭ يىرگىنچلىك، ئەڭ كەچۈرگۈسىز ئەيپتۇر،دېيىشىپ، بەزىلەر: بۇ ناداننىڭ تىلىنى كېسىپ تاشلايلى دېسە، يەنە بەزىلەر ئاغزىغا لاخشىگىر تىقىپ قويايلى، بالاتەككۈر زۇۋانداز.بۇنىڭ ئاشۇ زۇۋانى تەككەنلىكى يەردە بالا-قازا يامرايدۇ، دېيىشىپ غەزەپ بىلەن ئەيىپلىشىپ كەتكەنلەرمۇ بار، تېخى.توۋا دەڭا، ئارانلا بىر تال تىلىم بولغان بىلەن، ئالامەت زۇنۋادازمەن-دە، ئۇلارنىڭ تىلىمنى كېسىپ ياكى لاخشىگىر بىلەن زۇۋانىمنى بېسىشلىرىغا يول قوياتتىممۇ،پەرۋايىم پەلەك يۈرىۋەردىم.«زۇۋانداز»لىقىم
نىڭ«دۆلىىتى»دىن كارامەت«سۆلەت» تېپىپ ، ھەممە ئادەم مەندىن ‹‹ئەيمىنىپ››، مەن بار يەردە لام -جىم دېيەلمەيدىغان بوپ كەتتى. شۇڭا مېنى كۆرگەن كىشىلەر تەرەپ – تەرەپكە تارقاپ كېتىشىدۇ. ئۇلار ‹‹يولۋاسنىڭ ھەيۋىسىدىن›› قورقىدۇ. بۇنداق چاغلاردا تېرەمگە سىغمىغان ھالدا تازا كېرىلىپ مېڭىۋالىمەن. بۇنداق ‹‹ھەيۋە››نىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈش سىزگە مەڭگۈ نېسىپ بولمايدۇ.
تۆت ئاغىنەم بىلەن بىرەر سورۇندا ئولتۇرۇپ قالساقچۇ، ئامەت،ئامەت، ھەرقاچان مەن ‹‹سورۇننىڭ گۈلى، يىگىتلەرنىڭ خىلى›› بولۇپ قالىمەن، يەنە شۇ زۇۋاندازلىقىم ماڭا تازا ئەسقاتىدۇ،دەڭا. مەن بولا- بولماس قۇرۇق پو بىلەن ھەممىنى ئۆزۈمگە ئەل قىلىپ ، ھەتتاكى ھۆرمەتكە سازاۋار ‹‹ئاقساقال››لارنىمۇ مىنۇت ئىچىدە ئىككى سنتقا ئەرزان،بىر سىنتقا قىممەت قىلىپ ، پۈتۈن شۆھرىتىنى يەرگە ئۇرۇپ، ئاغىنىلەر ئالدىدا باش كۆتۈرمەس قىلىۋېتىمەن.ئۇنى ئاز دەپ خوتۇن-بالىلىرىغا بىر تالاي يالغان-يوپىداق گەپلەرنى«زەللە»قىلىپ ئالغاچ بارىمەن دەڭا، نەچچە كۈنلۈك ھەقسىز تىياتىرنىڭ ئويۇنى تەييار بولىدۇ، ھا ھا ھاھ...بۇ «كارامەت»لىرىمنىڭ ھۇزۇرىنى نەچچە كۈن سۈرىمەن-دە، بېزەڭ ئاغىنىلىرىم بىلەن ھەپتە ھېكايە قىلىپ ھۇزۇرلىنىمىز.
ھەي...،ئاغىنىلەر، دېسەم گەپ جىق، مېنىڭدەك داڭدار «زۇۋانداز»نىڭ ھېلىدىن-ھېلىغا تۈگىمەس ھېكايىلىرى چىقىپ تۇرىدىغان قەدىرلىك ئۇزۇن تىلىمنىڭ «ئېسىل تەرپ»لىرى قۇلىقىڭىزغا يەتكەن بولغىيدى.بولدى،مۇشۇنچىلىك دەپ تۇراي،بولمىسا«زۇۋانداز»نىڭ ئاغزى بېسىلغاننى نەدە كۆرگەن؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-13 02:56