يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1711|ئىنكاس: 16

مەمتىمىن قادىر: ئۈزۈلمەس رىشتە (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈزۈلمەس رىشتە
(ھېكايە)
مەمتىمىن قادىر

1
     ــ ساۋاقداشلار ،بويسېرى،رەتلىك تىزىلىڭلار،ھازىر خاتىرە سۈرەتكە چۈشىمىز .
  پاكار ھەم دوغىلاق كەلگەن سىنىپ مۇدىرىنىڭ سەپ ئالدىغا چىقىپ بوم  ئاۋازىدا شۇنداق دېيىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ئەكبەر شۇئان ئەتىراپقا بويۇنداپ كۆز كۆز يۈگۈرتىپ، تىزىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بالىلار  توپىنى  يېرىپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئالدىنقى  رەتنىڭ  ئوتتۇرىسىدىن  ئورۇن  ئالغان  گۈلخۇمار ئىسىملىك  قىز  ساۋاقدىشىنىڭ  يېنىغا  بېرىپ تۇرۇۋالدى.
   ــ ساۋاقداش ئەكبەر ،بويسېرى تۇرۇڭ،ئارقىدىكىلەرنى توسۇپ قويدىڭىز.
  مۇئەللىمىنىڭ كۈتمىگەن يەردىن دېگەن گېپىدىن ئۆمۈدسىزلەنگەن ئەكبەر قىيالماسلىق نەزىرى بىلەن ئارقىغا يېنىش-يېنىشلاپ قاراپ قويۇپ،ئىككىنجى رەتنىڭ يان تەرپىگىرەك يۆتكەلدى.
   سۈرەتچىنىڭ ئاپراتى ۋال-ۋۇل قىلىپ ئىككى قېتىم چاقنىغاندىن كېيىن سەپ بۇزۇلۇپ،ساۋاقداشلار جۈپ-جۈپ بولۇشۇپ سۈرەتكە چۈشۈشكە باشلىدى. ئەس-خىيالى گۈلخۇماردىلا  قالغان ئەكبەر ھازىر باشقىلارنى  ئىلغىمۇ قىلالمايدۇ،ئۇلارنىڭ چاقىرىشلىرىنىمۇ ئاڭلىيالمايدۇ .چۈنكى ئۇنىڭ  ئەڭ ئاخىرقى مەۋسۈمدىكى ئەڭ  ئاخىرىقى ئۈمۈدى بولغان  گۈلخۇمار ئىسىملىك قىز بىلەن سۈرەتكە چۈشىۋېلىش پۈرسىتىنى قولدىن بەرگۈسى يوق . مانا، شارائىت كەڭتاشا ، ئۇنىڭغا كەملىك قىلىۋاتقىنى بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا يەنە شۇ تىل يېرىپ زۇۋان چىقارغۇدەك غەيرەت . ئۇنىڭ بۇ ھالىنى قىز تۇيغان بولسىدى، مۇشۇ ھاياجانلىق مىنۇتلاردا ئۇنى سۈرەتكە چۈشۈشكە تەكلىپ قىلىپ قويار ئىدى. ئەگەر شۇنداق بولسا خۇشلىقىدا ئۇنىڭ ئۈچ يىلىدىن بىرى كۆڭۈل ئىزھار قىلالماي، كۆيۈك ئوتىدا زەرداپ بولغان ئاشۇ نىمجان يۈرىكى قېپىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كېتەرمىدى،ھە ؟ ئەكبەرنىڭ بۇ توغرىسىدا تىل يېرىپ زۇۋان چىقىرالىشىغا يەنە قانچە يىل بولسا يىتەركىن تاڭ ؟
    بالىلار ياتاقلىرىغا بىر بىرلەپ قايتىشتى . ئەكبەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئۆمۈدىمۇ يوققا چىقتى .
    ــ ھەي ئېسىت، يەنە بىر كۈن ئۆتسە  سۆيۈملۈك  ساۋاقداشلىرىمنى ، گۈلخۇمارنى  كۆرەلمەيمەن، ــ ئەكبەر  ياتاق  تەرەپكە ماڭغاچ ئۆز-ئۆزگە پىچىرلاپ بىردىنلا ئەندىكىپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىچە بولغاندا بۇ يەردىن مەڭگۈ كەتكۈسى يوق، كۆڭلىدىكى ئاشۇ قىزنى كۈندە كۆرۈپ، بۇ ئۆمىرىنى شىرىن خىياللار ئىلىكىدە ھازىرقىدەك ئۆتكۈزسىمۇ ئۇ رازى.
     ...  جاراڭلىق قوڭغۇراق ئاۋازى  . ئۆمۈتدسىزلىك ، تەشۋىشلىك  خىياللارغا  غەرىق  بولۇپ  كارۋىتىدا  تۈگۈلۈپ ياتقان ئەكبەرنىڭ يۈرىكى ئىختىيارسىز  تېز-تېز  سوقۇپ  كەتتى .  بۇ قېتىم ئۇنىڭ شۇنچىلىك يېقىملىق ئاڭلانغان قوڭغۇراق ئاۋازى توختىشى  بىلەن  ئۇنىڭ  ھوجۇدىنى  بىردىنلا  قورقۇنىچ  باسىتى . چۈنكى  ئەتىدىن  باشلاپ ئۇ  بۇ   قوڭغۇراق  ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدۇ .  ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ،ياتاقتىن چىقىپ ئوقۇتۇش بىناسى تەرەپكە قاراپ  ماڭدى .  ھېچ بولمىغاندا ئالدىدىن ئۆتمىكى بارغانسېرى تەسلىشىۋاتقان ئاشۇ  قىزدىن بۇرۇن سىنىپقا كىرىۋالمىسا بولمايدۇ .
     ... ئەڭ ئاخىرىقى كەچلىك مۇزاكىرە  .  ئايرىلىش  مىنۇتلىرىدىكى نازۈك  ھېسلارغا چۈمۈلگەن ساۋاقداشلار ،ئىزگۈلۈك قاپلىغان دەرىسخانا ...
     ئارقا پارتىدا مەيۈس ئولتۇرغان  ئەكبەر  سول  تەرەپتىكى  گۈرۈپپىنىڭ ئوتتۇرىسىكى پارتىدا ئولتۇرۇپ، ئېچىۋىتىلگەن دېرىزىدىن ساڭگىلغان مەجنۇنتالنىڭ يوپۇرمىقىنى سىلىغىنىچە مۇڭغا پاتقان قىزغا ئوتلۇق نەزىرى بىلەن زەن سېلىپ،ئېغىر ئوھسىندى.
      ــ ھەي...ي ،يۇمران ھەم نازۈك قوللار،قارا ھەم ئويناق كۆزلەر ! مەن شۇ تاپتا ئۇنىڭ يېنىدىكى  ئەرزىمەس بىر تال يوپۇرماققا ئۆزگۈرۈپ قالسام، ئاشۇ نازۈك قوللاردا سىلىنار،ئاشۇ ئويناق كۆزلەرگە ئىلىنار بولغىيتتىم ،  ھە ! ...
     ــ ساۋاقداشلار،ئۆز-ئارا كۆڭۈل سۆزلىرىمىز يېزىلغان خاتىرلەر تەييار بولدى،ئېلىۋالساڭلار،ــ بىر توپ خاتىرە دەپتەرنى كۆتۈرۈپ كىرگەن سىنىپ باشلىقىنىڭ شۇنداق دېيىشى ئەكبەرنىڭ خىيالىنى بۆلدى.
   ئالدىنقى  كۈنى  كەچلىك  مۇزاكىرە  ۋاقتىدا  ئوخشاش  مۇقاۋىلىق خاتىرە  دەپتەر  سىنىپ  باشلىقىنىڭ  يىتەكچىلىكىدە يىغىۋېلىنىپ ساۋاقداشلارغا ئالماشتۇرۇپ تارقىتىپ بىرىلگەن، ئەكبەر بۇنىڭدىن بەك خۇش ئىدى . ئۇنداق  بولمىسا  مۇشۇ ھالىدا ئۆزىنىڭ خاتىرىسىنى  ئاشۇ  قىزغا  بىرەلەيتىمۇ   ؟ نېمىلا  بولمىسۇن ، ئۇ  ھازىر  قىزنىڭ  ئۆزىگە ئاتاپ ئاشۇ نازۈك بارماقلىرىدا  تۇتقان  قەلىمىدىن  چىققان  خەتلىرىگە  ئېگە  بولالايدۇ .  مۇشۇنىڭ  ئۆزىلا  ئۇنىڭ  ئۈچۈن  چوڭ  بەخىت. بىراق، ئەكبەر جىددىيلىشىپ ئولتۇرالماي قالدى . ئۇ  قىزىنىڭ خاتىرىسىگە باشقىلار يېزىپ بولغاندىن كېيىن  «مەخپىي» يازغانلىرىدىن خىجىل بولۇپ ، ئۆزىنى ئەيىبلىمەكتە . ئۇ قىزنىڭ خاتىرىسىگە مۇنداق يازغان ئىدى.
   «سۆيۈملۈك ساۋاقدىشىم گۈلخۇمار ! سىزنى تۈنجى كۆرۈپ ھازىرغىچە 1035كۈن بولۇپتۇ . بۇ كۈنلەر سىزنى ئۇچىرىتىش، كۆرۈۋېلىش تەشنالىقىدا ئاجايىپ تەستە ، ئەمما تولىمۇ  تاتلىق ئازاپلار ئىچىدە ئۆتتى .  بۇ جەرياندا خىيالىمدا سىز  بىلەن نەچچە مىڭ  قېتىم پاراڭلاشقاندىمەن ،  بىراق سىز بىلەن يۈز تۈرانە بىر  قېتىم  بولسىمۇ  پاراڭلىشش پۇرسىتى ماڭا  نىسىپ بولمىدى. بۇ ئكزۈمنىڭ يارامسىزلىقىدىن بولدى .  ئەمما بۇ ئۇنتۇلماس ئوقۇش ھاياتىمدا سىزدەك شەرمىي -ھايالىق گۈزەل قىزنىڭ ساۋاقدىشى بولالىغىنىمنىڭ ئۆزىلا مەندەك بىر نامىرات دېھقان بالىسىنىڭ بەختى  ...      سىزنى مەڭگۈ ئەسلەپ :
                                                                                                                   ــ ساۋاقدىشىڭىز ئەكبەردىن »
  ئۆزىنىڭ خاتىرە  دەپتىرىنى ئەمدىلا قولىغا ئالغان ئەكبەر ھاياقاندىن تتىرىگەن قوللىرىدا ئىچىنى ئېچىپ، ئەڭ دەسلەپ قىز يازغان بەتنى ئوقۇشقا باشلىدى. خاتىرىگە مۇنداق يېزىلغان ئىدى.
    «ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ، ساۋاقداش ئەكبەر ، مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈچ يىللىق ئوقۇش ھاياتىمىز  ئاخىرىلىشىپ خوشلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز . ئىككىمىز بۇ ئۇنتۇلغۇسىز ئوقۇش ھاياتىمىزدا كۆپ ئارلىشىپ كەتمىگەن  بولساقمۇ  ، سىز ئەخلاقىلىق، ياخشى يىگىت ئىكەنلىڭىزنى سۆز-ھەركىتىڭىز،يۈرۈش-تۇرۇشىڭىز ئارقىلىق ماڭا تونۇتتىڭىز . بۇ تەرپىڭىزگە مەن قايىل ھەم سىزگە چۇڭقۇر ھۆرمىتىم بار  .سىز بىلەن  تۇرمۇش  قۇرغان  قىزنىڭ  بەختى  كىلىدۇ  ...  بۇندىن كېيىن جۈرئەتلىك بولۇڭ . كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىڭىزنىڭ نەتىجىلىك ،تۇرمۇشىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى تىلەپ:
                                                                                                             ــ ساۋاقدىشىڭىز گۈلخۇماردىن»
   ئاشۇ قۇرلارنى  چۇڭقۇر  ھاياجان  ئىلىكىدە  ئوقۇپ چىققان ئەكبەر ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ  قىز تەرەپكە زەن سېلىۋىدى، قىزنىڭ توم ھەم قاپقارا  ئۆرۈمە  چاچلىرى ئەتلەس  كۆڭلىكى  ئۈستىدە  يەڭگىل  تەۋرىنىشى بىلەن تەڭ  بۇلاق  سۈيىدەك ئويناپ تۇرىدىغان شوخ، تىنىق كۆزلىرى ئەكبەرنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچۇرىشىپ قالدى. ئۇچۇرشىپ قالدىيۇ، ئەكبەرنىڭ ئانىسىغا  زارىقققان قۇش بالىسىدەك قۇرغاق لەۋلىرى سۇس تىترىدى،زارقىش ئوتلىرى چاقناپ تۇردىغان كۆزلىرىنى تېخىمۇ بىچارىلىك  قاپلىدى،نۇمۇستىن شەلپەردەك  قىزارغان  يۈزلىرىنى كۆتۈرۈشكە  بەرداشلىق  بىرەلمىگەن  بېشى ئاستا -ئاستا  تۆەنگە ساڭگىلىدى...
    ئۈچ يىللىق شىرىن ئازاپلىرى بەدىلىگە  ئىرىشكەن  نەچچە  جۈملە  تەسەللىي ، پەقەت بىر قېتىملا قىيا قايرىلىپ ئىللىق كۈلۈمسىرەش  ئىلىكىدە  باققان  ئويناق  كۆزلەر  ۋە بىر  پارچە  سۈرەتتتىن ئىبارەت  ئاددىي ئەمما  ئۆزى ئۈچۈن  تولىمۇ قىممەتلىك ھېسابلىنىدىغان ئەستىلىكلەرنى ئېلىپ ياتاقتىن چىقىپ،مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا يۈك-تاقىسىنى يۈدگىنىچە قىزنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالغان ئەكبەرنىڭ يۈرەك قېتىغا « ئۇنى ئەڭ ئاخىرىقى كۆرۈشۈم مۇشۇ بولۇپ قالارمۇ » دېگەن تەشۋېش خۇددى قىشنىڭ جۇدۇنىدەك بۆسۈپ كىرىپ،ئۇنىڭ ھوجۇدىنى مۇزلاتماقتا ئىدى.
                                                                             2
    ... مانا يېڭى ئەسىرىنىڭ تۈنجى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئەكبەرنىڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كېلىپ خىزمەت  تەخسىماتى كۈتۈپ  تۇرغىنىغا  توپتوغرا  ئىككى  يېرىم  يىل  بولدى . ئەكبەر ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە كۆرگەن  بۇلۇڭغا  توختىتىلغان يەلسىز ھارۋا تېخىچە ئېشەكسىز تۇرماقتا . قويلارنىڭ مەرەشلىرى، كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاللا  بۇرۇن جىمىققان ئېغىلدىكى قۇرۇپ قالغان قىغ ئۇۋىندىللىرى كەچ كۈزنىڭ سوغوق شامىلدا ھەر يان ئۇچماقتا ...
     ــ  ئوغلۇم ئەكبەر  ،  ــ دېدى دادىسى  كەچتە  يوتقىنىدىن  يېرىم  سۇغۇرۇلۇپ  يېتىپ  ھېلىقى خاتىرىنى كۆرۈۋاتقان ئەكبەرگە ،ــ ھۈنەرگە بەرسەممۇ بۇ چاغقىچە بىرەر ھۈنەرنىڭ پىشىنى تۇتۇپ نېنىڭنى تېپىپ يەيتىڭ،يەنە كىتاب ئوقۇيمەن دەپ ئەمدى توكنى ئىسىراپ قىلمىساڭمۇ ئوقۇغانلىرىڭ كېرەككە كەلگۈدەك بولغاندۇ ؟
      ــ ھەئە ، بۇنى سوراپ قالدىڭغۇ ؟ ــ دېدى ئەكبەر دادىسىنىڭ « بالام چوڭ شەھەردە كادىرلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ » دەپ ماختىنىشلىرى ئاللا بۇرۇن جىمىقىپ، ئۆمۈدسىزلىك قاپلىغان غەمكىن چىرايىغا قاراپ.
      ــ ئۆگەنگەننى ئىشلەتمىسەڭ ئۇنتىلىسەن،بۈگۈن ناھيە بازىرىغا بېرىپ،ئاناڭنىڭ تۇغقىنى قادىراخۇن بىلەن پۈتۈشۈپ كەلدىم،ئۇ سېنى كەلسۈن دېدى، ئەتىلا ئۇنىڭ شىپاخانىسىغا بېرىپ ياردەملەشكىن.
      ــ  دادا ... مەن ...  مەن ... ،  ــ  ئەكبەر بىرەر ئىشتىن ئىسەنگىرىگەندەك  دۇدۇقلىدى ، « مېنىڭ  ئۆگەنگىنىم  مال دوختۇرلۇق » دېمەكچى بولدىيۇ، دادىسىنى يەنە ئۆمۈدسىزلەندۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن تىل يېرىپ بۇ گەپنى ئېغىزىدىن چىقىرالمىدى.
      ــ شۇنداق بولسۇن ئەمىسە، بالدۇرراق ئۇخلاپ سەھەر قوپ، ئەتە يولغا چىقىسەن ......
     ئەس يادىنى ئۆمۈرىدە مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن دادىسىنىڭ بىچارە تۇرىقى ، ئۆينىڭ ھازىرقى ئەھۋالى  بوغۇۋالغان ئەكبەر بۇ كېچىنى تەگسىز خىياللار  قاينىمىدا ئۇيقۇسىز  تاڭ ئاتقۇزدى ۋە دادىسىنىڭ كۆڭلىنى دەپ چوقۇم بېرىش ، ئەگەر قوبۇل قىلىنىپ قالسا بىر تەرەپتىن ئۆگۈنۈپ،بىر تەرەپتىن ئىشلەش، ئەكسىچە بولسا  ئۆيگە  قايىتماي مەدىكارلىق  قىلىپ بولسىمۇ ئازراق پۇل تېپىپ، ئۆينىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش قارارىغا كېلىپ، ئانىسى كېچىچە يۇيۇپ بوغچىلاپ قويغان  بىر نەچچە قۇر كونا كىيىمىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ قاق سەھەردىلا دەرۋازىدىن چىقتى.
     ــ  جېنىم بالام ، ــ دېدى ئانىسى ياغلىقىنىڭ ئۇچىدا كۆز-يېشىنى سۈرۈتكەچ  ، ــ ئۇ يەردە ساڭا قارايدىغان  داداڭ ئىككىمىز يوق ، ئۆزۇڭگە ئاگاھ بول ، تامىقىڭنى  ۋاقتىدا  يە .  سېنى قۇرۇق كىرمىسۇن  دەپ  بوغچىغا نان  سېلىپ قويدۇم، تاغاڭغا سالىمىمنى يەتكۈزگەچ بىرىپ قوي....
                                                                      3


     كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەكبەر بۇ شىپاخانىغا كەلگىنى بىر يىلدىن ئاشتى .ئۇنىڭ بارا-بارا قولى يومشاپ، ئادەتتىكى كېسەللەرگە دېئاگۈنۇز   قويالايدىغان ، دورا بېرەلەيدىغان، ئوكۇل سالالايدىغان بولدى . قادىر دوختۇرمۇ يۇۋاش،ساددا، ئاقكۆڭۈل ئەكبەرگە ئامراق بولۇپ قالدى .
    قاش قارايغان چاغ .  ئەكبەر  ئۇستازى  قادىر  دوختۇردىن  يارلانغان   بىمارلارنى قانداق  داۋالاش  توغرىسىدا  تەلىم ئېلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز شىپاخانا ئالدىدا كۆشەكتىكى ئۆكۈزدەك پۇشۇلداپ بىر يۈك ماشىنىسى توختاپ ئارقىسىدىنلا شىپاخانا   ئەنسىز چىكىلدى.
    ــ كىرىڭ ،  ــ دېدى قادىر دوختۇر ئىشىك تەرەپكە قاراپ . ئىشىك شۇئان ئېچىلىپ،بېشىغا تۈتىلىك قۇلاقچا،ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك خۇرىم چاپان كەيگەن 50ياشلاردىن ھالقىغان سېمىز شوپۇر ۋە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈز كۆزىنى گۈللۈك ياغلىقتا ئورۇۋالغان، ئۇچىسىدىكى قىزىل تاشپاختا چاپاننىڭ پوسمىسىنى چۆكۈرۈپ كېيىۋالغان 20نەچچە ياشلاردىكى بىر قىز يۇڭ ئەدىيالغا يۆگەلگەن بوۋاقنى كۆتۈرگىنىچە سىرىتتىن بىر پاتمان سوغۇقنى ئېلىپ كىرىپ كەلدى.
     ــ قېنى، قېنى، كېلىڭلار، ــ دېدى قادىر دوختۇر ئۇلارنى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلىپ.
     ــ قارمامسىز دوختۇر ،ــ تاپاقىلىشقا باشلىدى سېمىز شوپۇر قۇلاقچىسىنى قولىغا ئېلىپ،ئاق سانجىلغان چېكە چاچلىرىنى بارماقلىرىدا  تاراپ قويۇپ ، ــ نېمە يىگۈزۈپ قويدىكىن ماۋۇ دەلتۈش بۇ  بالىغا ، مانا مۇشۇنداق شۇكلا  بولۇپ  قالدى ، ئۆلتۈرۈپلا  قۇتۇلاي دەمدىكىن يا...
     ــ بالىنىڭ ئۆپكىسى ئىششىۋالغان ئوخشايدۇ، ئارتۇقچە ئەنسىرىمەڭ،چوڭ مەسلە يوق، ــ يۆگەكتىكى بالىنىڭ چىرايىغا زەن سالغان قادىر دوختۇر تېخىچە ئاغزى بېسىقمىغان سېمىز شوپۇرغا قاراپ شۇنداق دېدى ۋە قولىدىكى تېرمومېتىرنى پەسكە قارىتىپ نەچچىنى سىلكىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنى ئەكبەرگە تەڭلەپ،ــ بالىنىڭ قىزىتمىسى بىلەن يۈرەك رېتىمىنى تەكشۈرۈپ   باقققىن،دەپ بۇيرىدى.
    ئەكبەر ياندىكى ئورۇندۇقتا سېمىز شوپۇرنىڭ سەتلەشلىرىدىن خىجىل بولۇپ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ،ئۈن-تىنسىز ئولتۇرغان قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ،ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى بوۋاقنىڭ قىزىتمىسىنى ئۆلچىدى،يۈرەك رېتىمىنى تەكشۈردى.
     ــ ئوكۇل ئاسمىساق بولمىغۇدەك ،ــ دېدى قادىر دوختۇر  ئەكبەرنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئاڭلاپ .
     ــ دوختۇر، مۇنداق قىلساقمىكىن ، ــ دېدى سېمىز  شوپۇر ئورنىدىن قوزغىلىپ ، ــ ھازىر كەچمۇ بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ
ئۈستىگە سىرىتتا قار يېغىۋاتىدۇ ،شۇڭا ماۋۇ ئۇكام ئۆيگە بېرىپ ئوكۇلنى ئېسىپ قويسا،ماشىنامدا ئەكىلىپ قويسام قانداق؟
      ــ  ھەممىزگە قولايلىق بولغۇدەك، شۇنداق قىلايلى ئەمىسە ...
     دورا،ئوكۇل قاچىلانغان دوختۇر سومكىسىنى مۈرىسىگە ئېسىپ،يۈك ماشىنىسىغا چىققان ئەكبەر ھايال بولمايلا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلدى.
      ــ قېنى كىرىڭ ، ــ دېدىسېمىز شوپۇر ياسىداق پىشايۋان ئاستىدىكى قوش قاناتلىق ئىشىكىنى قىيا ئېچىپ ئەكبەرنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ .
    ئەكبەر قورۇنۇپراق ئۆي ئىچىگە كىردى .نەپىس ياسالغان چوڭ مەشنىڭ قىزارغان قورسىقىدىن ياز پەسلىنىڭ تومۇز تەپتى كېلەتتى . ئۈستى سۈر ۋاسا قىلىپ يېپىلغان ئۆينىڭ ئىككى  تېمىغا خوتەننىڭ ئانار گۈللۈك گېلىمى تارتىلغان، سۇپا ئۈستىگە تۈركىيەنىڭ مېھراپ گۈللۈك گېلىمى سېلىنغان بولۇپ، ئۆي ئىچى ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ تۇراتتى.بۇلۇڭدىكى شىرەگە قويۇلغان چوڭ ئېكىرانلىق رەڭلىك تېلىۋېزورنىڭ ئىككى يېقىغا بىر جۈپ ئۆرە ياڭراتقۇ قويۇلغان ئىدى . 8-9 ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا مەش تۈۋىدىكى سافادا ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆرۈۋاتاتتى.
    ــ ماڭە ،ئاچاڭنى چاقىر ، مېھمانغا كۆرپە سالسۇن ،ــ دېدى زىختا مەشنى كوچىلاۋاتقان سېمىز شوپۇر سافادا ئولتۇرغان بالىغا قاراپ قوپال تەلەپپۇزدا .
    ــ مانا كىردىم ، ــ ئەكبەرنىڭ قۇلىقىغا ياندىكى ئۆيدىن تونۇش،جاراڭلىق ئاۋاز ئاڭلاندى. گۈللۈك خىشقا ئۇرۇلغان ئاياغ پاشنىسىنىڭ ھەر بىر تاقىلدىشى ئەكبەرنىڭ يۈرىكىگە تەگمەكتە ئىدى.ئىشىكنىڭ تاراق قىلىپ ئېچىلىشى بىلەن تەڭ قېلىن كېيىملەردىن بوشانغان زىلۋا بويلۇق قىز ـــ گۈلخۇمار كىرىپ كەلدى.بىچارىلىك تىقىلغان كۆزلەر يەنە ئۇچىراشتى. ئۇچراشتىيۇ، ۋىللىدە ئوت ئالغان يۈزلەرنى كۆتۈرۈشكە بەرداشلىق بىرەلمىگەن باشلار تۆۋەنگە ساڭگىلىدى .
    ــ ئەسلى ئۇ ئىكەن دە ! دۆتلىكىمنى قارا، ھەي ... ي ،ــ شىپاخانىدىكى كۆرۈنۈشلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن ئەكبەر ئۆزىنى ئەيىبلەپ كاچىتىغا «پاس» قىلىپ بىرنى ئۇرۇپ سالدى .
     ــ نېمە قىلىۋاتىدۇ ماۋۇ بالا ئادەمنى قورقۇتۇپ ، ـــ دېدى شوپۇر ئەكبەرنىڭ قىلىقلىرىدىن گاڭگىراپ.
     ــ پاشا ... پاشىنى ئۇردۇم .
     ــ نېمە ، قەھرىتان قىشتىمۇ پاشا بولامدۇ ؟
     ــ كاچىتىم تارتىشقان ئوخشايدۇ ئەمىسە ...
    ئەكبەرنىڭ بۇ گەپلىرىدىن سۇپا ئۈستىگە كۆرپە سېلىۋېتىپ،ياغلىقىنىڭ ئۇچىدا ئاغزىنى ئىتىپ ۋىلىققىدە كۈلۈپ سالغان قىز سېمىز شوپۇرنىڭ سەت ئالىيىشى بىلەن جىمىقتى.
   تۆرگە سېلىنغان يۇمشاق كۆرپىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇغان ئەكبەر شۇ تاپتا ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقاتلان ئىدى . ئۇنىڭ يۇيۇش ئۈچۈن سېمىز شوپۇرغا  تەڭلىگەن  قوللىرى سۇس تىتىرەيىتتى . ئەكبەر  چاي ۋە داستىخان راسلاش بىلەن ھەلەك  بولۇۋاتقان  قىزغا ئوتلۇق نەزىرى بىلەن كۆز  سالاتتى . ئۇنىڭدىن  بۇرۇنقىدەك  خۇش  تەبەسسۇمنى  ، كۈلگۈنچەكلىكنى ، كۈن نۇرىدا قارايغان  ئەۋرىشىم   پاچاقلىرىغا  ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان  ئۇششاق  گۈللۈك  كۆڭلىكىنىڭ ئىتەكلىرىنى ،  بوينىغا  سىيرىلىپ چۈشىۋالىدىغان  نىپىز  ھېلىلە  ياغلىقىنى  ، تال - چىۋىقتەك ئىنچىكە  بەللىرىدە  ئويناقشىپ تۇرىدىغان  بىر جۈپ  ئۆرۈمە چاچلارنى ... ئىزلىمەكتە ئىدى.
    سېمىز شوپۇر داستىخان سالدى .  قىز قىزىرىپ پىشقان بىر دەستە ناننى ئەكبەرنىڭ ئالدىغا قويدى.  شۇ ئارلىقتا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى يەنە ئۇچۇرىشىپ قالدى . قىزنىڭ  كۆزلىرى ئەكبەرگە چەكسىز  سۆيگۈ  تەشنالىقىدا خۇمارلاشقاندەك كۆرۈندى. ئۇ قىزغا قارماسلىققا شۇنچە تىرىشسىمۇ كۆزلىرى  يەنە شۇ تەرەپكە ئېغىپ كېتەتتى . ئۇ ئوغۇرلىقچە قارغاندا بولسا قىزمۇ  تەڭلا قاراپ قالاتتى-دە ، ۋىللىدە قىزارغىنىچە كېيىكتەك ئەندىككەن كۆزلىرىنى دەررۇ ئەپقاچاتتى .
    ــ چېيىڭىزنى تىزراق ئىچىڭ،سىزنى ئاپىرىۋىتىپ، مېنىڭ يەنە قىلىدىغان باشقا ئىشىم بار!  ــ  دېدى ئەكبەرنىڭ قىزغا قاراشلىرىدىن گۇمانسىرىغان سېمىز شوپۇر  قوپاللىق بىلەن.
    ــ ھە،... ھە، ماقۇل ، ــ دېدى جىددىيلەشكەن ئەكبەر دېققىتنى  شوپۇرغا قارىتىپ.
      سېمىز شوپۇرنىڭ  ھە دېسىلا چالۋاقاپ  قىزغا  قوپال مۇئامىلە قىلىشلىرىدىن ، ئەكبەرگە گۇمان نەزىرىدە پات-پات ئالىيىپ قاراشلىرىدىن قىيا بېقىشىشلار بىردىنلا جىمىقىپ قالدى.
     ــ قۇرۇقلا چاي بولۇپ قالدى ، ــ ھۆزرە ئېيىتتى دۇئادىن كېيىن داستىخاننى يىغىۋاتقان قىز بوش ئاۋازدا . بۇ ، ئەكبەر بىلەن قايتا ئۇچراشقاندىن بىرى ئۇنىڭ يۈز تۈرۈنە تۇرۇپ تۈنجى قېتىم زۇۋان چىقىرىشى ئىدى.
     ــ ياقەي،تازا ئوبدان ئىچىۋالدىم، ــ دېدى ئەكبەر پارچىلانغان نانلارنى يىغىۋېتىپ .  دېمىسىمۇ  بۇ چاي ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تېتىدى. ئۇنىڭغا ئانىسى ئۆز قولى بىلەن تەييارلاپ،قايماق سېلىپ بەرگەن چايلىرىمۇ بۇنچىلىك تېتىمىغاندى.
     چايدىن كېيىن ئەكبەر تەييارلىۋالغان  ئوكۇللارنى سومكىسىدىن ئالدى .  بوۋاقنى  تۇتۇپ ئولتۇرغان  قىزنىڭ  يېنىغا كەلگەندە ئاللا بۇرۇنلا دىل خانىسىگە قىزنى كۆرمىسە تۇرالمايدىغان،كۆرسە جامالىغا قاراشقا پېتىنالمايدىغان نازۈك ھەم سەزگۈر تۇيغۇلار يوشۇرۇنغان ئەكبەرنىڭ دىمىقىغا قىزنىڭ مۇشۇ يېشىغىچە گىرىم ياكى سوپۇن كۆرمىگەن غۇنچى بويىدىن شىرىن بىر خۇش ھېد ئۇرۇلىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ يىڭنە تۇتقان قوللىرى سۇس تىترەپ كەتتى...ئەكبەرنىڭچە بولغاندا مۇشۇ ئۆيدە ئىسسىق ئولتۇرۇپ تېلىۋېزور كۆرگەچ ياتار ۋاقتىدا كەتكۈسى، ھەتتا قونۇپمۇ  قالغۇسى بار ئىدى. ئەمما سېمىز شوپۇر ئۇنىڭغا ئانچىكىم بولسىمۇ بىر دەم ئولتۇرۇڭمۇ دېمىگەن تۇرسا، ھازىر ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشقا نە سەۋەپ،نە ئىلاجى بولسۇن؟ كۆزى ئارقىدا قالغان ئەكبەر ئامالسىز شوپۇرنىڭ ماشىنىسىدا شىپاخانىغا مېڭىپ كەتتى.
  ئەكبەر ماشىنىدا ئولتۇرۇپ گاراڭلىق ئىچىدە پەرەز قىلىشقا باشلىدى:« گۈلخۇمارلار قاچانلاردا بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندۇ ؟ ھېلىقى بوۋاقنى «بالام» دېگىنىدىن قارغاندا ئاللا بۇرۇنلا ياتلىق بولۇپتۇ،دە. ئۇنداقتا يولدىشى قېنىدۇ؟ بەلكىم ئاجراشقاندۇ. شۇنداق بولسىغۇ ئەمدى  ئۇ مېنى يارتىپمۇ قالاتتى، ئۇنى ئەمرىمگە ئېلىشقا تازا ئوبدان پۇرسەت بولاتتى... ».
شىرىن خىيال  دېڭىزىدا  تۈنجۇققان  ئەكبەر  ماشىنىنىڭ  تۇرمۇز  قويۇپ سىلىكشى بىلەن ھۇشىغا كېلىپ، شىپاخانا ئالدىدا چۈشۈپ قالدى ۋە ماشىننىڭ ئارقىسىدىن بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن شىپاخانا ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

4
.    قەھرىتان قىش. بىر نەچچە كۈندىن بىرى توختىماي ياققان قۇمدەك ئۇششاق قار شىۋېرغان پەيدا قىلىپ يەر-جاھاننى مۇزلاتتتى . پۈتۈن تەبىئەت ئاق لىباستىن  تون كەيدى . ئۇدا ياققان  قېلىن قار مۇز  تۇتقان ئېرىقلارنى يول بىلەن تەڭ قىلىپ تۈزلىۋەتكەن، يول ياقىسىدىكى دەل-دەرەخلەرمۇ خۇددى ئاق يېپىنچىغا ئورالغان  بىتاپ  بوۋايدەك  شىۋېرغاندا  دېرىلداپ تىترەيتتى . ئىككى كۈندىن  بىرى ئەتىگەندىلا  كېلىپ ماشىنىسىدا ئۆيىگە ئاپىرىپ  ئەكىلۋاتقان ھېلىقى سېمىز  شوپۇرنى ناماز  شام  بولغۇچە ساقلاپ تاقىتى  تاق بولغان ئەكبەر يېقىندىلا سېتىۋالغان يېڭى ۋېلىسپىتىنىڭ رولىغا دوختۇر سومكسىنى ئېسىپ ، يولغا چىققانچە تۆت-بەش كېلومىتىردەك يول يۈرۈپ ئۇدۇل سېمىز شوپۇرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توختىدى . ئۇنىڭ  بېشىدا ئىڭكىدىن بوغۇشلىۋالغان ھەربىيچە قۇلاقچا،ئۇچىسىدا قادىر دوختۇر بەرگەن قارا رەڭلىك كونا خۇرۇم چاپان بار بولۇپ،چىپەرقۇت شىم ئىچىگە كەيگەن  تور  ئىشتاندىن ئۆتكەن سوغۇق ئۇدۇللا سۆڭكىگە تېگىپ تىزلىرى ئۆزىنىڭ  ئەمەستەكلا  بولۇپ  قالغان ،  قونجىلىق ئاياغ ، قېلىن  پايپاق  ئىچىدىكى  پۇتلىرىمۇ  سەزگۈسىنى يوقىتىشقا تاسلا قالغان ئىدى.
   ــ  ئۇ بۇ تۇرقۇمنى كۆرسە نېمىمۇ دەپ قالار؟ــ ئويلىدى ئەكبەر ئىچىدە،ــ يېڭراق كېيىنەي دېسەم ئۆيگە پۇل ئەۋەتمىسەم تېخى تۇرسا،ئۇ قىز ساۋاقدىشىم بولغاندىكىن توغرا چۈشىنەر.
    ئەكبەر  رول تۇتۇپ  توڭلىغان  قوللىرىنى بىر پەس ئۇۋلاپ ، ئاغزىدا  ھوردىغاندىن  كېيىن  دەرۋازىنى قاقتى.بىر ئازدىن كېيىن دەرۋازا ئېچىلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى ھېلىقى ئوغۇل بالا بوسۇغىدا پەيدا بولدى ۋە ئەكبەرنى كۆرۈپ:
    ــ ئاچا،ئاچا،دوختۇر ئاكاش كەپتۇ،ــ دەپ ۋارقىرىدى.                                
    ــ ۋاي ئاللا، ئەكبەر ئاكاڭ كەپتىما ، تىز ئۆيگە باشلىغىن ، ــ  قىز قىز شۇنداق دېگەچ  پەشتاما بىلەنلا ئۆيدىن  ئالدىراپ چىقتى  ۋە ئەكبەرنىڭ ھالىنى  كۆرۈپ  ئۆزىنى  تۇتۇۋالالمىدى ، ــ  سوغۇقتا  ۋېلىسپىتتە كەلگىنىڭزنى قاراڭ، ئۇستىڭىز پەيدا بولسا ماشىنىسىدا  ئەكىلەتتى ئەمەسمۇ؟توڭۇپ كېتىپسىز، بولۇڭ ، بولۇڭ، ئۆيگە كىرىڭ .                                                                                                           
   قىز ئەكبەرنى ئۆيگە باشلدى. ئۆي ئىچىدىن ئاۋالقىدەكلا تومۇز  تەپتى كىلىپ تۇراتتى . ئەكبەر بىر ھازا جىمجىتلىق باسقان ئۆي ئىچىدىكى مەشنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خېلىلا ئىسسىپ قالغان بولسىمۇ نىمىشقىكىن يەنىلا لاغىلداپ تىترەپ تۇراتتى.                                                               
   ــ بۇ ئۆي سىزنىڭ...، ــ قىزنىڭ بۇ ئائىلە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن مەڭدەپ، تېخىچە گاراڭلىق ئىچىدە ئولتۇرغان ئەكبەرنىڭ ئۆزىمۇ تۇيماي تېشىغا چىقىپ كەتكەن بۇ گېپى بىلەن ئۆي ئىچىدىكى جىمجىتلىق بۇزۇلدى.                                                                                                  
   ــ شۇنداق،بۇ مېنىڭ ئۆيۈم،ــ دېدى سۇپۇردىكى خېمىرنى يېيىۋاتقان قىز ئارقىغا قىيا بۇرۇلۇپ ئەكبەرگە قاراپ مەيۈس كۈلۈپ، ــ قورۇنماي،كەڭ تاشا ئولتۇرۇڭ.  
   ــ ئۇنداقتا ھېلىقى شوپۇر ئادەم ،ئۇ...ئۇ سىزنىڭ دادىڭىز ئىكەن دە ؟   
   ــ ياق،ئۇ...ئۇ مېنىڭ ئەمەس،ئاۋۇ بوۋاقنىڭ دادىسى،ــ دېدى قىز ۋە ئاش يېيىۋاتقان نوغۇچى سۇپۇرا ئۈستىدە يۇمۇلاشتىن بىردىنلا توختاپ قالدى.     
   ــ سىز نېمە دەپ ،ئۇ،دادام قاتارىدىكى چوڭ ئادەمگە ...  

   ــ مەھەلىدە دېمەتلىكىم قالماي شۇ...،ئۇ ئادەم تۇغقىنىمىز ، پۇلى بولغاندىكىن ئۆيدىكىلەر گە ياردىمى تېگەرمىكىن دەپ شۇ...، ــ دۇدۇقلىغىنىچە مۇشۇلارنى دەۋاتقان  قىزنىڭ كۆز  قارچۇغىدىن  مارجاندەك  بىر تامچە ياش ئۇن يۇقى سۇپۇرىنىڭ ئۈستىگە« پاس » قىلىپ چۈشتى .  يەنە بىر ھازا جىمجىتلىق باسقان ئۆي ئىچىنى قازاندىن  چىققان ھور  تېخىمۇ ئىسسىتىۋەتتى .  قىز  سافادىلا  ئۇخلاپ  قالغان  بالىنى نۇقۇشتۇرۇپ ئويغىتىپ ئاش بىرىپ ، بوۋاقنىڭ  ئاغزىغا  يۇمشاق قىلىپ نەچچە چاينام ئاش سېلىپ ئۇخلاتقىچە ئەكبەر قاچىنى قۇرۇقداپ بولدى.
  ــ بولدى،تويدۇم،ــ تۈزەت قىلدى ئەكبەر قىزنىڭ قاچىغا تەڭلىگەن قولىنى توسۇپ.  
   ــ  قاراڭ سىزنى، تېخىچە شۇ تارتىنچاقىلىقىڭزدىن  قالماپسىز،ــ  دېدى  قىز  ۋە بىر چىنە سۈيۈقئاشنى ئېلىپ كىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى.      
   ــ بۇنى ئۇستام ئىچسۇن،ــ دېدى ئەكبەر قازاندا چۆمۈچنىڭ تاراقشىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئاشنىڭ تۈگىگەنلىكىنى پەرەزلەپ.   
   ــ سىرىتتىن ئاش تېپىپ يەمدىكىن،كەلسىلا ئۆلۈكتەك  ئۇخلايدۇ ئۇ ئادەم،ئىچىۋىرىڭ.
   ــ بولدى، سوغۇقتا توڭۇپ كەلگەندە يەنىلا ئۇستام ئىچسۇن.  
   ــ ئەمدى ئۇنىڭغا ئاش قويالمايمەن،ئەكىلىڭ ئىچمىسىڭىز،مانا ئەمىسە !  
  « جاراڭ »  قىلغان ئاۋاز بىلەن  تەڭ پارە - پارە  بولۇپ  كەتكەن  چىنىدىكى  سۈيۈقئاش  گۈللۈك خىش ياتقۇزۇلغان تار  كوچىغا  چېچىلدى . قىز يۈگۈرگىنىچە  بېرىپ ، نېمە قىلارنى  بىلەلمەي  ئورنىدىن  تۇرۇپ ھاڭبېقىپ قالغان ئەكبەرنىڭ بوينىغا گىرە سالدى  ۋە سۇس  تىترەۋاتقان  نىپىز  لەۋلىرىنى ئۇنىڭ  يۇمران بۇرۇتلىرى ئاستىدىكى يىرىك  لەۋلىرىگە يېقىن ئەكەلدى . ئەكبەر  قىزنىڭ  لېۋىگە  تېگىشكە سەللا قالغان ئاغزىنى يانغا بۇراپ، قىزنى ئۆزىدىن ئاجراتتى . شۇئان قىزنىڭ خۇمارلاشقان ئاھۇ كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولدى.   
  ــ  مەندىن  قاچماڭ ، ــ  يالۋۇردى  قىز  ئەكبەرنىڭ  بارماقلىرىنى  سىقمىداپ . قىز ئەلەملىك تىناتتى . كۆزلىرىدىن ئازاپ، ھەسرەت، بىچارىلىك ھېسلىرى بالقىيتتى، ــ بىزنى خۇدايىم قايتا ئۇچراشتۇردى،بۇنداق مەنىسىز تۇرمۇشتىن  جاق تويدۇم،مېنى يىراقلارغا ئېلىپ كېتىڭ...
« قىزلارنىڭ  كۆڭلى نېمە دېگەن نازۈك ، نېمە دېگەن نازۈك ، ھە !  ئەسلىدە مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى بۇرۇنلا چۈشەنمىگەنلىكىمدىن ھازىر ئۇ مۇشۇ كۈنگە  قاپتۇ ، ئەمدى قاراپ تۇرسام بولمايدۇ ! »
قىزنىڭ بۇ  ھالىدىن  يۈرىكى لەختە  بۇلۇپ ئىچى  سىيرىلغان  ئەكبەر  ئۇنىڭ  تالى  مەجنۇن  بەللىرىنى قارماپ  ئېلىپ  باغرىغا چىڭ  باستى ...  شۇ  تاپتا نازۈك  لەۋلەردىن  تارىغان ئوتلۇق  ھارارەت  تەپتىدە ئەكبەرنىڭ ئالدىغا بۆرتۈپ چىققان يىرىك لەۋلىرى ئىرىمەكتە ئىدى...
شۇ ئەسنادا غايىپتىن پەيدا بولغاندەكلا ئىشىكنىڭ تاراق قىلىپ ئېچىلشى بىلەن تەڭ ھېلىقى سېمىز شوپۇر كەتمەن سېپى چوڭلىقىدىكى لوم تۆمۈرنى كۆتۈرگىنىچە ئۆيگە كىردى...  
                                        5
  ــ ئەكبەر،قارىغىنە، تەبىئەت نېمە دېگەن گۈزەل،- ھە !
   ــ ئاھ،يەنە باھار كەپتۇ–دە ! تۈنۈگۈنكى كۆچەتلەرمۇ نوتىلاپتۇ،ئەمما مەن...
    ــ  قىشىچە  سىرىتقا  چىقماي ئىچىڭمۇ  پۇشقاندۇ ، ئاشۇ خاتىرە  ئىچىدىكى ئەسلىمىلەر  تەكتىدە  ئۇلۇغ
تىنىپ، تۇنجۇقۇپ ئۆتۈشىڭگە چىدىمايمەن بالام،يۈر،باغچىنى ئايلاندۇرۇپ كېلەي؟
   ــ كۆنۈپ قاپتىمەن ئۇستام،بولدى چىقماي،چىقساممۇ بەرىبىر خۇشال بولالمايمەن.
    ــ كۆڭلىڭنى چۈشىنىمەن،بوپتۇ ئەمىسە،ھېلى يەڭگەڭدىن تامىقىڭنى كىرگۈزەي...  
  ئەمدىلا ئىشتىن چۈشكەن ئەكبەر  قادىر دوختۇر بىلەن خوشلىشىپ بولۇپ ئىش ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، بوينىدىكى يۈرەك رىتىمىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى ئىشكاپ  تارىتمىسىغا سالدى ۋە  ئادىتى بويىچە چاقىلىق ھارۋىسىنىڭ قول پىدالىنى يەڭگىل ئايلاندۇرۇپ ياندىكى تىكلىمە ئەينەكنىڭ  ئالدىدا  توختىدى . ئۇ ئۈمۈدسىزلىك، بىچارلىك تۆكۈلۈپ ، پىلدىرلاپلا  قالغان نۇرسىز كۆزلىرىدە ئەينەك  يۈزىدىكى  تۇرقىغا  زەن سېلىپ ئېغىر خۇرسىندى.  
   ــ مۇشۇنداقلا  ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ ئەمدى ؟ چۆلدەك قۇرغاق ، ئايسىز قىش كېچىسىدەك قاراڭغۇھەم سوغۇق تۇيغۇلىرىمدىن قۇتۇلۇشىمغا زادىلا ئىمكان يوقمىدۇ؟مەنمۇ ئادەم بولدۇممۇ؟  
   ئەكبەر  ئۇلۇغ  كىچىك  تىنغىنىچە  سۇس  تىترەۋاتقان  بارماقلىرىدا  يوتىسىنى  سىلاپ  قويغاندىن  كېيىن ئۇچىسىدىكى خالاتنىڭ تۈگمىللىرىنى بىر بىرلەپ يەشتى. خالات پېشىنى ئۆزىنىڭ ئاستىدىن ئۆزى ئاجرىتالمايۋاتقانلىقى  قاتتىق  ھار  كەلگەن  ئەكبەر  بىردىنلا   ئۆزىنى   كاچاتلاپ ،  ھارۋىسىنى  قوپاللىق  بىلەن  بىر  ئايلاندۇرۇپلا يەنە ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا قايتىپ  كەلدى ۋە رامكىغا ئېلىنىپ ، ئۈستەل  ئۈستىگە  قويۇلغان «خاتىرە سۈرەت»كە كۆزىنى تىككىنىچە  بۇقۇلداپ  يىغلاپ كەتتى . ئۆزىنى يوقۇتۇپ ، غېرىپلىقنىڭ پايانسىز چۆلىدە ئېزىقىپ،بۇنچىلىك دەرىجىدە مىسكىنلىشىپ چاقىلىق ھارىۋىغا بەنىد  بولۇپ  قېلىشىغا ئۇنىڭ كۆيۈك ئوتىدا پۇچلانغان يۈركىگە رەھىمسىز رېئاللىق ئېلىپ كەلگەن ئاچچىق بىر  قىسمەتنىڭ  تۇز   سۈيى  قۇيۇلۇشتىن  كىلىپ   چىققان  تىراگىدىيە  ـــ  سېمىز   شوپۇرنىڭ ئۆيىدە  يۈز  بەرگەن  شۇ ئاخشامقى  ئىش سەۋەپ بولغان ئىدى.
  قادىر دوختۇرنىڭ  كۆيۈنۈپ  داۋالىشى  بىلەن  مۇشۇنچىلىك  ھالغا  ئاران  كەلگەن ئەكبەرنى  بۇ  بىر يىلىدىن بىرى ئۈمۈدسىز  خىياللار  بارا-بارا ئۆز ئىسكەنجسىگە ئېلىپ، ھەرىكەت  قىلىدىغان، سۆزلەيدىغان چاغلىرىدىن  خىيال  سۈرىدىغان  چاغلىرى  ئاۋۇپ  كەتكەندى  .  مۇشۇ  تەرىقىدىكى  بۇرۇقتۇرۇم  كۈنلەر   ئۆتكەنسىرى ئۇ ئۆزىنى تولىمۇ يىگانە قالغاندەك،ئۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ،ئادەملەرنىڭ ھەتتا يېقىنلىرىنىڭمۇ كارى بولمايۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇنچە يالغۇزمۇ ئەمەس.باشقىلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىش نەزىرى بىلەن ياقا  تۇتۇشۇپ  خېلى  ئۇزىغىچە  ئارقىغا  قاراشلىرىدىن ، ئوماق  بالىللىرىنى ئەگەشتۈرۈپ   چىرايلىق ھەمراھلىرى بىلەن شۇنچىلىك قىزغىن پاراڭلشىپ كېتىۋاتقان  ئۆز  تەڭتۈشلىرىدىن  نۇمۇس  قىلىپ سىرىتقا چىقىشنى خالىمىغىنى بىلەن،كۆڭلى نېمىدىن خۇش بولاركىن ، دەپ  ئارقىسىدا  پايپېتەك  بولىدىغان  كۆيۈمچان ئۇستازى قادىر دوختۇر،نامىرات بولسىمۇ ئەس-خىيالى ئۇنىڭدىلا  بولىدىغان  ئاتا-ئانىسى بار.   بىراق،ئۇلار ئەكبەرنىڭ  قورسىقىنى  توقلاپ ، كېيملىرىنى  ئۆزگەرتىپ  تۇرغىنى   بىلەن  ئۇنىڭ  روھىدىكى   چەكسىز   چاڭقاقلىقنى  قاندۇرۇشقا  ، ئۇ  يۈزلىنىۋاتقان  رەھىمسىز  رېئاللىقنى  ئۆزگەرتىشكە  ئامالسىز  . ئۇلار   ئەكبەرنىڭ    كۆڭلىنى بىردەملىك  ياساپ  قويغىنى  بىلەن  ئۇنىڭغا  ئۆمۈرلۈك  ھەمراھ  بولىدىغان بىر  جۈپ  پۇتىنى  ياساپ   بېرىشكە مەڭگۈ قادىر بولالمايدۇ-دە !
    ئەكبەر  تىل  بىلەن  تەسۋېرلىگۈسىز  ئاچچىق  بىر  خىل  غېرىپلىقنىڭ  ئىسكەنجىسدە  ئولتۇرۇپ  خاتىرە  سۈرەتكە تىكىلىپ،سۈرەتتكى زىلۋا بوي،ئۇزۇن چاچ،بۇغداي ئۆڭ  مەڭزى سىڭشىپ پىشقان گىردىدەك قىزىل، قاپقارا چوڭ كۆزلىرىدىن ساددىلىق بالقىپ  تۇرىدىغان  دېھقان  قىزىغا  ئوتلۇق  كۆزىنى تىككىنىچە يېنىدىكى   ساۋاقدىشنىڭ مۈرىسىگە  قولىنى قويۇپ ھازىرقىدەك  چاقىلىق ھارۋىدا  ئەمەس  ئۆرە   تۇرغان   ھالىتىنى ـــ  سىم-سىم يامغۇرنىڭ شىۋېرلاشلىرىدەك رومانتىك ، باھار مايسللىرىدەك مەسۈم ، كۆپكۈك  ئاسماندەك پايانسىز، ئەمدىلا ئۇچۇرما بولغان قۇشتەك ئۆمۈدۋارلىق ئىلكىدە ئۆتكەن چاغلىرىنى خىيال قىلماقتا.
    سىرىتتىكى گۈل-گىياھلارنىڭ يېقىملىق ھېدىنى باشلاپ پەردىسى  قايرىلىپ  قىيا  ئېچىلغان   دەرىزىدىن   كىرىۋاتقان  ئىللىق باھار شامىلى  ئەكبەرنىڭ  خىيالىنى  روھسىز  تېنىدىن ئاستا-ئاستا  ئاجرىتىپ  سىرىتقا، يىراق -  يىراقلارغا   ئېلىپ  ماڭماقتا .. ، مانا  ھازىر  ئۇنىڭ  ئالدىدا   تۇرغان   سۈرەتتىكى   سۆيۈملۈك ساۋاقداشلىرى  ئىللىق  كۈلۈمسىرمەكتە ... ، ياپيېشىل چىملار  ،  گۈل - گىياھلار ، دەل - دەرەخلەر  يىنىك تەۋرەنمەكتە  ... ،  بىردىنلا   قورشالغان رامكىسىنى  بۇزۇپ  تاشلىغان بۇ كىچىكىنە  ئەستىلىك  بارغانسىرى كىڭەيمەكتە ئىدى...
6
   ــ  ئەستا ماۋۇ  بالىنى قارا ، ــ  دېدى  ناشتىلىق  ئېلىپ  كىرگەن  قادىر دوختۇر  يەنە شۇ خاتىرىنى   سىقىمدىغىنىچە  ئۈستەلگە  بېشىنى قويۇپ ئوخلاۋاتقان  ئەكبەرنى  كۆرۈپ،ــ كۆزۈڭنى  ئاچە ، كەچلىك تامىقىڭمۇ شۇ پېتى تۇرۇپتۇ،بۇنداق قىلساڭ ئۆزۈڭنى تارىتقۇزۇپ قويىسەن بالام.
ــ مەن تۈگەشتىم،مەندە يەنە تارىتقۇزۇپ قويغۇدەك نېمە قالدى،ئاران شۇ سېلىنى ئاۋارىلا قىلالايدىكەنمەن، مەن چىدىيالمىدىم ئۇستام ،  سېلىدىن   ئۆتۈنۈپ  قالاي ،  ئاشۇ سەھرادىكى ئۆيۈمگە تاشلاپلا  قۇتۇلسىلا مەندەك  مەجرۇھتىن، ــ نىدا قىلدى ئەكبەر ۋە بىردىنلا يۈزلىرىنى مۇجۇقلاپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
  ــ ئوبدان بالام،ماڭا قارا،ــ دېدى قادىر  دوختۇر  سەۋىرىچانلىق  بىلەن  ئەكبەرنى ئۆزى  تەرەپكە   قارىتىپ ئۇنىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ،ــ ئۆزۈڭنى تاشلىۋەتمە،ئۆمۈدۋار بول،بەخت سېنى كۈتمەكتە   بالام،ئاۋۋال تامىقىڭنى يە،ئاندىن بىز ئۇنى تېپىۋالايلى.  
ئېلىپ كەلگەن تامىقىنى ئەكبەرگە زورلاپ يىگۈزۈپ،ھاۋانىڭ تۇتۇقلىقىغا قارماي، پىلانى بويىچە ھارۋىنى سىرىتقا قارتىپ ئىتتىرگەن قادىر دوختۇر شۇ ماڭغانچە خەلق باغچىسىغا بېرىپ توختىدى.گۈل-گىياھ، دەل-دەرەخلەر بىلەن قورشالغان سەينادىكى چىملىقنىڭ ئوتتۇرسىدا توختىلغان ھارۋىدىكى ئەكبەر ئەتىراپقا زەن سالدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا گۈل-چېچەكلەر ھۆپپىدە ئېچىلغان ياپيېشىل  تەبىئەت  خۇددى  رەسىدە  بولغان قىزلاردەك  جىلۋىدار  كۆرۈنمەكتە  . تەبىئەت يىشىل تون كەيگەن  .  نېرىراقتا سۇمبۇل چاچلىرى نازاكەت بىلەن  يۇمران  چىملارنىڭ  قۇلاقلىرىنى  يىنىك سىلاۋاتقان چوكانتاللارنىڭ  ئاستىدىكى  ئورۇندۇقلاردا قىز-يىگىتلەر  جۈپ - جۈپى  بىلەن  ئولتۇرۇپ  باھار  پەيزىنى  سۈرمەكتە  .  شۇ  تاپتا  ئەكبەر  باش  باھار ياڭراتقان  بۇ  خاسىيەتلىك  كۈي  سېھرىدە مەسىت  بولغان  ئىدى .  قادىر  دوختۇرنىڭ  بۇرۇنلا   يېنىدىن   كېتىپ  قالغانلىقىنىمۇ   سەزمەي مۇڭغا  پېتىپ ئولتۇرغان   ئەكبەرنىڭ  يۈرەك قېتىدىن قاپساپ كېلىۋاتقان قىياندىن مەلۇمات  بەرگەن  كۆزلىرىدە  پالىلدىغان  ياش  تامچىسى  ئولتۇرۇشۇپ   كەتكەن  مەڭزىدىن سىرغىپ ، قوينىدىن ئەمدىلا  ئېلىپ  ۋاراقلاۋاتقان  خاتىرىگە  چۈشىشى بىلەن تەڭ ھېلىدىن بىرى نەمخۇش بۇلۇۋالغان ھاۋا تۇتۇلۇپ،كۆكۈش ئاسماندىن يامغۇر يېغىشقا باشلىدى.ئەكبەر ھارۋىسىنى غىچىلداتقىنىچە شىپاخانا تەرەپكە  قاراپ ماڭدى .  نەچچە  يۈز  مىتىر  ماڭا-ماڭمايلا شىددەتلىك يامغۇر سۈيى بىلەن تەر قوشۇلۇپ  كېيىملىرى چاپلىشىپلا  قالغان ئەكبەرنىڭ ھارۋىسى بىردىنلا  يەڭگىلشىپ،شۇنچىلىك سىلىقلىشىپ، سۈرئىتى  تىزلىشىپ  قالدى. شارقىراپ  ئالدىغىلا ھەيۋە  بىلەن  چۈشۈۋاتقان  يامغۇرنىڭ  بىر  تامچىسمۇ ئۆزىچىلا  ئەكبەرنىڭ  بەدىنىگە  تەگمەيۋاتاتتى  .  ھەيرانلىق ئىلىكدە  ئولتۇرغان  ئەكبەر ئەكبەر بېشىنى ق   قىيا   بۇراپ   بىرىنىڭ   ھارۋىسىنى  ئىتتىرىۋاتقانلىقنى  بىلدى  ، ئەمما  ھارۋا   يۆلەنچۈكىنى  تۇتقان قولىدا  قوشۇپ  تۇتۇۋالغان يامغۇرلۇقنىڭ  دالدىسىدا  ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرەلمىدى.
  ــ   بولدى  ،  مەن   ئۆزۈم  ماڭاي   ،   ــ   ئەكبەر  شۇنداق  دەپ  ئېغىز   ئېچىشىغىلا  ئۇ ھارۋىنى  تېخمۇ  تېز  ئىتتىرىشكە باشلىدى، تاكى ئەكبەرنى شىپاخانا  ئىشكى  ئالدىغا  ئەكەلگەنگە قەدەر بىر ئېغىزمۇ  زۇۋان  سۈرمىدى  ۋە  ھارۋىنى توختىتىپلا ئارقىغا بۇرۇلۇپ يامغۇرلۇقنى بېشىغا يېقىن تۇتقىنىچە  ئىلدام  قەدەملەر  بىلەن يۈرۈپ كەتتى.
ــ يالغۇز كەلدىڭمۇ،ئۇ قېنى؟ــ  سوردى  قادىر  دوختۇر  سىرىتقا  بويۇنداپ  قاراپ.
ــ كېتىپ قالدى،ــ دېدى ئەكبەر ۋە شۇئان ياندۇرۇپ  سوردى ، ــ سىز ئۇنى كۆرگەنمۇ  ؟  
ــ  كۆرمەي  قالاتتىممۇ ؟ سۈپۈرگىسىنى بىللە  ئىشلەيدىغان  تازلىق ئىشچسىغا بىرىپ ، دائىم ئوقۇيدىغان  سېنڭكىدەك   خاتىرسىنى  قوينىغا  سالغىنىچە  يۈگۈرۈپ بارغان  ئاشۇ  گۈلخۇمار دېگەن قىزنىڭ  ھارۋاڭنى  ئىتتىرگىننى  كۆرۈپ،تېخى ئالدىڭدىلا قايتىپ كەلگەن تۇرسام.
    ئەكبەر ھارۋىسىنى بىر ئايلاندۇرۇپلا يولغا چىقتى.يامغۇر يەنە ئاۋالقىدەكلا يېغىۋاتاتتى.
     قىز خېلى ئۇزاپ كەتكەن بولۇپ ،يامغۇردا چاپلىشىپ قالغان كېيىملىرى ئۇنى تېخىمۇ زىلۋا كۆرسىتەتتى،    چايقىلىۋاتقان ئۆرۈمە چاچلىرىدىن يامغۇر سۈيى تامچىيتتى......
7

كېچىچە  ياققان باھار يامغۇرىدا يۇيۇنغان دەل-دەرەخلەر جاھانغا مېھىر پۈركۈۋاتقان قوياشقا قاقلانماقتا، يوپۇرماقلاردا لىغىرلاپ قالغان تامچىلار قوياش نۇرىدا يالتىرماقتا .  شىرىن  تۇيغۇ  ئىلكىدە  ئەللەيلىنىپ، خېلىلا  روھلۇق  ئورنىدىن  تۇرغان  ئەكبەر  سەھەردىلا ھارۋىسىنى غىچىلدىتىپ يەنە باغچا تەرەپكە قاراپ  ماڭدى .  ھازىر  ئۇنىڭغا  تەبىئەتتىكى  ھەممە  نەرسىلەر  تولىمۇ  سۆيۈملۈك  تۇيۇلماقتا  . ھارۋىسى ئۆزى   كېتىۋاتقاندەك  شۇنچىلىك يەڭگىل تۇيغۇدا  ئالغا  ئىلگىرلىمەكتە . ئۇ شۇ  تاپتا  ھەتتا  ئۆزىنىڭ ناكا  پۇتلىرىنىمۇ ئۇنۇتقان ھالدا  قوللىرىنى  پىدالدىن ئاجرىتىپ،ئۆزىگە بۇنداق بەختىيار تۇيغۇنى ئاتا قىلغان گۈزەل تەبىئەتنى ، سۆيۈملۈك دۇنيانى باغاشلاش ئۈچۈن قۇچاقلىرىنى كەڭ  ئاچماقتا . ئەكبەر  ھارۋىسىنىڭ  يەنە  ئاۋالقىدەكلا   شۇنچلىك  يەڭگىل  ، ئېگىز- پەس ئىگىلىش ،   قايرىلىشلاردىمۇ  راۋان كېتىۋاتقانلىقىنى  بىردىنلا  بايقاپ  قالدى،ئەمما ئارقىغا قاراشقا زادىلا جۈرئەت قىلالمىدى ، ھازىر  پەقەت  ئۇنىڭ  قەلبىدە  بىر  خىل  بەخت  تۇيغۇسى توختاۋسىز تىپچەكلىمەكتە ئىدى .
سەھەر بولغاچقىمىكىن،ئەتىراپ جىمجىت.ھارۋا يەنە ئاۋۋالقى ئورنىدا توختىدى  . ئەكبەر خۇددى ئېغىز  ئاچسىلا،ئارقىغا قارىسىلا بۇ بەختىيار دەقىقە غايىپ بولىدىغاندەك، بىر سىرلىق كۈچ  قىزنى يىنىدىن  ئېلىپ  قاچىدىغاندەك تۇيغۇدا ئالدىغا قاراپ ئۈنسىز ئولتۇرماقتا .
ــ ئۇنىڭدىن  ئاجرىشىپ  كەتتىم ، ــ  دېدى قىز ئەكبەرنىڭ  شەپكىسىدىن  پاخپىيىپ چىققان ئۆسكىلەك   چاچلىرىنى مېھرى بىلەن سىلاپ.
ــ بۇنىڭدا مەن ئەيىبلىك،ئاشۇ كۈنى ...  
ــ ياق،سىزنى شىپاخانىدا كۆرگەندىلا ئاجرىشىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىمدىن مۇشۇ كۈنگە قالدىڭىز،مەن سىزگە زىيانكەشلىك قىلدىم ئەكبەر،ھازىرمۇ ماڭا كۆڭۈل بىرەلەرسىزمۇ ؟
ــ مۇشۇ ھالىمدا مەن سىزگە ئەر بولالارمەنمۇ گۈلخۇمار .
قىز ھارۋىنى يەڭگىل ئايلاندۇرۇپ ئەكبەرنى ئۆزى تەرەپكە قاراتتى ۋە ئۇنىڭ گۆشىسىز قاتتىق قوللىرىنى ئوتتەك  قىزىق،نازۈك بارماقلىرى بىلەن ئاستا سىلىدى ــ دە،ياقۇتتەك لەۋلىرىنى ئاۋۋال ئۇنىڭ مەڭزىگە، ئاندىن  قۇلىقىغا تەككۈزۈپ تۇرۇپ پىچىرلىدى :
ــ سىز ياخشى ئەر بولالايسىز ئەكبەر،بىز توي قىلايلى .
   قىزنىڭ ئوتلۇق نەپەسلىرى دىمىقىغا ئۇرۇلىشى بىلەن تەڭ ئەكبەرنىڭ زەھىپلەشكەن نىمجان ھوجۇدىدا     توسقىلى بولمايدىغان بىر خىل جاسارەت، رەھېمسىز رېئاللىققا جەڭ ئېلان قىلالايدىغان ئىسيانكار روھ مەۋج  ئۇردى  دە، بار ئاۋازى بىلەن ئاسمانغا قاراپ ۋارقىرىدى.
  ــ ياق ! مەن  تېخى  تۈگەشمىدىم ، مېنىڭ  ياشىغۇم  بار ، مەن ياشاشنى خالايمەن ، ئۆلۈپ كېتىشنى  خالىمايمەن،ھەرگىز خالىمايمەن !......


(قۇرلار سەل قالايمىقان بولۇپ قالدى،تۈزۈتۈپ ئوقۇشىڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن)
                     
  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قوياش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-13 12:55  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-10 13:17:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادى  ئەمگىكىزنىڭ  بوستانلىقىغا قەدەم باسقانلقىمدىن ئىپتىخار تۇيغۇسىدىمەن

ۋاقتى: 2014-7-11 01:06:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى يېزىشنى ئويلاۋاتامسىز؟ ياكى...؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-11 01:10:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 01:06
داۋامىنى يېزىشنى ئويلاۋاتامسىز؟ ياكى...؟

بۇرۇنلا يېزىپ بولغان ھېكايە ئىدى ، تور بەت يۈزىدە تەھرىرلەشتە سەل قىيلىنىۋاتىمەن .داۋامىنى ئەتە يازىمەن.

ۋاقتى: 2014-7-11 01:46:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرنى ئوقوشقا ئىشتىھا ساقلاپ يۇرۇيمەن !تەييار بولدىمايا ؟

ۋاقتى: 2014-7-11 12:11:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتىزار بولدۇم مۇئەللىم ،
ئۈزۈلمەس ، پۇتمەس رىشتىگە .
ئويلىنىپ قالدىم مۇئەللىم ،
دىققەت ، ئىملا قائىدىگە .

مەدەتلەر بولسۇن ،  داۋامىنى كۆرۈشكە تەقەززامىز .

ۋاقتى: 2014-7-11 15:04:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  سۇنداق  پەيزى  يىرىگە  كەلگەندە  ئۈزلۈپ  قالدى  دېسە ......

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-12 17:38:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمانىم يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 15:04
ھەي  سۇنداق  پەيزى  يىرىگە  كەلگەندە  ئۈزلۈپ  قالدى  دېسە ...

ئاخىرىنى يېزىپ قويدۇم،ئوقۇپ بېقىپ قىممەتلىك پىكىرلەرنى بىرىشىڭىزنى ئۆمۈد قىلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-13 00:08:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانى يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 12:11
ئىنتىزار بولدۇم مۇئەللىم ،
ئۈزۈلمەس ، پۇتمەس رىشتىگە .
...

ئاخىرىنى يېزىپ بولدۇم،ئوقۇپ قىممەتلىك تەكلىپ بىرشىڭىزنى  ئۆمۈد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2014-7-13 12:32:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوياش يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 00:08
ئاخىرىنى يېزىپ بولدۇم،ئوقۇپ قىممەتلىك تەكلىپ بىرشىڭ ...

بامۇ يا مۇئەللىم ،
داۋامى رىشتىنىڭ .
چوقۇم با مۇئەللىم ،
بەختلىك بۇ تۇرمۇشنىڭ .

  بولۇر داۋاملىق يازساق ،
پوۋىست ۋە ياكى رۇمان .
ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلساق ،
سالماق بولۇڭ ھەر زامان .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-13 13:14:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانى يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 12:32
بامۇ يا مۇئەللىم ،
داۋامى رىشتىنىڭ .
چوقۇم با مۇئەللىم ...

بەرسە قىزلار بۇنداق مەدەت،
ئىلھام تاشار ۋولقان كەبى .
يېزىشقىمۇ  ئاسان  بولار ،
ئەسەرلەرنى شۇنچە تەبئىي.

ۋاقتى: 2014-7-13 15:36:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى 10 نەچچە قېتىم تەستىقلىدىم دېسە! تەھرىرلەش مەشغۇلاتىڭىز ئەمدى تۈگىدىمۇ يا؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-13 16:56:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 15:36
بۇ تېمىنى 10 نەچچە قېتىم تەستىقلىدىم دېسە! تەھرىرلەش مە ...

سىزنى تازا ئاۋارە قىپتىمەن ،يېڭى ئەزا بولغاچقا شۇنداق بولۇپ قالدى.

ۋاقتى: 2014-7-13 16:56:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوياش يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 13:14
بەرسە قىزلار بۇنداق مەدەت،
ئىلھام تاشار ۋولقان كەبى .
...

تەبىئىي يېزىڭ ھەم بەدىئىي ،
ئىلھام كۈۋەجىسە سەل كەبى .
ئوخشاش ، مۇئەللىم ھەم يازغۇچى ،
ئادەم تەربىلەش  بىر مەقسىتى .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-16 16:07:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانى يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 16:56
تەبىئىي يېزىڭ ھەم بەدىئىي ،
ئىلھام كۈۋەجىسە سەل كەبى . ...

مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش