شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن دولان يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ
سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلارجەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى، مەكىت ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى، مەكىت ناھىيەلىك دولان قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يېقىندا، يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ جەنوبى تاغدىكى «ئىجادىيەت-ماتېرىيال مەركىزى»دە دولان قەلەمكەشلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش كۇرسى ئېچىلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2014- يىلى 7-ئاينىڭ9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەكىت ناھىيەسىدە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن دولان يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى.
سۆھبەت يىغىنىغامەكىت ناھىيەلىك دولان قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، «دولان مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى مۇتەللىپ سېيىت رىياسەتچىلىك قىلدى.سۆھبەت يىغىنىدا ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتى ئالاقە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شىرئەلى قۇربان قاتارلىق رەھبەرلەر مۇھىم سۆز قىلدى .
مۇئاۋىن رەئىس غەيرەت ئاسىم ۋە شىرئەلى قۇربان قاتارلىق رەھبەرلەر دولان قەلەمكەشلىرىدىن ئۆزلىرىگە يارىتىپ بېرىلگەن بۇقېتىمقى ياخشى پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، پائالىيەت داۋامىدا داڭلىق يازغۇچىلار ، ئەدەبىيات-سەنئەت تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئۇستازلار بىلەن بولغان ئارىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇلار بىلەن ئىجادىيەت، تەتقىقات مەسىلىلىرى ئۈستىدە كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى تېخىمۇ نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىشقا ئاساس سېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنىڭ زۆرۈرلىكى قاتارلىق ئىشلار ھەققىدىكى كۈتىدىغان ئۈمىد، تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى، ئىجادىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى،كۇرسانتلار بىلەن سۆھبەتتە بولدى.
دولان قەلەمكەشلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولالىشى قەلەمكەشلەرنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، تېخىمۇ نادىر ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغۇسى. بۈگۈنكى بۇ سۆھبەتكە دولان قەلەمكەشلىرىدىن 18 نەپەركىشى قاتناشتى.
غەيرەت ئاسىم، شىرئەلى قۇربان، مۇتەللىپ سىيىت قاتارلىق رەھبەرلەر رەئىس سەھنىسىدە
غەيرەت ئاسىم كۇرسانتلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى ۋە ئىجادىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدە توختالدى
شىرئەلى قۇربان ئۆزىنىڭ دولان مەدەنىيىتى ھەققىدىكى چۈشەنلىرىنى دولان قەلەمكەشلىرى بىلەن ئورتاقلاشماقتا
مۇتەللىپ سېيىت سۆھبەت يىغىنى قاتناشقۇچىلىرىغا دولان ۋە دولان ئەدەبىيات-سەنئىتى
ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلماقتا
سۆھبەت يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش