كۆرۈش: 1757|ئىنكاس: 0

ۋارىسجان ئاتاخان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
warisjan atahan.jpg

ۋارىسجان ئاتاخان (تاجىك)، 1978-يىلى 4-ئايدا ئاقتۇ ناھيىسىنىڭ تار تاجىك مىللىي يېزىسىنىڭ دۇختۇر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 2000-يىلى قەشقەر تېخنك-ئىشچىلار مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھيىسى قوغۇشلۇق يېزىسى مەرگىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان. 2007-يىلى 1-ئايدىن ھازىرغىچە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھيىسى قوغۇشلۇق يېزىلىق ئەمگەك ئىجتىمائى كاپالەت پونكىتىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
ۋارىسجان ئاتاخان 1994-يىلى قەشقەر ئەدەبياتى ژۇرنىلىنىڭ 4-سانىدىكى «بىخ» ناملىق شىئېرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ھازىرغا قەدەر «تارىم»، «قەشقەر»، «تۇرپان»، «يېڭى قاشتېشى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «قىزىلسۇ ئەدەبياتى»، « شىنجاڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى»، « شىنجاڭ گېزىتى»، «خەلق ئارمىيىسى»، « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق گېزىت ژۇرناللاردا 380 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر، 30 پارچىدىن ئارتۇق تاجىك فولىكور ماقالىلىرى، 15 پارچىدىن ئارتۇق نەسىر ئېلان قىلىنغان. «ئاسىيا كىندىك گېزىتى» تەرىپىدىن 2009-2010 ئۇدا ئىككى يىل مۇنەۋۋەر ئىختىيارى مۇخبىر بولۇپ مۇكاپاتلانغان. بىر قىسىم شىئېرلىرى « بۈركۈتلەر پەرۋازى» ناملىق كوللىكتىپ توپلامىغا كىرگۈزۈلگەن.
ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش