يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 624|ئىنكاس: 9

ۋاپايى(ت): نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ تۇنجى ساھىبى—سۇلى.پرودھوم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ تۇنجى ساھىبى كىم؟

نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى 1901-يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلغان بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر (1992-يىلىغا قەدەر) 92يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن. 1914-، 1918-، 1935-،ۋە 1940-يىلىدىن 1943-يىلىغىچە بولغان يىللاردا ئۇرۇش سەۋەبىدىن مۇكاپات تارقىتىلمىغانلىقى ھەم 1904-، 1917-، 1966- ۋە 1974-يىللىرى ھەر يىلى ئىككىدىن ئادەم مۇكاپاتلانغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپات ساھىبلىرى جەمئىي 89ئادەمگە يەتكەن. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپالىق بولۇپ، ئاسىيادىن ھىندىستانلىق تاگور ۋە ياپونىيىلىك دۇچۇ قاتارلىق ئىككىيلەنلا بۇنىڭغا نائىل بولغان. 1982-يىلىدىن بۇيانقى مۇكاپات ساھىبلىرى ئىچىدە لاتىن ئامرېكىسىدىن 4 ئادەم، ئافرىقىدىن 3 ئادەم بار بولۇپ، بۇلار لاتىن ئامرېكىسى ۋە ئافرىقا ئەدەبىياتىدىكى بۆسۈش ھېسابلىنىدۇ.
تۆۋەندە تۇنجى قېتىملىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى.
سۇلى.پرودھوم (1839-1907)فىرانسىيىلىك شائىر، نەسىر يازغۇچىسى، پەيلاسوپ. تۇنجى قېتىملىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى. ئەسلى ئىسمى لېن.فىلاسۇۋ.ئارمان.پرودھۇم بولۇپ، 1839-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى پارىژدا تۇغۇلۇپ، 1907-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى شەتىندە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ دادىسى باي سودىگەر ئىدى. پرودھوم ئىلگىرى پانادا ئوتتۇرا مەكتەپتە ۋە سانائەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. شىنەيدە كارخانىلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىنژىنىرى بولغاندىن كېيىن، پارىژغا قايتىپ قانۇن ئۆگەنگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئەدەبىياتقا قىزىقىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، كەسپى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.
26ياشقا كىرگەن يىلى سۇلى.پرودھوم تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «قاپىيە ۋە شېئىر»نى (1865) نەشىر قىلدۇرغان. بۇ توپلام ئەدەبى ئوبزورچىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىپ، ناھايىتى تېزلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، مەزكۇر توپلامدىكى «سۇنغان لوڭقا» دېگەن شېئىر ئىنتايىن كەڭ تارقالغان. شۇنىڭدىن كېيىن پرودھوم «زامانىمىزدىكى پارناس» دېگەن شېئىرىيەت ژورنىلىنى چىقىرىپ، شەكىل گۈزەللىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن شېئىرلار توپلىمى «سىناق»(1866)نى ئېلان قىلدۇرغان. «غېربلىق»(1869)دېگەن شېئىرلار توپلىمىدىن باشلاپ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ پەلسەپىۋىلىكى كۈچەيگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ يەنە لاتىن ۋە گرېك پەيلاسوپلىرىنىڭ پەسەپىۋى ئەسەرلىرىنى ئۆگەنگەن.
1870-يىلىدىكى پورتۇگالىيە-فىرانسىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سۇلى.پرودھوم خەلق ئالاھىدە ھەرىكىتى ئەترىتىگە قاتنىشىپ، ئاچلىق، سوغۇق، چارچاش سەۋەبىدىن پالەچ بولۇپ قېلىپ،  كېسىلى بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ياخشى بولالمىغان. 1872-يىلى ئۇ «ئۇرۇش دەۋرى تەسىراتلىرى» ۋە «تەقدىر» دېگەن شېئىر توپلاملىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا يەنە «فىرانسىيە»(1874)، «گۈلنىڭ قارشىلىقى»(1874)، «بىھۇدە نازۇكلۇق»(1875)، «ئاسمان ئۈستىدە»(1876) قاتارلىق شېئىر توپلاملىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ «ئادالەت» ۋە «بەخت» دېگەندەك داستانلارنى يېزىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆزىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان غەمخورلۇقىنى ۋە «بەخت ـــ قۇربان بېرىشتۇر» دېگەن ئىدىيىسىنى ئىپادىلىگەن. ئۇنىڭ يەنە «ئۈچ قىرلىق ئەينەك»(1886)، «تەۋەررۈك»(1908) دېگەندەك ئەسەرلىرى بار. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھېكمەت ۋە سىمۋۇلغا باي بولۇپ، بەزىدە سەپسەتىدىنمۇ خالى بولالمىغان.
ئۇ يەنە ئاز بولمىغان نەسىر ۋە تەنقىدى ماقالىلارنى يازغان بولۇپ، ئۇلار «گۈزەل-سەنئەتنىڭ بايانى ھەققىدە»(1884)، «نەزمىنامە»(1901) ھەم بىر قىسىم ئىجتىمائى ۋە دىننى تەرەپلەرگە مۇناسىۋاتلىك بولغان ئەسەرلەرنى، جۈملىدىن «پاسكالنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقى دىن»(1905) دېگەندەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سۇلى.پرودھوم 1881-يىلى فىرانسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ئاكادىمىكى بولغان. 1901-يىلى شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۇنىڭغا نوبىل مۇكاپاتى بېرىپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى «ئۇلۇغۋار غايە، مۇكەممەل گۈزەللىك ۋە ئاز كۆرۈلىدىغان روھ ھەم پاراسەتنىڭ جەۋھىرى» دەپ ئالاھىدە تەرىپلىگەن. سالامەتلىكى يار بەرمىگەچكە، 12-ئاينىڭ 10-كۈنى سىتوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق مۇراسىمغا كېلەلمەي، فىرانسىيىنىڭ شىۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاكالىتەن مۇكاپات ئالغان. سۇلى.پرودھۇم نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ تۇنجى «تاجدار شائىر»ى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بارلىق مۇكاپات سوممىسىنى شېئىرىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەلۇم بىر شېئىرىيەت مۇكاپاتىغا ئىئانە قىلىۋەتكەن، مۇكاپات تارقىتىش مەسئۇلىيىتىنى فىرانسىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالغان.
«سۇنغان لوڭقا»(1865)
سۇلى.پرودھۇم بارلىق ئەسەرلىرى بىلەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «سۇنغان لوڭقا» دېگەن ئەسىرى ۋەكىللىك دەپ قارىلىپ، 1865-يىلى ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ كەڭ تارقىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاغا ئېرىشكەن. بۇ شېئىر بەشلا كۇپلىتتىن تەركىب تاپقان:

سۇنغان لوڭقا
يەلپۈگۈچ تەگدى-دە، يېرىلدى لوڭقا،
تىزىلغان چېچەكلەر تامامەن سۇلۇپ.
تەگكەچكە ئۇ ئاڭا شۇنچىلىك ئاستا،
ھېچكىشى ئاڭلىماي قالدى سىر بولۇپ.

ئۇنىڭكى شۇنچىلىك كىچىك دەزلىرى،
كۈنسايىن يوغىناپ بارماقتا، ئەمما.
يېرىلىش توختاشتىن قالماقتا نېرى،
پۈتۈنلەي سۇنۇشقا يۈزلىنىپ لوڭقا.

تۆكۈلۈپ كەتكەن سۇ ئاقماقتا ئاستا،
ئۇندىكى چېچەكلەر چېچىلىپ ھەرياق.
تەگمەڭلار، بۇرادەر ئەمدى ئۇنىڭغا،
دېسەممۇ، ھېچكىشى سالمايدۇ قۇلاق.

يار قولى قەلبىمنى سىيپىغاچ ئۆتتى
گوياكى ئازابقا تۇتۇرۇق بولۇپ.
شۇ ھامان يۈرەككە دەزلەرمۇ كەتتى
سۆيگۈنىڭ چېچىكى بارغاچقا سۇلۇپ.

خەقلەرنىڭ ئالدىدا تۇرساممۇ ساپساق
چوڭقۇرلاپ بارماقتا دىلدىكى يارا.
مەن يىغلاي قېنىپ بىر، كېتىڭلار يىراق
دىل سۇنۇق ئەمدى ھېچ تەگمەڭلار ئاڭا.

مۇكاپات تارقىتىش سۆزى
شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ دائىمى كاتىپى
D.Cۋېلسون
ئالفېلد.نوبىل بۇ ئۇلۇغ مۇكاپاتنى تەقدىم قىلغاندا، ئۆمرى تەبىئى پەن تەتقىقاتى بىلەنلا ئۆتكەن ھەم شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي بايقاشلارغىمۇ مۇكاپات بېرىشنى قارار قىلغان. ئوخشاشلا، ئۇنىڭ جاھانچىلىق ئىدىيىسى ئۇنى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنىڭ كۈيچىسىگە ئايلاندۇرغان. ئۇنىڭ ۋەسىيىتىدە، ئەدەبىياتمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن، تەبىئىي پەنلەر ئۇنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى ئۈچۈن ئۇ ئەدەبىياتنى ئەڭ ئارقىسىغا قويغان.
ئەدەبىيات ئۇنى ھاياجانغا سالغان بولۇپ، ئەدەبىياتچىلار ئۇنىڭ غەمخورلۇق قىلىدىغان ئويىكتىغا ئايلانغان؛ كىشىلەرنىڭ قارىشى بويىچە، ئەدەبىياتنىڭ شىۋېتسىيىدە تارقىتىلىدىغان بۇ مۇكاپات رېتىنىڭ ئەڭ ئارقىسىغا تىزىلىشى تامامەن ئورۇنلۇق، چۈنكى مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئېسىل گۈلى، بەلكىم ئەڭ چىرايلىق ھەم ئەڭ نەپىس بولۇشى، ھازىرقى رېئاللىقنىڭ ئەڭ مۇنبەت تۇپراقلىرىدا ئېچىلماقچى بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
مەيلى قانداقلا بولسۇن، زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ مۇشۇنداق ھەرخىل گۈللەر بىلەن بېزەلگەن ھەشەمىتىدە، بېشىغا تاج كىيگەنلەر تارىخنىڭ شانىنىڭ ئورنىنى ماددى قىممەت بىلەن تولدۇرماقتا.
نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ قارارلىرىمۇ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىماقتا. «ئەدەبىيات» ئىنتايىن كەڭ دائىرىدىكى ئاتالغۇ بولۇپ، نوبىل فوند جەمئىيىتىنىڭ نىزاملىرى بۇنى پەقەت ساپ مەنىدىكى ئەدەبىيات ئەسەرلىرىگە ئەمەس بەلكى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتە ئەدەبىي قىممەتكە ئىگە بولغان ئەسەرلەر ئۈچۈن، دەپ شەرھىلىدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ ساھەمۇ كېڭىيىش بىلەن بىرگە قىيىنچىلىقمۇ كۆپەيدى. مەسىلەن، نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن يازغۇچىنىڭ ئارتۇقچىلىقى باشقا جەھەتلەردىن ياخشى-يامانغا ئايرىلماي، مۇكاپاتنى زادى لېرىك شائىرلارغا بېرىش كېرەكمۇ، داستانچىلارغىمۇ ۋەياكى دراماتىك شائىرلارغىمۇ دېگەن نۇقتىدا قىيىنچىلىق تۇغۇلدى؛ ئەگەر داڭلىق بىر تارىخشۇناس، ئۇلۇغ پەيلاسوپ ۋە تالانتلىق شائىردىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە، بۇ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتەتتى. ماتېماتىكلار ئېيتقاندەك، بۇنى ئوخشاش بىر ئۆلچەم بويىچە ئادىل بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما ۋاقتىنچە بىزنى بەزلەپ تۇرىدىغىنى، بۇ مۇكاپات يىلدا بىرلا قېتىم تارقىتىلغانىكەن، ئۇنداقتا بۇ بىرلا بۆسۈش خاراكتىرلىك نەتىجىسى بار يازغۇچىدا توختاپ قالماستىن يەنە بىر ئوخشاش نەتىجىدىكى يازغۇچىنىمۇ تاللاپ چىقالايدۇ، ئەمما ئۇ يەنە بىر يىلى ئۆزىگە مۇناسىپ بولغان مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ.
ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشش ئۈچۈن، كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر تەۋسىيىلەر شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە كېلىپ تۇرىدۇ، ئاكادىمىيىدىكىلەر بۇلارغا ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ چىقىپ، ئاندىن تاللايدۇ. شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى دۇنياۋى نوپۇز ۋە ئوخشاش ئەدەبىي مۇھىملىققا ئىگە ئوخشاش بولمىغان ئىسىملارغا قارىتا تالاش ئېلىپ بارغاندا، ئۇلارنىڭ تاللايدىغىنى بىرنەچچە نۇقتا بويىچە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان ئادەم بولۇپ چىقىدۇ. شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى تۇنجى قېتىملىق مۇكاپاتنى فىرانسىيە ئاكادىمىيىسىنىڭ شائىرى سۇلى.پرودھومغا بېرىشنى قارار قىلدى.
سۇلى.پرودھۇم 1839-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، شېئىرىيەت ساھەسىدىكى ئورنى 1865-يىلى «ئۇزۇن-قىسقا شېئىرلار» دېگەن توپلىمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشكە ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسەرلىرى بىرنەچچە توم شېئىرلار توپلىمى، پەلسەپىۋى ئەسەرلىرى ۋە ئېستىتىكا ئەسەرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر باشقا شائىرلارنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ئوچۇق مىجەزلىكنى ئاساس قىلىپ، كىشىلىك ھايات ۋە ئەتراپتىكى دۇنيانى ئەكىس ئەتتۈرگەن دېيىلسە، ئۇنداقتا سۇلى.پرودھۇم ئىنتايىن سەزگۇر ۋە نازۇك بولغان ئىچ مىجەز خاراكتىرلىق شائىر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئوبيىكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ ھالىتى ۋە سىرتقى ھالەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى يوق دېيەرلىك بولۇپ، بۇخىل ئەھۋاللار ئۇنىڭ شېئىرى ھېسنى قانداق ئىپادىلىشى ئۈچۈن ئەينەك بولغان. پانىي دۇنيانىڭ زادىلا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان قىزغىنلىق بېغىشلىشى، ئۇنىڭ گۇمانى ۋە ئازابلىرى، تەبىئىيلا ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ باش تېمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى شەكىل جەھەتتىن نەپىسلىككە، ئوبراز گۈزەللىكىگە ئىگە قىلىپ، ئوشۇقچە سۆز-جۈملىلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلانغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى قارىماققا سالماق بولۇپ، مۇڭلۇق مۇزىكىلىققا ئىگە ئەمەس، بىراق ھېسسىيات ۋە پىكىرنى ئىپادىلەشكە ماس شەكىلنى يارىتىش جەھەتتە تېخىمۇ ئەۋرىشىملىككە مايىل. ئۇ ئالىيجاناب روھ، بەكمۇ غېرىب ۋە ئازابلىق بولغان ھېسسىياتنى، شېئىر مۇھىت ئىچىگە قويۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى تەسىرلەندۈرۈشكە بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەن.
سۇلى.پرودھۇمنىڭ سۆزلىرى نەپىس ھەم سېھرى كۈچكە تولغان، سەنئەتتە كامالەتكە يەتكەن بولۇپ، زامانىمىزنىڭ مەشھۇر شائىرى، ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ئۆلمەس قىممەتكە ئىگە. شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئۇنىڭ مەدداھلىق قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن ئابسىتراكىت شېئىرلىرىدىن كۆرە، قىسقا مۇھەببەت لېرىكىلىرىنى بەكرەك نەزەرگە ئالغان. ئۇنىڭ مۇھەببەت لېرىكىلىرىنىڭ، خىيالى تۈسى قويۇق بولۇپلا قالماي بەلكى يەنە ئالىيجاناب، ئاز كۆرۈلىدىغان قايتۇرما تەپەككۇر ۋە مول ھېسسىيات بىر گەۋدە قىلىۋىتىلىپ، شۇ ئارقىلىق كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان شېئىرى مۇھىت پەيدا قىلىنغان.
ئومۇمەن، تەكىتلەش زۆرۈر بولغىنى، سۇلى.پرودھۇمنىڭ ئەسەرلىرى ئىزدىنىشچان، كۆزىتىشكە ماھىر شۇنداقلا پاراسەت بىلەن يېزىلغان. دۇنيانىڭ تۇراقسىزلىقى بۇخىل پاراسەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىشكە ئېرىشتۈرۈپ، شائىرنى ئەخلاق مەيدانى، ۋىجداننىڭ چاقىرىقلىرى ھەم يۈكسەك مەسئۇلىيەتنىڭ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان كۆرسەتمىسى ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان تەقدىرىنى شېئىرلاشتۇرۇشقا قاراپ يېتەكلىگەن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، سۇلى.پرودھوممۇ نۇرغۇنلىغان باشقا يازغۇچىلارغا ئوخشاشلا ئەدەبىياتتىكى «بىرخىل ئىدىيالىزملىق خاھىش»قا ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تۇنجى قېتىم مۇكاپات تارقاتقاندا، نۇرغۇنلىغان مەشھۇر ئەدىبلەر ئارىسىدىن سۇلى.پرودھومنى تاللاپ چىقىشى نوبىلنىڭ ۋەسىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
گەرچە بۇ تاجدار شەخىس مۇكاپاتنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كېسەل سەۋەبىدىن يېنىمىزغا كېلەلمىدى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن فىرانسىيە ئەلچىسىنى مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن ھەم شىۋېتسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ شەرىپىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزىمەن.
زىياپەتتە، باش كاتىپ D.Cۋېلسون فىرانسىيىنىڭ باش ئەلچىسى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، «بۇ فىرانسۇز شائىرى روھ ۋە ئەقىلنىڭ ئەڭ ئېسىل سۈپەتلىرىنى مۇكەممەل بىرلىككە ئىگە قىلغان» دېيىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن.
دۈنخۇاڭ ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى نەشىر قىلغان، ۋۇ يۆتىيەن باش بولۇپ تۈزگەن «نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى لۇغىتى»(1901-1992) دېگەن كىتابتىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى. 1993-يىل 8-ئايلىق نەشرى
ئابدۇۋەلى ئەيسا ۋاپايى تەرجىمىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 20:53  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-7 11:19:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر،ئۈنۈملۈك ئەمگىكىڭىزنى ككرۈپ سۈيۈندۈم.

ۋاقتى: 2014-10-22 12:36:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئۇستازىم !!! نەتىجىلىرىڭىزگە ،ئىجادىيىتىڭىزلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن.ئەجرىڭىزدىن سۇيۇندۇم!!

داۋۇت2 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-10-22 13:18:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
داۋۇت2 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-10-22 13:21:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2014-10-22 22:05:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياپونىيەلىك دۇچۇ؟ كاۋاباتا ياسۇنارىچۇ؟

ۋاقتى: 2014-10-23 20:26:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋۇت2 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 13:21
ئۆتكەندە بىرى تېخى بىر تور بەتتە ئىمىن تۇرسۇن دېگەن ئى ...

بەزىدە كومپىيوتېر مەشخۇلاتىدىكى خاتالىقنى توغرا چۈشىنىش كېرەك سادىغان كېتەي  !!!!!!   سادىغاڭ كېتەي ئەمەس سادىغان كېتەي دوستۇم

ۋاقتى: 2014-10-23 20:35:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋۇت2 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-22 13:18
توۋا خۇدايىم. ئىسىم بىلەن فامىلە ئارىسىغا نىمىشقا چېكى ...

پىكرىڭىزنى كۆرۈپ بىر نەرسىنى دىگۈم كېلۋاتىدۇ، بۇ دوكتۇر مېنىڭ ئۇستازىم بولدۇ، ئۇ ئادەتتە بىزگە ماقالە يازدۇرغاندا ئىملايىمىزغا بەك دىققەت قىلدۇ ،بۇنداق دىگىنىم ئۇستازىمغا يان باسقىنىم ئەمەس ، بىراق  بەزىدە كومپىيوتېر مەشخۇلاتىدا خاتالىق سادىر بۇلۇپ قالدۇ، بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولدۇ ،سادىغاڭ كېتەي ئەمەس سادىغان كېتەي دەپ يازىسىز ..............

داۋۇت2 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-10-23 23:13:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
داۋۇت2 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2014-10-23 23:13:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش