كۆرۈش: 5391|ئىنكاس: 10

سۇنبۇلە: «باھادىرنامە» رومانىدىكى باھادىرلىق سۈپەتلىرى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«باھادىرنامە» رومانىدىكى باھادىرلىق سۈپەتلىرى توغرىسىدا

رۇقىيە قادىر

«باھادىرنامە» رومانى 14-ئەسىردىن 16-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي كارتىنىسى تارىخىي، بەدىئىي يوسۇندا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن كاتتا ئەسەر بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرگە كۈچلۈك بەدىئىي زوق ئاتا قىلغاندىن باشقا، ئېسىل مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، كىشىلىك مۇناسىۋەت، گۈزەل ئەدەب-ئەخلاق، يۈكسەك ئىنسانىي پەزىلەتنىڭ ئۈلگىلىرىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.
روماندا ھەشەمەتلىك ئوردا تۇرمۇشى، شۇنىڭغا مۇناسىپ يۇقىرى تەبىقىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى، قائىدە يوسۇنلىرى، ئەخلاق-پەزىلەت مىزانلىرى  يېزىلغان. بۇنى يۇقىرى قاتلام ئوردا تۇرمۇشىغا مەنسۇپ دەپ قارىماستىن، تۇرمۇشىمىزغا تەدبىقلاشقا بولىدۇ. بۇنداق يېزىش ئاپتورنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك نەزەردە كۆزەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.
ئەسەر مەيلى تارىخنى بەدىئي يوسۇندا ئەكىس ئەتتۈرۈش مۇددىئاسىدا يېزىلغان بولسۇن، شۇ مۇددىئانى ئىپادىلەپ چىقىش جەريانىدا قوللانغان تەپسىلاتلار مەسىلەن كىشىلىك مۇناسىۋەت يوسۇنلىرى، پېرسوناژلارنىڭ تىل-ئالاقىسى، دېئالوگلىرى جەريانىدا ئىپادىلىنىپ چىققان ئىنسانىي پەزىلەتلەر ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىزگە، تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. بولۇپمۇ روماندىكى «باھادىر، باھادىرلىق» سۈپەتلىرى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ تەپسىلاتلار دىققىتىمىزنى ئالاھىدە جەلىپ قىلىدۇ. «باھادىر» سۆزى روماندا ئىشلىتىلىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ سۆزلەرنىڭ بىرى. «باھادىر» سۆزىنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئابزاس، جۈملە 145كە يېتىدۇ، «باھادىر» ئۇنۋانى تارتۇق قىلىش سەككىز يەردە، «باھادىر» بىلەن كەلگەن كىشى ئىسىملىرى15يەردە  ئۇچرايدۇ. بۇ سۆزنىڭ كۆپ قېتىم كۆرۈلگەنلىكىنى روماننىڭ ماۋزۇسىغا باغلاپ موشۇ سەۋەبتىنلا رومان باش تېمىسىنى يورۇتۇپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغان دەپ قاراش ئىلمىيلىك ئەمەس ئەلۋەتتە. ئەمما بۇ سۆز كۆپ تەكرارلانغانلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇرمەنلەر تەپەككۇرىنى ئۈزلۈكسىز غىدىقلاپ، «باھادىر، باھادىرلىق»تىن ئىبارەت بىر مەركەزگە «ئىنتىلىش كۈچى»نى   شەكىللەندۈرىدۇ-دە، ئاپتور «باھادىرلىق» تىن ئىبارەت كۆپ قاتلاملىق مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈكسەك ئىنسانى پەزىلەتنى تەشۋىق قىلىش، كىتابخانلارغا تەسىر كۆرسىتىش مەقسىتىگە يېتىدۇ.
«باھادىر»سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى«باتۇر،باتۇرلۇق»دېگەنلىك.① باتۇر سۆزى «خەۋپ-خەتەر، قىيىنچىلىقلاردىن قورقمايدىغان، يۈرەكلىك، جەسۇر» دېگەن مەنىدە. ②
روماندا«باھادىر»سۆزى ئۆزىنىڭ بۇ لۇغەت مەنىسىدىن ھالقىپ بىر قانچە قاتلاملىق مەنىگە ئېگە بولغان.
1.جەڭدىكى«باھادىرلىق»
روماندا بىر قاتار قەھرىمانلار ئوبرازى ماكرو بايان ئۇسۇلىدا يارىتىلغان بولۇپ، بۇ قەھرىمانلارنى خاراكتىرلەشكە ئەلۋەتتە «باھادىر»سۆزى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇنداق «باھادىرلىق»كۆپىنچە جەڭ مەيدانلىرىدا، ئۇرۇشتا قەھرىمانلىق كۆرسىتىشتە كۆپرەك ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، روماندا مۇنداق جۈملىلەر كۆپ ئۇچرايدۇ: «...بىر قانچە قېتىملىق جەڭدە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ئۈچۈن مەرتىۋىلىرىنى ئۆستۈرۈپ«پالۋان»، «باھادىر»ئۇنۋانىنى تارتۇق قىغانىدى.»(17-بەت)
«...جەڭ قىلماي  قېچىشنى باھادىرلىق شەۋكىتىگە مۇناسىپ كۆرمەيتتى.»(30بەت)
«...تولىمۇ ئېگىز بوي-بەستى،كۈچتۈڭگۈرلىكى ۋە جەڭ مەيدانىدىكى شىجائىتى بىلەن پۈتكۈل دەشتى قىپچاق دالاسىدا باھادىرلىقنىڭ سېمۋولى بولغان بۈرگە سۇلتان...»( 1817-بەت)
  روماندىكى ئاساسلىق سىيۇژىت لىنىيىسىمۇ خانلىق تالىشىش، مۇستەھكەملەش  كۈرەشلىرى، ئىستىلاچىلىق ۋە يۇرت-ماكانىنى قوغداش، گۈللەندۈرۈش يولىدىكى  كۈرەشلىرىنى ئاساس قىلىپ قانات يايىدىغان بولغاچقا جەڭ مەيدانىدىكى باھادىرلىق تەبئىيلا روماننىڭ مۇھىم ئەكىس ئەتتۈرۈش ئوبىكىتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
2.جىسمانى جەھەتتىكى «باھادىرلىق»
روماندا كۆپىنچە جىسمانى جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان ۋە شۇ ئەۋزەللىكى بىلەن دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلەرنىمۇ«باھادىر»دەپ سۈپەتلەيدۇ. بۇ سۈپەت پېرسوناژلارنىڭ كۈچلۈك بوي-بەستى، كېلىشكەن قەددى-قامىتى، ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتى كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. مەسىلەن، سەييىدئەلى ئالىپ مىرزا ئۇلۇغبەگنى يولۋاسنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قېلىپ، يولۋاسنى ئۆلتۈرگەندىن كىيىن، مىرزا ئۇلۇغبەگ ئۇنىڭ «باھادىر»لىقىغا قايىل بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئېھتىيات قىلىشقا باشلايدۇ. ئاپتور مۇنداق يازىدۇ:
«...ھەئە،مىرزا ئۇلۇغبەگ سەييىدئەلى ئالىپنىڭ تولىمۇ ئېگىز ھەم بەستلىك قەددى-قامىتىگە، كامالەتكە يەتكەن جانبازلىق ماھارىتىگە تولىمۇ ھەۋەس قىلاتتى. ئۆزىنىڭ سەركەردىلىرى ئارىسىدا ئاشۇنداق بوي-بەستلىك، كۈچتۈڭگۈر باھادىرلارنىڭ يوقلۇقىدىن ئەپسۇسلىناتتى.»(95-بەت)
مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ سەركەردىلىرىمۇ«...ھەقىقەتەن بوي بەستىگە لايىق پالۋان دېسە پالۋان دېگۈچىلىكى بار باھادىر ئەزىمەت ئىكەن...»(104-بەت)دەپ باھا بېرىدۇ.
مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ ئېھتىيات قىلغىنىنى«...ياخۇدا،يولۋاسنىڭ بالاسىدىن قۇتۇلغىنىم بىلەن يولۋاستىنمۇ يامان بىر باھادىرنى يېنىمدا ئېلىپ يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ؟»(104-بەت)دېگەن جۈملە بىلەن ئىپادىلەيدۇ.
يەنە سەركەردىلەرنىڭ چەبدەس، قابىللىقىنى مۇنداق جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ:
«...يا ھەزرەت ،نېمانداق مايمۇندەك چەبدەس باھادىر بۇ. ئات ئۈستىدە خۇددى يەردە تۇرغاندەكلا بىمالال ھەركەت قىلىدىكىنا...»(324-بەت)
«...باھادىرلىقلىرىغا ئاپىرىن، يېرىم كۈن ئىچىدىلا شۇنچىۋالا ئولجىلارغا ئېرىشىپتىلا، بۇنداق ئەلۋەك ئوۋنى ئاسانلىقچە قىلغىلى بولمايدۇ.»(156-بەت)
...«كېلىۋاتقانلارنىڭ كىيىنىشىدىن، سالاپىتىدىن قارىغاندا، ئۇلار چوقۇم كىچىك خان تاغام ھەم ئۇنىڭ سىپاھلىرى. كىچىك خان تاغام قايسىدۇر ...پاھ،ئۇنىڭ ئاتتا ئولتۇرۇشىمۇ، ئەتراپقا مەغرۇر قاراشلىرىمۇ نېمىدىگەن سۆلەتلىك. بىر قاراشتىلا ئۇنىڭ باھادىرلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدىكەن.»(2370-بەت)
3.ۋەتەنپەرۋەرلىكمۇ«باھادىرلىق»جۈملىسىدىن.
روماندا سۇلتان ئۇۋەيسخان تەختنى زورلۇق بىلەن ئېگەللىگەن زالىم شاھ تاغىسى شرمۇھەممەدخانغا قارشى ئۇزۇن مەزگىل يوشۇرۇن تەييارلىق كۆرىدۇ. ئۇنىڭ سەركەردىلىرى قېيناتىسى –تۈركىستان سۇلتانى(شەيىخ نۇرىدىن) دىن ياردەم سوراش تەكلىپىنى بەرگەن چاغدا ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«...ھەقىقىي باھادىر دېگەن ئۆزىگە، ئۆز قوۋمىغا تايىنىشى كېرەك. مەن تۈركىستان سۇلتانىنىڭ كۈيۈئوغلى بولساممۇ، لېكىن ئۆز پەرزەنتى ئەمەسمەن. مەيلى مەن نەدىلا بولماي، ئۆزۈمنى بۈيۈك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەرزەنتى دەپ ھېسابلايمەن. شۇڭا ھەرقانداق باھانە-سەۋەب بىلەن ئانا ۋەتىنىمگە يات ئەلنىڭ سەركەردە-لەشكەرلىرىنى باشلاپ بارالمايمەن. ئۇنداق قىلسام باھادىرلىق، ئوغلانلىق شەۋكىتىمگە داغ تەگكۈزۈۋالىمەن...(274-بەت)
موغۇلىستان ئېلى موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرۇۋاتقان چاغدا، سۇلتان ئۇۋەيسخان باشقىلارنىڭ ئاۋال تەخىتنى ئېگەللەش پىكىرىگە قارىتا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«...ئۆز ئېلىنى ياتلارنىڭ تەئەررۇزىدىن قوغدىماي تاجۇتەخت غېمىدە بولۇش، ھەقىقىي باھادىرلارنىڭ پەزىلىتى ئەمەس....»(276-بەت)
يەنە سەييىدئەلى ئالىپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، قەشقەرنى موغۇلىستان تەسەررۇپىغا قايتۇرۇپ كەلگەندە مۇنداق تەرىپلىنىدۇ:
«...قەشقەرنى تەسەررۇپىمىزغا قايتىدىن كىرگۈزدى. بۇ ئەزەل-ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان كاتتا باھادىرلىقتۇر.....جاھان باھادىرلىرىنىڭ پىر-ئۇستازى ئەلى شاھى مەرداننىڭ شانۇ –شەۋكىتىمۇ شۇنچىلىك بولۇر ئىدى.»(643-بەت)
4.ئاجىزلارنى بوزەك قىلماسلىق. كۈچلۈك ياۋغا باش ئەگمەسلىكمۇ «باھادىرلىق»جۈملىسىگە كىرىدۇ.
روماندا رەقىبىنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىشنى، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشنى، ھەقىقىي باھادىرلىق پەزىلىتىگە يات دەپ تەسۋىرلەيدۇ.مەسىلەن:
«...لېكىن رەقىب بولغۇچىنىڭ ماڭا قىلىچ يالىڭاچلىغۇدەكمۇ ماجالىمۇ بولمىسا، بۇنداق پەيىتتە ئاستانىگە مەيلى كۆپ، مەيلى ئاز لەشكەر بىلەن باراي نامەردلىك بولىدۇ.جاھاندىكى باھادىر-ئەزىمەتلەر مېنى مازاق قىلىدۇ.»(272-بەت)
«...كېسەل ياتقان خان بىلەن جەڭ قىلسا باھادىرلىق شەۋكىتىگە نۇقسان يېتىشىدىن ئەنسىرىگەن گەپ.»(298-بەت)
«...نەۋرە ئىنىلىرىدىن تەختنى تارتىۋالسىلا، باھادىرلىق شەۋكىتى ئالەمگە مەشھۇر بولغان شاھزادە ئۇۋەيسخان  بالىسى دىمەتلىك گۆدەك خاننى ئانىي تېپىپ تەختنى سويۇپ ئالدى، دەپ پىتنە قىلىۋىرىدۇ.»(339-بەت)
«...سەلتەنەتنىڭ سۈرىگە تايىنىپ كۈچ-قۇدرىتىڭنى ئاجىزلارغا كۆز-كۆز قىلما ھەمدە ئۇلارنىڭ پەنجسىنى يانچىشنى راۋا كۆرمە. يامانلىققا يامانلىق قىلىش باھادىرلارنىڭ پەزىلىتى ئەمەس.»(373-بەت)
«...دوستلىرىممۇ مېنى ۋاپاغا جاپا قىلىپ، كىچىك بالىنى بوزەك قىلىپ تەخت تارتىۋالدى دەپ دەپ پىتنە قىلۇر ھەم جاھان باھادىرلىرى مېنى كۆزگە ئىلماس، باھادىرلار قاتارىدا نامىمنى ئاتىماس.»(1089-بەت)
يۇقىرىدىكى جۈملىلەردە دىيىلگىنىگە ئوخشاش، بىر قەدەر كەڭ مەنىنى ئۆز ئىچىگە باھادىرلىق پىرسوناژلارنىڭ مۇھىم بىر تۈرلۈك ھەركەت مىزانىغا، ئىنسانىي پەزىلىتىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچىمىگە ئايلانغان.
5. «باھادىرلىق» دۇرۇس، توغرا نىيەتلىك بولۇش، ۋاپادار بولۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندىكىدەك مىساللاردىن بۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
«...نېمىگە يىغلايسەن، باھادىر يىگىت. كۆز يېشى باھادىر ئەزىمەتكە ياراشمايدۇ.»(1001-بەت)
«...يۇنۇسخان ھەقىقەتەن تەلەيلىك ئىكەن. موشۇنداق ۋاپادار، باھادىر نۆكەرگە ئېرىشمەك ئاسان ئەمەس...»(1002-بەت)
6. باھادىرلىق كۆپىنچە كەڭ قورساق، مەرد، ئەپۇچان بولۇشتەك پەزىلەتلەر بىلەن بىر قاتاردا قويۇلۇپ يېزىلىدۇ.
«...ۋۇجۇدلىرىدىكى مەردلىك ئادىمىي پەزىلەت ئاداۋەتخورلۇقتىن غالىب كەلگەن گەپ. ھەقىقىي باھادىر ئەزىمەت  دېگەن رەقىبىنى قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا پايلىمايدۇ. بۇنداق قىلىش قورقۇنچاق، نامەرد، توخۇ يۈرەكلەرنىڭ پەيلى. قىساسخورلۇق باشقا، مەردۇ مەردانىلىق باشقا. ھەر ئىككىلىسىنىڭ نامايان قىلىدىغان پەيتى، سورۇنى بولىدۇ.»(131-بەت)
«...ھېلىمۇ باھادىرلىقنى، مەردلىكنى ئەلا بىلىپ، خان تاغىلىرىنىڭ گۇپاسىزلىقىنى كۆڭۈللىرىدىن چىقىرىۋىتىپ، ئادىمگەرچىلىكنى ۋايىغا يەتكۈزدىلە.»(337-بەت)
«...كەڭ قورساق، باھادىر، مەرد ئوغلان ئىكەنلكلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپات قىلدىلا ئەمىرزادەم...»(388-بەت)
...«ئۇنى شۇ تاپتا ئۆلۈمگە بۇيرۇسام، ماڭا بىلدۈرگەن ھۈرمەتسىزلىكىنى، ھاكاۋۇرلۇقىنى بۇرنىدىن چىقارسام بولىۋىرىدۇ. لېكىن ئۇنداق قىلسام نامەردلىك قىلغان بولىمەن، باھادىرلىق شەۋكىتىمگە داغ چۈشۈرۈۋالىمەن...» (405-بەت)
«...باھادىرلىقى، تەدبىرلىكلىكى، مەردۇ مەردانىلىقى بىلەن بالىلىق قەلبىدە ئۆچمەس سىيما بولۇپ قالغان...»(يۇنۇسخاننىڭ بالىلىق قەلبىدىكى سەييىدئەلى ئالىپ ئوبرازى)(953-بەت)
«...رەقىبىگە رەقىب بولۇش باھادىرلىق، رەقىبىنىڭ ئازاب–سىتەملىرىنى كەچۈرۈۋىتىشمۇ ئوخشاشلا باھادىرلىق، ھەقىقىي ئەقىللىق ئىنسان رەقىبىنى دوستىغا ئايلاندۇرالايدۇ، دەپ تەلىم بەرگەن ئەمەسمىدى ؟(شەرەفىدىن ئەلى يەزدى)(1017-بەت)
«...جەڭدىكى زەخم-زەخمەتنى كۆڭلىدە ئاداۋەت قىلىپ ساقلاش مەرد باھادىرلارنىڭ ئىشى ئەمەس.»(2561)
«...شول تاپتا سىلەردەك كەڭ قورساق، ئەپۇچان، مەرد، باھادىر سەركەردىلىرىمنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىۋاتىمەن.»(2071-بەت)
«...بۇنداق ساداقەتمەن كىشىنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلماسلىق باھادىرلىق مەزھىپىدە نامەردلىكتۇر.»(2748-بەت)
7.ئائىلىگە سادىق بولۇش، خوتۇن-بالىلىرىنى جان تىكىپ قوغداشمۇ باھادىرلىققا خاس پەزىلەت.
سۇلتان ئۇۋەيسخان موڭغۇل خانى ئىسان تايشىدىن يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغاندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇنداق سۆھبەت بولۇپ ئۆتىدۇ:
«مەگەركى ئۆزلىرىنى يەنىلا مەرد، باھادىر ئەزىمەت ھېسابلىسىلا، خاتۇن-بالىلىرىمىزغا زىنھار زەرەر يەتكۈزمىگەيلا.»(416-بەت)
...«يارايسەن ئۇۋەيسخان، يىگىتتەك گەپ قىلدىڭ، خاتۇن-بالىلىرىنى سۆيمىگەن، قەدىرلىمىگەن ئەرنى قانداقمۇ ئەر دېگىلى بولسۇن ؟ ئۆزۈڭنىڭ جېنى بىلەن بولماي، ئاشۇ ئاجىزەلەرنىڭ غېمىنى يەۋاتىسەن.  مانا بۇنى باھادىرلىق دەيمىز...»
«...يوقسۇ ئالىيلىرىنىمۇ جاھاندىكى شىرمەت باھادىرلارنىڭ بىرى دەپ ھېسابلىغىنىم ئۈچۈن ئۆتۈنىۋاتىمەن.»(416-بەت)
«باھادىر» سۈپىتى يەنە تۆۋەندىكىدەك پەزىلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، روماندا ئوتتۇرغا قويۇلغان قىممەتلىك پىكىر جەۋھەرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ:
نەپسىدىن غالىپ كېلىش
«...ئىنسان ئۈچۈن نەپسىدىنمۇ قۇدرەتلىك دۈشمەن يوقتۇر.سىلەر ئاشۇ قۇدرەتلىك رەقىب ئۈستىدىن غالىب كەلدىڭلار. ئىشەنچىم كامىلكى بۇنداق جاسارەتكە ئېگە باھادىرلار بىلەن ھەرقانداق قۇدرەتلىك ياۋنىمۇ باش ئەگدۈرگىلى بولىدۇ.»(1710-بەت)
ئۆلۈمگە دادىل يۈزلىنىش
«...ئاھ، ئاشۇ باھادىرلىق جاسارىتىم نەگە كەتتى مېنىڭ؟ ئۆز پەرزەنتىمدىن ۋاپا كەلمىگەن بۇ ئالتە كۈنلۈك دۇنياغا نېمانچە تارتىشىمەن؟ نېمىشقا مەردلىك بىلەن ئۆلۈمگە يۈزلىنەلمەيمەن؟ شۇنچىلىك قورقۇنچاق بولۇپ كەتتىممۇ ئەمدى؟...(846-بەت)
پەم-پاراسەتلىك، ھوشيار بولۇش
...ھۈرمەت ئېتىبارى پادىشاھ سۈپەتلىك، مەردۇ مەردانىلىقى باھادىر سۈپەتلىك، پەزىلەت ۋە پاراسىتى دانىشمەن سۈپەتلىك مىرزا مۇھەممەد ھۈسەيىن كۆرەگان جانابلىرىغا كەمىنە خۇسرەۋ شاھتىن بېھىساب سالاملار بولغاي.(2430-بەت)
...«باشقىلار تۈمەنلەپ لەشكەر بىلەن ئالالمىغان سەمەرقەنتنى مانا مەن بىر پارچە خەت بىلەن ئالىدىغان بولدۇم. بۇمۇ خېلى-خېلى سەركەردىلەرنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان كاتتا باھادىرلىق...»(2265-بەت)
رەقىبىگە دادىل يۈزلىنىش
«...ھەقىقىي سەركەردە مەيدان جېڭىدىن باشقىنى كۆزگە ئىلمايتتى، باھادىرلىقىنى مەيدان جېڭى ئارقىلىق كۆز-كۆز قىلاتتى، ماختىناتتى.»(1653-بەت)
«...ناۋادا ئول پەھلىۋان ئەمىر بىلەن جەڭ مەيدانىدا يەكمۇ-يەك ئېلىشىپ، يېنىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ گۈرزىسىنى ئېلىۋالالىسىلا ئۇ باشقا گەپ، ئەمما سىلىنىڭ ئۇنچىلىك باھادىرلىقلىرىغا ئىشەنمەيمەن.»(1612-بەت)
«...ھەقىقىي باھادىر بولسىلا قۇرۇق قارارگاھقا باستۇرۇپ كىرىپ، ئاجىزەلەرگە ھەيۋە كۆرسەتمەي، مەيدان جېڭى قىلسىلا.»(1284-بەت)
ئۆزىنى بىلىش
«...بىر كىشى ئۆزىنى چۈشەنمىسە ئىلىمنى، ئىلىم ئەھلىنى، ياخشى كىشىلەرنى، ياخشى نەرسىلەرنى بىلمىگەي. ئۆز ئەيىبىنى بىلىپ، ئۇنى تۈزەتمەككە ئەستايىدىل كىرىشكەن كىشى چىن باھادىر، پەھلىۋان كىشىدۇر.»(2076-بەت)
«...بۇنداق ناچار خىيالنى ۋە بولمىغۇر تەسەۋۋۇرنى كۆڭۈلدىن كەچۈرۈشنىڭ ئۆزىمۇ شەرىئەتتە ھارام، ياخشىلىق مەزھىپىدە نىجىسلىق، باھادىرلىق مەزھىپىدە ناجىنىسلىقتۇر.»(2673-بەت)
«...يالغۇز كىتابقىلا كىرىشىۋالماي، لەشكىرىي ئىلىم، تۈرلۈك جەڭ ماھارەتلىرىنىمۇ پۇختا ئۆگەن. قەلەمدىمۇ، ئەلەمدىمۇ تەڭ يېتىشكەندىلا ھەقىقىي باھادىرلاردىن بولغىلى، كاتتا ئىشلارنى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ.( 2646-بەت)
دېمەك، روماندا «باھادىر» سۈپىتىنى مەركەز قىلغان، ئادىمىيلىك پەزىلەتنى ئۆلچەيدىغان بىر قاتار قىممەت سېستىمىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ رومان ۋەقەلىكىگە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان دەۋرقەھرىمانلىرىغىلا ئەمەس، بۈگۈنكى دەۋرىمىز كىشىلىرىگىمۇ تەدبىقلاشقا بولىدۇ.
روماندىكى ئاياللارنىڭ «باھادىرلىقى»مۇ كىشىنى ئىختىيارسىز قايىل قىلىدۇ. ئاياللار گەرچە جىسمانىي كۈچ جەھەتتىن ئاجىز بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ پەم-پاراسىتى، ئەرلەردىن قېلىمىغۇدەك جاسارىتى ۋە مەردۇ-مەردانىلىقى ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھى بىلەن «باھادىر»دەپ سۈپەتلەشكە تامامەن ماس كېلىدۇ. تۆۋەندىكى جۈملىلەرنى كۆرۈپ باقايلى:
«...جاھان جاھان بولۇپ ئەلمىساقتىن تا ھازىرغىچە مەرھۇم كۈيۈسىدىن قالغان تەخت-سەلتەنەتنى مۇستەھكەملەش، روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن ياش ئۆمرىنى سەلتەنەت ئۈچۈن بېغىشلىغان، شۇنداقلا ياش ئوغلىنى پەرۋىش قىلىشقا قاراتقان جاسارەتلىك، ئەر ھىممەتلىك ئانىلار تولىمۇ ئاز كۆرۈلگەن.  سىلى ئەنە شۇنداق ماختاشقا، قايىل بولۇشقا سازاۋەر باھادىر ئانىلارنىڭ بىرى.»(2260-بەت)
بۇ سۆزنى گەرچە شەيبانىخان ئايجامال ئاغىچىنى ئالداپ مۇھەببەت خېتى يېزىپ، ؟نى تارتىۋېلىش مەقسىتىدە دەۋاتسىمۇ، سۆزنىڭ ئۆزى توغرا. روماندا موشۇنداق ئاياللار ئوبرازى بار.
تۈركىستان مەلىكىسى دۆلەتسۇلتان خېنىم ئۆز ئېلى تاجاۋۇزغا ئۇچرىغاندا ئۆزى باش بولۇپ جەڭگە چىقىپ شۇنداق دەيدۇ:
«...تۈركىستان باھادىرلىرىمۇ جەڭگە يارالغان.  بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچە يوللىرىنى توسقىنىمىز توسقان ...»(820-بەت)
سۇلتان ئۇۋەيسخان  سىڭلىسى مەختۇمسۇلۇ ئۆز ئېلىنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن يات موڭغۇل خانىغا ياتلىق بولۇشقا رازى بولىدۇ. بۇ چاغدا ئىسان بۇغاخان ئۆزىنىڭ بىقۇۋۇللىقىدىن، سىڭلىسىنى قوغدىيالمىغانلىقىدىن قاتتىق ئازابلىنىپ ئوردىغا قايىتقاندا شاھسانىيە سۇلتان خاتۇن مۇنداق دەپ تەسەللى بېرىدۇ:
«...ئول قەۋمدىن ئۆز قوۋمى، سەلتەنەتى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا تەييار مەرد–باھادىرلار چىقمىسا ئۇنداق قوۋم، سەلتەنەت تېزلا ۋەيران بولىدۇ، چىرىپ تۈگەيدۇ... ئاشۇنداق ئەر ھىممەتلىك سىڭىللىرى بولغانلىقىدىن پەخىرلەنسىلە.»(422-بەت)
يەنە مەختۇمسۇلۇ مۇنداق تەرىپلىنىدۇ:
«...ئاياللار تائىپىسدىنمۇ ئاشۇنداق ئەر ھىممەتلىك باھادىرلار چىقىدىكەن...مىڭ يىگىتكە تېگىشكۈسىز قىز ئىدى ...»(678-بەت)
روماندا ئاساسلىق پېرسوناژلارنىڭ بولۇپمۇ ئادالەتلىك، جاسارەتلىك سۇلتانلارنىڭ  ھەممىسى دىگۈدەك «باھادىر» سۆزى بىلەن سۈپەتلىنىدۇ، ياكى «باھادىر» سۆزىنى ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن «باھادىر» سۈپىتى تېخىمۇ كونكىرىتلىشىدۇ.
ئەسەردە ئاپتور «باھادىرلىق» سۈپىتىنى ئىسپاتلايدىغان تەپسىلاتلارنى ئوتتۇرغا قويغاندىن كىيىن «باھادىرلىق» ئەنە شۇنداق بولدىغانلىقىنى پەقەت زۆرۈر بولغان جايلاردىلا يازىدۇ. كىتابخانلار باھادىرلىق پەزىلىتىنىڭ ئۆلچەملىرىنى ھېس قىلغاندىن كىيىنلا بەزى تەپسىلاتلاردا ئالاھىدە ئىزاھلىمىسىمۇ «مانا بۇ باھادىرلىق»ئىكەن دەپ ئىختىيارسىز ھۆكۈم قىلىدۇ. بۇ ئەسەردىكى ئۈنۈملۈك بولغان ئستېتىك زوقلىنىش ئادىتىنىڭ رومان ئوقۇش جەريانىدا كىتابخاندا يېتىلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
روماندىكى يەنە بىر نۇقتا «سەككىز باھادىر يۇلتۇزى» بولۇپ، روماننىڭ 6-قىسىمىدا جەڭ قىلىش ۋاقتىنى موشۇ يۇلتۇزنىڭ ئورنىغا قاراپ بەلگىلەيدىغان بىر تەپسىلات بار. قايسى يۇلتۇز تۈركۈمى«سەككىز باھادىر يۇلتۇزى» دەپ ئاتالغان؟ ئىلگىرى ھەقىقەتەن موشۇنداق ئاتالغانمۇ ياكى ئاپتۇر باش تېما ئېھتىياجى بويىچە موشۇنداق ئاتىدىمۇ ؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك.
يىغىنچاقلاپ ئېيىتقاندا، روماندا يورۇتۇلغان «باھادىرلىق» باتۇرلۇق،  مەرد-مەردانىلىق، ئەپۇچانلىق، كەڭ قورساقلىق، پەم-پاراسەت، ئۆزىنى بىلىش قاتارلىق ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان ئىنسانىي كامىللىقنىڭ بىر ئۆلچىمى بولۇپ،  بىزنىڭ ئەسەرنى ئۆگىنىش–تەتقىق قىلىشىمىزدا، ئىنسانىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈشىمىزدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە.

ئىزاھاتلار:
①(«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 405-بەت، مىللەتلەر نەشىرىياتى 1990-يىل نەشىرى)
②(«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» 405-بەت، مىللەتلەر نەشىرىياتى 1990-يىل نەشىرى)

پايدىلانمىلار:
1. ياسىنجان سادىق چوغلان، «باھادىرنامە» 1-2-3-4-5-6-قىسىم ، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2010-يىل 8-ئاي نەشىرى
2. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 1990-يىل نەشىرى
3. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، «ئومۇمىي ئستېتىكا»، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2009-يىل 8-ئاي نەشىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-5 11:08  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-5 12:28:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئاپىرىن.باھادىرلىقنىڭ مەزمۇن ۋە مەناسىنى ياخشى ئىزاھلاپ بىرىپسىز. .

ۋاقتى: 2014-7-5 17:51:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھادىرلىقنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بېرىپسىز ،قىزىقىپ قالدىم، تەتىلدە بۇ روماننى چوقۇم ئوقۇپ چىقىمەن،ياراتقۇچىسى خالىسا!

ۋاقتى: 2014-7-5 19:31:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    «باھادىرنامە» دېمەك  باھادىرلارغا ئاتالغان ئەسەر دېمەك.  بۇنداق ئەسەرلەردە باھادىرلار قانداق تەسۋىرلىنىشى كېرەك؟ بۇ تەسۋىرلەر مۇۋاپىق دېيىلسە، باھادىرلىق نىڭ سىز خۇلاسىلەپ  چىققان سۈپەتلىرىنى  بارلىققا كەلتۈرگەن  ''مەيدان'' نېمە ؟ بۇنداق باھادىرلىقنىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىشىدا بايانچىنىڭ رولى قانچىلىك؟  سىز خۇلاسىلەپ چىققان باھادىر لىق سۈپەتلىرى بىزنى قانداق بىر ئىستېتىك مەنزىلگە باشلاپ بېرىشى مۇمكىن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھۈسەن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-5 19:32  


ۋاقتى: 2014-7-6 13:24:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھادىرنامە ھەققىدىكى ئىزدىنىشىڭىزگە ئاپىرىن!

ۋاقتى: 2014-7-6 13:29:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        «باھادىرنامە» ھەققىدە يەنە ماقالىلىرىڭىز بولسا، ھەممىنى جەملەپ، بىرلا ماۋزۇ ئاستىدا ماڭا يوللاپ بېرەمسىز؟ ئېلان قىلىۋىتەي. جاۋبىڭىزنى كۈتىمەن.

ۋاقتى: 2014-7-6 14:15:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ«باھادىرنامە»رومانىنى ئوقۇغان ئىدىم سىز رومانىدىكى باھادىرلىق سۈپەتلىرى توغرىسىدابۇ تىمىنى يىزىپ روماننى تىخمۇ يۇقۇرى بالداقكۆتۇردىڭىز سىزگە مەدىھىيەلەر بولسۇن

ۋاقتى: 2014-7-11 15:34:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹باھادىرنامە›› نىڭ ئىخلاسمەن ئوقۇرمىنىگە ‹‹بابۇرنامە››نى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن!

ۋاقتى: 2014-7-18 15:48:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن سىزگە ، ئەسلى مەخسۇس تەتقىق قىلىنىشى كېرەك ئىدى . بىزدە بۇنداق نادىر ئەسەردىن قانچىسى بار -ھە !... كېيىن ، بەك كېيىن چىقامدۇ يە بۇ كىتاب ھەققىدىكى تەتقىقات ئىزدىنىشلەر ، ئۇدۇمىمىز بويىچە ...

ۋاقتى: 2016-3-9 22:45:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   رۇقىيە قادىرنىڭ «باھادىرنامە» رومانىدىكى باھادىرلىق سۈپەتلىرى توغرىسىدا دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ، بەكمۇ ھاياجانلاندىم ، شۇنداق، مۇشۇنداق ياخشى ئەسەر ئەسلى مەخسۇس تەتقىق قىلىنىشى ، چوڭقۇرلاپ ئىزاھلىنىشى كېرەك ئىدى . بىزدە بۇنداق نادىر ئەسەردىن قانچىسى بار -ھە !...


ۋاقتى: 2016-3-9 22:45:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇقىيە قادىرنىڭ «باھادىرنامە» رومانىدىكى باھادىرلىق سۈپەتلىرى توغرىسىدا دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ، بەكمۇ ھاياجانلاندىم ، شۇنداق، مۇشۇنداق ياخشى ئەسەر ئەسلى مەخسۇس تەتقىق قىلىنىشى ، چوڭقۇرلاپ ئىزاھلىنىشى كېرەك ئىدى . بىزدە بۇنداق نادىر ئەسەردىن قانچىسى بار -ھە !...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش