يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 5360|ئىنكاس: 11

مۇھەممەتجان قۇربان:«ئالا ئىت قىياسى» دىكى ئەپسانىۋى كەڭلىك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«ئالا ئىت قىياسى» دىكى ئەپسانىۋى كەڭلىك

مۇھەممەتجان قۇربان

         « قۇرۇقلۇق دېڭىزىنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرىنى توسۇپ تۇرماقتا،دېڭىز قۇرۇقلۇققا تىنىمسىز ئۇرۇلماقتا،زىمىن ۋە كۈن بىلەن تۈن پەيدا بولغاندىن تارتىپ،ئۇلار مانا موشۇنداق ئېلىشىپ كەلگەن. » ئەسەر مانا موشۇنداق قويۇق ئەپسانىۋى تۈستە باشلانغان بولۇپ،يەنە قويۇق ئەپسانىۋى تۈستە ئاياغلاشقان.دەسلەپتە دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇقنىڭ مەڭگۈلۈك ئەپسانىسىنى ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا تاشلايدۇ.ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۇك بىر قانۇنىيەتنى بايقايدۇ.ئاپتۇر ئارقىدىنلا « ياۋا ئۆردەك لوۋىر» ئەپسانىسىنى بايان قىلىپ قۇرۇقلۇقنىڭ دېڭىزدىن قانداق ئايرىلىپ پەيدا بولغانلىقىنى ئەپسانىۋى تۈستە ئۇقتۇرىدۇ.بۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنىڭ پەيدا بولىشى سۆزلەنگەن،شۇنىڭ ئىنسانلار يېڭى ئىراسى باشلانغان.ھەم يۇقىردىكى مەڭگۈلۇك ئەپسانە-دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇقنىڭ ئەپسانىسى بارلىققا كەلگەن.ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئىراسى بار بولغانىكەن ،بۇ ئىرادا ئىنسان بولۇشى كىرەك.ئاپتۇر «پەرىزات بېلىق» ئەپسانىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ،ئەجداد مەنبەسى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تارايتىلىپ،نىۋخلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى ئەپسانىۋى مەنبەگە باغلايدۇ.ئۆزلىرىنىڭ بەخىت- سائادىتىنى ،كىلەچىكىنى،ئۆتمۈشىنى،ئەجدادلىرىنى «ئالا ئىت قىياسى » غا باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.ھەم ئۇنىڭغا يۈكسەك مۇھەببەت باغلاپ ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ.
       كىتابلاردىن «ئۆتكەن 20-ئەسىر ئەپسانە ئەسىرى بولىدۇ» دىگەننى ئوقۇغان ئىدىم.بۇ ئەسىردە ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان جەمىئىيەت،تەبىئەت توغىرىسىدىكى ئەپسانىۋى چۈشەنچىللىرىنى،ئۆزلىرىنىڭ جەمەت،ئەجداد،كىلىپ چىقىش،نەسىل،يىلتىز توغرىسىىكى ئىزدىشىنى باشلىدى.چىڭغىز ئايتماتوۋ يازغۇچىغا خاس ئىچكى تۇيغۇدا بۇ خىل روھنى مەسئۇلىيەت ۋە ۋىجدان دەرىجىسىگە كۆتۈردى.بۇ خىل روھ ئىنسان تەبئىتىدىكى قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇقنىڭ كەسكىن توقۇنۇشلىرى ئىچىدە بارا-بارا زورىيىپ،يۇقارقى«ياۋا ئۆردەك لوۋىر »،«پەرىزات بېلىق»،«ئالا ئىت قىياسى » قاتارلىق ئەپسانىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.
يازغۇچى بۇ ئەپسانىلەرنى نىۋىخلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا يۈكسەك بەدئىي ماھارەت بىلەن باغلايدۇ.ھەمدە شۇ ئارقىلىق يىلتىز ئىزدەش ۋە ئەجدادلاردىن ئۆرنەك ئېلىش ، ئەجداتلارنى سېغىنىش ھىسياتىنى ،ھالاكەتكە يۈزلىنىۋاتقان تۆت بېلىقچىنىڭ ھايات –مامات ھەققىدىكى ئەڭ تىرەن تۇيغۇلىرى ۋە ئېڭىغا سىڭدۈرۈپ،ئورگان بوۋاينىڭ،مىلوگىننىڭ،ئەمرايىننىڭ ئۆلىمى ئارقىلىق قېرىلىقنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەش ئارقىلق نەسلىنى قوغداش مەسئۇلىيتىنى يۈكلەيدۇ.بۇ تۆت پىرسۇناژ ئەپسانىۋى تۈس ئالغاندەك قىلغان بىلەن تۇيغۇ بىرىدۇ.چۈنكى ئۇلار ئەپسانىنىڭ ئاساسلىق ئىلگىرى سۈرگۈچىللىرى ھەم قويۇق بولغان ئەپسانىۋى، چۈش،خىيال ئارسىدا ئۈزۈپ يۈرۈيدۇ.لىكىن ئەسەرگە يازغۇچىنىڭ ئويىچە سەنئەت نوقتىسىدىن كۈزەتسەك، تۆت پىرسۇناژنىڭ كەچۈرمىشلىرى يەنىلا ئەپسانە.بەلكى ناھايىتى گۈزەل ۋە تەسىرلىك بولغان يارالمىش «ھازىرقى زامان ئەپسانىسى.»
ئەسەرمۇ قويۇق ئەپسانىۋى تۈس ئالغان ھالدا باشلىنىدۇ.تۆت ئادەم ناھايىتى يىراق  بىر جايغا ئوۋ ئوۋلاشقا دېڭىزدا بارىدۇ.دەھشەتلىك دېڭىز دولقۇنى،ئادەمنى ۋەھىمىدە غال-غال تىتىرتىدىغان قورقۇنۇشلۇق تۇمان،جاندىن ئۆتىدىغان سوغوق ،قاراڭغۇلۇق ،چىدىغۇسىز ئۇسسۇزلۇق،ئاچلىق...مانا بۇلار ئەپسانىنىڭ ئىلمىنتلىرى.ئورگان بوۋاينىڭ «پەرىزات بېلىق» قا ئۆزىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى،ئۇنىڭغا نىسبەتەن قوزغالغان غايىۋى مۇھەببىتىنى كۈندۈزى خىيال قىلسا كىچىسى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقى ،ئەمرايىن بىلەن مىلىگوننىڭ باتۇر، قورقماسلىقى ،ئەل ئىچىدە تىللاردا داستان بولغان جەمەتىگە،قوۋمىغا بولغان ۋاپادارلىقى، ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىسىنى جان دىل بىلەن ئورۇندايدىغان خىسلىتى، قىرسىقنىڭ بولسا بوۋىسىدىن ئەڭ قەدىمى ھەم ئەڭ ئاساسلىق پائالىيەت سېتىقچىلىقنى ئۆگەنمەكچى بولغانلىقى،دېڭىزدىكى خەتەرلەرگە باش ئەگمىگەنلىكى قوشۇلۇپ،ئادەمنىڭ يۈرەك تارىنى چىكىدىغان «تۆت ئادەم ئەپسانىسى » نى بارلىققا كەلتۈردى.بۇ ئەپسانىلارنىڭ ئۆز-ئارا ئىچكى باغلىنىشىغا ئادەمنىڭ يۈكسىلىش جەريانىدىكى تېما – غايە بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرسىدىكى مەڭگۈلۈك زىددىيەت سىڭىپ كىتىدۇ.
«ئالا ئىت قىياسى »پوۋسىتىدا ئۆلۈم يۈكسەك دەرىجىدە ئەپسانىۋىلاشتۇرۈلگەن ھەم ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇلغان. پالاق دېڭىز دولقۇنىغا دۇچ كىلىپ نىشاندىن ئادىشىپ قالغاندىن كىيىن ئورگان،مىلگون،ئەمرايىن ئۈچى بۇ ھالاكەتتىن قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىدۇ.ئۇلار ئۆزىنىڭ جەمەتىنى،قوۋمىنى باقىدىغان نەسلىنى ئۈزۈپ قويمايدىغان،ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغان بىر ئادەمگە مۇھتاج. قىرسىق ئۇلارنىڭ ئۇمىدى ،ئورگان بارلىقىنى قىرسىققا ئاتاپ،سۇنىڭ ھەممىنى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كەتتى.تېخى خۇشال ھالدا «پەرىزات بېلىق» نىڭ قېشىغا ماڭدىم دەيدۇ.بۇنىڭدىن ئورگان بوۋاينىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى يىلتىزىنى قوغداش ئېڭىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.مىلگون،ئەمرايىنلارمۇ ئۆزىنىڭ نەسەبىنى داۋاملاشتۇرغۇچى قىرسىققا ئۇمىدىنى باغلاپ،دەھشەتلىك دېڭىز دولقۇنلىرىغا پىسەنت قىلماي ئۆلۈمنى تاللايدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆلۈملىرىمۇ قىرسىققا چۈشتەك بىلىنىدۇ.مانا بۇلار ئەپسانىۋىلىككە كەڭ زىمىن ھازىرلاپ بەرگەن.دىمەك،ئۇلارنىڭ ئۆلىمىمۇ ئەپسانە.دىمەك ئۇلارنىڭ ئۆلىمى ئاجايىپ بىر تىراگىدىيە-ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى ئىچكى تىراگىدىك باغلىنىشنى چۈشەندۈرۈپ،ئورگان،مىلگون،ئەمرايىنلار ئۆزلىرىنىڭ كىيىنكى ئەۋلادى قىرسىققا بولغان مەسئۇلىيتىنى ئىچكى تىراگىدىك شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ،ئەسەردىكى تىراگىدىيە ئېڭىنىڭ يەتكۈزلىشى زەنجىرسىمان باغلىنىشقا ئىگە قىلىدۇ.دىمەك،ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ نەسلىنى دەپ قۇربان بولۇشى بىر خەلقنىڭ –نىۋخلارنىڭ، يەنىمۇ كەڭ مەنىدىن ئېيىتقاندا ئىنسانلارنىڭ نەقەدەر زور مۈشكلاتلارنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەسەردە ئەڭ ئەپسانىۋى تۈس ئالغان پىرسۇناژ ئورگان.ئۇ چۈش،خىيال،رىئاللىق ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ ئەجدادىنىڭ مەنبەسىنى خىيال قىلىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىگە «پەرىزات بېلىق» تىن ھامى ئىزدەيدۇ.نەتىجىدە ئۇ «پەرىزات بېلىق» ئەپسانىسىگە سىڭدۈرۋىتىلىدۇ.تېخىمۇ غايىۋىلىشىدۇ.بىرمۇنچە سىمۋوللۇق ۋەزىپە يۈكلىنىدۇ.يازغۇچى ئورگان ئارقىلىق تاشقى دۇنيادىكى ئەپسانىنى ئىچكى دۇنيادىكى ئەپسانىگە سۆرەپ كىرىدۇ.ئەمرايىن،مىلگۇنلار بۇ ئىچكى ئەپسانىنىڭ ئۈۈلمەس زەنجىرى بولۇپ ،قىرسىققىچە ئۇلانغان.ئۈچىنىڭ ئۆلىمى بىرخىل ھالاكەتتەك تۇيۇلسىمۇ ،ئۇ «ھالاكەت» نىڭ بىزنى جىددى ھالدا ئۆزىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى،نەسەبىنى،يىلتىزىنى،ئەنئەنىسىنى ئىزدەش،ئەجدادلىرىمىزنىڭ يوقىلىشىقا يۈزلىنىۋاتقان قىممەتلىك روھىنى تېپىۋېلىشىمىزغا ئۈندەيدۇ.
ئەپسانە سىرتىدىكى ئەپسانە،زامان –ماكان ۋەقەلىكى سەكرەتمە ئەپسانىدىن چۈشكە،چۈشتىن خىيالغا ،خىيالدىن رىئاللىققا،رىئاللىقتىن يەنە چۈشكە،چۈش ئىچىدىكى مۇھەببەت،چۈش ئىچىدىكى ئىتىقاد،ئىتىقاد ئىچىدىكى ئۆلۈم .ئەسەر مانا موشۇنداق ماكان –زامان ئۇقۇمى ئېنىقسىزلاشتۇرۇلغان بىر ئابىستىراكىت ئەپسانە مۇھىتى –ئەجداد قەلبىنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر جايىدىكى ئاڭ ئەندىزلىرىنىڭ ئەۋلاد قەلبىگە ئۆتۈشچانلىقى ئەپسانىۋىلەشتۈرلۈپ تەسۋىرلەنگەن.بۇنىڭدىن ئەجداد بىلەن ئەۋلاد ئوتتۇرسىدىكى ئاڭ ئوخشاشلىقىنىڭ ئىنسان ئېڭىدا مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالىمىز.
ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسىغا كەلسەك ،گەرچە ئۈچ ئەپسانە بىر-بىرىگە باغلىنىشلىقتەك كۆرۈنسىمۇ،ئوقۇرمەنلەرگە بىرىدىغان ئىستىتىك زوق ئوخشىمايدۇ.ئەپسانە ئىچىدىكى ئەپسانە،مەنتىقسىزلىق ئىچىدىكى مەنتىقە،تەرتىپ ئىچىدىكى تەرتىپسىزلىك ھالىتىدە راۋاجلىنىپ ،ئەسەرنى ئىچكى باغلىنىشقا ئىگە قىلغان.يۈكسەك دەرىجىدىكى ھايات ناخشىسىنى ياڭرىتىش،نەسىل،ئەجداد،توغرىسىدىكى تىرەن پىكىرلەر ئاپتۇرنىڭ غايىسى بولۇپ،بۇ غايە ئەسەردىكى تۆت ئادەمنىڭ تىراگىدىك ئىچكى باغلىنىشى ئارقىلىق ھازىرقى زامان كىشىللىرىمىزگە ئۆتمۈشنى ئەسلەش،بۈگۈننى ئۇلۇغلاش،ئەسلىنى ئۇنۇتماسلىق توغرىسىدا بىشارەت بەرگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرھات كازىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-4 12:49  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-7-4 12:53:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئالا ئىت قىياسى›› دېكى مېھرى مۇھەببەت مېنى يىغلىتىپ قويغان ئىدى

ۋاقتى: 2014-7-4 13:00:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرغىچە نۇرغۇن پىروزا ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چىقتىم ....ماڭا چوڭقۇر تەسىر كورسەتكىنى «ئالا ئىت قىياسى»....يەڭگىل مۇزىكا ئاڭلاۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئوقۇپ تۇگەتكەن ئىدىم .ھەم بۇ ئەسەرنىڭ تىلىدا  تەرجىمان پەرھات ئىلياسنىڭ چوڭ توھپىسى بار ....بۇ ئەسەر خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنماي بىۋاستە ئانا تىلىدا يىزىلغان نۇسقىسىدىن  تەرجىمە قىلىنغان بولسا ،يەنە بىر كورۇپ باققان بولسام .بەزىدە ئويلاپ قالىمەن .پەرھات ئىلياسنىڭ «قۇمۇشلۇقتىن باشلانغان يوللار »ناملىق بىر پوۋسىتى بار .«ئالا ئىت قىياسى»بىلەن تىل ئىشلىتىش شەكلى .بايانلىرى ئوخشىشىپ كىتىدۇ ....«ئالا ئىت قىياسى»نى تەرجىمان قايتىدىن يىزىپ چىققاندەك .....

ۋاقتى: 2014-7-4 16:13:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالا  ئىت  قىياسى  -  مەن قانچە  قانچە ئوقۇپ قانمىغان ئەسەر...

ۋاقتى: 2014-7-4 16:15:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aytmatow (2).jpg

ۋاقتى: 2014-7-4 16:52:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتاپنى ئوقۇپ باقماپتىمەن،ماقالىنى ئوقۇپ ئازوتولا بىرنەرسە ھېس قىلدىم...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-4 20:15:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaraxan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 16:52
بۇ كىتاپنى ئوقۇپ باقماپتىمەن،ماقالىنى ئوقۇپ ئازوتولا  ...

بولسا تېپىپ بىر ئوقۇپ بېقىڭ.چىڭغىز ئايتىماتوۋنىڭ ئەسەرلىرى توم توملاپ نەشىر قىلىندى.

ۋاقتى: 2014-7-5 20:45:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    «ئالا ئىت قىياسى» ھەققىدە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىكى بىر سانىدا خېلى سالماق بىر پارچە ماقالە باردەك ئېسىمدە.

ۋاقتى: 2014-7-6 14:16:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئالا ئىت قىياسى» مەن ئوقۇغان ئەڭ ئېسىل چەتئەل ئەسىرى. ئۇنىڭ تەسىرىنى بىر نەرسىگە سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. بىز يېزىۋاتقان ئەسەرلەر ئۇنىڭ ئالدىدا چانىدۇلا چانىدۇ. ئەگەر ئايتماتوف بىلەن مويەننى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ئايتماتوفقا بېرىلمەسلىكى بىر ئادالەتسىزلىك. ئەلۋەتتە 2008 - يىلىدىن بۇرۇن.

ۋاقتى: 2014-7-7 16:25:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاەيتىماتوف ھەقىيقى يازغۇچى ئىدى.
مەرھۇم ئارىمىزدا مەڭگۈ ھايات! بولسا تورداشلار 8 توملۇق ئەسەرلەر توپلىمىنى ئېلىپ قويۇڭلار!

ۋاقتى: 2014-7-18 15:44:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئەسەرگە سەل قاراپ قاپتىمەن . چوقۇم ئوقۇپ چىقىمەن .

ۋاقتى: 2014-7-18 15:44:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئەسەرگە سەل قاراپ قاپتىمەن . چوقۇم ئوقۇپ چىقىمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش