يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 880|ئىنكاس: 12

يۈسۈپجان مۇھەممەد(ت): تۈركىيە شائىرلىرىنىڭ بالىلار شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۈركىيە شائىرلىرىنىڭ بالىلار شېئىرلىرىدىن
يۈسۈپجان مۇھەممەد تەرجىمىسى


ئانىلارنىڭ راسلىغان كارۋاتلىرى

ئابدۇللا ئۆزتەمىز ھاجىتاھىرئوغلى

قانات ئۇرغان قۇش بالىسى تۆككەن تۈكتىن يۇمشاق،
قىيالاردا بۇژغۇنلىغان ئۈنچە كۆپۈكلەردەك ئاق.

ئاچچىق كۆز ياشلىرى يۈلۈتسىمۇ ياستۇقلىرىنى،
ئۇ كارىۋاتلار ئاۋۇندۇرار باغرىغا باسقانلىرىنى.

ئانا «بالام!» دېسە ياش تولار چاناقلىرىغا،
ئانا پەرزەنتىگە ياپار قەلبىنى يوتقان ئورنىغا.

ۋەتەن تۇپرىقى ياقا يۇرتنىڭ كارۋىتىدىن يۇمشاق،
تاشلىنىپ باغرىغا ئاخىرقى ئۇيقىمىزنى مەڭگۈ ئۇخلىساق.


ئازاپلىق تۇيغۇلار

ئابدۇرېھىم قاراقوچ

بالىلىقىم، بالا چاغلار
كېتىپ كەلمىدى بىر رەت
جان دوستلىرىم جاي-جايلارغا
كېتىپ كەلمدى بىر رەت.

چوڭ بولۇپ، يىگىت بوپتىمەن
بۆكەنگىمۇ ئايلىنىپتىمەن
دەل شۇ چاغدا كۆڭۈل قۇشۇم
كېتىپ كەلمىدى بىر رەت.

ئېگىلىپ ئوتلىدىم بۇلاق سۈيىنى،
كېچە ئۈستۈمگە يېغىپتۇ قار،
ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى باھار
كېتىپ كەلمىدى بىر رەت.

زامان ئۆتەر، تۇپراق چىللار
جان دەرىخى ياپراق تۆكەر
سۆيگەنلىرىم بىرلەپ بىرلەپ
كېتىپ كەلمىدى بىر رەت.

سەۋدالىرىم بولدى دۆۋە،
تولىۋەردىم ھەسرەت بىرلە،
يىللار، ئايلار، كۈنلەرمۇ ھەم
كېتىپ كەلمىدى بىر رەت.


بالىلارغا ئائىت تىزمىلار

ئابدۇقادىر بۇلۇت
1
ئالقىنىمنى ئالقىنىغا قويدۇم باقتىم
ئاق سېرىق بىر بالىنىڭ يۈزىگە
بۇلۇتلىرى تاغقا سۈرۈلىۋاتقان
بىر دېڭىز بار ئىدى كۆزلىرى ئىچىدە

2
نېمە تولدۇرالاپتۇ ھازىرغىچە
بۇنداق ئېغىزىغىچە لىقلاپ
بالىلارنىڭ قوللىرى ئارىسىدىكى بوشلۇقنى
كۆكسىمىزنىڭ  ھوسۇلىدىن باشقا

3
ھېچكىم چۈشىنىپ يېتەلمەپتۇ
ئۈنسىز ياش تۆككەن ھەر بالىنىڭ
لەۋلىرىنىڭ چىشىغا قاراپ ئاستاغىنا
دېڭىز دولقۇنى كەبى ئۇرۇلغىنىنىڭ

4
نەچچە كۈن كۆزلىرىمنى يۇمماستىن
يامغۇردا  شەھەرگە قاراۋاتىمەن
يۈزۈمنى كۈلدۈرمىگەنچە ھايات، تۇتۇپ
بىر بالىنىڭ ئالقانلىرى ئارىسىغا مۆكۈۋالىمەن

5
بالىلار جايلاشقان ئاۋازىمنىڭ ئىچىگە
ئېيتىۋاتىمەن بۇنى كۆرگەن ھەر ئادەمگە
كىچىكىنە بىر جاۋاپقىمۇ ئېرىشەلمىدىم
شۇ ئىنسان بالىلىرىدىن ئەكسىنچە

6
قاچان بىر شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقسام
يامغۇرلارمۇ كېلىشەر ئارقا-ئارقىدىن
ھەربىر قۇش يېڭىدىن ۋەتەن قۇرۇپتۇ
دەرەخ شاخلىرىغا ئاۋازلىرىدىن

كۆزلىرى بىلەن شېئىر يېزىۋاتقان بالىلار

ئادنان يۈجەل


ئولتۇردۇم يېنىدا بىر بالىنىڭ
تىپتىنىچ ۋە تاشلىنىپ تۇراتتى پۈتۈن ئويۇنچۇقلار
كۆزلىرى بىلەن ئېيتاتتى ئەڭ مەخپى سۆزلىرىنى
ئاقباش بۈركۈتلەرنىڭ پەنجىسى بىر زامان
ئۇنىڭ بالىلىقىغا قۇرغان ئىدى ئۇۋىسىنى
شۇ كۈندىن باشلاپ پەقەتلا
چۈشلىرىدىلا كۆرەلەيتى دادىسىنى
دائىم  بىر تام بار ئىدى ئارىسىدا
ۋە تەگسىز قىيالار
نېمە قىلسا چاقالمايتى زۇلۇم ئىشىكىنى
ئەي ئىچىمىزدە بۇژغۇنلىغان ئەسەبىي سۇلار
سىلەر ياراتتىڭلارمۇ بۇ قىيالارنى
ياكى بالىلار دادىلىرىدىن ئايرىغان تاملارنى
قىيالارنى كۆز ياشلىرى بىلەن ياردىمۇ
شۇڭا ھارغىنمۇ يېڭىلگىنىدىن
ئازاپ بىلەن ئۆتىدۇ يوللار

ئولتۇردۇم يېنىدا بىر بالىنىڭ
ئىسمى باھار
يۈزىدە ئۈزۈكسىز چېچەكلەيدىغان گۈللەر
چۈشلىرىدە كۆيدۈرۈلگەن كىتاپلار بار
كۆز ئالمىسىدا ياش بىر ئادەم
قۇتقۇزۇش قارارىنى ئاڭلايتى ئۆرە تۇرغانچە
يىغلا قوزام يىغلا سۆيۈنۈشتىن
ئەمما يۇم يۇم، بۇقۇلداپ بۇقۇلداپ يىغلا
ئەركىنلىكنىڭ بەدىلى ئاسان ئەمەس
يىغلايدىغان كۈنلىرىڭ كۆپ تېخى ئالدىڭدا
........

ئولتۇردۇم يېنىدا بىر بالىنىڭ
كۈلۈشلىرى ياڭراقمۇ
ھۆركىرەشلىرى تېنىچ تۇرۇشمۇ بىلگۈسىز
بىلىپ بىلمەي چوڭ بولۇپ قالغانىدى ۋاقىتسىز
سەۋىر دەز ئاچقانىدى ھالرەڭ يۈرىكىگە
چوڭ بولغان بىر ئانىنىڭ قۇچىقىدا دادىسىز
تېخى مېڭىشنى بىلەي تۇرۇپ
بىر تارىخنىڭ شاھىدى بولغانىدى تۇيۇقسىز

ئەي كۆزلىرى شېئىر يېزىۋاتقان بالىلار
دۇنيا قاتتىق يېڭىلگەن ۋە يارىلانغان
ھېرىپ قاپتۇ ئوچۇملىرىڭلاردا
پەقەتلا
سىلەرنىڭ كۈلۈشلىرىڭلارلا بار ئۇنى كۈلدىرىدىغان
چۈنكى بىخلانغان ئۇرۇق قوللىرىڭلار
بۈگۈننىڭ ھارغىن پۇتلىرىنى
ئەتىنىڭ گۈزەل سەھىرىگە باشلاپ بارىدىغان

بىر ئادەم بار ئىدى تارىخنىڭ ئەڭ دەسلىپىدە
قۇياش ۋە شامال يۈزىدە ئىدى ھەرزامان
تىلى تەبىئەتنىڭ تىلى ئىدى
قوللىرى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ قوللىرى
بالىلىرىم
شاخلارنى زورلىغان بىخلار مېنىڭ
سىلەر ئۇ چەكسىز كېلەچەكنىڭ
ئېقىنىغا قويۇپ يۈرىكىڭلارنى چوڭ بولىسىلەر
ۋە پۈتۈن قاباھەتنىڭ بويۇن ئەگكىنىنى
ئۇ كېلەچەكنىڭ گۈزەللىگىنى كۆرىسىلەر

ئانا

مەھمەت ئەرھان

قوي تۇرسۇن ئۈستەلدە نان،
    كومزەكتە سۇ
دېرىزە كىر، ئەينەك تۇمانلىق
قوي قالسۇن چاچلىرىڭ تاراقسىز،
كۆزلىرىڭ ئۇيقۇلۇق.
تەشتەكتىكى گۈللەر سۇسىز،
مۈشۈك ئوتنى ساقلار بۇلۇڭدا
قوي قالسۇن مېۋىلەر دەرەختە،
قارلىغاچلار ھاۋادا
تامغا تامچىلىغان سىم-سىم ياز يامغۇرى...
چارچىدىڭ قاتتىق كۈن بويى
مىدىراپلا يۈردۈڭ
تۇپراقمۇ، ئاسمانمۇ، دېڭىزمۇ
بىر يەردە چارچار
قوي قالسۇن سۈپۈرگە تامدا
سوپۇن داستا
ئانا، كەل يېنىمدا ئولتۇر.


بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم ئانا

يۈرىگىمنى قالقان بىلىپ، كوچىغا چىقتىم
قەھۋەخانىلاردا ئولتۇردۇم، بالىلار بىلەن پاراڭلاشتىم
سىقىلدىم، دەرتلەندىم، سۆيگۈنۈم بىلەن كۆرۈشتۈم
بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم ئانا

تاقاقلىق ئىدى ئىشىكلەر، پەردىلەر ئېتىك
ئوق ئاۋازى كېلەتتى بوغۇق بوغۇق
بىر يۈزۈم ماماتقا، بىر يۈزۈم ھاياتقا بېقىغلىق
بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم ئانا

تېنىمگە بىر قورال توغىرلاندى دېدىم
شامال، بېلىگە ياماشقاندا بىر تالنىڭ
قورقتۇم، كۈلدۈم، ئۆزۈمگە كايىدىم
بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم ئانا

كاللامغا بۇنداق غېرىپ تۇيغۇلار
بىلمەيمەن نېچۈن كېلىپ، قەيەرگە كېتەر
قايتتىم ئاخىر؛ ئازاپ، يۈرىگىمدىن مېڭەمگە ئاقار
بۈگۈنمۇ ئۆلمىدىم ئانا

ئوغۇل

ئانا مەن كەلدىم، ئۈستى بېشىم
ئۇزۇن يوللارنىڭ توپىلىرى بىلەن پەرىشان
تىتمىلاندى سەن ئۆرۈپ بەرگەن پوپايكا
ئۈستىدە يېشىل نەقىشلەر بولغان

ئانا مەن كەلدىم، چارچىدىم قاتتىق
ھەر يول ئېغىزىدا ئۆزۈمگە سۇئال قويۇپ
ھەمىشە ئازاپتا، سەرخۇش ۋە ئاجىز
شېئىرلار يازىدىغان بىر ئادەم

قۇرۇپتۇ قۇدۇقنىڭ سۈيى، ئەنجۈرنىڭ
سۈتى تارتىلىپ قاپتۇ
بىر زامانلار دۇنيايىم بولغان باغچىنى
ياۋا ئوتلار، تىكەنلەر ئاپتۇ.

ئىشىكتىكى قوڭغۇراق قارىيىپتۇ نەمدىن
ئاتنالى ۋە سامساق تۇرۇپتۇ ئەمما
ئوغلۇم مەكتۇپ ياز دېگەن
ئاۋازىڭ ھالا قۇلاقلىرىمدا

ئانا مەن كەلدىم، توردىكى بېلىق
ئىستاكاندىكى سۇدەك ئۈمىدسىزمەن
تىزلىرىڭ قەيەردە بېشىمنى قويغان
ئانا مەن كەلدىم، ئوغلۇڭ، بەخىتسىزىڭ.

سالام بولسۇن

ئەھمەد ھەمىدى تانپىنار

سالام بولسۇن بىزدىن گۈزەل دۇنياغا
باغچىلار گۈللەر چېچەك ئاچارمۇ
سالام بولسۇن ئۆلمەس قۇياشقا، ئايغا
نۇرلار، شولالار سۇدا ئوينارمۇ؟

ھەممىسى گۈزەل ئىدى قار، شىۋىرغان، شامالمۇ
تالاي كۈنلەر ئۆتتى قالدى ئارقىدا
ھەسرىتىمىز ئايان قۇشلارنىڭ قانات قېقىشىدا
كۆپكۆك ئاسماندا يەنە قۇشلار ئۇچارمۇ؟

يىراق، بەك يىراقتا بىز ئەمدى نۇردىن
بالىلارنىڭ ئاۋازىدىن، گۈل-چېچەكلەردىن
قايتمىغان كېمىلەر بولدى ئېچىقتىن
ئېتىمىزنى سورىغان، ئىزدىگەن بارمۇ؟


كۈز

ئەھمەد ھاشىم

بىر تەرەپ باغچا، بىر تەرەپتە دەريا،
كەل ئۇزان سۆيگۈنۈم مەن بىلەن يەرگە،
سۇنى ياقۇتقا ئايلاندۇرغان بۇ خازان،
بىزنى غەرق قىلىدۇ ئوي-پىكىرلەرگە...

يېرىم يول
قانداق ئاڭلاشنى خالىساڭ شۇنداق ئاڭلا، باق:
شاخلارنىڭ ئۇچىدا بىز پەقەت،
يېرىم يولدىن بەكراق يەردىن ئۇزاق،
يېرىم يولدىن بەكراق ئۆلۈمگە يېقىن.

ئورمان
سۇ ئەمەس، پەسىلنىڭ ھاۋاسى ئاققان،
تۇيغىنىڭ ياپراقنىڭ، تالنىڭ ئاۋازى؛
سۇدا يۇلتۇزلارنىڭ ۋالىلداشلىرى،
بۇ قاراڭغۇلۇقتا گاھ گاھىدا چاقنىغان.



ئانىلار
ئەھمەد قۇتسى تەجەر

شاخ دېدى بىر كۈنى بىخقا:
ــ سەن گويا تېنىمنى زەخمىلەندۈرىۋاتقاندەك.
تىترەۋاتىمەن شامالدا بىر قازا كېلىدىغاندەك.

ئانىلار دەر بۆشۈكتىكى قوزىسىغا:
ــ ئازابىڭنى كۆرمىسۇن كۆزۈم ئالەمدە،
سەن ماڭا تەسەللىي ئاخىرقى دەمدە.

پۈتۈن ئۈمىدلەرنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتەر،
ــ بىخلار ئېچىلار، سەل ئېلىپ كېتەر،
ئانىلار چوڭ قىلار، ئەل ئېلىپ كېتەر.


چۈش

ئەھمەد مۇھىپ دىراناس

بىر چۈش بار ئىدى ئۈستىلىمدىكى گۈللەردە؛
بىخلىنىۋاتاتتى باھار شاخلىرىدا؛
بىزنىڭكىگە ئوخشىماس بىر ئۆلكىدە
ھالرەڭ ئات ئۈستىدە ئۇچقاندەك كېتىۋاتاتتىم،

قۇرۇلغانىدى  مېنىڭ نامىمدا بىر ساراي،
ئەتراپىدا ئايلىناتتى كۈمۈشرەڭ دەريا؛
ۋە ئاچلار ئۆتەتتى ھەمىشە توپ توپ،
ئارقىدىن ساناقسىز مەھبۇسلار ۋە ئەسكىرىم.

باقتىم، مەن ياشىغان جاي كېگىز ئۆيگە ئوخشاش چېدىر،
بوينۇمغا سايە تاشلاپ تۇرار قانلىق بىر ساتىر.
بېشى قۇياشتەك چۈشكەن باھادىر
ۋە كۆڭلۈمدىكى قورقۇنچ ئەمەس ھېس قىلغىنىم.

چاپاتتى چەكسىز تۈزلەڭلەرگە پويىز،
مېنى مەن بىلمەيدىغان بىر يەرگە ئېلىپ بارغان؛
ئۆلۈم قىيالىرىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن
بىر ئاق كەپتەردە ئىدى ئاخىرقى ئۈمۈدۈم.
ساتىر:  گۆش پارچىلاشتا ئىشلىتىدىغان بىر خىل ئالاھىدە پىچاق.
كىچىك بىر بالا ئىدىم ئانام تىزىدا
خەتلەر بار ئىدى ئانامنىڭ يۈزىدە
دېڭىزلار يۈزۈمگە ئۇرغان ئىلھامدا
تىزلىنىپ تەڭرىگە دۇئا قىلىۋاتاتتىم.

بالىلار ۋە مەن

ئەھمەد توفان شەنتۈرك

ھېچبىر بالا مېنى «دادا» دېمىدى
مەن، ھىچ دادا بولۇپ باقمىدىمكى

«دادا» دېگەن تاتلىق ئاۋازنى
كوچىلاردا، قوشنىلارنىڭكىدە ئاڭلىدىم.
كوچىلاردا، قوشنىلارنىڭكىدە كۆردۈم ئۇلارنى
يۈگىرىشىپ، كۈلىشىپ، ئوينىشاتتى
«ئانا» دەيتى، «دادا» دەيتى
يۈگىرەپ بېرىپ ئېسىلاتتى بويۇنلىرىغا
ئانىلار، دادىلارمۇ بالىلىرىغا
سۆيەتتى، پۇرايتى، سۆيىنەتتى.
ھېچبىر بالا ئىچ ئىچىدىن، سۆيۈنۈپ تۇرۇپ،
ئېسىلىپ باقمىدى بوينۇمغا.
مېنىڭ... ھېچ بالام بولمىدىكى...

سۆيگۈنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى ئەۋلاد سۆيگۈسى
ئاۋازلارنىڭ ئەڭ تاتلىقى «دادا» دېگەن ئاۋاز
مەن ھەمىشە بۇ مۇزىكىلىق ئاۋازنى ئاڭلايمەن
مەن ھەمىشە «دادا» دېگەن ئاۋازنى ھېس قىلىمەن
بىر بالا ماڭا قاراپ يۈگىرەپ كەلسە ئۇزاقتىن
ئۇنى، ئىسسىق روھىم بىلەن قۇچاقلايمەن...

يېرىم كېچىدە بىر بالا يىغلىسا يىراقلاردا
ئانىسىدىن، دادىسىدىن ئاۋال ئاڭلايمەن...
ھەركۈنلىكى خەۋەر سائەتلىرىدە، رادىيودا، تېلىۋىزوردا
ژۇرناللاردا، گېزىتلاردا، يوللاردا، كوچىلاردا
«ئۆلتۈرۈلدى، ئۆلدى» دېيىشەر.
«ئاھ قوزام» دەيمەن!..
بولمىسىغۇ بىلمەيمەن ئۆلتۈرۈلگىنى كىم، ئۆلتۈرگىنى كىم
ئامالسىز بۇراپ بېشىمنى كېتىپ قالىمەن.
يىغلىغان ئانىلار بىلەن، دادىلار بىلەن بىللە
ئۇيقىنى كۆزۈمگە ھارام قىلىمەن...
بولمىسىغۇ، ھېچقانداق بالا مېنى «دادا» دەپ باقمىدى
مەن ھېچ دادا بولمىدىمكى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-3 00:49  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-2 14:18:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان. ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن

ۋاقتى: 2014-7-3 01:34:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل شېئىرلاردىن   ھوزۇرلاندىم رەھمەت  

ۋاقتى: 2014-7-3 02:15:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە قىلغان يۈسۈپجان ئاكامغا كۆپ رەخمەت!

ۋاقتى: 2014-7-3 08:49:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىرلار ئىكەن.

ۋاقتى: 2014-7-4 11:11:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسىلا مىنىڭ ئىسىمداشلىرىمكەنغۇ  ؟

ۋاقتى: 2015-1-12 21:19:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھزات يوللىغان ۋاقتى  2014-7-2 14:18
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغان. ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن

شېئىرلارنىڭ تۈركچىسىنىمۇ بىللە قۇشۇپ ،ئاپتۇرۇنىمۇ يوللاپ قويسىڭىزچۇ،بەك تاتلىق شېئىرلار ئىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-20 02:30:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايتان يوللىغان ۋاقتى  2015-01-12 21:19:37


شېئىرلارنىڭ تۈركچىسىنىمۇ بىللە قۇشۇپ ،ئاپتۇرۇنىمۇ ي

ئاپتۇرلىرى يوللاغلىق. خىزمىتىم بەك ئالدىراش بولغاچقا كىتاپتىن تۈركچىسىنى بېسىپ قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم. تەرجىمىنىمۇ بوش ۋاقىتلىرىمدا ئاران قىلالايمەن.

ۋاقتى: 2015-9-20 13:46:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما يۈسۈپجان ئ‍ىنىمىزنى تونىۋېلىڭلار، تۇغيان دەپ ئويلاپ قالغانلار خاتالىشىسىلەر، بۇ ئ‍ىنىمىز ئ‍ۆزى ئاقسۇ قاراتالدىن، بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتىنى پۈتكۈزۈپ ھازىر بىز نىڭ مەكتەپتە يەنى قاراقاش ناھىيىلىك بېيجىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە بىللە ئ‍ىشلەۋاتىمىز، ئ‍ۆزى تۈرك تىلىغا پىششىق ، شېئىرغىمۇ  ئالاھىدە ئىشتىياقى بار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇلھەمىد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-20 14:30  


ۋاقتى: 2015-9-20 13:58:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسۈپجانغا سالام!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-25 12:08:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھەدى يوللىغان ۋاقتى  2015-09-20 13:58:25
يۈسۈپجانغا سالام!

رەھمەت سىلىگە. يېشىم كىچىك، تەجرىبەم كەمچىل، ماڭغان مۇساپەم قىسقا. كۆپرەك تەلىم بېرەلا.

ۋاقتى: 2015-10-13 14:47:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                     ئەجىر قىپسىز، رەخمەت، بىراق شېئىرلارنىڭ ئەسلى تىكىستىمۇ بولغان بولسا ياخشى بۇلاتتى.

ۋاقتى: 2015-10-15 11:30:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىسىنىمۇ يوللاپ قويسىڭىز ...مالال كورمىسىڭىز .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش