قەلبىنۇر ئېلياس 1967- يىلى چاپچال ناھيەسىنىڭ جاغىستاي يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .1990- يىلى ئىلى پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتكۈزۈپ ، جاغىستاي ئوتترا مەكتەپتە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن . 1998- يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن چاپچال ناھيەلىك 4- ئوتتىرا مەكتەپكە، 2003- يىلى چاپچال ناھيەلىك پارتىيە مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەلگەن . ھازىر شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ .
ئۇ 1987- يىلى تۇنجى ئەسىرى ‹‹ باھار يامغۇرى›› ناملىق شئىېرى بىلەن ئىجادىيىتى سېپىگە كىرىپ كەلگەن .شۇندىن ئېتبارەن ‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى›› ، ‹‹ ئىلى دەرياسى ›› ، ‹‹ تارىم ›› ، ‹‹ تەڭرىتاغ ››،‹‹ ئاقسۇ ئەدەبىياتى ›› ،‹‹ تۇرپان ژورنىلى ›› ،‹‹ شىنجاڭ گىزتى ›› ،‹‹ ئىلى گېزىتى›› ،‹‹ ئىلى كەچلىك گىزىتى ›› قاتارلىق ھەرخىل مەتبۇئاتلاردا بىر تۈركۈم شئىېر، نەسىر ، ئوبزور ۋە بىر قىسىم نەزەريەۋى ماقالىلارنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان . بىر قىسىم نەزەريەۋى ماقالىلىرى پارتىيە مەكتەپ سىستىمىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن .
قەلبىنۇرنىڭ ئاساسلىق ئىجاديەت يولى نەسىر ژانىرىداگەۋدىلەنگەن بولۇپ ھازىرغا قەدەر 300پارچىدىن ئارتۇق نەسرى ئەسىرى ئىلان قىلىنغان . 2011- يىلى شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرپىدىن «ئانام ئەتكەن كۆك چۆچۈرىسى » ناملىق نەسىرلەر توپلىمى ، 2014- يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشىرياتى تەرپىدىن «قەلىبكە پىچىرلاش » ناملىق نەسىرلەر توپلىمى نەشىر قىلىندى . ئاپتور‹‹ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى››نىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-25 01:03