مەسئۇد ئىسا 1972 –يىلى 4 –ئاينىڭ 22 –كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئوردا مەھەللىسىدە تۇغۇلغان.1992- يىلدىن 1995–يىلغىچە سابىق شىنجاڭ سانائەت ئىنىستىتۇتى گېئولوگىيە فاكۇلتېتى تاشقى سودا رۇس تىلى كەسىپىدە ئوقۇغان.
1992 –يىلدىن باشلاپ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان.ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 150 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.
2007 –يىلى ‹‹ئېتىز خاقانى›› ناملىق شېئىرى ‹‹خانتەڭرى مۇكاپاتى››غا نائىل بولغان.
مەسئۇد ئىسا جوڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ھازىر غۇلجا شەھەرلىك رادىيو –تېلېۋېزىيە ئىستانسى خەۋەرلەر تەرجىمە بۆلىمىدە تەرجىمان بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.