كۆرۈش: 535|ئىنكاس: 0

ئىمىن غازى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
1932– يىلى 12– ئاينىڭ 15– كۈنى چارقىلىق ناھىيەسىگە تەۋە يېڭىسۇ مەھەللىسىدە تۇغۇلغان. 1942- يىلى 9– ئايدىن 1947– يىلى 4- ئايغىچە يېڭىسۇدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1948-~1949– يىللىرى قاراشەھەر ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. 1950- يىلى خىزمەتكە قاتنىشىپ چارقىلىق ناھىيەسىنىڭ تىكەنلىك، ئۇتام يېزىلىرىدا خىزمەت قىلغان، جۈملىدىن مۇشۇ ئىككى يېزىدىكى باۋجيا (保甲) تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ يېڭى دېموكراتىك ھاكىمىيەت قۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشقان. 1950– يىلى 7– ئايدىن 9– ئايغىچە چارقىلىق ناھىيەسىدە ئېچىلغان تۇنجى قارارلىق يەرلىك كادىرلار كۇرسىغا قاتنىشىپ تەربىيەلەنگەن. 1950– يىللىرى ۋاششەھىرى رايونىنى قۇرۇشقا قاتناشقان ھەمدە ياشلار خىزمىتى خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن. 1955– يىلى چارقىلىق ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1956– يىلى 2– ئايدىن 8- ئايغىچە ش ئۇ ئا ر پارتىيە مەكتەپ نەزەرىيە مۇئەللىملىرى كۇرسىغا قاتناشقان. 1956– يىلى 9– ئايدىن 11– ئايغىچە چارقىلىق ناھىيەسىگە مۇۋەققەت ھاكىم، قوشۇمچە  يېڭىدىن قۇرۇلغان ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە مۇدىر بولغان. 1956– يىلى 12– ئايدىن 1961– يىلى 4– ئايغىچە چارقىلىق ناھىيەسىگە  ئۈچ قارار ھاكىم بولغان. 1958– يىلى ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ سايلانغان. 1958– يىلى 3– ئايدىن 1963– يىلى 2– ئايغىچە چارقىلىق ناھىيە 4– قارارلىق خەلق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان. 1959– يىلى 9- ئايدىن 1961– يىلى 2– ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى سىياسىي فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1961– يىلى 3– ئايدىن 1970– يىلى 6– ئايغىچە (بېيجىڭ) مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىدا خىزمەت قىلغان، بۇ جەرياندا 4~5 يىل نەشرىيات ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىگەن. 1970– يىلى 7– ئايدىن 1984– يىلى 8– ئايغىچە مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1984– يىلى شىنجاڭغا يۆتكىلىپ كەلگەن ھەمدە 1984– يىلى 9– ئايدىن 1986– يىلى 6– ئايغىچە ش ئۇ ئا ر قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىغا مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1986– يىلى 7– ئايدىن 1993– يىلى 7– ئايغىچە رادىيو – تېلېۋىزىيە نازارىتىدە مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولغان. 1988– يىلى 2– ئايدىن 7– ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتەپ شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان. 1993– يىلى 8- ئايدا 44 يىللىق خىزمەت ھاياتىنى ئاياقلاشتۇرۇپ ئارامغا چىققان. 2011- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىدە قازا قىلغان. ئۇ «مۇخبىرلىق ساۋاتى »، «كىتاب ئوقۇش سەنئىتى»، «ئەنگلىيە سودىگەرلىرى» قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ «سۇن جوڭشەننىڭ تەرجىمىھالى»، «كوممۇنىستىك ئەخلاق توغرىسىدا لېكسىيەلەر»، «يېڭى پارتىيە نىزامنامىسى توغرىسىدا سوئال – جاۋابلار»، «سالامەتلىك ۋە جىنسىيەت»، «رادىيو تەھرىرشۇناسلىقى»، «بۈيۈك بىرىتانىيە ئۆسمۈر بالىلار قامۇسى» (5– تومىنى باباخان بىلەن ھەمكارلىشىپ تەرجىمە قىلغان) قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلغان. «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى»، «شىنجاڭ يىلنامىسى» (1985-، 1986-، 1987– يىللىق توملىرى)نىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشقان. «مىللىي خىزمەت توغرىسىدا  ھۆججەتلەر توپلىمى» (ئىككى توم) نىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن. ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق خىزمەت تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن «مۇخبىرلىق ساۋاتى » ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىققان، لېكىن تېخى نەشر قىلىنمىدى. ئۇنىڭ يازغان ياكى تەرجىمە قىلغان ماقالىلىرى «تىل ۋە تەرجىمە»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «رادىيو – تېلېۋىزىيە گۈلزارى».... قاتارلىق  گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان، سانى مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-25 01:01  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش