كۆرۈش: 606|ئىنكاس: 0

ئابدۇۋەلى روزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1935– يىلى 12– ئاينىڭ 10– كۈنى چەرچەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئاۋۋال قاراشەھەر دارىلمۇئەللىمىننى، كېيىن ئۈرۈمچى 2– دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ مائارىپ ساھەسىدە ئىشلىگەن. ئۇنىڭ چارقىلىق ھەققىدە يازغان ماقالىلىرى «چارقىلىق تارىخ ماتېرىياللىرى»،«بايىنغولىن تارىخ ماتېرىياللىرى»، «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» قاتارلىقلاردا ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «ئالتۇنتاغ يالقۇنلىرى» ۋە «مۇئەللىم» قاتارلىق رومانلىرى بولسىمۇ نەشر قىلىنمىغان. ئۇ تارىخ ۋە فولكلور ساھەسىدە ھارماي ئىزدەنگۈچى. خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىنى توپلاش رەتلەش ئىشلىرىدىكى ئەمگەكلىرىنى «چارقىلىق خەلق چۆچەكلىرى»، «چارقىلىق خەلق قوشاقلىرى»، «چارقىلىق خەلق ماقال تەمسىللىرى» ناملىق ئۈچ توپلامدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى 1990– يىللاردا «بوستان» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ تارىخ تەتقىقاتى ۋە ئېغىز ئىجادىيەتلىرىنى يىغىش بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن ئەدەبىي ئىجادىيەتتىمۇ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ «ئالتۇنتاغ بورانلىرى» ناملىق ئىككى قىسىملىق تارىخىي رومان ۋە مائارىپچىلار ھاياتى ئەكس ئەتتۈرگەن بىر رومانىنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ نەشرگە تاپشۇرغان. ناھىيەمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ھەسسە قوشقۇچى، يۇرتىمىزنىڭ  تارىخى ھەققىدە ئىزدەنگۈچى ئابدۇۋەلى روزى 2008– يىلى 1– ئاينىڭ 17– كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان. مەرھۇمنى ياد ئېتىش، ئىزدەنگۈچىلەرگە كۆرسەتكۈچ بېرىش ئۈچۈن، تۆۋەندە بىر قىسىم ئەسەرلىرىنىڭ كاتالوگى بېرىلدى: «گېلاۋخۇيچىلارنىڭ چارقىلىقتا 1912– يىلىدىن 1915– يىلىغىچە بولغان پائالىيەتلىرى» («چارقىلىق تارىخ ماتېرىياللىرى» ئۇيغۇرچە 1– توپلام، خەنزۇچە 2– توپلام، مەرھۇمنىڭ ماقالىلىرىنى ئېزىز شېرىپ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان، تۆۋەندىكىلىرىمۇ شۇنداق)، «خۇسەيىن باندىتلىرىنىڭ چارقىلىقتا پەيدا بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ تازىلىنىشى» («چارقىلىق تارىخ ماتېرىياللىرى» ئۇيغۇرچە 5– توپلام، خەنزۇچە 2– توپلام)، «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئالدىنقى سەپكە، خەلق ئاقارتىش ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىش، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ھەققىدە» («بايىنغولىن تارىخ ماتېرىياللىرى» ئۇيغۇرچە 5– توپلام، «چارقىلىق تارىخ ماتېرىياللىرى» خەنزۇچە 2– توپلام)، «چارقىلىق تارىخىغا ئائىت ۋەقەلەر يىلنامىسى» («بايىنغولىن تارىخ ماتېرىياللىرى» ئۇيغۇرچە 5– توپلام)، «چارقىلىق بىلەن چىڭخەي ئۆلكىسى ئارىسىدىكى چېگرا ماجىراسى» («چارقىلىق تارىخ ماتېرىياللىرى» ئۇيغۇرچە 1– توپلام، خەنزۇچە 2– توپلام)،  «چارقىلىق دېھقانلىرىنىڭ قوزغىلاڭى ۋە تۇردى يىڭجاڭ توغرىسىدا» («شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» 32– توپلام)، «چارقىلىق تارىخىدىن دېرەكلەر» («بايىنغولىن تارىخ ماتېرىياللىرى» 7– توپلام)، «چارقىلىق تارىخىغا ئائىت ۋەقەلەر يىلنامىسى» («بايىنغولىن تارىخ ماتېرىياللىرى» 7– توپلام)، «چارقىلىق مائارىپىنىڭ 50 يىلى» («شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» 29– توپلام)، «ياقۇپبەگ بىلەن نىياز ھېكىمبەگنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا غەيرى رەسمىي ماتېرىيال» («شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» 28– توپلام)، «چارقىلىق خەلقىنىڭ ئىئانە قىلىش قىزغىنلىقىدىن ئەسلىمە» («شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى» 33– توپلام). مەرھۇم ئابدۇۋەلى روزىنىڭ ئەدەبىي ۋە تارىخىي ئەسەرلىرى خېلى كۆپ، لېكىن قوليازما ھالەتتە ساقلانماقتا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاش، رەتلەش، ئىمكان بولسا نەشر قىلىپ تارقىتىش مۇھىم خىزمەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش