كۆرۈش: 524|ئىنكاس: 0

سۇلايمان ئابدۇرېھىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1936– يىلى چارقىلىق ناھىيەسىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1944– يىلىدىن 1951– يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1951– يىلى 2– ئايدىن 1953– يىلى 9– ئايغىچە قاراشەھەر ناھىيەلىك 2– باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان، بۇ جەرياندا شۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپ ياردىمىگە مۇيەسسەر بولغان ھەمدە مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا ساقلانغان نۇرغۇن كىتاب ئۇنىڭ بىلىمىنى تولۇقلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. 1953– يىلىدىن 1957– يىلىغىچە چارقىلىق ناھىيەلىك 1– باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1957– يىلىدىن 1958– يىلىغىچە ئۈرۈمچى 2– دارىلمۇئەللىمىننىڭ مۇدىرلار كۇرسىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1958– يىلى ”يەرلىك مىللەتچى“ دېگەن قالپاق بىلەن يېزىغا چۈشۈرۈلۈپ چارقىلىق ناھىيەسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى غالىبىيەت كوممۇنىسى غالىبىيەت چوڭ ئەترىتىدە دېھقان بولغان. 1961– يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئانىسىنى ئېلىپ قاراشەھەردىكى تۇغقانلىرىنىڭ قېشىغا كەتكەن ھەمدە قارا شەھەردە بىر بورداقچىلىق فېرمىسىدا ئامبارچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1967– يىلى 1– ئايدا بۇ فېرما تاقالغانلىقتىن ھازىرقى يۈڭنىڭ يېزا 4– چوڭ ئەترەتتە دېھقان بولغان. 1979– يىلى 4– ئايدا چارقىلىق ناھىيەلىك 1– ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1988– يىلى چارقىلىق ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرى كومىتېتىغا يۆتكەلگەن ۋە ئارامغا چىققۇچە شۇ يەردە بىر نەچچە يىل ئىشلىگەن. 2005- يىلى 8- ئاينىڭ 25– كۈنى چارقىلىق ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىدا كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان، شۇ كۈنى سايباغدىكى مازارغا يەرلىككە قويۇلغان. مەرھۇمنىڭ يۇرتىمىزنىڭ تارىخ مەدەنىيىتىگە ئاتالغان 10 نەچچە پارچە ماقالە ۋە ئەسلىمىلىرى «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»، «بايىنغولىن تارىخ ماتېىرياللىرى» ۋە «چارقىلىق تارىخ ماتېرىياللىرى»دا ئېلان قىلىنغان.
1979– يىلى 4– ئايدا چارقىلىق ناھىيەلىك 1– ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنىپ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن ئۇنىڭ ياشلىقىدا قوزغالغان كىتاب يېزىش، يېزىقچىلىق قىلىش ئارزۇسى قايتىدىن يالقۇنجىغان. شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن ئۆگىنىش ۋە  ماتېرىيال توپلاشقا كىرىشكەن. «گۆر ئاغزىدىن يانغانلار»، «كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە»، «ئۇنتۇلغان زېمىن» قاتارلىق تارىخىي تېمىدىكى 3 پارچە تارىخىي رومان، ئوننەچچە پارچە ماقالە يېزىپ چىققان. بۇ كىتاب ۋە ماقالىلىرىدىن «گۆر ئاغزىدىن يانغانلار» رومانىنى مىللەتلەر نەشرىياتى 1997– يىلى نەشر قىلىنغان. «كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە» رومانىنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000– يىلى نەشر قىلىپ قىلغان. ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئەمگەكلىرىدىن باشقا يەنە چارقىلىق ناھىيەسى نەشر قىلدۇرغان «چارقىلىق خەلق چۆچەكلىرى»، «چارقىلىق خەلق قوشاقلىرى»، «چارقىلىق خەلق ماقال تەمسىللىرى»نىڭ تەھرىرلىنىپ نەشر قىلىنىشى ھەم سۈپەتلىك چىقىشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىنى قوشقان.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش