ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت - 1969-يىلى 18-سىنتەبىردە قەشقەر ئوپالدا تۇغۇلغان.1983–يىلى4-ئايغىچە ئوپالدا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1983-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە كونىشەھەر ناھېيىلىك يېزائېگىلىك بانكىسىدا ئىشلىگەن.2003-يىلى شىنجاڭ مالىيە ئىقتىزاد ئىنىستىتونىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىنى مەخسۇس كۇرس بويىچە ماتېرىيال ئارقىلىق ئوقۇپ پۈتتۈرگەن. ئۇ 1996-يىلى يىزا پۇل مۇئامىلە گېزىتىدە «دوستۇمغا» ناملىق ساتىراسى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ھەر قايسى گېزىت ژورناللاردا 400پارچىدىن ئارتۇق شئېر، نەسر، ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان .
«قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى ئۇيۇشتۇرغان«يېڭى ئەسىر،يېڭى ئىزدىنىش» تېمىسىدىكى شېئىرىيەت مۇسابىقىسىدە 3-دەېىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
14- قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. 2010-يىلى «تارىم ژۇرنىلى» تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەدىب» بولۇپ مۇكاپاتلانغان.
ئۇ قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى.
ھازىر قەشقەر كونىشەھەر ناھىيلىك يېزائېگىلىك تەرەققىيات بانكىسىدا كىردىت خادىمى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.