كۆرۈش: 625|ئىنكاس: 0

ئابدۇرەشىد غوجا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابدۇرەشىد غوجا: 1950– يىلى 11– ئاينىڭ 10– كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەردە تۇغۇلغان، مەكىتتە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگىتىپ، 1968– يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقان. شۇندىن باشلاپ تاكى 1995– يىلىغىچە ھەربىي سەپتە بولۇپ، چاقىلىق ناھىيەسىدە خەلق قوراللىق بۆلۈمىدە تۇرغان. 1995– يىلى يەرلىككە ئالمىشىپ ، چاقىلىق ناھىيەلىك تارىخ – تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، كېيىن شۇ ئىدارىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995– يىلى 12– ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىگە يۆتكىلىپ، بىر قانچە يىل ئىشلىگەندىن كېيىن ئارامغا چىققان. ئۇ ھەربىي سەپتە ئىشلەش داۋامىدا، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ دەرسلىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ تۈگەتكەن. شئەن قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار ئىنۇستۇتى ئۈرۈمچى شۆبىسىدە  سىرتتىن ئوقۇپ ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن. 1978 – يىلى تۇنجى شېئىرى ‹‹جەڭ غەلىبىسى›› گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئىجادىيەت ئىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە ‹‹تارىم›› ، ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى›› ، ‹‹بوستان›› ، ‹‹يېڭى قاشتېشى›› ، ‹‹ شىنجاڭ گېزىتى›› ، ‹‹بايىنغولىن گېزىتى›› ... قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللاردا 1000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 20 نەچچە پارچە نەسر، 10 پارچە ئوبزورى ئېلان قىلىنغان. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1990– يىلى نەشر قىلغان ‹‹تاڭ ئۇچقۇنلىرى›› ناملىق كوللېكتىپ توپلامغا بىر قىسىم شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ‹‹شائىر بولۇپ كىرپىك ئىلمىدىم›› ، ‹‹ ياپراق›› ، ‹‹قۇرۇق دەريا›› ، ‹‹نېمە دېسەڭ ئادەملەردە بار›› ، ‹‹ گىلەم بىلەن كىگىز›› قاتارلىق ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى بار. پېشقەدەم شائىر ئۆزىنىڭ نادىر شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن ‹‹ئاي ئەگىگەن ھېلىقى ئاخشام›› قاتارلىق بىر قانچە توپلامىنى نەشرىياتقا تاپشۇرغان.  شائىرنىڭ بالىلىرىمىزغا ئاتالغان «ماختانچاق توشقان' ناملىق مەسەللەر توپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن 2014- يىلى 6- ئايدا نەشر قىقىلىنىپ تارقىتىلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 10:44  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش