يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 790|ئىنكاس: 4

ئەركزات: تۆتىنچى ئەخمەق (چۆچەك)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   تۆتىنچى ئەخمەق

    (چۆچەك)


ئۆتكەن زامانلاردا، ئۆز-ئارا خېلى يېقىن ئۆتكەن ئىككى دوست بار ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلاردىن بىرى توي قىلىپتۇ. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، توي قىلمىغان دوستى توي قىلغان ھېلىقى دوستىدىن سوراپتۇ:
-ئايالىڭ قانداقراق، مىجەز-خاراكتېرى بولامدىكەن، خېلى كېلىشىپ قالغانسىلەر؟
ئۆز دوستىدىن خېلى بۇرۇنلا توي قىلىۋالغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ، مۇشۇنداق بىر  سوئالنىڭ ئۆزىدىن پاتراق سورىلىشىنى تەقەزالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ئۇ دوستى ھېلىقى دوستىغا  تولىمۇ پەخىرلەنگىنىچە دەرھال جاۋاب بېرىپتۇ:
-ئۇنى بىر دېمە ئاداش، بىز ئىككىمىز كېلىشىپ شۇنداق ئامراقىلىشىپ كەتتۇقكى، ئاي-ھاي...خۇددى كېچە بىلەن كۈندۈزدەك، گۆش بىلەن قاندەك،  تەن بىلەن جاندەك، قېتى بىلەن ناندەك،  بېلىق بىلەن سۇدەك بىر-بىرىمىزدىن ئەسلا ئايرىلمايمىز. ئايالىم شۇنداق ۋاپادار، شۇنداق ساداقەتمەن، شۇنداق ئاق كۆڭۈل ئايالكى، ئاي-ھاي، بۇ جەھەتتە ئالەمنىڭ ھېچبىر  ئىقلىمىدا ئايالىمغا تەڭلىشەلىگۈدەرەك ۋاپادار ئايال زاتى تېپىلمايدۇ!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھېلىقى دوستى بىردە دوستى ھەم دوستىنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشىدىن سۆيۈنسە، بىردە بۇ دوستىنىڭ سۆزىدىن شۈبھىلىنىپ، دوستىنىڭ ئايالىنىڭ ساداقىتىنى بىر سىناپ بىقىش مەقسىتىدە دوستىغا ئۆز مۇددىئاسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:
-ئاداش، بىر گەپ قىلسام ئەجەبلەنمە ھەم خاپا بولما ، شۇ تاپتىكى بەزى ئاياللار تولىمۇ ھىيلىگەرلىشىپ كەتتى. ھىلىگەرلىكتە بەزىلىرى ھەتتا تۈلكىگىمۇ كۇرس ئاچقۇدەرەك سەۋىيەگە يەتتى.  «بىر ئايالنىڭ ھىيلىسى قىرىق شەيتاننى ئۇسسۇلغا ساپتۇ» دېگەن گەپ بار. بەلكىم، بۇنى سەنمۇ ياخشى بىلىسەن. ئايالىڭ سەن دېگەندىكىدەك ۋاپادار، كۆيۈمچان بولغان بولسا، بۇنىڭدىن مەنمۇ كۆپ مىننەتدار. ئەمما ئالا كۆڭۈل بولۇپ قالسا ئىش چاتاق. «ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا، ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە» دەيدىغان ئاتىلار سۆزىمۇ بار. بىلىمەن، سەن تولىمۇ ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار يىگىت. نېمە ئۈچۈنكىن، يېقىندىن بۇيان، قۇرسۇقۇمغا بىر جىن كىرىپ، ئايالىڭنىڭ ساداقىتىنى بىر سىناپ بېقىش خىيالىدا بەك تولا  خىيال سۈرىدىغان بولۇپ قالدىم. ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسەڭ، مەن بىر توخۇنى يۇڭداپ بۈگۈن يېرىم كېچە بىلەن ئۆيۈڭنىڭ تۆڭلىكىدىن ئۆيۈڭگە تاشلايمەن. سەن ئۇشتۇمتۇتلا كېسىلىڭ تۇتقان بولۇۋېلىپ، دەھشەتلىك ئېڭرىغىنىڭچە دومىلاپ دومىلاپ يېتىۋالىسەن. دەل شۇ چاغدا، قورقۇپ كەتكەن ئايالىڭ تۆڭلۈكتىن تاشلانغان  ھېلىقى توخۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ناھايىتى قورقغان ھالدا سەندىن مۇنداق دەپ سورايدۇ:
-ھەي، قارىڭا، ئۇ نېمە؟
سەن قىلچە ئىككىلەنمەيلا مۇنداق دەيسەن:
-ھەي... ئەمدى ساڭا راستىنى دېمىسەم بولمىدى، خوتۇن. شۇ كەمگىچە ساڭا تېخى دېمىگەنىدىم، مېنىڭ ساقىيالمايدىغان كېسىلىم بار ئىدى. قارىغاندا، ئەمدى ياخشىلىنالمايدىغان ئوخشايمەن.  سەنمۇ كۆردۈڭ، ئۇ، مېنىڭ  جېنىمنى ئالغىلى كەلگەن ئەزرائىل! رازى بول، خوتۇن، رەنجىتكەن بولسام، مېنى كە...كە..چۈر...
دوستى ئۇنىڭغا ئەنە شۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ. ئۇلار شۇنداق كېلىشىۋالغاندىن كېيىن، توي قىلغان دوستى سالپايغان ھالدا ئۆيىگە قايتىپ، ئۆزىنىڭ ساقسىز بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، يوتقانغا  چىڭ چۆمكىنىپ بۇرۇنلا يېتىۋاپتۇ ۋە ئېغىر ھاسىراپ-ھۆمۈدىگىنىچە «ئۇيقۇ»غا كېتىپتۇ.   ئايالىمۇ بىردەم-يېرىم دەم ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندىن كېيىن، تۈن نىسبى بىلەن كۆزى ئۇيقۇغا ئىلنىشىپ قاپتۇ. دەل شۇ پەيتتە،  ئالدىنقى كۈنى پۈتۈشىۋالغىنى بويىچە، ھېلىقى دوستى يۇڭدالغان، پۇتى بۇغۇچلانغان بىر توخۇنى ئۆيىنىڭ تۆڭلۈكىدىن ئۇلار ياتقان كارۋات ئۈستىگىلا «گۈپ» قىلىپ بىر تاشلىغانىكەن، ئۆلگۈدەك قورقۇپ كەتكەن ئايالى ئىنتايىن ئالاقىزادىلىك ئىچىدە ئېرىدىن سوراپتۇ:
- ھەي، تۇرىڭە، تۇرىڭە، قاراڭ، ماۋۇ نېمە؟
ئېرى «ئاران تەستە كۆزىنى ئېچىپ»، ئۇھسىنغان ھالدا تەمتىرىمەستىن جاۋاب بېرىپتۇ:
-خوتۇن، رازى بول....  ئۇ، مېنىڭ جېنىمنى ئالغىلى كەلگەن ئەزرائىل! مېنى كەچۈر، خوتۇن.  مەن ساڭا ئېيتمىغان ئىدىم، مەن سەن بىلەن تونۇشۇپ توي قىلىش ئالدىدا ساقايماس بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىر بىمار ئىدىم. رەھمەتلىك ئاتا-ئانامنىڭ مېنى شۇنچە ئۇزۇن يىل داۋالاتمىغان بىرەر  تىۋىپىمۇ قالمىدى، ئەمما مەن ياخشىلىنالمىدىم. ئۇلار مەن ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىدى، مېنى داۋالىتىش ئۈچۈن كۆپ چىقىمدار بولۇپ، ھەممە  بىساتىدىن ئايرىلدى، ساق تېنى مەجروھ بولدى، نۇرلۇق كۆزلىرى مەن-بار-يوقى بىرلا يۈرەك پارىسى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز قان-ياش يىغلاپ ئەما بولدى. شۇنىڭ بىلەن  رەھمەتلىك ئاتا-ئانام ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىق بۇرچىنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن مەن بىر ئاز ياخشىلانغان ھامانلا، مېنى ئۆيلەپ قويماقچى بولىۋېدى، تەقدىرىي-قىسمىتىم  شۇنداق بولسا كېرەك، مانا سەن بىلەن تەقدىرداش بولۇپ، ئاز-تولا خاتىرجەملىككە ئېرىشىۋېدىم، كۆپ ئۆتمەي بىچارە ئاتا-ئانام ئارقا-ئارقىدىن كۆز يۇمدى. «يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە، بۇرنى قاناپتۇ» دېگەندەك تولىمۇ ئەپسۇس، مانا ئەمدى بۇ لەنىتى كېسەلدىن ساقىيالمايدىغان ئوخشايمەن، ئەلۋىدا...، -دەپ يىغلاپتۇ ئېرى.
دەل شۇ پەيىتتە، يۇڭدىۋېتىلگەن ھېلىقى توخۇ ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا دومىلاپ،قاناتلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپ، ئەر-ئايال ئىككىسىگە سىنچىلاپ  نەزەر سالغىنىچە «ھە، ئاشىق-مەشۇق ۋاپادارلار، مېنى تونۇغانسىلەر-ھە؟ مەن- دوستۇڭلار ئەزرائىل بولىمەن. مەن سىلەرنى ئۆز ھوزۇرۇمغا مەڭگۈلۈك تەكلىپ قىلغىلى كەلدىم، سىلەرنى بىردىن-بىردىن ئېلىپ كېتىپ سەيلى قىلدۇرماقچىمەن. ھە، بۈگۈن ئاۋۋال قايسىڭلار  مەن بىلەن كېتىسىلەر؟ ......» دېگەن سۈرلۈك ئاۋازدا جار سالغىنىچە، ئۇلارنى ئەگىپ توختىماستىن پالاقشىشقا باشلىغانىكەن، ئايالىنىڭ قورققىنىدىن جان-ئىمانى چىقىپ كەتكىلى تاسلا قاپتۇ-دە، لاغىلداپ تىترىگىنىچە شۇنداق دەپتۇ:
-كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ئوبدان قارا، مەن مانا مۇشۇنداق ساغلام، بىجىرىم تۇرۇپتىمەن. لېكىن ئېغىر كېسەل دەستىدىن ئېرىمنىڭ ئۈچ-تۆت كۈنلۈك ياشىيالىغۇچىلىكىمۇ قالمىدى. ئەنە قارا، ئۇ ھازىرمۇ كېسەل ئازابىدىن ئېڭراپ ياتىدۇ، شۇڭا...، - دەپتۇ ئايالى  ئەزرائىلغا ئېرىنى كۆرسەتكىنىچە، ئۇنى ئەزرائىلنىڭ ئالدىغىراق ئىىتىرىپ قويغاچ. ئۆگزىدە بۇنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان ھېلىقى ئاغىنىسى ئەتىسى دوستىنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە ئارتۇقچە گەپ-سۆزمۇ قىلماي، پەقەت«قانداق؟» دېگەندەك ئىشارەت بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قويغان ئىكەن، ئايالىنى  تۈزۈكرەكمۇ چۈشەنمەيلا شۇنچە ماختىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىزادىن ئۆلگۈدەك بولۇپ كەتكەن دوستى ئايالىغا ئالدىراپ باھا بېرىۋەتكەنلىكىگە قاتتىق ئۆكۈنۈپتۇ.
ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي ئۇلار  يەنە ئۇچرىشىپ قاپتۇ ۋە ھېلىقى كۈندىكى ئىشنىڭ  نەتىجىسى قانداق بولغانلىقىنى سورىغان دوستىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:
-ھەي... بۇنىڭ قايسى بىرىنى دەي.  كونىلار جاھاندا تۆت ئەخمەق بار: ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، يېگىنىنى داڭلىغان ئەخمەق، ئىككىنچىسى، ئۆزىنىڭ كىيگىنىنى داڭلىغان ئەخمەق، ئۈچىنچىسى، ئۆزىنى داڭلىغان ئەخمەق، تۆتىنچىسى،  ئۆزىنىڭ خوتۇنىنى داڭلىغان ئەخمەق دەپتىكەن. مەن دەل ئەنە شۇ تۆتىنجى ئەخمەق ئىكەنمەن،- يەنە شۇ كونىلار «تاماقنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە» دەپتىكەن، مەن باشقىلارغا باھا بېرىشتە بەكمۇ ئالدىراڭغۇلۇق قىلغانلىقىمدىن قاتتىق نومۇس قىلدىم، كەچۈر،- دەپتۇ دوستىغا تولىمۇ خۇسىنغان ھالدا. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، يۇقىرىقى ھېكمەتلەر ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن.
( بۇ چۆچەك 1991-يىلى «جەمئىيەت تەكشۈرۈش  پىراكتىكىسى» نامىدا ئېلىپ بېرىلغان خەلق ئېغىز ئەدەبياتى ئەسەرلىرىنى توپلاش-رەتلەش پائالىيىتى داۋامىدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ پۇرچاقچى يېزىسىدىن توپلانغان بولۇپ،  چۆچەكنى   ئېيتىپ بەرگۈچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئەسلىي ئارگىنالدىن يىرتىلىپ كەتكەن ھەم ئېسىمدە قالمىغان بولغاچقا، ئۇ كىشىنىڭ نامىنى ئەسكەرتەلمىدىم، ئۆزرىلىكمەن)
            توپلاپ-رەتلىگۈچى: ياسىنجان ئوسمان ئەركزات
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 01:05  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-27 10:46:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچانلىقىڭىزغا باركاللا!

ۋاقتى: 2014-6-27 11:53:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچە يېزىلغان بۇ چۆچەكتىن سۆيۈندىم ،ئىجادىيەتتىكى ئۈنۋىرسال ،تەپەككۈرگە باي قەلەم ئىزچىللىقىڭزغا قايىل بولدۇم ،قەلەم تۇلپارىڭىز مەڭگۈ ئۆكسىمىگەي !ياسىنجان ئوسمان ئەركزات ئەپەندى .

ۋاقتى: 2014-6-28 20:18:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجاننىڭ (ئەركزادنىڭ) بۇ چۆچىكىدىن يېڭى بىر ھايات ھەقىقىتىنى چۈشەندىم ، مۇبارەك بولسۇن ، ياسىنجان!

ۋاقتى: 2014-6-29 17:09:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز؟ ھويلىڭىزغىمۇ كىرمەيسىز؟ چۆچەكتىن ھۇزۇرلاندىم.رەخمەت سىزگە!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش