كۆرۈش: 1121|ئىنكاس: 0

ئابابەكرى توختى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ababakri hajim.JPG

    ئابابەكرى توختى 1973-يىلى3-ئاينىڭ 14-كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ قومۇشئېرىق يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1997-يىلى 7-ئايدا  شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرىستېتنىڭ فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، يېڭىشەھەر ناھىيە قۇمۇشئېرىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە تەقسىملەنگەن. 1999-يىلى 4-ئايدىن 2013-يىلى 8-ئايغىچە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدا كاتىپ، ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، ياپچان بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ  مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. ھازىر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
ئابابەكرى توختىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا باشلانغان بولۇپ، تۇنجى شېئىرى 1986-يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا 800پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، 10نەچچە پارچە ھېكايىسى، 20نەچچە پارچە نەسىرى، 20نەچچە پارچە ئوبزورى،50پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى «ئانا يۇرت سۆيگۈسى»، «يۈرەكسىز سۆيگۈ»، «روبائىيلىق كالىندار»، «قەشقەردىكى يەر شارى»،« ئالتۇن قونچاق»، «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئابىدىسى»، «ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن نەمۇنىلەر»، «ئەل نەزىرىدە خوتەن» قاتارلىق توپلاملارغا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. 30نەچچە پارچە ئەسىرى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «غۇنچە ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «ئالتۇن تاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە بىر قىسىم گېزىت-ژورناللارنىڭ 1-،2-،3-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئىرىشكەن. ئۇنىڭ نامى ۋە ئىجادىيەت ئەھۋالى «جۇڭگۇ شەخسلىرى قامۇسى»، «جۇڭخۇا ئەزىمەتلىرى قامۇسى»، «قەشقەر ئەدىپلىرى»قامۇسلىرىغا كىرگۈزۈلگەن.
2013-يىلى شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن «چوغ ئوينىغان قىز» ناملىق  شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. نۆۋەتتە ھەرقايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن «چۈمۈلىلەر مەكتىپى»، «چېكىلمىگەن دېرىزە»  ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئۇ جۇڭگۇ ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزاسى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش