مۇھەببەت قوشاقلىرى
توپلاپ رەتلىگۈچى: مويدىن ئەھمەت
قىزىل گۈلمۈ بولمىسا،
ئەتىرگۈلمۇ بولمىسا.
ئىككىمىزنىڭ ۋەدىسى،
ھەرگىز يالغان بولمىسا..
ھاۋادىكى بىر تورغاي،
سايرىمىسا نە بولغاي..
خۇدا بەرگەن بۇ جاننى،
قىينىمىساڭ نېمە بولغاي...
كاككۇك ئۆزى،
بۇلبۇل ئۆزى.
بۇ خەتنى يازغان،
چىن مۇھەببەتنىڭ ئۆزى.
باغدىن ئالما چۈشۈپتۇ،
يەرگە توك-توك چۈشۈپتۇ.
شۇنچە قىزلار ئارىسىدىن،
سىزگە كۆڭلۈم چۈشۈپتۇ.
باغدا سېرىق گۈل ئىزدەپ،
سېرىقىنى تاپتىم.
بىۋاغا گۈل بېرىپ،
جاجامنى تاپتىم..
ئالما شېخى بەك تولا،
ئىگىلىپ سۇنمايدىكەن.
قىز بالنىڭ ۋەدىسى تولا،
گېپىدە تۇرمايدىكەن.
مەلىڭىزگە بارمايتتىم،
مەلىڭىزنىڭ ئوتى يامان.
مەلىڭىزغا بارغاندا،
كۆيدۈردى ئوتى يامان.
ئالما تۈۋىدە ياتقاندا،
ئانار تۈۋىدە ياتماسمەن.
سەن يارىمنى سۆيگەندە،
ئۆزگە يارنى سۆيمەسمەن.
شاپتۇلۇمنى شاخ كۆرمەڭ،
ئۆڭزىڭىزگە قاق سالاي.
مېنى بۇنچە بوش كۆرمەڭ.
يۈرىكىزگە ئوت سالاي..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-25 21:04