يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 669|ئىنكاس: 5

ھەق بىرىشتىن قاچمايلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەق بېرىشتىن قاچمايلى


پولات ئاماننۇرى


يېقىندا، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-سانىنى ۋاراقلاۋېتىپ، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «ئەدىبلىرىمىزدىن سورايدىغىنىم» سەھىپىسىنى كۆرۈپ قالدىم ۋە ئوقۇشقا كىرىشتىم. كورلا شەھەرلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن غېنى قۇربان ئۆزى قىزىققان مەسىلىلەر ئۈستىدە تونۇلغان يازغۇچىمىز ياسىنجان سادىق چوغلانغا سوئال تاشلاپتۇ. بۇ سوئاللارنىڭ كۆپىنچىسى «باھادىرنامە»، «جاللات خېنىم» قاتارلىق تارىخىي رومانلار ئۈستىدە بوپتۇ. مەزكۇر ئەسەرلەر توغرىسىدا ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ جايىدا قايتۇرغان جاۋابلىرىنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئوقۇپ، تېپىلغۇسىز بايلىققا ئېرىشكەندەك شادلاندىم. غېنى قۇرباننىڭ ئەڭ ئاخىرقى: «نەشر نۇسخىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇن، شەخسلەرنىڭ ئەسەر ئاپتورىدىن ئىجازەت ئالماسلىقى، ھەق بەرمەسلىكى سەۋەبلىك بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ نارازى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم، بۇ ھەقتە سىزنىڭ قارىشىڭىزنى بىلىپ باقسام بولامدۇ؟» دېگەن سوئالى دىققىتىمنى بەكرەك تارتتى. بۇ سوئالنىڭ دىققىتىمنى باشقا سوئاللاردىن بەكرەك ئۆزىگە تارتىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئىلگىرى نۇرغۇن ئورۇن، شەخىسلەرنىڭ يازغۇچىلارنى نەزىرىگىمۇ ئالماي، پايدا قوغلىشىپ، يانچۇقىنى تومپايتىپ، نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىزنى زار-زار قاقشاتقانلىقى ھەققىدىكى نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ يۈرگەنىدى. بۇ ھەقتە ياسىنجان سادىق چوغلانمۇ «دەردى» نى تۆكۈپ، ئىچىنى سەل بوشىتىۋالغانىدى. خۇددى ياسىنجان سادىق چوغلان ئېيتقاندەك: «بۇ گەپنى قىلسام چوغلان پۇلنىڭ كويىغا چۈشكەن ئوخشايدۇ، دەپ قالماڭ. بەزى مەسىلىلەردە پۇل ھەقىقەتەن ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئەمما ھەر قانداق بىر ئەمگەكنىڭ قەدىر-قىممىتى پۇل بىلەن ئۆلچىنىۋاتقان شارائىتتا، يازغۇچىلارنىڭ ئەمگەكلىرىمۇ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشى كېرەك» ئەلۋەتتە. بۇ ھەقىقەتەنمۇ توغرا، جايىدا ئېيتىلغان، كىشىنى قايىل قىلىدىغان جاۋاب. ياسىنجان سادىق چوغلان قايتۇرغان جاۋابىدا يەنە: «ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ‹باھادىرنامە› نى ئىجازىتىمنى ئېلىپ ھەق بېرىپ ئاڭلاتقاندىن باشقا، باشقا تاراتقۇلار رومان، پوۋېست، ھېكايە، نەسىرلىرىمنى ئاڭلاتقاندا ياكى رادىيو دىراممىسى قىلىپ ئىشلىگەندە مەندىن ئىجازەت سوراپ قويمىدى» دەپ كۆڭلىدىكى گېپىنى قىلىدۇ. بۇ يالغۇز ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭلا ئەمەس، «سۈرۈشتە قىلىشتىن خىجىل بولغان» نۇرغۇن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ يۈرەك سۆزى بولسا كېرەك.
W020130401549138059583[1].jpg


يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ئىشتىن خېلىغىچە چېۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بولۇپ يۈردۈم. يازغۇچى بىر تونۇشۇم ئۆزى ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان بىر روماننىڭ مەلۇم رادىيو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلماقچى بولغانلىقىنى، بىرەيلەننىڭ ئۆزىگە تېلېفون بېرىپ بۇ ھەقتە پاراڭلاشماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن، ئاڭلىتىش ھەققىنى سوراشنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئۆزى دېيىشتىن خىجىل بولۇپ يۈرگەندە، مېنىڭ بۇ تەۋسىيەيىم ئۇنىڭغا ياغدەك ياقتى. چۈنكى، بۇنداق نادىر روماننى قانچىلىك جاپادا ئۇيغۇرچىلاشتۇرغانلىقىنى بىز ئانچە چۈشىنىپ كەتمەسلىكىمىز مۇمكىن، لېكىن بۇ شۇ تونۇشۇمنىڭ ئۆزىگە ئايان. ئۇ تېگىشلىك ھەققە ئېرىشىشى كېرەك، مەن ئۇنىڭ تېگىشلىك ھەققە ئېرىشىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلىگەنىدىم. لېكىن، كىم بىلسۇن، باغرى يۇمشاق، «سالاغا بوش» بۇ بۇرادىرىمىز ئامالسىزلىقتىن قارشى تەرەپكە ھەق ئالماسلىق، بۇ ھەقتە دەۋا-دەستۇر قىلماسلىق ھەققىدە تىلخەت بېرىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم بولدى. سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەم، تونۇشۇم بىلەن كۆرۈشكەن كىشى: «بىز ئاڭلاتقان رومانلارغا ھەق بەرمەيمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە رومانىڭىزنىڭ يېرىمىنى ئۈنگە ئېلىپ بولدۇق، ئەمدى ئامال يوق» دەپتۇدەك. بۇنى ئاڭلاپ ئاچچىقىم كەلدى. راست گەپنى دېسەم، بۈگۈنكى كۈندە تونۇشۇمغا ئوخشاش سالاغا كەتكەن يازغۇچىلىرىمىز ئاز ئەمەس.
باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇنداق قىسمەتلەرنى ئاڭلىغىنىمدا، تىپىرلاپ جايىمدا ئولتۇرالمايلا قالىمەن. بىز نېمىشقا باشقىلارغا ھەق بېرىشتىن قاچىمىز؟ بۇ يەردە باشقىلارنىڭ ھەققىگە قارا سانىماسلىق ھەققىدە بايانلارنى قىستۇرۇپ ئۆتۈشنىڭ مېنىڭچە زۆرۈرىيىتى يوق. ئەگەر ئەدىبلىرىمىزنىڭ مىڭ بىر جاپادا روياپقا چىقارغان ئەسەرلىرى بولمىغان بولسا، نەشرىيات ئورۇنلىرى، رادىيو ئىستانسىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئاڭلىتىش تۈرىدىكى پىروگراممىلىرى بولاتتىمۇ؟ بىز نېمىشقا ئەنە شۇ ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەشنى بىلمەيمىز؟ نېمىشقا ئۇلارغا تېگىشلىك ھەق بېرىپ، ئۆزگىنىمۇ، ئۆزىمىزنىمۇ خۇش قىلمايمىز؟
يېقىندا بىر پېشقەدەم ئەدىبمۇ ماڭا خېلى «دەردى» نى تۆكۈپ بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نەشرىيات ئورۇنلىرى ئۇنىڭ بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىنى نەشر قىلىپتۇ-يۇ، ھەقنى كەينىگە سۆرەپ، تېخىچە بەرمەپتۇدەك. باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى يۇقىرى تىراژدا سېتىڭ، يانچۇقىڭىزنى تومپايتىڭ، لېكىن نېمىشقا ئۇنىڭغا تېگىشلىك ھەق بەرمەيسىز؟
بىرەر پارچە كىتابنىڭ قانچىلىك تەستە روياپقا چىقىدىغانلىقىنى، يېزىپ پۈتكۈزۈشكە قانچىلىك ئەجىر كېتىدىغانلىقىنى پەقەت ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ئادەملا بىلىشى مۇمكىن. بۇ، باشقىلار ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسانغا توختايدىغان ئىش ئەمەس. يېقىندا، بىر سورۇندا ياشقا چوڭ بىر ئاكىمىز: «ھازىر يازغۇچىلار ئويۇن قاتارىدا كىتاب يازىدىغان بولۇپ كەتتى، ئايدا بىر كىتابمۇ يېزىۋېتىدىكەن. شۇڭا ھازىر ئانچە كىتاب ئوقۇمايمەن. تايىنى يوق» دەپ قايناپلا كەتتى. ئەنە شۇ ئاكىمىز مېنىڭچە بىر پارچە رۇخسەت سوراش خېتىنىمۇ ئوڭشاپ يازالماسلىقى مۇمكىن.
بۇ ئاكىمىزغا ئوخشاش كىتابنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان، يازغۇچىنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، پۇرسەت تاپسىلا يازغۇچى ھەققىدە دادلايدىغان كىشىلەر ھەقىقەتەن كۆپ. سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ سىزچە بىر ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش شۇنچە ئاسانمۇ؟ سىز سۆيۈنۈش ئىلكىدە «ۋاھ» دەپ ئوقۇغان ئەسەرلىرىڭىزنى ئەجىبا يازغۇچىلىرىمىز بىر پۈۋلەپلا يېزىپ چىققانمىدۇ؟ ئارىمىزدا بىر پارچە ئۇنۋان ماقالىسىنىمۇ ئوڭشاپ يازالماي، تەرجىمە قىلىپ ياكى خەققە يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، پۇل خەجلەپ يازدۇرىدىغان ئادەملەر كۆپ. بولۇشىمىز شۇ تۇرۇپ، يەنە نېمىشقا ئەنە شۇ ئەدىبلىرىمىزنى قەدىرلىمەيمىز؟ ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەپ، مۇۋاپىق ھەق بەرمەيمىز؟ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىشتىن باشقا نەرسە يوق، ئەجىبا ئۇلار شۇ ئارقىلىق نېمىگە يەتمەكچىدۇ؟
ئەنە شۇنداق يازغۇچىلارنى نەزىرىگىمۇ ئېلىپ قويماي، ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىدىن پۇل ئۈندۈرىۋېلىشنىڭ، مۇۋاپىق ھەق ئورنىغا تەنبىھ بېرىشنىڭ يولىنى تاللىۋالغان كىشىلەرگە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ: بىر-بىرىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتىنى قىلايلى، ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلەيلى، مۇمكىن بولسا، ئۇلارنى بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرەيلى!


(مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇرچەرادىئو تورى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەلقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-24 14:19  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-24 20:38:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما مۇنبەرداش دوستلارنىڭ تەلىپى بويىچە يورۇتۇلدى. ئاپتور ۋە جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىدىكىلەرنىڭ پىكرى چىقمىسا بۇ توردا تۇرىۋېرىدۇ. قارشى پىكىر بولسا  بۇ 763126416  چچ غا ئۇچۇر قىلساڭلار! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-24 21:13  


باھا سۆز

مىنىڭچە بۇ تىما بۇ يەردە ھەقىقى ئورنىنى تاپتى...  ۋاقتى: 2014-6-24 08:41 PM
ۋاقتى: 2014-6-24 21:15:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پولات ئاماننۇرى ئىنىمىزغا كۆپ رەخمەت. بۇ ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ. دېمىسىمۇ ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىر خامان، كىمنىڭ ئارىسى يوغان بولسا شۇ كېلىپ چەشلىۋالىدۇ.

ۋاقتى: 2014-6-25 10:37:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە بۇ يازمىنى ،ئىنىم تەلقىنگە ھاۋالە قىلىپ،مۇنبەرنىڭ كۆيۈمچان،مەسئۇلىيەتچان باشقۇرغۇچىسى ئەرچىنگە ئۇچۇريوللاپ مۇنبەرگە چىقىرىپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىم.مەخسىدىم: يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر كۆرۈپ مۇلاھىزە قىلىپ باقسىكەن دىگەن ئۇمىدىم بار ئىدى.تولىمۇ ئەپسۇس.مۇنبەردىكى ئەزىزلەرنىڭ مۇبارەك نەزىرى بۇ يازمىغا چۈشمىدىمۇ،ياكى يازمىدىكى بۇ مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق،چاكىنىلىشىپ ئەسەرلىرىمىزگە ھەق تەلەپ قىلىپ يۈرمەيمىز دەپ قارىدىمۇ ،نەزەر كۆزىنى سالغىسى كەمەپتۇ.........


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-25 11:27:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ  بۇ تىمىغا نەزىرىنى ئاغدۇرمىنىغا قارىغاندا يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكەن ئوخشايدۇ

ۋاقتى: 2014-6-25 12:54:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل 4-ئايدا قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى «ئاۋازدىكى سىمفونىيە» DVD-MP3 ئاۋازلىق رومان پىلاستىنكىسىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
بۇ ئاۋازلىق پىلاستىنكىغا غەيرەت ئاسىمنىڭ «مۇھەببەت ئۆزى سۆزلەيدۇ»، مۇھەممەد سالىھ مەتروزىنىڭ «شەھلا كۆز»، ئارسلان تالىپنىڭ «چۆلدىكى چوغ»،«خىزىرغا يولۇققان ئاتا»، ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ «ئازغان كۆڭۈل»، ساجىدە سۇلايماننىڭ «مۇھەببەتتە مېنىڭمۇ ھەققىم بار» قاتارلىق نادىر رومانلىرى كىرگۈزۈلدى.
رومانلار يېقىملىق ئاۋازى بىلەن خەلقنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان قاراماي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئىجرائىيە دېكتورى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك دېكتور رىياسەتچى تۇرسۇنئاي نىيازنىڭ دىكتورلىقىدا  ئاڭلىتىلغان بولۇپ،بىز پىلاستىنكىنى ئېچىشقا كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا ساقلاپ قويدۇق.
چۈنكى ھەر يىلى يازدا بىز يۇرتىمىزغا بارىمىز..ئۇ يەر بۇ يەرگە ساياھەتكە بارىمىز.مۇشۇنداق ۋاقىىتتا يول بويى ئاڭلاپ ھۇزۇر ئىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق لىنتىغا ئىلىنغان ئېسىل ئەسەرلەرگە تولىمۇ زارىققان ئىدۇق.بۇرۇن تۈركى تىللار دىۋانىنى ئاڭلىغان.ئەمدى بۇ يىل ئىسىل رومانلارنى ئاڭلاپ ماڭىمىز دەپ يۈرىگىمىزدە قايناق ھاياجان...دەم ئىلىشىمىزنىڭ تەستىقلىنىشىنى ساقلاپ تىت تىت بولىۋاتىمىز.
مەن كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈمەن،رادىئولاردىن يىقىملىق دىكتۇرلار ئاڭلاتقان رومانلارنى ئاڭلاپ ھۇزۇر ئالغان ،بەزى رومانلار ئاساسىدە ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن كىنولارنى كۆرۈپمۇ زوق ئالغان ئىدىم.
گەرچە پىلاستىنكىدىن ئاڭلاش ياكى ئىشلەنگەن كىنونى كۆرۈش، كىتاپنى تۇتۇپ. تۇرۇپ ئوقۇپ ..كىتاپ ئىچىدىكى تەسۋېرلەردىن ھۇزۇر ئىلىپ ئۆزى كىتاپ ۋەقەلىگىگە چۆكۈپ كەتكەندەك..ياخشى ھۇزۇر بىرەلمىسىمۇ...ئەنە شۇنداق كىتاپ ئوقۇشقا شارا ئىت بولمىغان ۋاقىتلاردا ...ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ھۇزۇرى بار دەپ ئويلايمەن..
مەن ھازىر نۇرغۇن ئادەمنىڭ رادىئودىن رومان ئاڭلاپ...روماننىڭ ئاخىرىغا تەقەززا بولىۋاتقانلىغىنى كۆپ قىتىم ئاڭلىدىم..بولۇپمۇ چوڭلار..ياكى ئائىلە ئاياللرى ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاچ رومان ئاڭلاشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن....
شۇنداق بولغان ئىكەن..روماننى رادىئودا ئاڭلاتقانغا نىمىشقا ھەق بىرىلمىگۈدەك؟يازغۇچىلار كەسكىن بولۇشى كىېرەك.ئۆزىنىڭ مەنپەتىنى قوغدىشى كىرەك..‹كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئوچۇق› دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟
رومانلارنى پىلاستىنغا ئىلىپ بازارغا سىلىشنىڭ ئىختىسادى ئۈنۈمى يۇقىرى...مۇندىن كىيىن ياخشى يىزىلغان رومانلار..يەنە پىلاتىنكا قىلىپ ئىشلىنىپ بازارغا سىلىنىشى مومكىن...ھازىر ھەممە ئۆيلەردە ماشنىلار بار.پىلاستىنكا چوقۇم بازار تاپىدۇ....
ئاخىرىدا جاپاكەش قەلەمكەشلەرنىڭ قەلەم ھەققىنى ۋاقتىدا ئېلىشغا،رادىئو ئىستانسىسىسدائاڭلاتقان ھەققىنى ئېلىشىغا،ئۈن-سىن بازىرىدا پىلاستىنكا قىلىپ ئىشلىنىپ..ئەڭ كۆپ پۇل تىپىشىغا تىلەكداشمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش