كۆرۈش: 1051|ئىنكاس: 0

ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  
ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش 1997-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى جوغراپىيە فاكۇلتېتىنى پۇتتۇرۇپ ئاتۇش شەھەرلىك كاتتايلاق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان. 2006-يىلى  3-ئايدا ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەلگەن.ھازىر مەزكور مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.
ئانىقىز ئەزىزنىڭ يېزىقچىلىق قەدىمى 1998-يىلى 12-ئايدا «ئىلى گېزىتى»دە ئېلان  قىلىنغان«ئىلى دەريا ۋادىسىدىن قىران دەريا ۋادىسىغىچە» نامىلىق ماقالە بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن  كېيىن «شىنجاڭ    گېزىتى»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»،«شىنجاڭ سەنئىتى»،  «كروران» ،  ،«يېڭى قاشتېشى»، «قەشقەر»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ مائارىپى» قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە، مائارىپ، مەدەنىيەت تېمىسىدىكى ماقاللىرى  ئېلان قىلىنغان. 2002-يىلدىن 2005-يىلغىچە «شىنجاڭ گېزىتى»تەرىپىدىن مۇنەۋەر ئاپتۇر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى «پەن ۋە تۇرمۇش»ژۇرنىلى تەرىپىدىن «مۇنەۋەر ئاپتۇر» بولۇپ مۇكاپاتلانغان. 2006-يىلى«مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئادىمىلىك روھى» نامىلىق ماقالىسى «كروران»ژۇرنلى تەرپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇرلار ۋە تەرەقىيات»تېمىسىدىكى ئەسەرلەر مۇسابىقىسى پائالىيىتىدە « ئالاھىدە مۇكاپات» قا ئېرىشكەن. 2007-يىلى «بىز سەل قاراۋاتقان ئەرلىك ئىپپەت ۋە نىكاھ كىرزىسى» نامىلىق ماقالىسى «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى » تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان تۇنجى نۆۋەتلىك «بۇغرا»ئەدەبىي ئەسەلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2007-يىلى«يېتىملەر نېمىگە مۇھتاج»نامىلىق ماقالىسى ش ئۇ ئا ر پەن- تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى  نۆۋەتلىك «بىلىم-كۈچ» ،«پەن ۋە تۇرمۇش» نادىر ئەسەرلەر مۇكاپاتىنىڭ  2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2008-يىلى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «مۇنەۋەر ئاپتۇر»شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2008-يىلى «تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ  نارازىلىقى ۋە  يېڭى دەرسلىكنىڭ  تەلىپى»نامىلىق ئىلمىي  ماقالىسى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئوقۇتۇش  تەتقىقاتى  ئىشخانىسى  تەرىپىدىن  1-  دەرىجە بولۇپ باھالانغان. 2010-يىل 12- ئايدا  ش ئۇ ئا ر  پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى 2-نۆۋەتلىك «بىلىم- كۈچ» ، «پەن ۋە تۇرمۇش» نادىر   ئەسەرلەر مۇكاپاتىنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2012-يىلى «بالىلار ئىزدەۋاتقان ئائىلە موھىتى» نامىلىق ماقالىسى «شىنجاڭ مائارىپى»ژورنىلى تەرىپىدىن 2-دەرىجىگە ، «كىروران» ژورنىلىنىڭ 2013-يىللىق 3-ساندا ئېلان قىلىنغان «‹ساداقەت› رومانى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم» نامىلىق ئوبزورى ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن نامىدىكى «ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا نەزەر» تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئوبزورلارنى باھالاش پائالىيىتىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يېقىندا  شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتغا«سۆيگۈدىن ھايات كۆكلەيدۇ» نامىلىق ماقالىلەر توپلىمىنى،شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتىغا«مۇمامنىڭ يۈزى» نامىلىق بالىلار كىتابىنى تاپشۇردى. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش