يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 820|ئىنكاس: 12

ئابدۇخالىق ئابلىمىت : ئادىل تۇنىيازنىڭ « شېئىر ۋە شائىر » ھەققىدە ئېيتقانلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    تۆۋەندىكىسى ئاتاقلىق شائىر ئادىل تۇنىيازنىڭ بۇ يىل 15 – مارت ، " تۇرپان " ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان << نىجات يۇلتۇزى >> ، << ئارۇز>> ، << ئۈزۈمزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى >> نامىدىكى مۇكاپاتلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى خۇلاسىلەش ، مۇكاپاتلاش يىغىنىدا  << شېئىر ۋە شائىر ھەققىدە >> سۆزلىگەن لېكسىيەسى  .  شۇ چاغدا ئۈنئالغۇ ئاپپاراتىدا ئۈنگە ئېلىۋالغان ئىدىم . << يازغۇچىلار مۇنبىرى >> دىكى شېئىر ئاشنالىرىنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۈچۈن ، قانچىلىك ئالالىغان بولسام شۇنچىلىك  ئۈن ماتېرىيالىنى قەلەمگە ئېلىپ تەييارلىدىم . قەلەمگە ئېلىپ رەتلەش جەريانىدا كەتكۈزۈپ قويغان جايلارغا تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بۇلۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
                                          --- قەلەمگە ئالغۇچىدىن
                                         
   
شېئىردا شائىر مەلۇم بىر پىكىرنى ، مەقسەتنى ئىپادىلەپ شۇنىڭدىن نەتىجىگە ئېرىشەلىسە ، شۇ شائىرنىڭ پاساھەت بالاغىتىنىڭ كامالىتى . شېئىر ئوقۇغاندا مەيلى چۈشىنىڭلار ياكى چۈشەنمەڭلار ئۇنى شۇ بويىچە ئوقۇساڭلار، ئەجەپ بۇ شېئىردا ماۋۇ سۆزنى بۇ يەرگە ئىشلىتىپتىغۇ ، دەپ ئويلىغىنىڭلارنىڭ ئۆزى كاللاڭلارنىڭ يەنىلا تەپەككۇر ھالىتىدە تۇرغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
شېئىر – تەپەككۇرنىڭ بىلەي تېشى ، شېئىر بىر تىلنىڭ قايمىقى . شۇڭا ئانا تىلنىڭ قايمىقىنى بالاڭلارغا يىگۈزۈپ قويۇڭلار . بالىلىرىڭلاردا شېئىر ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭلار ، بالىلىرىڭلارغا شېئىر توپلاملىرىنى ئېلىپ بېرىڭلار . مۇشۇنداق بولغاندا بالىلار بىر تەرەپتىن ئانا تىلغا پىشىدۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن تەپەككۇرى ئېچىلىپ نېمىنى تەپەككۇر قىلسا شۇنى قىلالايدىغان بىر ياراملىق پەرزەنت يېتىشىپ چىقىدۇ . ئادەم قورساق ئاچقاندا نان يەيدۇ ، شېئىر ئوقۇشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ، يەنى ، شېئىر تەپەككۇر قەھەتچىلىكىگە بېرىلىدىغان نان ، ئادەم مەنىۋى قورساقنىڭ ئاچلىقىدىن شېئىر ئوقۇيدۇ . ئىسرائىلىيەنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك زۇڭلىسى رابىنمۇ ھەر كۈنى ئەرەبلەرنىڭ داڭلىق شائىرى مەھمۇد دەرۋىشنىڭ بىر پارچە شېئىرىنى ئوقۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان . مەھمۇد دەرۋىش ئەرەبلەرنىڭ ئەڭ كاتتا شائىرى ، ئۇ بەدئىيلىك بىلەن سىياسىيلىكنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يازالىغان .
شائىر قانداق ئادەم دېگەندە ، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ، شائىر – مۇناسىۋەت تورلىرىنىڭ سىرتىدىكى ، ئادەم كۆزى چۈشمەيدىغان بۇلۇڭ – پۇچقاقلاردىكى تىل تورلىرىدىن شېئىر توقۇۋاتقان بىر تەنھا ئۆمۈچۈككە ئوخشايدۇ . ئۇ قانداقتۇر قەغەز ئايرۇپىلانلارغا چىقىپ غارقىراپ ئۇچۇپ كەتمەيدۇ ، زاماننىڭ كەينىدىن ھەدەپ يۈگۈرۈپ كەتمەيدۇ ، كىشىلەر توپىدا كېتىۋاتقان ، توپنىڭ سىرتىدىكى بىر ئادەم . مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ جەمئىيەتنى سىرتتىن كۈزەتكۈچى ، بىر تەنھا ئادەم . شۇڭا شائىرلار ياكى شېئىرغا ھەۋەس قىلىدىغانلار مەن چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلمىدىم ، دەپ كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق . ئەنە شۇنداق ھەممە نەرسە ئۆلچەملىشىپ كەتكەن ، قېلىپلاشقان جەمئىيەتكە نىسبەتەن شائىر زامانغا ئەگىشىپ بولالمايدىغان بىر ئاز كالامپايراق ئادەم . شائىر – بىر ئاشىق ، يەنى ئەدەبىياتنىڭ ئاشىقى ، شائىرنىڭ خىيال – مەقسىتى قىلىۋاتقان ئىشىدا ئەمەس ، بەلكى شېئىردا ، شائىر بىر ئىشنى پۈتۈن زېھنىنى بېرىپ قىلىپ بولالمايدۇ ، شائىرنىڭ كېچىلىرىنى شېئىر تارتىۋالىدۇ . كۈندۈزى يەنە بىر ئىشنى قىلماقچى بولسا ئۇنى يەنە شېئىر باشلاپ كېتىدۇ . ئەمدى مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتكە نىسبەتەن باشقىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئويغىتىدىغان ، تەپەككۇر يوللىرىنى ئېچىشقا ئۆگىتىدىغان كىشىلەر ئىنتايىن زۆرۈر . شائىر قارىماققا بىر ئارتۇقچە ئادەمدەك قىلغان بىلەن ھەرگىز ئارتۇقچە ئەمەس . شېئىر توپلاملىرى كىتابخانىلاردا توپا بېسىپ تۇرغان كىتابتەك قىلغان بىلەن ئۇ جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئىنتايىن ئېھتىياجلىق نەرسە . شۇڭا ھەممە ئادەمنىڭ ئۆيىدە بىردىن شېئىر توپلىمى بولسۇن ، سىلەر مەيلى قايسى ساھەدىن بولۇڭلار ھەركۈنى بىر پارچىدىن شېئىر ئوقۇپ بېرىڭلار . شېئىر يازىدىغانلار ، شېئىرغا ھەۋەس قىلىدىغانلار مېنى پات – پات ئىزدەپ كېلىپ تۇرىدۇ . ئۆتكەندە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر بالا مېنى ئىزدەپ كېلىپ ، ئادىل ئاكا ، شېئىرنى قانداق يازىمىز ؟ – دېۋىدى ، مەن ، شېئىرنى كارىۋاتتا يازىمىز ئۇكام ، دېدىم . ئادەتتە مەن شېئىرنى يېتىپ تۇرۇپ يازىمەن ، سىرتتا بىر نەرسە كاللامغا تەسىر قىلغان بولسا ، دەرھال ئۆيگە ئالدىرايمەن – دە كارىۋاتتا دومىلاپ تۇرۇپ يېزىپ كېتىمەن . شائىر بارلىق سەزگۈ ئەزالىرىنىڭ ئىشىكىنى سىرتقا ئېچىپ قويۇشى كېرەك ، ئاددىيسى ئۇچۇپ كېتىۋاتقان پاشا – چىۋىنلەرمۇ سىزنى ھاياجانلاندۇرىدىغان بولۇشى كېرەك . سىزنىڭ بەش سەزگۈ ئەزايىڭىزنىڭ ھەممىسى تىلىڭىزغا توپلىنىشى كېرەك ، تىلىڭىزغا ئەگەشسىڭىز سىز شائىرلىق يولىغا كىرگەن بولىسىز ، يەنى شائىر دېگەن ئالدى بىلەن سۆزگە ئەگىشىدۇ . مەن دائىم بىز بىلەن دەۋرداش شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ تۇرىمەن ، بۇ شائىرلارنىڭ شېئىرىدىكى پىكىر ھەقىقەتەن ياخشى ، لېكىن ئىچكىرىلەپ ئوقۇساق ئۇ بىر تەرجىمە شېئىردەك تەسىر بېرىدۇ . چۈنكى ھەرقانداق بىر تىلنىڭ مۇزىكىسى بولىدۇ ، قاپىيەسى بولىدۇ . بىز ئۇنى ئوقۇغاندا شېئىر ئوقۇۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىشىمىز كېرەك . ئۇنىڭ پىكىرى قانچىلىك ئېسىل بولۇپ كەتسۇن ، ئۇ شېئىرنى ئوقۇغان ھەربىر ئوقۇرمەن ئۇ شېئىرنىڭ مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ ماڭالايدىغان بولۇشى كېرەك ، ئۇنى خۇددى باشقا بىر تىلدىن تەرجىمە قىلىپ كەلگەندەك ئېسىل ، دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن يۆگەپ قويساق تازا ياخشى بولماسمىكىن – دەيمەن . شۇڭا شېئىر يازىدىغانلار ئۈچۈن شېئىردا ئىپادىلەش بەك مۇھىم نەرسە . شېئىرنىڭ مەقسىتىنى مەن ئىپادىلەش ، دەيمەن . كۆرگىنىڭىزنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئىپادىلىسىڭىزلا بولدى . مېنىڭ << گۈزەل ئەخلەتخانا >> ناملىق شېئىرىمدىمۇ ئىپادىلىگىنىم نېمە دېگەندە ، تېنچ بىر جەمئىيەتتە ئۇرغۇپ تۇرغان بىر كۈچنى يازدىم . دېمەك شائىر شېئىردا مەقسىتىنى ئىپادىلەپ بەرسىلا بولىدۇ.
شائىر ئۆگىنىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك ، نېمىشقا ئۆگىنىمىز دېگەندە ، بىزگە ئىلھام مەنبەسى بولۇشى كېرەك ، ئىلھام مەنبەسىنى تۇرمۇشتىن ئالىمىز . بەزىلەر دەيدۇ : يازىدىغان نەرسىلەر قالمايۋاتىدۇ ، دەپ . مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس ، مەن ھەر نەرسىنى كۆرسەم ھەرقاچان ۋاقتىم بولسىلا يازىمەن . شېئىرلار ئۆچىرەت بولۇپ مېنى ساقلاپ تۇرىدۇ . بىزگە نىسبەتەن ھەممە نەرسە بىزنىڭ ئىلھام مەنبەيىمىز بولالايدۇ . مېنىڭچە ، تۇرمۇش ئۆگىنىمىز دېگەن قۇرۇق گەپ . سىزنىڭ كۆرگەن – تۇتقان نەرسىلىرىڭىز ، كوچىلاردىكى ماشىنىلارنىڭ ئاۋازىمۇ سىزگە ئىلھام – ئۇچۇر بېرەلەيدۇ ، سەزگۈ ئەزالىرىڭىز توغرا يەتكۈزۈپ بېرەلىسە ، سىز ئۇنى توغرا خاتىرىلىيەلىسىڭىز ئاشۇنىڭ ئۆزى بىر شېئىر . مەسىلەن ، مەن تۆت كۈننىڭ ئالدىدا كىتابخانا ئاچىدىغانغا بىر دۇكان ئىجارە ئېلىپ ، توختام تۈزۈشتۈم ، توختام تۈزۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ، كەچكىچە ھاياجانلىنىپ << دۇكان ئىجارە ئېلىش توختامى >> دەيدىغان بىر پارچە شېئىر يازدىم . دېمەك شېئىرنىڭ ئىلھام مەنبەسى تۇرمۇشنىڭ ئۆزى شۇ ، ئەمما شائىر ئۆگەنمىسە ئاشۇنى جايىدا ئىپادىلىيەلمەيدۇ . يەنى ياغاچ ناھايىتى جايىدا بولسىمۇ ، لېكىن ياغاچچى ھۈنەردە چالا بولسا ياغاچنى كېرەكتىن چىقىرىپ قويىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن شائىر توختىماي ئۆگىنىشى كېرەك . ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا مەن چەتئەل تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان بارلىق شېئىر توپلاملىرىنى ئوقۇپ بولغان ئىدىم . كېيىنچە خىزمەتكە چىقىپ قارىسام ، شېئىر توپلاملىرى مېنىڭ ئېھتىياجىمنى قاندۇرالمىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتىم ، ھازىر ئىنگىلىزتىلىدىكى شېئىرلارنى ئوقۇيمەن ، دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكى شائىرنىڭ قانداق ئۇسلۇبتا شېئىر يازىدىغانلىقىنى تولۇق دەپ بېرەلەيمەن ، ئۇلارنىڭ شېئىرنى قانداق يازىدىغانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان . باشقىلارنىڭ شېئىرىنى ئوقۇش ، چەتئەل شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ شېئىر يېزىشتىكى ماھارىتىنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ ، تۇرمۇش ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشى ، بىزدە شائىرلىق ھۈنىرى بولغاچقا ئۇنى ياغاچلارنى جايىدا كەلتۈرۈپ ئورۇندۇقنى ياسىغاندەك چىرايلىق ياسىۋەتسەكلا بولىدۇ . شۇڭا شائىردا تېنىمسىز ئۆگىنىش روھى بولۇشى كېرەك .

                        قەلەمگە ئالغۇچى : ئابدۇخالىق ئابلىمىت

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-20 16:53:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2014-6-20 16:58:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرىڭىزگە ئاپىرىن !

ۋاقتى: 2014-6-20 18:30:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        شېئىر يېزىشتىكى __ ئىپادىلەشتىكى ماھارەت مەسىلىسىنى ئىخچام ۋە چىرايلىق ئىپادىلەپ بېرىپتۇ. سۆزلىگۈچى ۋە بىزگە يەتكۈزگۈچىگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-6-20 22:08:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ.شائىردا شۇنداق ماھرەتلەر بولىشى كېرەك. ئۆزۈمگىمۇ شۇنداق.  مەن ئادىل تۇنىيازنىڭ ئېيىتقانلىرىدىن  ئۆزۈمدە كەم  نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدىم. رەھمەت سىلەرگە!!

ۋاقتى: 2014-6-23 16:40:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككەيلەننىڭ ئەجرىگە ئاپىرىن ! شائېر ئادىل تۇنيازنىڭ شىئېر توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى يەتكۈزگىنىڭىزگە رەھمەت !

ۋاقتى: 2014-6-23 16:58:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلجانغا سالاملار يەتكەي!
بۇ نۇتۇقتىن نۇرغۇن سۇئالغا تۇتۇنغىلى بولىدىكەن. بولۇپمۇ مەقسەت ئۈچۈن شېئىر يېزىش...!

ۋاقتى: 2014-6-23 17:04:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



           قولۇمدا شائىر ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىغا يېزىلغان ناھايىتى چوڭ ھەجىملىك بىر پارچە ماقالە بار. ژۇرنالغا بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن (ژۇرنال بېتىدە 30 نەچچە بەت). بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-23 17:25  


ۋاقتى: 2014-6-23 17:20:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

... تېزرەك بەرسىلە،نەپ ئالايلى...؟!

ۋاقتى: 2014-6-23 17:23:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurbag يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 16:58
ئادىلجانغا سالاملار يەتكەي!
بۇ نۇتۇقتىن نۇرغۇن سۇئالغ ...

مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھەيران قالمىدىم. «ئالەم شېئىرىيەت خىتابنامىسى» بىلەن سۇئالغا تۇتۇلغانىدىم.

ۋاقتى: 2014-6-23 17:26:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غازى يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 17:23
مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھەيران قالمىدىم. «ئالەم شېئى ...

بىزنىڭ ھېچنېمىمىز بولمىسىمۇ سۇئالىمىز بار، قاسىمجان.

ۋاقتى: 2014-6-23 17:30:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ئوخشاش يېزىڭلار ۋە ئوخشاش سۇئال سوراڭلار دېيىش شائىرنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تاۋارغا ئايلاندۇرۇشقا قاراپ مېڭىشىنىڭ تۇنجى قەدىمىدۇر.
  نۇربەگنىڭ بىساتى سۇئال بولغىنىغا ئاپىرىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   غازى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-23 17:30  


ۋاقتى: 2014-6-23 17:44:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غازى يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 17:30
ماڭا ئوخشاش يېزىڭلار ۋە ئوخشاش سۇئال سوراڭلار دېيىش شا ...

قاسىمجان،
بىزنى چۇقۇم سۇئال تۇغىدۇ. شۇڭا، سۇئال جاۋابنى ئىچىگە قاچىلاپ يۈرگەن بولىدۇ. بىز ئىنچىكە بولىدىغان بولساق، سۇئالنىڭ پايانىغا تولۇپ تۇرغان جاۋابنى تىڭشىيالايمىز. پىكىر بۇ يەرگە كەلگەندە، ئادىلجانمۇ ئۆزىنىڭ قارىشىنى دەپتۇ. ئادىلجاننىڭ قاراشلىرى پەقەت ئۆزىگە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ گۇمانلىنىش ھوقۇقىمىز بار. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ گۇمانىمىزمۇ ئاساسسىز ئەمەس. ئادىلجاننىڭ قاراشلىرىدىن ئۇ دوستىمىزنىڭ شېئىرىيەت دۇنياسى ئايان بولدى. ئادىلقان شېئىرنى چۇقۇم مەقسەتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يازىمىز دەپتۇ. بۇ ھازىرقى ئادىلجاننىڭ قارىشى. بۇرۇنقى ئادىلجان بولۇپمۇ « سۆيۈپ قاالسام سېنى ناۋادا »، « بويتاق شائىرنىڭ مەخپىيىتى » دېگەن ئىككى توپلىمىنى چىقارغاندىكى ئادىلجان ئۇنداق ئەمەستى. ئۇ ۋاقىتتىكى ئادىلجان تۇيغۇسىنى تىڭشايتتى. تىڭشىغاننى خاتىرىگە ئالاتتى. بىزمۇ كەيب بولاتتۇق. ھازىرچۇ؟ ئىش قىلىپ مەن تەسىرلەنمەس بولدۇم. نېمىشقىلىقى بەكلا ئايان. شۇڭا نىشان بىر، يول ھەر خىل! ئادىلجانمۇ مەخسەت ئۈچۈن يېزىپ تۇرسۇن، بىزمۇ مەخسەتسىزلىك ئۈچۈن خاتىرلەپ تۇرايلى. بىر چاغلاردا قارا چاينى دەملەپ ئولتۇرۇپ، مەن نېمە قىلدىم؟ نېمە قىلماقچى ئىدىم؟ ماۋۇ قەغەزدىكى مېنىڭ نەرسىلىرىممۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە، نۇرغۇن چېگىش مەسىلە ھەل بولىدۇ-يۇ، بىز كېچىككەن بولىمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش