كۆز
ئابدۇۋەلى ئەيسا ۋاپايى
بىرىدىن–بىرىنى تالىشىپ تۇرۇپ،
ئۆزۈمگە بىر ئۆزۈم بولىمەن قاتىل.
تۇتىشار ئۆتمۈشكە بۈگۈن ۋە ئەتە،
ئۇنىڭكى قولىدا تۈگىمەس بۇ يىل.
ئالمىنىڭ تاياقى ئەمەس بۇ بەلكى،
يۈرەكنىڭ بېغىدا ئىغاڭلاپ تۇرغان.
يارغا مەن تەڭلىسەم بىر تال مېۋىنى،
ئىچىدۇ يالماۋۇز بولۇپ قىزىل قان.
كېچىنىڭ قارىسى، كۈندۈزنىڭ ئېقى،
دۇتارنىڭ تارىغا يازارمەن بىر خەت.
ئىككى تال يالماۋۇز، ئىككى پەرىشتە،
ئادەمگە نە ئۈچۈن بېرەر مۇھەببەت؟
2014–يىلى 14–ئىيۇن شەھىرى لەنجۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-17 00:37
|