چەرچەن ناھىيەسىدە مەملىكەتلىك 9- قېتىملىق «مەدەنىيەت مىراسلىرى›› كۈنىنى كۈتىۋېلىش ۋە «چەرچەن سەنىمى ، چەرچەن تاغ ناخشىلىرى››ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزلدى
ۋاقتى: 2014- يىلى 6-ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن كېيىن چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە-رادىيۇ-كىنو-تېلىۋېزىيە ئىدارىسى ناھىيەلىك كۈتۈپخانىدا مەملىكلەتلىك 9-قېتىملىق ‹‹مەدەنىيەت مىراسلىرى››كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ‹‹چەرچەن سەنىمى،چەرچەن تاغ ناخشىلىرى ›› ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو -كىنو-تېلۋىزىيە ئىدارىسى رەھبەرلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئىشخانىسى خادىملىرى، بىر قىسىم پىشقەدەملەر ۋە زىيالىيلاردىن توختى مەمتىلى، ياقۇپ سىدىق، ياسىن ئەيسا، تۇرسۇن بەكرى، ئەنۋەر جىلىل، رىسالەت مەردان، ئىلھام مەمەت، ئېلى قۇربان، مەمتىمىن تۇرسۇن قاتارلىقلار ۋەبىر قىسىم ئوتىرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 40تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.پائالىيەتكە ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو -كىنو-تېلۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى يۈسەنجان ئابلا رىياسەتچىلىك قىلدى .پائالىيەتتە پىشقەدەم مائارىپچى توختى مەمتىلى: مەكتەپلەردە قانداق قىلغاندا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەربىيىسىنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ؟ ياسىن ئەيسا: چەرچەن سەنىمىنىڭ خاس ئاھاڭ ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا، تۇرسۇن بەكرى: چەرچەن سەنىمى ۋە چەرچەن تاغ ناخشىلىرىنىڭ تارىخى قىممىتى توغرىسىدا رىسالەت مەردان: چەرچەن سەنىمى ۋە تاغ ناخشىلىرىنىڭ تېكىست ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا، ئىلھام مەمەت: چەرچەن سەنىمى ۋە تاغ ناخشىلىرىدىكى مەدەنىيەت پۇرىقى توغرىسىدا، ئېلى ياقۇپ: چەرچەن سەنىمى ۋە تاغ ناخشىلىرى- چەرچەن روھى توغرىسىدا ،تۇرسۇن مەخمۇت: چەرچەن سەنىمى ۋە تاغ ناخشىلىرىدىن يۇرتىمىز ناخشا ئۇسۇل مەدەنىيىتىگە نەزەر توغرىسىدا ئىلمى ماقالىلەرنى ئۇقىدى ئىلمى ماقالە ئۇقۇش تۇگىگەندىن كېيىن مۇتەخەسسى ۋە ئەدىپلەر چەرچەن سەنىمى ۋە تاغ ناخشىلىرى توغرىسىدا ئۆز ئارا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى ئاخىرىدا ئىلمى ماكالە ئوقىغان 7نەپەر كىشىگە مۇكاپات بۇيۇمى تارقىتىپ بىرىلگەندىن سىرىت پىشقەدەم زىيالىلەرگە خاتىرە بۇيۇمى تارقتىپ بىرىلدى
1-سۈرەتتە:پائالىيەتتىن بىر كۆرۈنۈش
2- سۈرەتتە: يىغىن قاتناشقۇچىلىرى
3-سۈرەتتە: يىتىلۋاتقان ياش يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇت ماقالە ئوقىماقتا.
4- سۈرەتتە: ناھىيەلىك ئوتىرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەنۋەر رۇزى شىئېر دىكلىماستسىيە قىلماقتا.
5-سۈرەتتە: ياش شائىرە ۋە يازغۇچى رىسالەت مەردان ماقالە ئوقىماقتا.
6-سۈرەتتە: مەرىپەتپەرۋەر ئۇقۇتقۇچى شائىر ئېلى ياقۇپ ماقالە ئۇقۇماقتا
.