كۆرۈش: 452|ئىنكاس: 2

ئابدۇشۈكۈر قاسىم: مۇھەببەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇھەببەت

ئابدۇشۈكۈر قاسىم

مۇھەببەت ئېيتقىنا سەن زادى نىمە،
بىر دەملىك خۇشاللىق ياكى ھەسرەتمۇ.
ۋە ياكى قىز-يىگىت بېشىغا كەلگەن،
ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتمۇ.

ياق،سېنى تەرىپلەپ باقسام مۇھەببەت،
سەن ئەمەس بىر دەملىك ھەسرەت يا كۈلپەت.
سەن دېگەن قىز-يىگىت كۆڭۈل ئەلچىسى،
سەن بولغاچ گۈزەلدۇر بارچە تەبىئەت.

مۇھەببەت سەن ئەمەس تاڭدىكى شەبنەم،
گۈللەرنىڭ بەرگىدە چاقنىغان بىردەم.
ۋە ياكى ئەمەسسەن ئېزىتقۇ شەيتان،
ئازدۇرۇش ئۈچۈنلا يارالغان ھەردەم.

مۇھەببەت سەن گويا پارلىغان قوياش،
مۇجەسسەم سېنىڭدە مېھىر،كۈچ-قۇۋۋەت.
سەن گويا بۇلدۇقلاپ تۇرغان بۇلاقسەن،
چاڭقاق لەۋ سېنىڭدىن ئالىدۇ لەززەت.

مۇھەببەت مۇھەببەت ئۇلۇغ سەن شۇنچە،
تەرىپىڭ تىللاردا تۈگىمەس داستان.
ياشالماس دۇنيادا سېنىڭسىز ئەسلا،
ئۇچار قۇش،گۈل-گىىياھ ۋە ياكى ئىنسان.

                 ئىجادىيىتىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-16 16:42  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-16 11:23:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويناق تىل ، يەڭگىل رېتىمدا ئىپادىلەنگەن شېئىرىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.

ۋاقتى: 2014-12-5 16:29:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yakturdum

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش