يار باغرىدا
ئابدۇۋەلى ئەيسا ۋاپايى
يارىمنىڭ باغرىدا كۆيگەن سۆكەكلەر
ئاينىدى ئۇنىڭدىن يېڭى بىر پىراق
يىرىڭغا توشقىنى ئاشىقنىڭ قەلبى
مەن يارنىڭ يېنىدا، مەن يارغا يىراق
قېپقىزىل يۈرەكلەر، قېپقىزىل بۈگۈن
قاپقارا قاشلارنىڭ قېتىدا ئۇرۇش
سەيلىگە كىرگىنىم خاتادۇر بەلكىم
چانىدى تېنىمنى تىغلار تۇشمۇتۇش
ئۆلۈكلەر ئىچىدە، ئۆلۈكلەر مەندە
كۆزىنىڭ قارىسى ماڭا ياتار يەر
ياشلارنى ئارقامغا قالدۇرۇپ تۇرۇپ
كۆرگىنىم شۇ يەردە جان بەردى مىڭ ئەر
ئاسماننىڭ بىر چېتى يىرتىلىپ كەتسە
يامغۇرنىڭ قولىدا يۇمشايدۇ ۋاقىت
بۈگۈندىن ئەتىگە ماڭار بىر ئۆلۈك
ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىرلا غالجىر ئىت
تېگى يوق بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ
مەجنۇنلار سايىسى دىلىمنى يۇتتى
كۆزۈمنى ئويغىنى ئۇنىڭ كىرپىكى
مەن قىمار ئوينىسام ئۇ مېنى ئۇتتى
يارنىڭكى ھېچكىشى كىرمەس باغرىدا
ياشايمەن مەردانە، ئۆلەرمەن رەت–رەت
ئازابنىڭ مەلھىمى بولدى بىر كاسا
ئاغزىمغا ئالغۇم بار يۇتقۇم يوق پەقەت
2014–يىلى 14–ئىيۇن شەھىرى لەنجۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-15 22:58
|