يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 536|ئىنكاس: 1

( بوستان): گارسىيا ماركۇز —ېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت يۇلۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت يولۇم
گارسىيا ماركۇز (كولۇمبىيە)
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

گابرىيېل گارسىيا ماركۇز (1927-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 17–كۈنىگىچە) كولومبىيە يازغۇچىسى، مۇخبىر ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتشۇناس، لاتىن ئامېرىكىسى خىيالىزىم ۋە رىئالىزىم ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك شەخس بولۇپ، 20-ئەسىردىكى ئەڭ تەسىرىي كۈچكە ئىگە يازغۇچىلارنىڭ بىرى، 1982-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى. گارسىيا ماركۇز خىيالىزىم بىلەن رىئالىزىمنى بىرلەشتۈرۈپ،  ئۆزگۈرىۋاتقان كولۇمبىيە ۋە پۈتكۈل لاتىن ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنىڭ بىر ئەپسانىۋىي تارىخىنى ياراتقان. ئۇنىڭ «يۈز يىل غېرىپلىق» (1967-يىلى) ۋە «خولېرا دەۋرىدىكى مۇھەببەت» (1985-يىلى) ناملىق ۋەكىلىك ئەسەرلىرى بار.
بۇ گارسىيا ماركۇزنىڭ ۋېنسۇئېلادىكى لاگاس مەدەنىيەت سەنئەت مەركىزىدە سۆزلىگەن بىر قېتىملىق نۇتقى بولۇپ، كېيىن بوگوتادا چىقىدىغان «كۈزەتكۈچىلەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان. ئۇ تاماشىبىنلارغا كاللىسىدا بىر قانچە يىل ئويلانغان ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەن، كېيىن بۇ ھېكايە 1974-يىلى لۇئىس ئالكولىلا رىژىسسورلۇق قىلغان «سېزىم» ناملىق كىنونىڭ سىيارىيەسى بولۇپ قالغان.
ئاۋال مېنىڭ ئولتۇرۇپ سۆزلىگىنىمنى كەچۈرۈشىڭلارنى سورايمەن. چۈنكى مەن ئۆرە تۇرسام قورققىنىمدىن ئىككى پۇتۇمنىڭ بوشىشىپ كېتىپ يىقىلىپ كېتىشىمدىن ئەنسىرەيمەن، راست.
مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ قورقۇنۇشلۇق بەش مىنۇت ۋاقتىم ـــ ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ 20-30 يولۇچىغا ئۇدۇل تۇرغۇنۇمغا قارىغاندا، ھازىرقى مۇشۇ 200 نەپەر دوستۇمغا ئۇدۇل تۇرغۇنۇم ـــ تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق بەش مىنۇت بولۇدۇ. سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە مەن يەنە ئەدەبىيات توغرىسىدا باشتىن سۆزلەيمەن. ماڭا نىسبەتەم ئېيتقاندا، ئەدەبىي ئىجادىيەت خۇددى سەھنىگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلىگەنگە ئوخشاش مەجبۇرلانغان بولىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىنغا كەلمەسلىك ئۈچۈن خېلە ئۇرۇنۇپ باققىنىمغا تەن ئالىمەن. مەن ئاغرىپ قالغان بۇلىۋالماقچى بولدۇم، ئۆپكە كېسىلىنى يۇقتۇرىۋالغۇچى بۇلىۋالماقچى بولدۇم،، ھەم چاچ ياساتماقچى بولۇپ ساتراچقا بوينۇمنى ئۇستۇرىدا كەستۈرىۋالماقچىمۇ بولدۇم، ئەڭ ئاخىرىدا ماڭا توساتتىن كىيىملىرىمنى كەيمەيدىغان ۋە گالىستۇقنىمۇ تاقىمايدىغان بىر ئەقىل كەلدى. مۇشۇنداق قىلسام مېنى رەسمىي يىغىنغا كىرگىلى قويمايتى. بىراق مەن بۇ يەرنىڭ ۋېنسۇئېلا ئىكەنلىكىنى، بىر تال كۆڭلەك كەيسىلا ھەممە يەرگە بارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. شۇڭا مەن يەنىلا بۇ يەردە ئولتۇرۇپ نىمىلەرنى دىيىشنى بىلەلمەي قالدىم، مېنىڭ ئىجادىيەت يولىغا قانداق ماڭغانلىقىمنى سۆزلەپ بەرگىنىم تۈزۈكتەك قىلىدۇ.
مەن ئەسلىدە يازغۇچى بولۇشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىمدە بوگوتادا چىقىدىغان «كۈزەتكۈچىلەر گېزىتى» ئەدەبىيات بېتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەيدېخۇادو سارېمېيا بوردا گېزىتتە مۇنداق دىگەن: «يېڭى ھاياتلىق ئېراسى ئەدەبىياتقا ھېچقانداق تۆھپە قۇشالمىدى، ھېكايە يازىدىغانلار يوق، رومان يازىدىغانلار تېخىمۇ يوق، ياشلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلماي قېرىپ كاردىن چىققانلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىۋاتىمىز، بىز ياشلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلمايمىز ئەمەس، ياشلار يازمايدۇ».
بۇ سۆز مېنىڭ دەۋرداشلىرىمغا نىسبەتەن كوللىكتىۋىزىملىق شەرەپ تۇيغۇمنى ئۇرغۇتتى. مەن ھېكايە يېزىپ ئەيدېخۇادو سارېمېيا بوردانىڭ ئاغزىنى ئەتمەكچى بولدۇم، ئۇ يېقىن دوستۇم بولۇپ، كېيىنچە مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇم بولۇپ قالغان. مەن ئولتۇرۇپ بىر ھېكايە يېزىپ «كۈزەتكۈچىلەر گېزىتى»گە ئەۋەتتىم، بىر يەكشەنبە كۈنى گېزىت ۋاراقلاپ ناھايىتى چۆچۈپ كەتتىم، چۈنكى مېنىڭ ھېلىقى ھېكايەم گېزىتنىڭ بىر بېتىگە تولۇق بېسىلغان ئىدى. ئەيدېخۇادو سارېمېيا بوردا خاتالىقىنى ئۇچۇق-ئاشكارا ئېتىراپ قىلىپ، «بۇ ئەسەر كولۇمبىيە ئەدەبىيات سەھنىسىدە يېڭى چولپاننىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ»، دېدى.
بۇ قېتىم مەن راستىنلا غەمگە پېتىپ قالغان ئىدىم، مەن ئۆزۈمگە مۇنداق دېدىم: ئۆزۈمگە چوڭ بىر ئاۋارىچىلىق تېپىۋالغىنىمنى قارىمامدىغان، قانداق قىلغاندا ئەيدېخۇادو سارېمېيا بوردانى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرمىغىلى بولار؟، ـــ ئۇنىڭ جاۋابى: داۋاملىق يېزىشتىن ئىبارەت، بىراق خام ماتېرىيال تاللاشنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە، قەلەم تەۋرىتىشتىن بۇرۇن مەن ئەڭ ئاۋال ھېكايىنى ئويلاپ چىقىشىم كېرەك.
بەش پارچە كىتاۋىم نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، يېزىقچىلىقتىكى قورقۇنۇچلۇق ئىشنىڭ بۇ دۇنيادىكى بىردىن-بىر قىيىن بۇلىۋاتقان ئىش ئىكەنلىكىدەك قائىدىنى چۈشىنىۋالدىم. ئەينى يىلى مەن ھېلىقى ھېكايەمنى يېزىش ئۈچۈن توپ-توغرا بىر چۈشتىن كېيىن ئولتۇرۇپ ئاسانلا يېزىپ بولغان ئىدىم. بىراق بۈگۈنكى كۈندە بىر ۋاراق ئەسەر يېزىشقا مەن نۇرغۇن كۈچ سەرىپ قىلىمەن. يېزىقچىلىق ئۇسۇلۇمنى سىلەرگە بايا ئېيتىپ بەردىم. مەن ئىشتىن ئاۋال نىمىنى يېزىشنى ۋە قانچىلىك يېزىشنى بىلمەيمەن، ئاۋال ھېكايىنى ئويلاپ «ياخشى ھېكايە» بارلىققا كەلگەنگە قەدەر كاللامدا بىر قانچە قېتىم ئوقۇيمەن، شۇنىڭ بىلەن  ئاستا-ئاستا «ياخشى ھېكايە» شەكىللىنىدۇ. ئويلاپ بولغاندىن كېيىن، بەزىدە يەنە بىر قانچە يىل ئويلايمەن. «يۈز يىل غېرىپلىق» ناملىق ئەسەرنى مەن توپ توغرا 19 يىل ئويلىدىم، ئويلاپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئولتۇرۇپ يازدىم، ئارقىدىن ئەڭ ئاۋارىچىلىق ۋە ئەڭ مەززىسى يوق باسقۇچلارغا كەلدىم. ھېكايىنى ئويلاشتا ئەڭ قىزىقارلىقى شۇكى، ئۇ بولسىمۇ قانداق قىلىپ ھېكايىنى ھېكايە قىلىپ يېزىش ئۈچۈن، ئارقا-ئارقىدىن يېزىش ۋە ئارقا-ئارقىدىن ئويلاش كېرەك. ئەجىبا كۆپ قېتىم ئويلاپ ھەقىقى قەلەم تەۋرىتىدىغاندا ماغدۇردىن كېتىدىكەن، قىسقىسى مەن ماغدۇرۇمدىن كېتىدىكەنمەن.
   مەن كاللامدا بىر قانچە يىل ئويلاپ يۈرگەن، بىراق تېخى يېزىلمىغان بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بىرەي: ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا سۆزلەپ بىرەي: قاچانلىققا يېزىپ چىقىشقا كەلسەك، سىلەر ئۇنىڭ پۈتۈنلەي باشقا بىر ئۇسلۇپقا كىرىپ قالغانلىقىنى بايقىيالايسىلەر، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى كۈزىتەلەيسىلەر. مۇنداق بىر ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى:
بۇرۇن ناھايىتى كىچىك بىر كەنت بار بولۇپ، كەنتتە بىر موماي ئولتۇرىدىكەن، موماينىڭ ئىككى بالىسى بولۇپ، ئوغلى 17 ياشقا كىرىپتۇ، قىزى تېخى 14ياشقىمۇ توشماپتۇ. بىر كۈنى موماي چىرايى غەمكىن ھالدا تاماق ئىتىپتۇ. بالىلىرى ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىغان ئىكەن. موماي مۇنداق دەپتۇ:
ـــ مەنمۇ بىلمەيمەن، ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرسام كەنتتە بىرەر چوڭ بالا-قازا بۇلىدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن.
بالىلىرى مومىسىنى «قارىسىغا خىيال قىلىۋېتىپسىز»، دەپ مازاق قىلىپتۇ. ئوغلى بىليارت ئوينىغىلى بېرىپ، ئىككى دانە ساقىغا ئۇچراپ، ساقىنىڭ ئورنى ياخشى جايدا بولغاچقا كالتەكتە بىرنى ئىتتىرسىلا ئۇتۇۋالار ئىكەندۇق. رەقىبى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
ـــ مەن بىر پېسو تىكتىم، سەن ئۇتالمايسەن.
كۆپچىلىك بۇنىڭدىن  كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ،  ئۇ ئوغۇلمۇ كۈلۈپ كېتىپتۇ، بىراق كالتەكتە ساقىنى بىرلا ئىتتىرغان ئىكەن، ئۇ راستىنلا ئۇتالماي بىر پېسو ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپتۇ. رەقىبى ئۇنىڭدىن مۇنداق سوراپتۇ:
ـــ بۇ قانداق ئىش؟ شۇنچە ئاسان تۇرسا ئۇتالمىدىڭغۇ؟
ئۇ ئوغۇل ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
ـــ شۇنداق، ئاسان ئىدى، بىراق ئاپام ئەتىگەن بىزگە، «كەنتىمىزدە بىرەر چوڭ بالا-قازا بۇلىدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن» دېگەن بولغاچقا، كۆڭلۈم دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالغان ئىدى.
كۆپچىلىك ئۇنى مازاق قىلىپتۇ. پۇل ئۇتۇۋالغۇچى  ئۆيگە قايتىپ كەلسە، ئاپىسى بىلەن بىر نەۋرە سىڭلىسى ۋە نەۋرە ئايال تۇققىنى ئۆيدە ئىكەن. ئۇ پۇل ئۇتۇۋالغان بولغاچقا ناھايىتى خوشال بولغانلىقتىن مۇنداق دەپتۇ:
ـــ داماسۇ راستىنلا دۆت ئىكەن، ئۇ ماڭا بىر پېسو ئۇتتۇرۇپ قويدى.
ـــ ئۇ قانداق دۆت ئىكەن؟
ـــ «دۆت» دېگەن سۇقالايدىغان ساقىنىمۇ سۇقالماي ئۇتتۇرۇپ قۇيىدۇ، ئۇنىڭ ئاپىسى ئەتىگەندە «كەنتىمىزدە بىرەر چوڭ بالا-قازا بۇلىدىغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن» دېگەن بولغاچقا، كۆڭلۈم دەككە-دۈككىگە چۈشۈپ قالغان ئىدى، دەيدۇ.
ئاپىسى مۇنداق دەپتۇ:
ـــ موماينىڭ سېزىمى كۈلكىلىك ئىكەن، ئەمما بەزىدە راستقا ئايلىنىپمۇ قالىدۇ.
ئايال تۇققىنى بۇ گەپنى ئاڭلاپ گۆش ئالغىلى سىرتقا چىقىپ گۆش ساتقۇچىغا مۇنداق دەپتۇ:
ـــ ماڭا بىر قاداق گۆش جىڭلاپ بېرىڭ.
گۆش ساتقۇچى ئەمدىلا گۆشنى كەسمەكچى بولۇپتىكەن، ئۇ ئايال يەنە مۇنداق دەپتۇ:
ـــ ئىككى قاداق گۆش جىڭلاپ بېرىڭە، چوڭ بىر بالا-قازا بولىدۇ دەيدۇ، شۇڭا گۆشنى كۆپرەك تەييارلاپ قۇياي.
گۆش ساتقۇچى گۆشنى ئۇ ئايالغا بىرىپتۇ.
يەنە بىر موماي كېلىپ:
ـــ ماڭا بىر قاداق گۆش جىڭلاپ بېرىڭ دەپتۇ. گۆش ساتقۇچى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
ـــ ئىككى قاداق گۆش جىڭلاپ بىرەي، ھەممەيلەن چوڭ بىر بالا-قازا بولىدۇ، گۆش تەييارلىۋالايلى، دەپ گۆش ئېلىۋاتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال مۇنداق دەپتۇ:
ـــ مېنىڭ بالىلىرىم كۆپ، ماڭا تۆت قاداق گۆش جىڭلاپ بېرىڭە.
شۇنىڭ بىلەن گۆش ساتقۇچى ئۇنىڭغا تۆت قاداق گۆش جىڭلاپ بىرىپتۇ. كېيىن ئارتۇقچە گەپ قىلماپتۇ. گۆش ساتقۇچى يېرىم سائەت ئىچىدىلا گۆشلىرىنى سېتىپ بولۇپتۇ. ئاندىن كېيىن ئۇ بىر كالىنى سۇيۇپ ئۇنىڭ گۆشىنىمۇ سېتىپ بولۇپتۇ.
پىتنە-پاسات شۇنچە كەڭ تارقىلىپ كېتىپتۇ. كېيىن كەنتتە ھېچقانداق ئادەم ئىش قىلماي بالا-قازانىڭ يىتىپ كېلىشىنى ساقلاپتۇ. چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىم بولغاندا ھاۋا بىردىنلا ئىسسىپ كېتىپتۇ. بىرەيلەن تۇيۇقسىز مۇنداق دەپتۇ:
ـــ قاراڭلار، ھاۋا راستىنلا ئىسسىپ كېتىۋاتىدۇ، كەنتىمىز ھازىرغىچە بۇنداق ئىسسىپ باقمىغان، بۇ يەردىكى چالغۇلار قاراماي بىلەن رىمۇنت قىلىنغان، ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا سازەندىلەر سالقىن جايدا ساز چېلىشى كېرەك، ئەگەر چالغۇلار مۇشۇنداق ئىسسىقتا تۇرسا ئاجراپ كېتىدۇ. بىرەيلەن مۇنداق دەپتۇ:
ـــ بۇ يەردە بۇنداق ئىسسىق بولۇپ باقمىغان، راستلا شۇنداق بۇنىڭدەك بەك ئىسسىق بولۇپ باقمىغان.
كوچىلاردا ۋە مەيدانلاردا بىرەرمۇ ئادەم كۆرۈنمەپتۇ، تۇيۇقسىز بىر كىچىك قۇش كېلىپ شۇ ئەسنادا بىر پىقىرىشىدا ئوننى، ئون پىقىرىشىدا يۈزنى پىقىراپتۇ. بۇ چاغدا كۆپچىلىك «مەيدانغا بىر قۇش ئۇچۇپ كىلىپتۇ» دىيىشىپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ قۇشنى كۆرگىلى يۈگۈرۈپ بېرىپتۇ. بىرەيلەن مۇنداق دەپتۇ:
ـــ ھەي خالايىق، قۇشنىڭ ئۇچۇپ كېلىشى دائىم بولۇپ تۇرىدىغان ئىشقۇ، بىراق ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ تېخى.
كىشىلەر بارغانسېرى جىددىلىشىپ قاتتىق مەيۈسلىنىپتۇ، قايتىپ كىتەي دىسىمۇ كەتكىسى كەلمەپتۇ. بىرەيلەن مۇنداق دەپتۇ:
ـــ  غوجىلىرىم، قورققىدەك نىمە بار، مەن كىتەي.
ئۇ ئائىلە جاھازلىرى، بالىلىرى ۋە مال-چارۋۇلىرىنى ئاپتوموبىلغا بېسىپتۇ. كۆپچىلىك كۆزلىرىنى يوغان ئېچىشىپ ئۇنىڭ چوڭ يولغا كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرۇپتۇ. بىرەيلەن مۇنداق دەپتۇ:
ـــ ئۇ كىتىشكە جۈرئەت قىلالىغان يەردە بىزمۇ كىتەيلى.
شۇنداق قىلىپ پۈتۈن كەنتتىكىلەر نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرى ۋە مال-چارۋۇلىرىنى ئاپتوموبىلغا بېسىپ كېتىپ قاپتۇ. ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئادەملەرلا قاپتۇ. بىرەيلەن مۇنداق دەپتۇ:
ـــ يەنە ئۆيىمىز بارغۇ، بۇ يەردە تۇرىۋىرىپ بالا-قازاغا يولۇقمايلى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىرلا ئوت يېقىپ ئۆيىنى كۆيدۈرىۋېتىپتۇ. باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆيىنى كۆيدۈرىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يەر بىر جەڭ مەيدانىغا ئوخشاپ قاپتۇ. ھەممەيلەن قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ بۇ يەردىن بەدەر قېچىپ كېتىپتۇ. كىشىلەر توپى ئىچىدىن ئالدىن بىشارەت بەرگۈچى موماي مۇنداق دەپتۇ:
ـــ  مەن چوڭ بىر بالا-قازا بولىدۇ دەپ، ساراڭ بولغان ئوخشايمەن.

(«مەن نۇتۇق سۆزلىگىلى كەلمىگەن» ئاپتورى: گارسىيا ماركۇز، لىجىڭ تەرجىمىسى، نەنخەي نەشرىيات شىركىتىنىڭ 2012-يىل 1-ئايدىكى 1-نەشرى)
  بۇ ماقالە «نۇر گېزىتى» نىڭ 2014-يىل 25-ئاپرېلدىكى سانىنىڭ 15-بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.

我的文学创作之路
[哥伦比亚] 加西亚•马尔克斯
加夫列尔•加西亚•马尔克斯(1927年3月6日—2014年4月17日)哥伦比亚作家、记者和社会活动家,拉丁美洲魔幻现实主义文学的代表人物,20世纪最有影响力的作家之一,1982年诺贝尔文学奖得主。加西亚•马尔克斯将现实主义与幻想结合起来,创造了一部风云变幻的哥伦比亚和整个南美大陆的神话般的历史。代表作有《百年孤独》(1967年)《霍乱时期的爱情》(1985年)。
  这是加西亚•马尔克斯在委内瑞拉加拉加斯文化艺术中心的一次演讲,后被刊登在波哥大《观察家报》上。他给听众讲的那个“在脑子里想了好几年”的故事,后来成为1974年路易斯•阿尔科利萨执导的电影《预感》的剧本。
  首先,请原谅我坐着说话。因为如果我站着,恐怕会吓得两腿发软,瘫倒在地。真的!我原以为,这辈子最可怕的五分钟会是在一架飞机上面对着二三十名乘客,而不是像现在这样面对着两百位朋友。说到这儿,正好给了我一个由头谈起文学。对我而言,文学创作就和登台演讲一样,都是被逼的。我承认,为了不来开这次大会,我什么点子都动过:我想生病,染上肺炎;想理发,让理发师用刀割了我的脖子;最后,我灵机一动,不穿西装,不打领带,这样,正式会议应该就会谢绝我入场了。可我忘了,这里是委内瑞拉,穿件衬衫哪儿都能去。因此,我还是坐在了这里,不知该说些什么,就说说我是如何走上创作道路的吧!
   我本来没想过要当作家。学生时代,波哥大《观察家报》的文学副刊主编爱德华多•萨拉梅亚•博尔达在报上说,新生代对文学毫无贡献,写短篇小说的没有,写长篇小说的也没有。他只登老朽的文章,不登年轻人的。他说,不是他不登,是年轻人不写。
   这话激发了我对同代人的集体荣誉感。我决定写个短篇,去堵爱德华多•萨拉梅亚•博尔达的嘴,他是我的挚友,至少后来成为了我的挚友。我坐下来,写了个短篇,投到《观察家报》,等到下一个周日翻开报纸,我吓了一跳:那个短篇登了个全版,爱德华多•萨拉梅亚•博尔达公开认错,说了些“此文标志着哥伦比亚文坛新星诞生”之类的话。
这下我可真犯了愁,我对自己说:“瞧我惹了多大的麻烦!怎样才能不让爱德华多•萨拉梅亚•博尔达下不来台呢?”答案是:继续写。但选材是个问题:动笔前,我得先想个故事。
  出了五本书后,我明白了一个道理,坦白说,写作恐怕是这世上唯一越做越难做的行当。当年那个短篇,我坐一下午,轻轻巧巧就写完了;可如今,写一页纸都要费我老大的劲。我写作的方法便如刚才所说:事先根本不知道要写什么,写多少。得先想故事,有好故事,脑子里多过几遍,等它慢慢成形。想好了——有时候要想好多年,《百年孤独》就足足想了十九年——想好了,再坐下来写,接下来就是最麻烦、最无趣的阶段了。想故事最有趣,要怎么把故事编圆,一遍遍想,一遍遍琢磨。那么多遍想下来,真要动笔,反而没劲了,至少我觉得没劲。
     我来讲一个在脑子里想了好几年、编得挺圆的故事。现在讲了,等哪天写出来,你们会发现它已经变得面目全非,正好也可以观察其中的演变。想象一下:从前,有个很小的村子,村里住着个老太太。老太太有两个孩子,儿子十七,女儿还不到十四。一天,老太太一脸愁容地端来早饭,孩子们见了,问她怎么了,她说:“我也不知道,一早起来,总觉得村里会有大难。”
   孩子们笑她,说老太太就这样,尽瞎想。儿子去打台球,碰到一个双着,位置极好,绝对一击就中。对手说:“我赌一个比索,你中不了。”大家都笑了,这儿子也笑了,可一杆打出去,还真的没中,就输了一个比索。对手问他:“怎么回事?这么容易都击不中?”儿子说:“是容易,可我妈一早说村里会有大难,我心慌。”大家都笑他。赢钱的人回到家,妈妈和一个表妹或孙女什么的女亲戚在家。他赢了钱,很高兴,说:“达马索真笨,让我轻轻巧巧赢了个比索。”“他怎么笨了?”“笨蛋都能打中的双着他打不中,说是他妈一早起来说村里会有大难,他心慌。”
  妈妈说:“老人家的预感可笑不得,有时候真灵。”那女亲戚听了,出门买肉,对卖肉的人说:“称一磅肉。”卖肉的正在切,她又说:“称两磅吧!都说会有大难,多备点好。”卖肉的把肉给了她。又来了位太太,也说要称一磅,卖肉的说:“称两磅吧!都说会有大难,得备点吃的,都在买。”
于是,那妇人说:“我孩子多,称四磅吧!”就这样称走了四磅肉。之后不再赘述。卖肉的半小时就卖光了肉,然后宰了头牛,又卖光了。谣言越传越广,后来,村里人什么都不干了,就等着出事。下午两点,天一如既往地热。突然有人说:“瞧,天真热!”“村里一直这么热!”这里的乐器都用沥青修补,因为天热,乐师们总在阴凉的地方弹奏,要是在太阳底下,乐器非晒散架不可。有人说:“这个点儿,没这么热过!”“就是,没这么热。”街上没人,广场上也没人,突然飞来一只小鸟,顿时一传十,十传百:“广场上飞来一只小鸟。”大家惊慌失措地跑去看小鸟。
  “诸位,小鸟飞来是常事!”“没错,可不是在这个点儿。”人们越来越紧张,万念俱灰,想走又不敢走。有人说:“我是大老爷们,有什么好怕的,我走!”说着,就把家具、孩子、牲口通通装上了车。大家眼睁睁地看着他走过中央大道,都说:“他敢走,我们也走。”于是全村都开始收拾,物品、牲口通通带走。就剩最后一拨人了,有人说:“还有房子呢!可别留在这儿遭难。”就一把火把房子给烧了,其他人也跟着烧,好比在经历一场战乱,个个抱头鼠窜。人群中,就见那有预感的老太太说:“我就说会有大难,还说我疯了!”
(摘自《我不是来演讲的》,加西亚•马尔克斯著,李静译,南海出版公司2012年1月第1版)
《 光明日报 》( 2014年04月25日   15 版)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 23:54  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-12 04:44:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەتئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئۆز تىلىمىز بۇيىچە  تونۇشتۇرۇش يولىدا كۆرەش قىلىۋاتقان سىلىدەك ئەدەبى تەرجىمانلارنىڭ  يولىغا خاتىرجەملىك تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش