يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 486|ئىنكاس: 2

چولپان(ت): پىرومالىۋا ــ تېپىشماق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تېپىشماق
پىرومالىۋا (روسىيە)
چولپان تەرجىمىسى


بۇ مىنىڭ كىچىك ۋاقتىمدا يۈز بەرگەن ئىش .
مەن بىر سېھىرگەرنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم ،ئۇنىڭدىن مېنى چوڭ ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈندۈم .
-        نېمە ئۈچۈن ؟ - سېھىرگەر ھەيران بولۇپ سورىدى .
-        مىنىڭ پۇتۇم ۋېلىسىپىتنىڭ پېدالىغا يەتمىگەچكە ۋېلىسىپىت مىنەلمەيۋاتىمەن .
- ئۇنداقتا ، سەن كۈندە سەھەردە باشلىنىپ زادى ئاياغلاشمايدىغان نەرسە زادى نېمە ؟ شۇنىڭ جاۋابىنى تېپىپ كەل. ئاندىن مەن سىنى چوڭ ئادەم قىلىپ قۇياي - دېدى سېھىرگەر.
- زادى ئاياغلاشمايدىغان ؟ ئۇ چوقۇم مومامنىڭ ۋاتىلداشلىرى ، قەن - گېزەك قۇتىسىدىكى كەمپۈتلەرنى يەپ تۈگەتكىلى بولىدۇ ، كارتون فىلىملىرىنىمۇ كۆرۈۋەرسىڭىز تۈگەپ قالىدۇ ، بىراق مومامنىڭ ۋاتىلداشلىرى بىر كۈنمۇ تۈگەپ قالغىنى يوق ، چوقۇم شۇ !
-"خاتا ، "- دېدى ،سېھىرگەر ،- "سەن تاپالمىدىڭ ،ياخشىراق ئويلانغىن ،سەن جاۋابىنى تاپالىغان چاغدا ئاندىن ئارزۇيۇڭنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرەي. "
شۇ كۈندىن باشلاپ مەن كۈندە سەھەردە باشلىنىپ زادى ئاياغلاشمايدىغان نەرسە زادى نېمىدۇ؟ دەپ ئويلايدىغان بولدۇم ،بەزىدە تاپقان جاۋابلىرىمنى ئۈنلۈك ۋارقىرايتتىم "ھاۋا ! ئۇ مەڭگۈ تۈگەپ كەتمەيدۇ ."
سېھىرگەر جاۋاب بەرمىدى .
يامغۇر پەسلى يېتىپ  كەلدى ، چوقۇم "يامغۇر !"دەپ ۋارقىرىدىم .
قىش كەلدى ، "قار بولسا كېرەك  ؟" دېدىم  ئۆز ئۆزۈمگە .
بىراق ،قار كىيىن ئېرىپ كەتتى .
ھەر كۈنى سەھەر ئىللىق شامال يۈزلىرىمنى سىيپاپ مېنى ئويغاتقاندا ئاستا پىچىرلاپ تۇرۇپ " "سېھىرگەر ،ئۇ چوقۇم شامال ،توغرىمۇ؟"دېدىم ،
سوئالىم يەنە جاۋابسىز قالدى .
كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋەردى مەن يەنە شۇ كىچىك پېتىم قىلىۋەردىم .
بىراق مەن مەكتەپكە باردىم،بىر كۈنى دادام ماڭا "ئاپىڭىز بەك چارچاپ كېتىپتۇ، شۇڭا  ساناتورىيىگە بېرىپ كۈتۈنۈشى كېرەك .مومىڭىز ياشىنىپ قالدى ،ئۆي ئىشلىرىغا كۆپرەك ياردەملىشەرسىز ."دېدى .
ئاپام راستلا ساناتورىيىگە كەتتى .
ھازىر مەن كۈندە تاماق ئېتىمەن ،قاچا –قۇچىلارنى يۇيىمەن ،ئۆي تازىلايمەن ؛ مەكتەپكە بارىمەن ، تېخى دەرسلىرىمنى قويماي  تەكرارلىشىم كېرەك .
"كۈنلەر نېمىدېگەن تېز ئۆتىدۇ –ھە! "كۈنلەر ئۆتكەنسېرى قىلىپ بولالمىغان نۇرغۇن ئىشلىرىم بارلىقىنى ھېس قىلدىم .
بۈگۈن يەنە سەھەر تۇردۇم ،مېنى نۇرغۇن ئىشلار كۈتۈپ تۇرماقتا .تۇيۇقسىز نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى سېھىرگەر ماڭا ئېيتقان ھېلىقى تېپىشماق ئېسىمگە كېلىپ قالدى . پەلەمپەيدىن چۈشىۋېتىپ ئەمدىلا ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلگەن ئالتۇنرەڭ قۇياشقا قاراپ "ھەر كۈنى سەھەر باشلىنىپ زادى تۈگەپ قالمايدىغان نەرسە_ ئىش! ئىكەن ، بىزنى غەم قىلدۇرىدىغان تۈگىمەس ئىشلار ئىكەن !
گېپىم ئەمدى تۈگىشىگە سېھىرگەر پەيدا بولدى ،ئۇنىڭ چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن ئىدى .سېھىرگەر ماڭا :
"قىزچاق تاپتىڭىز ، بۈگۈندىن باشلاپ سىز چوڭ ئادەم  بولدىڭىز "دېدى .
مەن ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ مېۋە مۇرابباسى سۈركىلىپ مايدا پىشۇرۇلغان توقاچ  بىلەن مېھمان قىلدىم .
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى .شۇ ئىشتىن كېيىن مەن سېھىرگەرنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىدىم ،شۇچاغدا سېھىرگەردىن بىر چوڭ ئادەم ئەگەر كىچىك بالىغا ئايلانماقچى بولسا قايسى تېپىشماقنى تاپىدىغانلىقىنى سورىۋالمىغىنىمغا ھازىرغىچە ئەپسۇسلىنىمەن .

تەرمىلەر ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 5-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 23:46  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-9 17:05:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرىلى!

ۋاقتى: 2015-9-6 12:33:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،شۇچاغدا سېھىرگەردىن بىر چوڭ ئادەم ئەگەر كىچىك بالىغا ئايلانماقچى بولسا قايسى تېپىشماقنى تاپىدىغانلىقىنى سورىۋالمىغىنىمغا ھازىرغىچە ئەپسۇسلىنىمەن .


بۇ جۈملە بەك تاتلىق تېتىدى ماڭا .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش