2008-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۇنى دۇنيا ئەدەبىياتىدا مەلۇم تەسىرگە ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى داڭلىق يازغۇچى چېڭغىز ئايتىماتۇۋنىڭ ھاياتى گىرمانىيەدە قازا تاپتى .شۇ كۇنى كەچتە زوڭتۇڭنىڭ خاس ئايروپىلانى بىشكېك «ماناس» ئايروپورتىغا قوندى. ھەم يازغۇچىنىڭ مىيىتىنى قايتۇرۇپ ئىلىپ كىلىپ 2008-يىلىنى ئايتىماتۇۋ يىلى قىلىپ بىكىتتى .شۇ كۇنى ئۇنىڭ مىيىتى ئاتىسىنىڭ قەبرىگاھى بولغان «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۇن »رومانىدا قەيىت قىلىنغان «ئاتابىيىت »قەبرىگاھىغا قويۇلدى .چوڭقۇر سىغىنىش بىلەن ئايتىماتوۋنى ياد ئىتىمىز .ھەم ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر ئىچىنىمىز .
ئايتماتوفقا مەرسىيە
رۇقىيە ئابدۇللا
ئىسسىق شامال
ئەنسىز چېكىپ ئېغىر ئشىكنى
بوسۇغامغا تۆكتى ئەسىرلىك
جۇدالىقنىڭ قىرتاق يېشىنى
چۈشۈممىكىن ئوڭۇمدۇ بەلكىم
«بورانلىق بىكەت» تە ئۆزۈمگە چۆكۈپ،
تەۋەرۈك چاقتا
يىپ ئىگىرىپ يۈرگەندە بىردىن،
قۇياش قىزىرىپ
كىيىۋالدى
قارا رەڭلىك ماتەم كىيىمىنى.
زىمىن
دەريا بولۇپ ئاقتى كۆكسۈمدە،
كۆيدۈرگەچكە پىراق دەھشەتلىك
رەڭدار بېلىقلار
رۇس تىلىدا
تۈرك تىلىدا...
پىغان چېكەر
كۆكسۈمدىكى دەريا سۈيىدە.
ئۇچۇپ يۈرەر چىرايلىق بىر قۇش،
تۇمشۇقىدىن تۆكۈپ دەستە نۇر
تارىماقتا بوشلۇقتا بىر ئۈن،
«سېنىڭ ئېتىڭ دۆنەنباي،
سېنىڭ ئېتىڭ دۆنەنباي...»
ئاناساينىڭ چەكسىز ئېتىكى،
تاقىلدىغان پويىز ئۈنىدە
تىترىمەكتە
يۈرىكى يارا،
ئۇچىسىدا ماتەملىك قارا.
كۆزلىرىدىن چاقنىتىپ كۆك نۇر
بىر توپ بۆرە ساماغا قاراپ
ھۇۋلىماقتا ئاچچىق پىغاندا،
ھەسرەت يامرار پۈتكۈل تاماندا.
«قىيامەت»
دولقۇنىدا يۇيۇپ ئالەمنى،
ئويغا سالدى ھەر بىر ئادەمنى.
قەدەملىرى ھارغىن «گۈلسارە»
داۋانلىق يولدا
قۇۋۋىتىنى يىغىپ ئاخىرقى
شورىماقتا ھاياتلىقنىڭ لېۋىنى،
ئايان قىلىپ گۈزەللىكنىڭ سىرىنى.
بېشى ئۈزۈلگەن بۇغا بالىسى
يۈگۈرمەكتە دېڭىزغا قاراپ
ئىسسىق قانلار
كەتتى دېڭىز باغرىغا تاراپ.
كۆپ-كۆك دېڭىز، دولقۇن باغرىدا
ئۇپقۇنلارنى يېرىپ «ئاق كېمە»
بېلىقلارغا تۆكەر رىۋايەت،
قىيامەتنى توستى كۆكسىدە ،
ئۇندا پۈتكەن گۈزەل ھىكايەت.
بىر ئوغۇل بالا
ئۇپۇق تىگىدىن
كۆتىرىلدى قۇياش بىلەن تەڭ...
«ئالىيىت قىياسى»
يۈرەكلەرگە بەردى يېشىل رەڭ.
چىڭغىز
«چىڭگىزخاننىڭ ئاق بۇلۇتى» ئۈستىدە
ئىلاھىي سۆيگۈنىڭ تەپتىدىن ئېرىپ،
يۈرمەكتە «جەمىلە»نىڭ ھىدىنى تېرىپ.
بالتىق بويىدا
بىر گۈزەل ئاققۇ
ئاشىقىنى كۈتەر بىتاقەت،
جىمجىت ساھىلدا
ۋىناس
چايكىلارنىڭ خوشاللىقىدىن
ياسىماقتا بۈيۈك ئىمارەت.
بىر توپ ئادەملەر
سۆرىمەكتە
شەرقتىن غەرپكە
غەرپتىن شەرققە
«كاساندىرا تامغىسى» نى رېلىسقا سېلىپ،
ئۆتەر ۋاقىت يۈرەكنى ئېزىپ...
مەن چۈشۈمدىكى ئالتۇن قەسىردە
ئۆتمۈشۈمگە چۆمۈلدۈم ئۇزاق،
كۆيدۈرگەچكە بىر ئىزگۈ پىراق.
چېكىلدى ئشىك،
باردىم يۈگۈرۈپ
بىر توپ كىتابلار كىردى تىزىلىپ:
«بىز چىڭغىزنىڭ باللىرى
بولۇنمىغان تېخى يېزىلىپ...»
ــ ئۆزى قېنى؟ چىڭغىز نەدە سەن؟
ــ كېتىپ قالدى ئۇ بىزدىن يىراق.
ــ ۋادەرىخا، سۈيۈملۈك ئوغلان
بارالمىدىم سۆھبىتىڭ تامان.
روھىمىزدا ياشايدۇ روھىڭ،
بىز قەلبداش، تۇمۇرداش ھامان،
بىزگە قالدى بىر ئۇلۇغ ئارمان...