كۆرۈش: 5888|ئىنكاس: 28

يالقۇن روزى: مەن نېمىشقا ئوبزور يازىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       بۇ ماقالە 19.نۆۋەتلىك (2013.يىل) «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئىرىشكەن



                         مەن نېمىشقا ئوبزور يازىمەن؟

                                        يالقۇن روزى

                ـ مۇنبەرگە ياقتۇرۇپ يوللۇغۇچى؛ قۇربانجان ئابدۇرېھىم ئەلرام

     ھەرقانداق بىر قەلەمكەشنىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىدا مۇئەييەن مۇددىئاسى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قىممەت نىشانى جەھەتتىكى پەرق ئوخشاشمىغان ئىجادىيەت مۇددىئاسى بولۇپ ئىپادىلنىدۇ. بىر ئوبزورچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭمۇ مۇئەييەن ئىجادىيەت مۇددىئايىم بار، ئەلۋەتتە. مەن نېمىشقا ئوبزور يازىمەن، دېگەن سوئال ئاساسىدىكى بۇ مۇھاكىمە ۋە بايان مېنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئايىمدىن بىر قەدەر ئېنىق ئۇچۇر بىرەلەيدۇ. مەن نېمىشقا ئوبزور يازىمەن، دېگەن سوئالغا ئويناشقاندەك جاۋاپ بىرىش ئاسان. ئەمما، ئوقۇرمەنلەرنى ئويلاندۇرغىدەك، باشقىلار ئۈچۈن ئىدىيە بولغۇدەك جاۋاپ بىرىش خېلىلا تەس. ھەممىگە ئايان، ھازىرقى ئەدەبىيات ئەمىلىيتىدە خىلمۇ خىل قاراش ۋە پىكىر ئېقىملىرى، ھەرخىل ئىجادىيەت ئوسلۇبلىرى ۋە ئەدەبىي ئېقىملار مەۋجۈت. شۇنداقتىمۇ، ھەرقانداق ئوبزورچى ھامان ئۆزى ئېتقاد قىلىدىغان مەلۇم يېتەكچى ئىدىيە، پىرىنىسىپ بويىچە تەنقىد ئېلىپ بارىدىغان بولغاچقا، ئوخشاش بولمىغان يۆنىلىشتە ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرىدۇ.
    مەن ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرىمەن ھەم ناھايىتى كۆپ كىشىلەرنىڭ ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. گومانىتار پەن بولغان ئەدەبىيات سېھري كۈچى كۈچلۈك ساھە. جاھان ئەدەبىياتى مۇنبىرىدە بىر-بىرىدىن مەشھۇر ئەسەرلەر ناھايىتى كۆپ، بۇ مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇشنىڭ ئۆزى بىر خىل بايقاش، يەنى ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن، تونۇش ۋە ناتونۇش دۇنياغا قارىتا بايقاش ھەم ئۆز ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇن مەنىۋى كۈچنى بايقاشتۇر. تېگى-تەكتىدىن ئېيىتقاندا، بۇ، «ئادەم»گە قارىتا بايقاشتۇر، ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي كۈچى ئەنە شۇ يەردە! مىللى ئەدەبىياتىمىزدىمۇ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ناھايىتى ئېسىل ئەسەرلەر بار. ھازىرمۇ ئەدەبىيات كوچىسىدا يېڭى-يېڭى ئەسەرلەر، يېڭى-يېڭى ئاپتۇرلار دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەدەبىي ئوبزورچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان قەلەمكەشلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئەسەرلىرىنى چامىمنىڭ يېتىشچە ئوقۇپ ئۇلارنىڭ بەدىئىي ئىستىداتىنىڭ قانچىلىكلىكىنى دىتلاپ، ئىجادىيەت مۇددىئاسىنى كۆزىتىپ تۇرىمەن. ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ مېھرى ئىسسىق كوچىدا خىلمۇ خىل ئەدىبلەر ئۇچرايدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىئىي ئىستىداتىدا روشەن پەرق بولغاندەك، ئىجادىيەت مۇددىئاسىدىمۇ روشەن پەرق بار. بەزىلەرنىڭ ئەدەبىياتقا ئىشتىياقى ھەقىقەتەن كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن تالانىتى كەمچىل بولغاچقا «پاھ!» دېگۈدەك ئەسەرلەرنى يارىتالمايدۇ. ئۇلار تىرىشىپ يۈرۈپ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىل بولساممۇ، ئەمما تىرىشچان ئەدەبىي ئوبزورچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن تەلەپتىن يىراق ئەسەرلىرىگە ئالقىش ياڭرىتالمايمەن. ئىجادىيەت مۇددىئاسىدا مۈجمەللىك بار، يازمىللىرى ئادەتتىكىچە بەزى ئاپتۇرلارنى  گاھىدا تەنقىتلەشكىمۇ مەجبۇر بولىمەن. گاھىدا ئوخشاش ئاپتۇرنىڭ ئوخشاشمىغان ئەسەرلىرىگە ئوخشاشمىغان باھا بىرىمەن. يەنى بىر ئەسىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرسەم، بىر ئەسىرىنى ئىنكار قىلىمەن. چۈنكى ئوبزور ئالدى بىلەن ئادەمگە ئەمەس، ئەسەرگە يېزىلىدۇ. كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن ئەسەر يېزىۋاتقان، بولۇپمۇ ئوقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرگەن قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەندە تەنقىدى روھىم ئورغۇپ تاشىدۇ.
     راستىنى ئېيتسام، ئوبزورچىلىقتا كۆپ ھاللاردا تەنقىتلەشكە مايىلمەن. مېنىڭچە، تەنقىد-تەنقىدىي روھقا باي قەلىبنىڭ ئىنكاسى، تەنقىدىي روھ مەسئۇليەتچان، پىرىنىسىپچىل پوزىتىسيەنى ۋە مۇستەقىل، ئىجادىي تەپەككۇر ئادىتىنى شەكىللەندۈردىغان قىممەتلىك ئامىل. تەنقىدىي روھنىڭ كەمچىل بولۇشى ھەقىقەت ئىزدەيدىغان روھنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ. تەنقىدىي روھ كەمچىل جەمئىيەت ياخشىچاقلار جەمئىيتىدىن ئىبارەت. ياخشچاقلىق كەيپىياتى قويۇق جەمئىيەتتە چىنلىق بىلەن ساختىلىقنىڭ قىممىتى مۇجمەللەشتۈرۋېتىلگەن، رەزىللىك بىلەن گۈزەللىكنىڭ چېگراسى ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن بولىدۇ. بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا، بۇنداق جەمئىيەتتە ساپا تۆۋەن بولىدۇ، ھاياتى كۈچ بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق جەمئىيەتتە مۇنتىزىم پىرنىسىپ، نوپۇزلۇق ئۆلچەم بولمايدۇ. مەسئۇليەتسىزلىك، بىپەرۋالىق كەيپىياتى ئومۇملاشقان بولىدۇ. يالغان-ياۋىداق مەدھىيە چۇقانلىرى بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن ھالقىپ، ئاشكارا سورۇنلاردا غازاڭدەك تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، تەنقىدىي روھقا باي ئەدبىي ئوبزورچىلىقنىڭ چەكلەش كۈچى شەكىللەنمىگەن  ئەدەبىيات ساھەسىدىمۇ ئەھۋال ئوخشاشلا ئېچىنارلىق بولىدۇ. ئاساسى يوق، ئىلىمگە خىلاپ، ئاتالمىش ئادەمگەرچىلىك روھى بىلەن سوغىرىلغان مەدھىيە ۋە ماختاشلار سۈپەت ئېڭىغا ئىگە كىشىلەرنى بىئارام قىلىدۇ. ئەمما ماختانچاقلىق خۇمارى كۈچلۈك ئاتالمىش قەلەمكەشلەرنى راسا سەمرىتىدۇ. بۇنداق كەلسە-كەلمەس ماختاپ-ئۇچۇرۇشلاردىن مەسىت بولغان بەزى ئەدىبلەر ئۆزىنى توغرا مۆلچەرلىمەي، ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش كېسىلىگە گىرىپتا بولۇپ قالىدۇ، نەتىجىدە پىشقان ئىدىيەسى، مۇستەھكەم مەۋقەسى، تارزا باسقۇدەك ۋەزنى يوق ئاددى ئەدىبلەر مەشھۇرلۇق داۋاسى قىلىپ قىلمىغىنى قالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن چاكىنلىق كۆپيىدۇ. ئوبيېكتىپ چىنلىققا قىلچە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر-بىرىدىن يوغان قۇرۇق گەپلەر گويا سولياۋ خالتىدەك ھەممىلا يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق مەدەنىيەت ھاۋاسىدا، مەسئۇليەتچان، پىرنىسىپچىل كىشىلەر تەنقىدى روھنى بەكمۇ سېغىنىدۇ.
     تەنقىدىي روھ دېگەن نېمە؟ بۇنىڭغا تەتقىقاتچى لى چاڭچى مۇنداق جاۋاپ بىرىدۇ: «بۇ، ھەققانىيلىق تويغۇسىدۇر؛ ھەق-ناھەق ئۈستىدە مۈجمەللىك قىلمايدىغان، ئۆتكۈزۋەتمەيدىغان ھۆكۈم ئىقتىدارى ۋە سۈرۈشتۈرۈش خۇسۇسىيتى؛ ياخشى نەرسىلەرگە نىسبىتەن چوڭقۇر ئىگەللەش ۋە ئۇنى ھەركىمگە تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش قىزغىنلىقىغا ئىگە بولۇش؛ رەزىللىككە نىسبىتەن سەۋىر قىلالماسلىق، ئۇنىڭغا بار كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ بەربات قىلىشتۇر؛ ئۇنىڭ ئىپادىسى، سەمىمىيلىك، تۈزلۈك، قەيسەرلىك، راسىتچىللىق، جەسۇرلۇق، كەسكىنلىك، ئىخچاملىق، مول ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇشتۇر؛ ئۇ چېكىنمەي كۆرەش قىلىدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ چېكىنمەي كۆرەش قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.»
     ئەدەبىي ئوبزورنىڭ ئەمىليەتتە كۆپرەك يۈزلىنىدىغىنى تەنقىدلەش، يەنى يېتەرسىزلىك ۋە مەسىللەر ئۈستىدىكى رەت قىلىش، ئىنكار قىلىش خاراكتىرىگە ئىگە تەھلىل ۋە باھا. ھەقىقى ئوبزور جىددى مۇنازىرە، مۇرەسسەسىز ئىددىيەۋى ئېلشىشتىن دېرەك بىرىدۇ. بۇ، ئەدەبىي ئوبزورنىڭ ئۆزىگە خاس شەكلى. شۇڭا ئۇ ئالاھىدە ۋە مۇرەككەپ مەدەنىيەت پائالىيتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىنتىلدىغىنى ئېستېتىكىلىق قىزغىلىق ۋە ئىدراكىي يۈكسەكلىك. مۇنازىرە كەيپىياتنىڭ سۇس بولۇشى ياكى بولماسلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك جىددىي مەسىللەرنى مۈجمەل ھالەتتە قالدۇرىدۇ. سەپسەتە، ئويدۇرما ۋە ساختىلىقنى بازارغا ئىگە قىلىدۇ. مۇناسىپ ئىلمىي تالاش-تارتىش ۋە يوللۇق بەس-مۇنازىرە شەكلى ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سۈپەتلىك ئەسەرلەر بىلەن سۈپەتسىز ئەسەرلەرنى ئايرىيدۇ. ساغلام، ھاياتى كۈچكە تولغان بىر جەمئىيەت ھەمىشە تەنقىدكە كەڭ قۇرساق مۇئامىلە قىلىدۇ ھەمدە ئۆزىدە ساغلام، كۈچلۈك تەنقىد روھىنى يېتىلدۈرۈشكە تىرشىدۇ. نۇرمال بەس-مۇنازىرىنى خاتا چۈشنۈۋېلىش مەدەنىي جەمئىيەتنىڭ بەلگىسى ئەمەس. مەدەنىي جەمئىيەتنىڭ بىر روشەن ئالاھىدىلكى شۇكى، بۇنداق جەمئىيەت تەنقىد ۋە گۇمانلىنىش روھىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
ھەقىقىي زىيالى يۈكسەك تەنقىد ئېڭىغا ۋە كۈچلۈك تەنقىد قابىلىيتىگە ئىگە بولىدۇ، قارىغۇلارچە مەدھىيە ناخشىلىرىنى ياڭراتمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
     شۇڭا ھەقىقىي ئوبزور-قايناق مۇنازىرە تۈسىدىكى دىيالوگ ۋە تالاش-تارتىش بولۇشى كېرەك. ئۇ مۇنازىرە ئۈچۈنلا مۇنازىرلەشمەي، بەلكى ھەقىقەت ئۈچۈن مۇنازىرلىشىشى لازىم. چۈنكى ئەدەبىيات توغرىسىدىكى بارچە ئىشەنچىلىك بىلىش ۋە ھۆكۈملەرگە ئوخشىمىغان سۇبيېكتىلار ئوتتۇرسىدىكى قارشىلىشىش خاراكتىرلىك سۆھبەت ۋە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئېرشىلدۇ؛ ئەدەبىي مەسىللەر توغرىسىدىكى بىلىش ۋە ئېگىلەشلەر-ئوخشاشمىغان سۇبيېكتلار ئوتتۇرسىدا ئايرىلىش ۋە قارشىلىشىش مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا، ئاندىن ھەقىقى مەنىدىكى سۆھبەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. بۇ، كىشىلەرنىڭ ئوخشاشمىغان قىممەت ۋە قىزىقىش تۇقۇنوشى ئىچىدە، مەسىلىنى تېخىمۇ ئەتراپىلىق كۆرسىتىپ، تېخىمۇ تولۇق مۇھاكىمە قىلىشىغا پايدىلىق.
     ئىلمىي روھ كەمچىل، تەنقىد روھى سۇس بىر جەمئىيەتتە كىشىلەر ئوبزورچىلار بىلەن يازغۇچى، شائىرلارنىڭ توقۇشۇپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيدۇ.ئەمىليەتتە ئەنسىرەشكە توغرا كەلسە ئولارنىڭ ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، بىر-بىرىنى ماختاپ ئوچۇرشىدىن ئەنسىرەش كېرەك. فىرانىسيەلىك مەشھۇر يازغۇچى ۋە ئەدەبىي ئوبزورچى ئالبېرىت تىبودېت(Albert Thibaodet) «ئەدەبىي ئوبزور ھەققىدە ئالتە مۇلاھىزە دېگەن ئەسىرىدە شەرھلىگەندەك «تالاش-تارتىش ئەدەبىياتنىڭ جېنى»، بۇنداق «تالاش-تارتىش» بولمىسا، «ئوبزورچىلق ھالاك بولىدۇ». ئەدەبىي ئوبزور ماھىيتىدىن ئېيتىقاندا، توقۇنۇش مۇھىتىدا يۈز بىرىدىغان  ۋە قانات يايدۇرۇلىدىغان مەنىۋى ئالماشتۇرۇۇش پائالىيتى. ئەدەبىي ئوبزور كونكرېت يازغۇچى ياكى ئەسەرگە قارىتا بىلىش ۋە باھالاش قانات يايدۇرۇلدىغان قەلىبنىڭ كۈرىشى. بۇنداق ئالاھىدە شەكىلدىكى ئېلشىش نەتىجىسىدە ئوبزورچىلار بىلەن يازغۇچىلارنىڭ روھى ئۆزگىرشى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا، بىز ئاندىن يازغۇچى ۋە ئەسەرگە بولغان ئىشەنچىلىك باھاغا ئىگە بولالايمىز.
     شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇش كىرەككى، ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ئەمەلىيتىدە ئوبزورچى دۈشمەنلىشىپ قالغان يازغۇچى-شائىرلارغا باھا ۋە تەنقىد يۈرگۈزگەندىمۇ، ئوخشاشلا ئىدراكىي پىرنىسىپ ۋە ئەبىي ئوبزور ئۆلچىمىنىڭ ئىچكى تەقەززاسىدىن ھەرگىز چەتنىمەسلىك كېرەك. ئونداق بولمىسا، يازغان ئوبزور يامان نىيەتلىك ھاقارەتلەش ۋە بىشەملىك بىلەن ھوجۇم قىلىش بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، ئوبزورچى پاكىت ۋە ئەسەرنىڭ ئىچكى مەزمۇنى ئاساسىدا تەھلىل ۋە باھا يۈرگۈزىشى لازىم. سۆزىدە ئاساس بولمىغان ئوبزورچى قورۇق گەپ قىلىدىغان ئوبزورچى ھېساپلىندۇ. «باھالاش ئىقتىدارىغا ئىگە كىشى مۇھىتقا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ» دېگەن گەپ بار.بۇ گەپ ئەدەبىي ئوبزورنىڭ ئىقتىدارى ۋە رولىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. ئەلۋەتتە ئەدەبىي ئوبزور ئەدەبىي ئەسەر ۋە پىكىر ئېقىمى ھادىسلىرىگە بولغان تەھلىل ۋە باھا ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇشىغا ھەم ئەدىبلەرنىڭ ئەسەر يېزىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ، ئەدەبىيات ۋە ئىجتىمائىي مەنىۋى مۇھىتنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ. ئەنگىليەلىك ئەدەبىيات ئوبزورچىسى مەسيۇ ئارنولد (Matthew Arnold) «ئوبزور ئىدىيەۋى تەرتىپ ئورنىتالايدۇ. گەرچە ئۇ مۇتلەق توغرا بولمىسىمۇ ھامان ئىلگىركىدىن توغرىراق بولىدۇ، ئۇ يەنە ئەڭ ياخشى ئىدىيەنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىشى مۇمكىن...ئەدەبىي ئىجادىيەت دەل مۇشۇ ئاساستا گۈللىنىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. ئەگەر بىر ئوبزورچىنىڭ كەسىپلەشكەن شەرھلىرى ۋە باھالىرى قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولسا بارا-بارا نوپۇز تىكلەپ، ئۇنىڭ ئوبزورلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى چۈشىنىش ۋە زوقلىنىش قىبلىنامىسى بولۇپ قالىدۇ ھەم يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيتىگە يىتەكلەش خاراكتىرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.
     پۇشكىن ئېيتىقاندەك «ئەدەبىي ئوبزور بىر تۈرلۈك پەن. ئۇ ئەدەبىيات سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ گۈزەللىكىنى ۋە خۇنۇكلىكىنى ئېچىپ بېرىدىغان پەن.» پەنگەن توتۇلغان ئىلمىي پوزىتسىيە يىتەرلىك بولمىغان جايدا ساختىلىق يامراپ كېتىدۇ. ئەدەبىيات ساھەيىمىزدىمۇ غايىسى نامرات، ئىرادە كۈچى ئاجىز، روھى دۇنياسى زەئىپ، سەنئەت ئۆلچىمى زىيادە تۆۋەن ئولتۇرسا قوپسا ماختاش سۆزلىرىنى تاما قىلىپ تۆت تەرەپكە تەلمۈرۈپ ياشايدىغان قەلەمكەشلەر خېلى بار. بۇ خىلدىكى ئاتالمىش قەلەمكەشلەر ئەسەرلىرىنىڭ تەنقىد ئۆتكۈلىدىن ئۆتكۈزلىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ. بۇنداق ئەدىبلەر قەلەمكەشلەرنىڭ ئەركەك – چىشىسىنى، ئەسەرلەرنىڭ ياخشى-يامىنىنى ئايرىيدىغان ئۆتكەل ھېساپلىنىدىغان ئەدەبىي ئوبزوردىن چاياندىن قورققاندەك قورقىدۇ.
     ئەدەبىي ئوبزور-يازغۇچى، شائىرلارنى ماھارەت جەھەتتكى ئاجىزلىقى، مەنىۋىيەت پىكىر ۋە بىلىم جەھەتتىكى نامراتلىقى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا دەۋەت قىلىپ، ئۆزلىرىگە يوقۇرى تەلەپ قويۇشنى ئۆگىتىدىغان پەن. ئەدەبىي تەنقىدكە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان، پەقەت مەدھىيە-ماختاشلاردىنلا مەدەت ئالىدىغان ھەرقانداق قەلەمكەش ئەدەبىيات كوچىسىدا قانچە سوكولدىمىسۇن، بەرىبىر ئىتبارغا ئىرشەلمەيدۇ. بالزاك «ناپولېئون ئەلەم بىلەن ئورۇنلىيالمىغان ئىشلارنى مەن قەلەم بىلەن ئورۇنلايمەن» دەپتىكەن. ۋۇجۇدىدا بۇنداق بۇيۈك ئىرادىنى تىكلىگەن يازغۇچى مەدھىيە سۆزلىرىدىن مەسىت بولۇش، تەنقىدى باھالاردىن قايغۇرۇشتىن تولىمۇ يىراق تۇرىدۇ. ئۆزىگە ئىشەنچىسى بار، ئىلگىرلەشنى ئارزۇ قىلىدىغان. ئۆزىنى تاكاموللاشتۇرۇشنى ئويلايدىغان، مەسىللەرنى ھەقىقەت نەزىرى بىلەن كۆزىتىش جاسارىتىگە، چىنلىق بىلەن ساختىلىق ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش پاراسىتىگە ئىگە، ئىلمىي پۇزىتىسيەسى كۈچلۈك ئەدىبلەر ئۈچۈن ئەدەبىي ئوبزور ئۇلارنىڭ ئىلگىرلەش يولىدىكى پەلەمپەيدىن ئىبارەت. دانىل بونىسكات: «ئەگەر بىر يازغۇچىنىڭ تەنقىدنى قوبۇل قىلغۇدەك غەيرىتى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ يازغۇچى بولۇشتىن سۆز ئاچمىسىمۇ بولىدۇ» دېگەنىدى.مىللى ئەدەبىياتىمىزنى گۈللەندۈرۈشنى چىن كۆڭلىدىن ئارزۇ قىلىدىغان ھەرقانداق قەلەمكەش ئۆزىدە ئالدى بىلەن ئەدەبىي ئوبزورغا ئىلمىي، تەنقىدكە بەرداشلىق بىرەلەيدىغان ھاياتى كۈچى كۈچلۈك ئەسەرلەرنى يارىتىش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىشى كېرەك.
      ئەمىليەتنى تەن ئالغان ئاساستا شۇنداق دەيمىزكى، بىزنىڭ ئوبزورچىلىقىمىز بەك ئاددى ۋە ئاجىز ھالەتتە تورۇۋاتىدۇ. بونداق بولۇشىدا ھەر تۈرلۈك سەۋەپ بار. مۇھىمى كىشلەرنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىنىڭ ئويغىنىشى يېتەرلىك ئەمەس. بىزنىڭ مائارىپىمىز ئۆزلۈك ئېڭىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان مائارىپ ھېساپلىنىدۇ. ئىلىم-پەن ئاتموسفېراسىدىمۇ ئىلىم-پەن دېموكراتىيەسى يېتەرلىك ئەمەس. نوپۇزنىڭ بېسىمى كۈچلۈك.شەخىسنىڭ ئۆزلۈك ئېڭى ئويغانسا، تەنقىدى روھ ۋە گومانتارلىق تەرەققى قىلىدۇ. چۈنكى جىمى نەرسە «ئۆزلۈك» نەزىرىنىڭ تەپتىش قىلىشىدىن ئۆتسە، ئەنئەنىگە قارىغۇلارچە چوقۇنۇشتىن، نوپۇزغا قارىغۇلارچە باش ئېگىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەنگىليەلىك مەشھۇر مۇتەپەككۇر كارل پوپپېر (Karl Popper) «ئېچۋىتىلگەن جەمئىيەت ۋە ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى» دېگەن كاتتا ئەسىرىدە «ئېچىۋىتىلگەن جەمئىيەت خۇراپىيلارچە ئىشىنىش ۋە قارىغۇلارچە بويسۇنۇشقا قارشى تۇرۇپ، تەنقىدىي ئىدراكىي روھنى تەشەببۇس قىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
     مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى مانا مۇشۇنداق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىزنىڭ ئوبزورچىلىقىمىزدا ئاددىيلىق ھەم ئاجىزلىق ساقلىنىپ تۇرماقتا. ئاددىيلىق كەسپىي بىلىمى يېتەرسىز بولۇش، تەھلىك قىلىش، باھالاش ئىقتىدارى يۈزە بولۇش مەسلىسىگە بېرىپ تاقالسا، ئاجىزلىق ئوبزورچىلارنىڭ ئالاھىدە مەنىۋى خاراكتېرىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. ئوبزورچى ئالاھىدە مەنىۋى خاراكتېر ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ ئوبزورچىلىق خىزمىتىنى قانات يايدۇرالايدۇ.بۇ خىل ئالاھىدە مەنىۋى خاراكتېرنىڭ نېگىزى ھەقىقەتكە بولغان ئېتقاد ۋە بەدەل تۆلەشكە تەييار تۇرىدىغان جاسارەتتىن ئىبارەت. بىر قىسىم ئوبزورچىلارنىڭ يېتەرلىك كەسپى بىلىمى بولسىمۇ، ھەقىقىي ئۆتكۈر، ۋىجدانەن، پىرنىسىپلىق تەنقىدلەرنى ئوتتۇرغا چىقرالمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ساھەسى بەك زەئىپلىشىپ كەتتى. بىر قىسىم ئوبزورچىلار باشقىلارغا يامان بولۇشتىن ئەنسىرەپ، خوش-خوش دەپ قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرىدىغان «ئىتائەتمەن دوسىتلار»غا ئايلىنىپ كەتتى. بىر قسىم ئەدەبىي ئوبزورچىلار جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالىدىغان جان باقتىلارغا ئايلىنىپ كەتتى. ئەدەبىي ئوبزورچىلارنىڭ بوشاڭلىقى تۈپەيلى ئەخلەت ئەسەرلەرگىمۇ، مەسئۇليەتسىز ئەدىبلەرگىمۇ ئىدركىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشكە پېتنالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. بىلىش كېرەككى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەنقىدسىز قوبۇل قىلىش ئەدەبىياتنى خارابلاشتۇرىدۇ. باشقىلارغا قارشى چىقىمىغان شارائىتتا ئالدامچىلىق، مەسئۇليەتسىزلىك كۈچىيىپ بېرىۋېرىدۇ. ئەدەبىيات ئوبزورى دەپ ئاتالغان مۇستەقىل بىر پەندىن، ئۇنىڭ مىللى ئەدەبىياتقا بولغان خىزمىتىدىن نەدىكى بىر ئادەملەرنىڭ خاھىشىغا قاراپ ۋاز كېچىشكە بولامدۇ؟ ئەدەبىيات ئوبزورچىلىقى بىر خىل كەسپىي شەرھلەش ۋە باھالاش ھەرىكىتى. ئەدەبىي ئوبزورچى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قىممىتىنى زېرەكلىك بىلەن بايقايدۇ ھەم بۇ خىل قىممەتنى چوڭقۇر ئېچىپ بىرىدۇ. ئەدەبىي ئوبزورچى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قىممىتىنى شەرھىلەشتە، يەنى قىممىتىگە باھا بىرىشتە ئەدەبىيات نەزەريىسىگە ۋە سىستېمىلىق جەمئىيەت، مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ئاساسلىنىدۇ. بۇ، ئەدەبىي ئەسەرگە باھا بەرگەندە رېئال قاتلام بىلەن ئېستېتىكىلىق قاتلام نوقتىسىدىن باھا بېرلىدۇ، دېگەنلىك.ئەسەرگە ئومۇمىي باھا بەرگەندە ئېستېتىكىلىق باھا ئاساس قىلنىدۇ. رېئال ئۆلچەم ئېستېتىكىلىق ئۆلچەمگە بوي سۇنىدۇ. ئەدەبىيات ئوبزورچىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيتىنى نەزەرىيەۋى نۇقتىدىن چىقىپ شەرھلەش، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ رېئال ئەھمىيتىنى ۋە ئېستېتىكىلىق ئەھمىيتىنى كەسپىي تىل بىلەن چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەدەبىيات ئوبزورچىسى مۇشۇ جەرياندا ئەدبىي ئەسەرلەرنىڭ ئۇتۇقى ۋە كەمچىلىكىگە ياتىدىغان تەرەپلىرىنى ئىلمىي ۋە پاكىتلىق تەھلىل قىلىدۇ. بۇ خل تەھلىل ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىدىيەۋى خاھىشىغا، شەكلىگە،ئىپادىلەش ئوسۇلىغا قارىتىلدۇ.
      ئەدەبىيات ئوبزورچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان ئوبزورچىلار ئەدەبىياتنىڭ كۆپ قاتلاملىق خاراكتېرىگە قارىتا ئوخشاشمىغان ئوبزورچىلىق نەزەريىسىنى قورال قىلىدۇ. ھەر بىر ئوبزورچى ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىغا ئاساسەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ مەلۇم ئالاھىدە تەرىپىگە بەكرەك دىققەت قىلىدۇ ھەمدە ئوخشاشمىغان نوختىدىن چىقىپ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قىممىتىنى چۈشەندۈرىدۇ. مېنىڭ ئوبزورچىلىق ئۇسلۇبۇم بەدىئىي تەھلىل بىلەن ئىدىيەۋى تەھلىلنى بىرلەشتۈرۈپ باھالاش ئېلىپ بېرىش، ئەدەبىي ئوبزور بىلەن ئىجتىمائىي ئوبزورنى بىرلەشتۈرۈپ مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش. مېنىڭچە، بۇ ئېستېتىكا تارىخىدىكى ئېستېتىكىلىق بىلەن تارىخىيلق بىرلەشتۈرۈلگەن ئوبزورچىلىق ئەنئەنىسىگە چۈشىدۇ.بىز ئۈچۈن ھازىر مۇھىمى، ئوبزورچى ئەدەبىي ئۆلچەم ئارقىلىق مەلۇم ئەسەرنىڭ ئەدەبىي ئەسەر ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلالايدىغان بولۇش بولۇپ قالدى. چۈنكى، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەنقىدىي يوسۇندا كۆزىتىش ئادىتى شەكىللەنمىگەن، نوپۇزلۇق ئەدىبلەرگە گۆدەكلەرچە قىزغىنلىق كۆرسىتىدىغان بىر جەمئىيەتتە ئەدەبىياتنىڭ چۈشكۈنلىشىشى كۈچىيىپ، ساپاسى يوق يازغۇچىلارنىڭ سۈرەن-چۇقانلىرى ئاۋۇپ، قىممىتى يوق ئەسەرلەر يامراپ كېتىدۇ. بىز دەل مۇشۇنداق بىنۇرمال ئەدەبىيات مۇھىتىدا تۇرۇۋاتىمىز. شۇڭا ئوبزورچىلىقنىڭ ئاساسى مەۋقەسىنى ھەقىقى ئەدەبىي ئەسەر بىلەن ساختا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆرسىتىپ بېرىشكە قويۇشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ.
     زىيالىلىق مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆزىتىپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ يۈزلىنىشىنى يېتەكلەش بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقى بۈگۈنكى دۇنيادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان قاراش بولۇپ قالدى. زىيالىيلىق ئېتىكىلىق مەنىسىدىن ئالغاندا، ئۆزى تەۋە مەدەنىيەتكە مەسئۇل بولۇش جاسارىتىنى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئۆزىگە خاس ئوبزورچىلىق ئستىلى ۋە ئوبزورچىلىق ئىندىۋىدۇئاللىقى بار ئوبزورچى بولۇش، ئالدى بىلەن مىللىي ئەدەبىياتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ۋە بارغانسېرى گۈللىنىشىگە تۈرتكە بۇلىدىغان ھەقىقىي ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنى شەكىللەندۈرۈش جاسارىتىگە ئىگە ئوبزورچى بولۇش بىلەن ئىپادىلنىدۇ. ئەدەبىي ئوبزور ئۆلچىمىنىڭ چەكلىمىسىگە ئەھمىيەت بەرگەندىلا، ئاندىن ئۈنۈملۈك تەنقىد ئارقىلىق يېزىقچىلقتىكى چۈشكۈنلۈكنى ۋە مەسئۇليەتسىزلىكىنى چەكلىگىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنىڭ ئاجىز بولۇشى مەسئۇليەتچان، مەسىلە ئېڭى كۈچلۈك، يۈز قارىماي راسىت سۆزلىيەلەيدىغان ئوبزورچىلارنىڭ يوق دېيەرلىك بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سىلىق –سىپايە ئوبزورچى بولۇش ئوبزورنىڭ قىممىتىنى بەكلا تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ ھەم زىيانلىق ئاقىۋەت شەكىللەندۈرىدۇ. گىرمانىيەلىك پەيلاسۇپ شوپىنخاۋېر: «سىلىق-سىپايىلىك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئۆز مەنىسىگە ئىگە. لېكىن ئەدەبىياتتا بىر خىل ياتلاشقان ھەمدە كۆپىنچە زىيانلىق ئامىل؛ چۈنكى ئۇ كىشىنى رەزىللىكىنى خەيىرلىك، نىجىسلىقىنى گۈزەللىك دەپ قاراشقا مەجبۇرلايدۇ. پەن بىلەن سەنئەتنىڭ ئالىجاناب مەقسىتى شۇنىڭ بىلەن دەپسەندە قىلىنىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
پىرنىسپچانلىقى، رېئاللىق تۇيغۇسى يوق، تەنقىد روھى سۇس، مەسئۇليەت ئېڭى ئاجىز سىلىق-سىپايە ئوبزورچى بولۇش، ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئادەمگەرچىلىك ئوبزورى، خۇشامەت ئوبزورى، گۇرۇھ ئوبزورى، مەنپەئەتپەرەسلىك ئوبزورى دېگەندەك چاكىنا ئوبزورچىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۋېتىدۇ. شۈبھىسىزكى بۇنداق ئوبزورچىلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا، ئوبزورچى كەلسە-كەلمەس ماختايدىغان ياخشىچاق ئوبزورچى بولۇشتىن ياكى ئۆزىنى ئاياپ جىممىدە تۇرىۋالىدىغان بىچارە ئوبزورچى بولۇشتىن ھەزەر ئەيلىشى، ئادىل، ھەققانىي ئوبزورچى بولۇشى، ئەسەرگە بىۋاستە يۈزلىنىشى، ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى بىلەن ھېساپلاشماسلىقى لازىم. باشقىلارغا يامان بولۇشتىن قورقۇپ ھەممىنى ماختايدىغان ياخشىچاق ئوبزورچى بولۇش، نوپۇزى بار يازغۇچىلارنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ، تىنىچ ئارامخۇدا ئۆتۈشنى خالايدىغان سىلىق-سىپايە ئوبزورچى بولۇشنىڭ زىينى ناھايىتى زور. بۇنى بىز مەشھۇر رۇس ئەدەبىي ئوبزورچىسى بېلنىسكىنىڭ مۇنۇ سۆزىدىن ئىنىق ھېس قىلالايمىز. بېلنىسكى مۇنداق دېگەن: «ھەر دائىم تىنىچ ۋە ئارامخۇدا ئۆتۈشنى خالىساڭ، گېپىڭ ھەممە يەردە تاتلىق بولۇۋەرسە، مۇلايىملا بولساڭ قانداق بولىدۇ دېمەمسەن، ئۇ ھالدا ۋىجدانسىزلىق، ئالدامچىلىق، نادانلىق ئۈچۈن كەڭ يول ئېچلىدۇ. ھېچكىم ئۇ ئىللەتلەرنى پاش قىلمايدۇ، ئاخىرى ھەقىقەتنىڭ قۇدرەتلىك خىتابىنى ئېيتىدىغان ئادەممۇ چىقماي قالىدۇ».
      ھازىرقى تاۋار جەمئىيتىدە مۇبالىغچىلىك، يوغان گەپ قىلىش، داۋراڭچىلىق كەلكۈندەك يامراپ كەتتى. چۆچۈرىخانا ئاچقان ئادەم ئۆزىنى«چۆچۈرە پادىشاھى» دەپ ئاتاشتىن ئۇيالمايدىغان بولۇپ كەتتى. يازغۇچى، شائىرلار ئارىسىدىمۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويماستىن، ماختىنىشقا ھېرىسمەن بولۇش، دوسىت تارتىپ ماختىشىش، يوقۇرى-تۆۋەن قاتراپ تون كىيىش ھەلەكچىلكىدە چېپىپ يۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئەدەبىيات ئاسمىنىدىكى چولپان بولۇشنى كۆزلەش، ئەسەرنىڭ سۈپىتى بىلەن ھېساپلاشماستىن سانى بىلەن ھېساپلىشىپ كىتاب چىقىرىپ «ئوبراز قۇرۇلىشى» ئېلىپ بېرىش خاھىشى ئادەمنى چۆچۈتكۈدەك  دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بۇنداق بىچارىلەرچە ئېرىشكەنلىرى ئەمىليەتتە ئەدەبىياتقا قىلىنغان ئاسىيلىق ۋە ئوقۇرمەنلەرگە قىلىنغان زىيانكەشلىك. يامان يېرى شۇكى، بۇنداق نامۇۋاپىق ئورۇنۇش ۋە ئەخمىقانە ھەرىكەتلەر يامراپ كەتسە ئاساسى ئېقىمغا ئايلىنىپ، گۇيا نۇرمال ئىشتەك بىلىنىدىغان بولۇپ كېتىدىكەن. ئەمىليەتتىمۇ شۇنداق بولۇپ كەتتى. مەشھۇر يازغۇچى لىف تولسىتوي « ئادەملەر كۆندۈرلۈش ئارقىلىق ھەرقانداق ئىشقا ئادەتلىنەلەيدۇ. ھەتتا ئەڭ ناچار ئىشلارغىمۇ ئادەتلىنەلەيدۇ، خۇددى كىشىلەر ئېچىپ قالغان يېمەكلىككە، تاماكىغا، ئەپيۈنگە، ھاراققا ئادەتلەنگىنىگە ئوخشاش، ناچاچ سەنئەتكىمۇ ئادەتلىنىپ كېتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. دەرۋەقە ناچار سەنئەتكە ئادەتلىنىپ كەتكەن ئاۋام سۈپەتسىز ئەسەرلەرنى ۋە قابىليەتسىز يازغۇچى- شائىرلارنى رەت قىلمايدىغان بولۇپ كېتىدىكەن. تەلىپى تۆۋەن بۇ خىل ئوقۇرمەنلەرنىڭ بازار شەكىللەندۈرشى سۈپەتسىز ئەسەرلەرنىڭ يولىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. بۇنداق ئەھۋالدا يەنە «بولمىغاندىن بولغىنى ياخشى» دەپ ئىلىمگە يات ئاددى گەپلەر بىلەن ساغلام بولمىغان كەيپىيات پەيدا قىلىدىغان ئاتالمىش كەڭ قۇرساق كىشىلەرمۇ ئوتتۇرغا چىقىدىكەن. نەتىجىدە، ئەخلەت ئەسەرلەر بىلەن مەسئۇليەتسىز قەلەمكەشلەرگە ئەركىن-ئازادە بوشلۇق يارىتىلدىكەن. ھازىر بىزنىڭ مىللىي ئەدەبىيات مۇنبىرىمىزدە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقىنى دەل مۇشۇنداق كەيپىيات بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىر ئوبزورچىغا نىسبىتەن بۈگۈنكى كۈندە قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ روھىي پەزىلىتىنى، مۇستەقىل تەنقىد روھىنى ۋە قىممەت ئېگىزلىكىنى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قېلىش بىر مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى.
     بىز ئەدەبىي ئوبزورغا شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھتاجكى، بارلىق ئەدەبىي ئەسەر ياكى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ھەرگىزمۇ ساپ، ئەستايىدىل، سالماقلىق ۋە ياكى پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ. بىراق، ئۇ ئۇبيېكتىپ ئەدەبىي ئوبزورنىڭ بارلىق ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كەلگەندىلا، ساپ، ئەستايىدىل، پايدىلىق نەرسىگە ئايلىنىدۇ. داڭلىق ئەدەبىيات ئوبزورچىسى لى جيەنجۈن ئېيتقاندەك، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئەدەبىي ئوبزورنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى زۆرۈر بولغان مەسئۇلىيەت ئېتكىسى « ئۆز دەۋرىدىكى ئەدەبىياتنى چىن ۋە ئىشەنچىلىك ھۆكۈملەر بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئۇنى ئاكتۇئال ئىشلەپچىقىرىشچانلىققا ئىگە ئېيتىم كۈچىگە ئايلاندۇرۇشتۇر. كونكرېت ئېيتىقاندا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەينى ئەھۋالىنى چۈشنىشىگە ياردەم بىرىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىرخىل چەكلىگۈچى كۈچ سۈپىتىدە، يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە نسبىتەن قىممەت ۋە سۈپەت نازارەتچىلىكى ئېلىپ بېرىشتۇر.» بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئەدەبىي ئوبزورچىلار خالىسلىق، باتۇرلۇق پەزىلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي بىلىمىنى ۋە كېسىشمە پەنلەر جەھەتتىكى بىلىمىنى كۆپەيتىپ، خىرىس قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك قايناق ھېسسىياتى ۋە جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەدەبىياتنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالىنى يۈكسەلدۈرۈشكە پايدىلىق قاراشلارنى، ئويلاندۇرۇش كۈچى بار مۇھاكىمىلەرنى، قوبۇل قىلنىشچانلىقى كۈچلۈك باھالارنى، چەكلەش كۈچى كۈچلۈك ئۆتكۈر تەنقىدىي پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازى.
     ئەدەبىي ئوبزورچى ئوبيېكتىپ ، ئىلمىي، ئادىل، توغرا بولۇشقا ئەھمىيەت بىرىشى، مەلۇم ئەدىب ياكى ئەسەرنى ئاشۇرۇپ ماختاش ياكى قارشى تەرەپنى ئاساسسىز سۆكۈش قىلمىشىنى سادىر قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى لازى. بۇنداق قىلمىش ئوبزورچىلىقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرىدۇ. ئوبزورچى ئۆزىنىڭ لىللاقى، ئۆتكۈر پىكىرلىكلىكى ۋە جۇشقۇن-جانلىقلىقى ئارقىلىق يېزىقچىلىقتىكى ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكنى ۋە مەسئۇليەتسىزلىنى توسۇپ، ئوبزورنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇشى لازىم. شۇپىنخاۋېر ئېيتقاندەك «ئۆلچەمدىن ئارتۇق بېرىلگەن دورىدىن مەنپەئەت بولمىغاندەك، ئادالەت ئۆلچىمى چېگراسىدىن چىقىپ كەتكەن دەشنەم، تەنقىدتىنمۇ مەنپەئەت بولمايدۇ.» شۇڭا، ئادىل، لىللا بولۇش پىرنسىپىدىن چەتنىمەسلىك، ئاساسسىز تەنقىد قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
     ئەلۋەتتە ئەدەبىي ئوبزورنى پەن دەپ قارايدىغان مەدەنىيەت مۇھىتى كەمچىل، نورمال تالاش-تارتىش ۋە زۆرۈر بەس-مۇنازىرىنى ئىناقسىزلىق دەپ قارايدىغان قاتمال مۇھىتتا، ئەدەبىي ئوبزورچىلىق تەنقىدلەشنى ئاساس قىلىشتەك خاس ئالاھىدىلكى بىلەن ئۇنچە بەك قارشى ئېلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق مۇھىتتا ھەقىقىي بىر ئوبزورچى ئاسانلا خاتا چۈشىنىش ۋە دۈشمەنلىككە دۇچار بولۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. لېكىن، مەسئۇليەتچان، تەلەپچان، سۈپەت ئېڭى كۈچلۈك، ئىلمىي ئاتمۇسفۇراسى كەم مۇھىت بىلەن قارىشلىشالايدىغان ئىلمىي جاسارەتكە ئىگە ھەقىقى بىر ئوبزورچى يازغۇچىدىن كېلىدىغان دۈشمەنلىك ۋە زىيانكەشلىكلەرگە بەرداشلىق بىرىش كۈچىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. داڭلىق ئەدەبىي ئوبزورچى لى جيەنجۈن « دەۋرىمىز ۋە ئەدەبىياتىمىزنىڭ دۈشمەنلىرى» دېگەن ماقالىسىدە بۇ توغۇرلۇق مۇنداق دېگەن: «روھىي جەھەتتىكى قەيسەرلىك ۋە خاراكتېردىكى قەتئىيلىك ئوبزورچىلارغا نىسبىتەن ئېيىتقاندا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ئەگەر ئىتائەت قىلماسلىق روھى ۋە قارشىلىشىش جاسارىتى بولمىسا، ئوبزورچى ئۆز دەۋرى ۋە ئەدەبىياتنى قىممەتكە ئىگە قاراشلار بىلەن تەمىنلىيەلىشى ناھايىتى تەس. چۈنكى بىر جاسارەتسىز كىشى مەسىلىگە توغرا قاراشقا، راسىت سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، ھالبۇكى، راسىت سۆزگە يۇشۇرۇنغان ھەقىقەتلا قىممەتكە ئىگە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمەت بىلەن قۇلاق سېلىپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولالايدۇ.»
     قىسقىسى، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشىگە ئەمەلىي، ئىجابىي تۆھپە قوشۇش ئىستىكى كۈچلۈك بىر ئوبزورچى بولۇش ئاسان ئەمەس. مېنىڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىق بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كېلىۋاتقىنىمغا 25 يىل بولدى. شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، ئەدەبىي ئوبزورچىلىق ساھەسىدە ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق زىددىيەتلەردىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. يىقىلىپ-قوپۇشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئەمما مىللىي ئەدەبىياتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر ئوبزورچىدا يېتەرلىك ئىلمىي جاسارەت بولمىسا بولمايدۇ. داڭلىق ئوبزورچى جو يوچياڭ ئۆكۈنگەندەك، ھازىر بىزنىڭ «ئەدەبىي ئوبزور قوشۇنىمىزدا خۇش خەۋەرچى سۇپسۇپىياڭلار كۆپىيىپ، تۆمۈر تۇمشۇقلار ئاز قالدى»، يېتەكچى كۈچكە باي، ئېستېتكىلىق، تارىخىي قاراشلاردا چىڭ تۇرىدىغان، ئېستېتىكىلىق ئۆلچەملەرنى پەسلەشتۈرۋېتىش خاھىشىغا قارشى كۆرەش قىلالايدىغان، ئىجتىمائىي قىممەتكە ھۆكۈم قىلىشقا جۈرئەتلىك، مەنىۋى قىممەتلەرنى گەۋدىلەندۈردىغان، پىرىنىسپتا چىڭ تۇرىدىغان، ئەخلاقىي مىزاننى يوقتىپ قويمىغان، مىللەتنىڭ ئارزۇ ئېستىكىنى نامايەن قىلىدىغان، سەنئەت ئىلھامىغا باي، ئىدىيە يۈكسەكلىكىگە ئىگە مۇستەقىل قاراشلار بىلەن تولغان، ھاياتى كۈچى ئورغۇپ تۇرغان، غايىسىز، قابىليەتسىز، ئەمما شۆھرەتپەرەس قەلەمكەشلەرگە يۈز- خاتىر قىلمايدىغان، ئىمتىيازلىقلارغا چېقىلىش جاسارىتىگە ئىگە، كۆرەشچانلىق روھى ئۈستۈن ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، تۆمۈر تومشۇققا ئوخشاش خىسلەتكە ئىگە ھەقىقىي ئوبزورچىلار قوشۇنى بولۇش كېرەك.
نۇرغۇن كىشىلەر ئەدەبىي ئوبزور ماختاشنى، مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى، ئىلھام بېرىشنى ئاساس قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئەدەبىي ئوبزورچىلارنىڭ سىلىق سۆزلۈك بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ۋاھالەنكى، ئۇلار مەدھىيەلەشنى ئاساس قىلىدىغان ئوبزورچىلىقنىڭ چەكلەش كۈچى بولمايدىغانلىقىنى، چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ «ھەقىقى ئوبزورچى ئىللىق سۆزگە گاداي كىلىدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆزىنى بىلمەيدۇ. ياخشىچانلىقنى تەلەپچانلىقتىن ئەلا بىلىدىغان بۇ خىل كىشلەر، ئىجتىمائىي ئالاقىدە زۆرۈر بولغان سىلىق-سىپايە مۇئامىلنىڭ ئىلىم مۇنبىرىدە، كەسپىي ساھەدە ئىنتايىن يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈشمەيدۇ. شۇڭا مەن شۇنداق دەيمەنكى، مەۋجۈت ھالەتكە قانائەت قىلىش ئوبزورچىنىڭ خىسلىتى ئەمەس! مەن شۇنىڭ ئۈچۈن ئوبزور يازىمەن.
               2012.يىلى1.ئاينىڭ ئاخىرىدا يېزىلدى.
     مەنبە؛ ئاپتۇرنىڭ «مەن نېمىشقا ئوبزور يازىمەن» ناملىق ماقالىلار توپلىمى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-9 00:03  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-8 23:26:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-8 23:34:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس ئورنى( ئېلىپ قويدۇم).

ۋاقتى: 2014-6-9 00:37:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزىنىڭ 30 يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدىكى ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئەسىرى .ئەينى دەۋىردە بۇ ماقالە شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغاندا يالقۇن روزىنىڭ بىر تۇركۇم تەنقىت ماقالىرىنى ئوقۇپ باقتىم .«مەن نىمە ئۇچۇن ئوبزور يازىمەن »ماقالىسىدە دىگەنلىرىدەك ھەقىقەت تارازىسىنى تۇتۇپ ئىجادىيەت قىلغانمىدۇ ؟باشقا تەنقىتچىلەردەك چاپانچىلىق قىلمىغانمىدۇ ؟ئىشەنمەيمەن .1985-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە يازغان تەنقىت ماقالىرىگە ئوزى بىر قاراپ باققان بولسا بەزىبىر سەۋەنلىكلىرىنى بايقاپ قىلىشى مومكىن !؟

ۋاقتى: 2014-6-9 00:40:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن ئەسەر يېزىۋاتقان، بولۇپمۇ ئوقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرگەن قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرگەندە تەنقىدى روھىم ئورغۇپ تاشىدۇ.
-----------------------
راستىنلا شۇنداقمىدۇ ؟

ۋاقتى: 2014-6-9 01:10:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                       ھاقارەت  تۈھمىتى  كەلسە  ھەر  قاچان  ،

                       ئۇنى  قاراقچىدەك  سېزىسەن   ھامان  .

                       مېھماندەك  كېلىدۇ  ماختاش  تۈھمىتى  ،

                       ۋە  لېكىن  ،قاراقچىدىن  مىڭ ھەسسە  يامان.

ۋاقتى: 2014-6-9 08:27:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن رۇزىنىڭ ئەسەرلىرىنى  بۇرۇندىن  ياخشى كۈرەتتىم ، چۈنكى  يالقۇن رۇزىنىڭ قەيسەر ئىرادىسگە،  باشقىلار ئالدىدا يامان بۇلۇشتىن قورقمايدىغان دادىل پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان تەرىپىنى ياقتۇراتتىم . يۇقارقى  : « مەن نېمە ئۈچۈن ئوبزۇر يازىمەن  »  دىگەن ئەسىرىدىمۇ ، دادىل پىكىر يۈرگۈزگەن ،يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولغان بولسا نېمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى _ھە! ماختىنىش  كۆپ  بولسا يازغۇچىلار ئىلگىرلىيەلمەيدۇ،  تەنقىت كۆپ بولسا، رىقابەت ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرلەش بۇلىدۇ . ئايشەم1دىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايشەم1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-9 08:28  


ۋاقتى: 2014-6-9 10:00:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پىچاقنى بىلەپ تۇرسا شۇنچا ئىتتىكلىشىدۇ-ئەمەسمۇ...؟!

ۋاقتى: 2014-6-9 12:19:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jallat يوللىغان ۋاقتى  2014-6-9 00:40
كىم ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن ئەسەر يېزىۋاتقان، بولۇپمۇ ئوقۇر ...

مېنڭچە شۇنداق، بىراق ئۆز قارىشىدا ۋە بىلىم سەۋىيىسىدە ‹‹ئوقۇرمەنلەرنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرگەن ئەدىبلەر››نى بايقىغاندا راستىنلا شۇنداق قىلىدۇ دەپ قارايمەن. يالقۇن روزى ئەپەندى ئىشنى ماختاشتىن باشلىغان، يەنى شائىر قۇربان باراتنىڭ ‹‹ئاق روماللىق پەرىزات››ىغا مەدھىيە ئوقۇشتىن باشلىدى، شۇڭا 1987-يىلىدىن باشلاپ سەل كېيىنكى ئەسەرلىرىدىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇددىئاسى بولسا بىرىگە راستىنلا ماختاشقا تېگىشلىك ئەسەرلەر دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن بولسا، يەنە بىرى تەنقىدچىلىككە راۋۇرۇس بىر كىرىشىۋېلىش ۋە پۇت قويغۇدەك يەر ھازىرلاش ئۈچۈن بولسا كېرەك.

ۋاقتى: 2014-6-9 12:41:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باغرى شۇنچىلىك كەڭرى تۇرسا «پۇت قويغۇدەك يەر ھازىرلاش ئۇچۇن»تەنقىتچىلىك قىلىش مۇدداسى بىلەن ئەدەبىياتقا كىرىش «مۇددىئا بىلەن مەقسەتكە يىتىشتەك»«تەدبىر بىلەن تەقدىرنى بەلگىلەشتەك»جۇگۇلىياڭنىڭ جەڭ تاكتىكىسى بولۇپ قالمامدۇ ئىنىم .!بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا پۇت قويغۇدەك يەر ھازىرلايمەن دەپ ئىجادىيەت يولىغا پۇتلاشقانلارنى سۇيقەسىتلەر بىلەن ئۇجۇقتىرۋىتىدىغان .قاراشلىرى بىر يەردىن چىقمىغانلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت توقۇپ ئۇلارغا بەتناملارنى سۇركەپ باشقىلارغا كىرەكلىك بىر ناننى تارتىپ ئىلىپ ھەقەمسايىلىرىغا تەقسىم قىلىپ ئوزىنى ياخشى كورسىتىپ ،ئوزى بىر بۇردا نانغا ئىگە بولۇپ كىرىلىپ يۇرىيدىغان ئەدىپلەر  يوق ئىنىم .يالقۇن روزىنىڭ يىقىندىن بىرى ئىلىپ بىرىۋاتقان تەنقىتلىرى ھەم تەنقىتچىلىكىتىكى ئەخلاقى ئەدەبىياتىمىز ئۇچۇن زۇرۇر بولغان كالىتسىي .

ۋاقتى: 2014-6-9 12:46:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن رۇزى يىڭى ئەسىردىن بۇيان باش كۈتۈرگەن تالانتلىق ئوبزورچى. ئۇنىڭ ھازىرقى ئوبزورچىلىقى مۇكەممەللىككە  ئىگە. ئەمما جاللات ئەپەندى ۋە يۈسۈفىي ئەپەندى دىگەندەك نۇقسانلار ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەت ئەھۋالىدا كۈرۈلگەن بۇلۇشى مۇمكىن ئەمما ھازىر ئىدىيىسى ئىسلاھ قىلىندى، بىلىمى موللاشتى بۇندىن كىيىن چۇقۇم ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك، ئوبزورچىلىق ئىشلىرىغا چۇقۇم ياخشى تۆھپە قۇشالايدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەمما بۇ يەردە ئىلگىرىكى ئىشلارنى تەكىتلەشنىڭ ئورنى يوق. ھازىرقى ئەھۋالىغا نەزەرتاشلايلى، پىكىر بىرەيلى، ئەمما شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى ھېچكىم سەۋەنلىكتىن ، نۇقساندىن خالىي ئەمەس. ھېچكىم بۇرۇندىنلا داڭدار بولغان ئەمەس بۇنىڭغا جەريان كىتىدۇ. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بوشلۇق بولغان ئەدەبىي ئوبزورچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۈش ئۈچۈن  ئوبزورچىلارنى قوللايلى، مەدەت بىرەيلى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە سۇغۇق سۇ سەپمەيلى.

ۋاقتى: 2014-6-9 13:16:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jallat يوللىغان ۋاقتى  2014-6-9 12:41
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ باغرى شۇنچىلىك كەڭرى تۇرسا «پۇت  ...


ئەدەبىياتىمىزنىڭ باغرى بەلكىم شۇنچە كەڭدۇ...بىر ئوقۇتقۇچۇم شۇنداق دېگەنىدى: ‹‹ ئەدەبىيات كوچىسىدا ماڭغۇدەك يول تۈگۈل پۇت قويغۇدەك كىچىككىنە جاي تېپىۋېلىشمۇ بەك تەس...››. مەن بۇ گەپنى ھازىرمۇ توغرا دەپ بىلىپ كەلگەچكە شۇنداق دەپ قارىغانىدىم.

‹‹بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا پۇت قويغۇدەك يەر ھازىرلايمەن دەپ ئىجادىيەت يولىغا پۇتلاشقانلارنى سۇيقەسىتلەر بىلەن ئۇجۇقتىرۋىتىدىغان .قاراشلىرى بىر يەردىن چىقمىغانلارنىڭ كەينىدىن غەيۋەت توقۇپ ئۇلارغا بەتناملارنى سۇركەپ باشقىلارغا كىرەكلىك بىر ناننى تارتىپ ئىلىپ ھەقەمسايىلىرىغا تەقسىم قىلىپ ئوزىنى ياخشى كورسىتىپ ،ئوزى بىر بۇردا نانغا ئىگە بولۇپ كىرىلىپ يۇرىيدىغان ئەدىپلەر  يوق ئىنىم...››.

مەنمۇ شۇنداق بولۇشىنى بەك ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە مەن يالقۇن روزى ئەپەندىنى پەقەتلا بىر قېتىم كۆرەلىگەن، ئۇ كىشى بىلەن كۆپ ئالاقەم يوق، شۇڭا مەن ئۇنداق دېگەن قاراشتا ئەمەس ھەم ئۇنداقلىقىنىمۇ ئاڭلىمىدىم. تەنقىدچىلىك ئەخلاقى ھەققىدە ئارتۇق گەپكە رايىم بارمىدى. راستىمنى ئېيتسام، يالقۇن روزى ھەقىقەتەن ياخشى ئوبزورچى.
ۋاقتىڭىز بولسا مەزكۇر ماقالەمنى ئوقۇپ كۆرۈڭ ئابدۇرىشتكا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kiwirhemit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-22 14:55  


ۋاقتى: 2014-6-9 22:45:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئوبزۇر » ئەسەر تەنقىتلەشلا ئەمەس ، ياخشى ئەسەرلەرنى  مۇھااكىمە  قىلىشمىكىن  ، دەپ ئويلايمەن  بۇ مىنىڭ   ئۇيۇم : ئايشەم1دىن

ۋاقتى: 2014-6-23 18:51:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزى بولمىسا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كۆل سۈيىدەك تىنچ،تۇزى كەم تاماقتەك لاۋزا،نەغمىسى يوق تويدەك زېرىكىشلىك بولۇپ كېتىدىكەن.مېنىڭمۇ ئوبزورچى بولۇش خىيالىم بار ئىدى،ئەپسۇس بىلىمىم تېيىز،تەپەككۈرۈم گالا كېلىپ قالدى.بۇ قەلەم ساھىبىغا ئۇتۇقلار،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا گۈللىنىشلەر نېسىپ بولغاي.

ۋاقتى: 2014-7-18 15:52:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالقۇن روزى « سالچىلار » غا ئوخشاش زور ھەجىملىك نادىر ئەسەرلىرىمىز ھەققىدىمۇ قەلەم تەۋرەتسە بولاتتى ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش