يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1746|ئىنكاس: 32

جاللات-:يەكشەنبىگە قايتىۋاتىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يەكشەنبىگە قايتىۋاتىمەن
مەن ماڭماقچى بولغان يولۇمنىڭ ئاشۇ چىغىر يول ئىكەنلىگىنى بىلەتتىم .بۇ چىغىر يول بىلەن ئولۇمگە يىقىنلىشالايتىم ،ھەم ئولۇمدىن قايتىپ كىلەلەيتىم .ئوزۇمنى ئولۇمگە يىقىنلاشتۇرغاندا ئۇ يەنىلا سىرتىمنىڭ ئىچىدە ماڭا يىقىنلىشىۋاتاتتى .ئىچىمنىڭ سىرتىدا مەندىن يىراقلىشىۋاتاتتى .ئاشۇ يوللار ماكانىمغا قارا سايە تاشلىغاندا يەكشەنبىدىكى ئولۇمگە قايتىشنى خىيال قىلدىم .








ئەي ،كېچە
ئولۇمدىكى قاراڭغۇ كېچە
مەن ئوزۇمنى پاكلاي دىگەنتىم
مەن ئولۇمگە قايتاي دىگەنتىم
قانلىرىمنىڭ يەكشەنبىسىدە
ئولۇم ماڭا يىقىنلاشقاندا
ئولۇمدىكى چىغىر يوللاردا
ئولۇم كىتىشنى خىيال قىلاتتىم .
.
ئەي،كېچە
بۇگۇن يەنە ئايدىڭ بولدىمۇ ؟
ئولۇمۇمنىڭ غەمسىز جانلىرى
چىغىر يولدا زامانغا قايتىپ
يەكشەنبىدىن پاناھلاندىمۇ ؟
.
ئەي ،كېچە
جاڭگالدا ناخشىدا يۇرگەن بوۋامنىڭ
كورىمەن ئولۇمگە ماڭغانلىغىنى .
قۇملۇققا چىچىلغان قىزىل قانلارنىڭ
ئاڭلايمەن ئولۇمگە پىچىرلىغانلىغىنى .
كورىمەن ئا  نىڭ ئوزىدەك تەنھا
ئولۇمدىن  سىر پىتى قاچقانلىغىنى .
.
ئەي،كېچە
ئارمان تۇنلىرىنى يايغاندا سەھەر
ئاڭلايمەن سىرتىڭدا ئىچىلدى ئىشىك
قىسمەتنىڭ كەينىگە مۇككەندە سايە
سىنى سوزلەيمەن ئايدىڭ بولغاندا
مىنى سوزلەيدۇ ئوزىدە كىملەر ؟
.
ئەي كېچە
ئاسماننى يىپىنىپ كەتتىم باھارغا
دېڭىزدا ئۇخلايمەن يەنە سۇكۇتتە
يەكشەنبىگە  قايتىۋاتىمەن
ئولۇم ماڭا يىقىنلاشقاندا
مىنى سوزلەيدۇ ئوزىدە كىملەر ؟
.
2008-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۇنى (يەكەن)
(ئىملا خاتالىقلىرى سەۋەبىدىن تورداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-8 10:40  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-8 12:36:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرغا قۇتلۇق بولسۇن!
جاللات بۇرادەر ئىملا ئۆگىنىشتە بىر ئۆمۈر قىينالدى!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-8 12:52:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ،بەزىدە تۇيغۇ كەڭ يىيىلىپ ھازىرلىقنىڭ پۇتۇكلىرىنى لىرىكىغا خاتىرلەۋاتقاندا ئاشۇ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلار تۇيغۇمنى ئوزۇپ قويمىسۇن دەپ تىز خاتىرلەشكە بارلىق ئىشتىياقىم بىلەن ئاتلىنىمەن .ئوزۇمگە مەنادا يىقىنلاشقاندا «ئىملا»نىڭ ماتەم مۇزىكىسى چىلىنىۋاتقان بولىدىكەن .ئۇزۇك تاۋۇشلىرىمدا مەسىلە يوق .ھەم ھازىرقىدەك بىر قانچە قىتىم چىقارغان تىل يىزىق كومتىتىكىلەرنىڭ ھوججەتلىرى ئالدىدا مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق يازمىلاردىن ئىملا سەۋەنلىگى تىپىشقا بولۇدۇ ....شېئىرنىڭ ئاستىغا ئالاھىدە ئەسكەرىتمە بىرىپ قويدۇم ...مەندە سەۋەنلىك يوق :بۇ شېئىردا ئايرىم مىسرالارنى ھىساپقا ئالمىغاندا تىنىش بەلگىلىرىمۇ قويۇلمىدى .ئوقۇرمەنلەر خالىغان يەردە تىنىپ ،خالىغان يەردە ھاردۇقىنى چىقىرىپ بەھوزۇر كىرىلىپ ئولتۇرۇپ شېئىردىن بەھىرلەنسۇن دىدىم lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-8 12:56  


ۋاقتى: 2014-6-8 12:57:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام، جاللات ئاكا. قانداق ئەھۋالىڭ؟ ياخشى تۇرۋاتامسەن؟ ئۇزۇن بولدى ئىزدىيەلمىدىم! ئامانمۇ سەن؟ چۈشكە يېقىن سەھەردە بۇ ئەسىرىڭنى ئوقۇپ ھۇزۇرلاندىم. تېنىڭنىڭ سالامەت، دوختۇرخانا- كېسەللىرىڭنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. مەن بۇدا يەكەنگە بارغاندا ساڭا < ئىملا تۈزەتكۈچ> يۇمشاق دىتالىدىن بىرنى سوۋغا قىلاي... ئامان بول، سېنى ئۆزۈڭگە تاپشۇردۇم...

باھا سۆز

بەلكىم كېچىچە يېزىپ چۇشكە يېقىن قوپسا كېرەك .....  ۋاقتى: 2014-6-14 05:08 PM
چۈشكە يېقىن سەھەردە. بۇ بالىنىڭ ئىنكاسلىرىمۇ ئۆزگىچە ئىكەن.  ۋاقتى: 2014-6-8 03:17 PM
ۋاقتى: 2014-6-8 13:08:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jallat يوللىغان ۋاقتى  2014-6-8 12:52
دوستۇم ،بەزىدە تۇيغۇ كەڭ يىيىلىپ ھازىرلىقنىڭ پۇتۇكلىر ...


ئىلگىرى سىلىگە ئىملا ھەققىدە كۆپ ئېيتقان. شۇنداقتىمۇ بۇ شېئىرنىڭ ئېسىللىكىدىن سۆيۈنۈپ چاقچاق قىلغۇم كېلىپ، مۇنداقلا دەپ قويغىنىم ئۇ. كۆڭلۈڭلەرگە كەلمىسۇن ھە!
ئىنكاسنىڭ ئۆزىمۇ ئېسىل چىقىپتۇ.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-8 13:09  


ۋاقتى: 2014-6-8 13:13:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم جاللاتنىڭ يەكشەنبىگە قايتىۋاتقانلىقىنىڭ سىرى ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە رىزۋانگۈلنىڭ  «ھالرەڭ يەكشەنبە»سى ئارقىلىق ئاشكارىلاندى.  ئەمدى كېيىنكى قەدەملەرنى دۈشەنبەدىن باشلىغايسەن، دوستۇم.

ۋاقتى: 2014-6-8 13:22:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىڭلارغا قاتتىق ھەۋەس قىلىۋاتىمەن ، ئاللاھ ئىگەم سىلەرنى مەڭگۈ ئايرىمىسۇن! ئامان بولۇڭلار جاللات ئاكا !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-8 13:23:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قىرىنداشلىرىم .

ۋاقتى: 2014-6-8 13:55:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەكشەنبىگە قايتىۋاتقان قەدەملەرنىڭ ئىزىدىن ئېچىلغان ھالرەڭ چىمەنلەرنىڭ خۇش پۇرىقىنى بەخترەڭ ئاسماندىن كۆرۈپ، سۆيگۈ تەختىدە ئەزىزلىنىپ، مۇھەببەتنىڭ ئىللىق باغرىدا ئەللەيلىنىۋاتقان  قەلەمداش دوستۇمنىڭ بەختىدىن سۆيۈندۈم ، شېئىرىڭىز بىلەن سىزگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن جاللات ئەپەندى.

دەل ۋاقتىدا ياڭرىغان كۈيلەرنىڭ ھوزۇرى ئەجەپ شىرىن بولىدىكىنا؟!!!!!!. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ساجىدە سۇلايمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-8 13:56  


ۋاقتى: 2014-6-8 14:48:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەكشەنبىگە قايتسىڭىزمو گەر،
مولۇندەكلا تۇرار دۇشەنبە.
قاتارلىشىپ كەلسە يەتتە كۇن،
مۇمكۇنمىدو تۇرماق سۇكۇتتە؟

ۋاقتى: 2014-6-8 15:33:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاللات ئەپەندىمنىڭ شىئېرلىرىنى ئوقۇمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن. بۇ شىئېرنى ئوقۇپ ھوزۇرلاندىم دېسەم يالغان ئېيتقان بولىمەن. چۈنكى بۇ شىئېرنى چۈشىنىپ ھەزىم قىلغۇدەك قابىلىيەت ھازىرچە مەندە بولمىسا كېرەك. بىرەيلەننىڭ «شىئېر چۈشىنىلمەيدۇ، ھىس قىلىنىدۇ» دېگەن گېپىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ گەپنىڭ راست - يالغانلىقىنى ياكى توغرا - خاتالىقىنى بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ بىر ئىدىيەنى، كۆز قاراشنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم. بەلكىم مۇشۇنچىلىك ھىس قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ شىئېرنىڭ ۋە شائىرنىڭ مەقسىتى بولسا كېرەك. لىرىك ئەسەرلەر ئوقۇرمەندىن زىر - زەۋىرگىچە چۈشىنىشنى ۋە ئاپتوردىن چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلسا بولمايدۇ. مېنىڭچىمۇ لىرىك شىئېرنى قانچە چۈشەندۈرگەنچە شۇنچە لاۋزىلىشىدۇ.
80- يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا «ئۆ، ئۈ» ھەرپلىرى يوق ئىكەندۇق. جاللات ئەپەندىمنىڭ كۆپلىگەن ئىنكاسلىرىنى ئوقۇدۇم. «ئۆ، ئۈ» ھەرپلىرىنى ئىشلەتكىنىنى ئاساسەن كۆرمىدىم. 30 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەپەندىمنىڭ ئاشۇ چاغدىكى ئىملادا نېمىشقا بۇنچە جاھىللىق بىلەن تۇرىدىغانلىقىنى زادىلا چۈشەنمىدىم.

ۋاقتى: 2014-6-8 20:37:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەكشەنبىگە قايتۋاتقان جۈپ ئىزلاربەركەتلىك بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-6-8 22:40:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملانى توغۇرلىماي  تۇرۇپ شېئىر يازماڭلار  ئەپەندىلەر ،سىلەرنىڭ بىرەر ئەزايىڭلار  كەم  يارىتىلغانمۇ يا   ؟  ئۇيغۇر تىلىغا ھاقارەت قىلماڭلار ! بولمىسا  باشقا تىلدا يېزىڭلار  !نىمە  گەپ بۇ  دائىم  ئىملا خاتالىقى تەكىتلىنىۋاتسا  ،يەنە يېزىۋىردىغان گەپمۇ ؟

ۋاقتى: 2014-6-8 22:44:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                           يەكشەنبىگە قايتىۋاتىمەن

     مەن ماڭماقچى بولغان يولۇمنىڭ ئاشۇ چىغىر يول ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. بۇ چىغىر يول بىلەن ئۆلۈمگە يىقىنلىشالايتتىم، ھەم ئۆلۈمدىن قايتىپ كىلەلەيتتىم. ئۆزۈمنى ئۆلۈمگە يېقىنلاشتۇرغاندا ئۇ يەنىلا سىرتىمنىڭ ئىچىدە ماڭا يېقىنلىشىۋاتاتتى، ئىچىمنىڭ سىرتىدا مەندىن يىراقلىشىۋاتاتتى. ئاشۇ يوللار ماكانىمغا قارا سايە تاشلىغاندا يەكشەنبىدىكى ئۆلۈمگە قايتىشنى خىيال قىلدىم.


ئەي، كېچە
ئۆلۈمدىكى قاراڭغۇ كېچە
مەن ئۆزۈمنى پاكلاي دېگەنتىم
مەن ئۆلۈمگە قايتاي دېگەنتىم
قانلىرىمنىڭ يەكشەنبىسىدە
ئۆلۈم ماڭا يىقىنلاشقاندا
ئۆلۈمدىكى چىغىر يوللاردا
ئۆلۈپ كېتىشنى خىيال قىلاتتىم .

ئەي، كېچە
بۈگۈن يەنە ئايدىڭ بولدىمۇ ؟
ئۆلۈمۈمنىڭ غەمسىز جانلىرى
چىغىر يولدا زامانغا قايتىپ
يەكشەنبىدىن پاناھلاندىمۇ ؟

ئەي، كېچە
جاڭگالدا ناخشىدا يۈرگەن بوۋامنىڭ
كۆرىمەن ئۆلۈمگە ماڭغانلىقىنى .
قۇملۇققا چېچىلغان قىزىل قانلارنىڭ
ئاڭلايمەن ئۆلۈمگە پىچىرلىغانلىقىنى .
كۆرىمەن ئا  نىڭ ئۆزىدەك تەنھا
ئۆلۈمدىن سىر پىتى قاچقانلىقىنى .

ئەي، كېچە
ئارمان تۈنلىرىنى يايغاندا سەھەر
ئاڭلايمەن سىرتىڭدا ئېچىلدى ئىشىك
قىسمەتنىڭ كەينىگە مۇككەندە سايە
سېنى سۆزلەيمەن ئايدىڭ بولغاندا
مېنى سۆزلەيدۇ ئۆزىدە كىملەر ؟

ئەي كېچە
ئاسماننى يېپىنىپ كەتتىم باھارغا
دېڭىزدا ئۇخلايمەن يەنە سۈكۈتتە
يەكشەنبىگە  قايتىۋاتىمەن
ئۆلۈم ماڭا يىېىنلاشقاندا
مېنى سۆزلەيدۇ ئۆزىدە كىملەر ؟

2008-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى (يەكەن)


ۋاقتى: 2014-6-8 22:46:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2014-06-08 13:08:54


ئىلگىرى سىلىگە ئىملا ھەققىدە كۆپ ئېيتقان. شۇنداقتىمۇ

ئەگەر كۈچۈم يەتسە  ئىملانى توغۇرلىمىغان بارلىق شائىر ،يازغۇچىلارنى ئۇرغان بولاتتىم  !!!شائىرلىق  قەلىمى پىشقان كىشىلەر ئۈچۈن    ئىملا  خاتالىقى جىنايەت  !ئۇيغۇر  ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يازغۇچى ،شائىرلار  ئىملاغا دىققەت قىلمىسا  باشقىلار قانداق قىلىدۇ !ئانا تىلغا ھاقارەت قىلغان ھەرقانداق كىشىگە يۇز قىلمايمەن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش