كۆرۈش: 970|ئىنكاس: 0

ئابلىكىم تالىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   2.png

     شائىر، ئىقتىدارلىق ئەدەبىيات-سەنئەت تەشكىلاتچىسى ئابلىكىم تالىپ 1964-يىلى6-ئاينىڭ 1-كۈنى گۇما ناھيىسىدە تۇغۇلغان. 1981-يىلىدىن 1990-يىلغىچە گۇما ناھيىلىك باج ئىدارىسىدا باج خادىمى، ناھيىلىك رادىئو ئۇزىلىدا تەھرىر،مۇخبىرلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1990-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە ناھيىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدە تەشكىلاتچى،،گۇما بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومېتىتىنىڭ شۈجىسى، سانجۇ ، پىشنا يىزالىرىدايىزا باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن،2005-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە ناھىيەلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.2006-يىلدىن 2013-يىلىغىچە گۇما ناھيىلىك خەلىق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن.2014-يىلى 1-ئايدا ئارامغا چىققان.
     ئۇ ئەدەبى ئىجادىيەتكە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىلا كىرىشكەن بولۇپ،«يۇرتۇمغا» ناملىق تۇنجى شېئىرى 1985-يىلى «خوتەن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان . ھازىرغا قەدەر ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى ھەرقايسى گېزىت – ژۇرناللاردا  250 پارچىغا يىقىن شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى «شائىرلار مۇنداق دەيدۇ» (1-قىسىم ) ناملىق رۇبائىي ۋە تۇيۇقلار توپلىمىغاۋە«يۇرۇڭقاش شادلىقى»ناملىق توپلاملارغا تاللاپ كىرگۇزۇلگەن. 2012-يىلى ئاپتونوم راتونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،«تارىم»ژورنىلى نەشىرىياتى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر ئەدىب»شەرىپىگە ئىرىشكەن.2011-يىلى «سۆيگۈ يۇلتۇزلىرى»ناملىق بىريۈرۈش شېئىرلىرى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى،خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «مۈنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.«ھۆرمەت چاچقۇلىرى» ناملىق شېئىر لىرى خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى،«يېڭى قاشتېشى»ژورنىلى تەرىپىدىن 2012-2013-يىللىق مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
      ئابلىكىم تالىپ ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ،خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، گۇما ناھيىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گۇماناھيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى .  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش