مۇئاۋىن رەئىس جەرۇللا ھىسامىدىن ئاكا، شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن ئاكىلارغا كۆپتىن - كۆپ رەخمەت
قەشقەر شەھەر قوغان يىزىسىدىن ئوغلۇم ئابدۇرىھىم ھاجى 18 ياش بولۇپ، مىڭە پارالىج تۇغۇلغان،گەپ قىلالمايدۇ،قۇلغى ئاڭلىمايدۇ،كۆزىمۇ ياخشى ئەمەس،ئۆزى تاماق يىيەلمەيدۇ،24 سائەت چوڭ –كىچىك تەرىتنى چىقىرىۋىرىدۇ،ھەتتا يىنىدا ئادەم بولمىسلا چوڭ تەرىتىنى يەۋىرىدۇ،ھەر كۇنى بىر قانچە قىتىم ھۇشسىزلىنىپ پۇت –قۇللىرى تارتشىپ، تىپىرلاپ خۇددىي جان تالىشىۋاتقاندەكلا بولۇپ كىتىدۇ. «1- دەرجلىك ئەقلىي مىيىپ ». ھەر كۇنى نەچچە قىتىملاپ پاچاق كاسىلىردىكى ۋە ئىشتانلىرىدىكى پوق –سۈيدۇكلەرنى يۇيۇش، ئۆيدىكى سىسىقچىلىق ھەمدە بارغانسىرى چوڭ ئادەم بولۇۋاتقان بۇ خىل ئادەمنى بىقىشىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىپ كىتىدىغان پەۋقۇللاددە قىيىنچىلىققا بەرداشىلىق بىرەلمەي ھەم ئوغلۇمنىڭ مەندىن كىيىن قالسا خارلىققا قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، يۇرىگىم ،مىڭەم پاڭڭىدە ئىتىلىپ كىتىدىغاندەكلا بولۇپ، ئۆزۇممۇ كاردىن چىقىپ مىڭە يىگىلەش ،تۇتقاقلىق ۋە قان ئازلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ئىدىم.
2011 -يىلى ھەزرەت ئىپارخان سەيلىگاھى قۇرلىشىدا ئۆيۈم چىقىلىپ كەتكەن بولۇپ ،قەشقەر شەھىرىمىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن ئاكىغا شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشقۇرۋاتقان 2-ئولتۇراق رايۇندىكى قولايلىقراق ئۆيدىن تەخسىم قىلىپ بىرىش، يەر ئاستى ئۆيىنى ئۆي كۆلىمىگە ھىساپلىماسلىق،يىغىلىپ قالغان ئىجارە پۇلىنى چىقىم قىلىپ بىرىشى مەزمۇندا ئىلتىماس كىرگۈزگەن ئىدىم .
شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن ئاكا ئىلتىماسىمنى كۆرگەندىن كىيىن، قوغان يىزىسىغا ئۆزى ئالاھىتەن چىقىپ، ئەھۋال ئۇقۇشۇپ، ئىلتىماسىمىنى تەستىقلاپ بەرگەندىن باشقا، يىزا باشلىقى ئابلىمىت مەھەممەتكە بۇ مەسلىنى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى تارماقلار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇھەم داۋاملىق سۈرشتە قىلىپ تۇرۇپتۇ.
ئاپتونۇم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشەن تەربىيە ئەمىلىيەت پائالىيىتى قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى، ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ،ئاق كۆڭۈل رەھبەر جەرۇللا ھىسامىدىن ئاكىمۇ، مىنىڭ ئەھۋالىمدىن خەۋەر تىپىپ ،ئەنۋەر تۇرسۇن ئاكىغا بۇ قىيىنچىلىق ئەھۋالنى ھەل قىلىشىقا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، يەنە كاتىپى ئائىلىمىزگە تىلىفۇن بىرىپ، رەئىسنىڭ شەھەر باشلىقىغا تاپلىغانلىقى ،ئىلتىماسىنىڭ ھەل بولىدىغانلىقى ،خاتىرجەم بولۇشىمىزنى ئۇختۇرغاندا مەن ۋە ئائىلىمز شادلىققا چۆمىگەندىن باشقا، يەر شارى ھاياتلىقلىرىدىن مۇستەسنا ياشاۋاتقان بىچارە ئوغلۇممۇ كۆزۈمگە خۇشال بولۇپ كەتكەندەكلا كۆرۈنگەن ئىدى...
بۇگۇن ماڭا تەقسىم قىلىپ بىرىلگەن ئۆينىڭ قەغىزىنى كۆرۈپلا، ئۆزۈمنىڭ مىننەتدارلىقىمنى ۋە مىيىپ، ئاجىزلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان رەھبەرلىرىمنىڭ ئادىمىيىلىك خىسلىتىنى پۈتۈن خەلىق ئالەمگە بىلدۇرگۈم كىلىپ كەتتى.
ئىلتىماسمدىكى «يەر ئاستى ئۆينى ماڭا بىرىلگەن ئومومى ئۆي كۆلىمىگە ھىساپلىماسلىق، يىغىلىپ قالغان ئىجارە پۇلۇمنى چىقىم قىلىپ بىرىش» تەلۋىمنىڭمۇ پات پۇرسەتتە ئەمىللىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
مۇئاۋىن رەئىس جەرۇللا ھىسامىدىن ئاكىغا، شەھەر باشلىقى ئەنۋەر تۇرسۇن ئاكىغا كۆپتىن كۆپ رەخمەت ئىيىتىمەن.
ئۇندىن باشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ماسلاشتۇرۋاتقان يىزا باشلىقىلىرى ئابلىمىت مەھەممەت ئاكىغا،ۋە غوپۇرجان مىجىتلەرگىمۇ رەخمەت ئىيىتىمەن .
ئەڭ ئالىي ھۆرمەت بىلەن:
قەشقەر شەھەر قوغان يىزىسىدىن ئامىنىگۇل .
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۇنى