يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 691|ئىنكاس: 6

پەد كومپيۇتېرىنىڭ كەلگۈسى پارلاق-تۇردى لېتىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                              پەد كومپيۇتېرىنىڭ كەلگۈسى پارلاق

                                                           تۇردى لېتىپ

300000928390128453974797064_950.jpg


كىرىش سۆز

مۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن، «ئالما شىركىتى» ئۆزىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى بولغان پەد كومپيۇتېرى يەنى تاختىسىمان، سېزىمچان ئېكرانلىق، ئىخچام كومپيۇتېرنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى داغدۇغىلىق جاكارلىغاندىن باشلاپ، ھەرقايسى كومپيۇتېر شىركەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن بۇ خىل ئىخچاملاشقان كومپيۇتېرغا قارىتا تەتقىقاتىنى باشلىۋەتكەن ئىدى. بۇ خىل كومپيۇتېرلار قىسقارتىلىپ پەد كومپيۇتېرى دەپ ئاتالدى. پەد سۆزى ئاڭلىماققا ئالقانچىلىك، كىچىككىنە سېلىنچا، پالاز، ياكى قانداقتۇر بىر ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان پۈتۈكچە دېگەندەك مەنىلەرنى بېرەتتى. پەد كومپيۇتېرى ھەقىقەتەن ئىسمى جىسمىغا لايىق كومپيۇتېرنىڭ ئىخچاملاشقان، كىچىكلىتىلگەن، سەرخىللاشقان نۇسخىسى سۈپىتىدە خەلق ئالەم بىلەن ئۇچراشتى. ئۇنىڭدا، ھازىرغىچە بولغان كومپيۇتېردىكى قۇرۇلما ۋە مەشغۇلات جەھەتتىكى ئەنئەنىۋى ھالەت تۈپتىن بۇزۇپ تاشلانغان ۋە قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئىسلاھ قىلىنغان ئىدى.
ھەرقانداق بىر خىل يېڭى مەھسۇلاتتا چوقۇم ئىلگىرىكى ئوخشاش تىپتىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى جارى قىلدۇرۇلۇپ، كەمچىلىكىنىڭ تولۇقلىنىدىغانلىقى ئېنىق. پەد كومپيۇتېرىدا زادى قانداق ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى، تۆۋەندە بىز مۇشۇ توغرىسىدا تەھلىل ۋە تەقرىز ئېلىپ بارماقچىمىز.

ئالما شىركىتىنىڭ پەد كومپيۇتېرلىرى

پەد كومپيۇتېرى تەسەۋۋۇرىنى ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ تۇغرىلىق تەتقىقاتنى باشلاپ مەھسۇلات ئىشلەپ بازارغا سالغان، شۇنداقلا بۇ ھەقتە ئەڭ كۆپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغان كومپيۇتېر شىركىتى يەنىلا شۇ ئامېرىكىنىڭ «ئالما شىركىتى» دىن ئىبارەت. ئالما شىركىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى مەھسۇلاتلىرى ئاساسەن كومپيۇتېرنىڭ ئىقتىدارلىرى مۇجەسسەملەشكەن «ئايپەد»، ئۇنىڭ كىچىكلىتىلمە نۇسخىسى «ئايپود تاچ» ۋە كومپيۇتېرلاشقان يانفون «ئايفون» دىن ئىبارەت 3 تۈرگە بۆلىنىدۇ.
بۇ 3 تۈرلۈك مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسىدىلا كومپيۇتېر، ئىنتېرنېت ۋە يانفوننىڭ ئالاھىدلىكلىرى ئەپچىللىك بىلەن مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئادەتتىكى كومپيۇتېردا ئېلىپ بېرىلىدىغان بارلىق مەشغۇلاتلارنى بىمالال ئېلىپ بارغىلى بولغاندىن سىرت يەنە، ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئۇچۇر ئالاقە قىلىش مەقسىدىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ 3گ لىق تور لىنىيىسىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق كومپيۇتېردا تېلېفوندىكىدەك سۆزلەشكىلى بولۇش، بولۇپمۇ قارشى تەرەپ بىلەن ئۆزئارا يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشۈپ تۇرۇپ پاراڭلاشقىلى بولىدىغانلىقى ئۇنىڭ يەنە بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى. 3گ لىق تورغا ئۇلىنىپ تۇرۇش تەلىپى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، كۆپلىگەن مەشغۇلاتلارنى تورسىز ئورۇنداپ، تورغا ئۇلىنىش شارائىتى ھازىرلانغاندا ئاپتوماتىك ھالدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە تەڭ قەدەملەشتۈرۈش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقى بىلەن تورغا ئۇلىنىپ تۇرۇپ مەشغۇلات قىلىشتىكى سۈرئەت ئاستا بولۇش ۋە تولا كاشىلا كۆرۈلۈش مەسىلىلىرى بىر يولىلا ھەل قىلىنغان.
ئالما شىركىتىنىڭ پەد كومپيۇتېرى تەسەۋۋۇرى قۇرۇلما جەھەتتىن كىچىك ئەپلىك بولۇشتىن باشقا يەنە مەشغۇلات جەھەتتىكى ئاددىيلىقنى كومپيۇتېر دەۋرىدىكى خۇددى دوس مەشغۇلات سىستېمىسىدىن ۋىندوۋسقا سەكرىگەندىدەك يېڭى بىر مۆجىزىلىك ئىلگىرىلەش دېيىشكە بولىدۇ. بۇ دەل مۇشۇ دەۋردىكى كومپيۇتېرنى كەسىپ قىلىپ ئۆگىنىشنى باشتىن كەچۈرمىگەن ھەرقانداق بىر ئادەم ئۈچۈن قولغا ئېلىپلا مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغانلىقتەك ئاددىي، چۈشىنىشلىك، مەنتىقىغە ئۇيغۇن يەنى رېئال تۇرمۇشتىكى باشقا نورمال مەشغۇلات، ھەرىكەت تەرتىۋىگە زور دەرىجىدە ئوخشىتىلغانلىقى بىلەن ئىگىلەشكە ئاسانلاشتۇرۇلغان ئىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا «ئاي پەد»نى ئەقلى ھۇشى جايىدا ھەرقانداقلىكى ئادەم ئۆزى قول تىقىپ مەشغۇلات قىلىپ ئۆگىنىپ كېتەلەيتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى كۆپ ئىشىكلىك مەشغۇلات تەرتىۋى- ھەر بىر ئوخشىمىغان ئىشنى ئايرىم-ئايرىم ئوخشىمىغان خانىلارگە كىرىپ ئورۇنداپ، يېرىم يولدا بىرلا كۇنۇپكىنى بېسىپ چېكىنىش ئۇسۇللىرى ئىلگىرىكى ۋىندوۋس سىستېمىلىرىدا كۆرۈلۈپ بېقىلمىغان ئىدى. شۇنداقلا نۇرغۇن بۇريۇقلار يېزىق ھالەتتىن رەسىم ھالەتكە ئۆزگەرگەن ۋە ئىش تەرتىۋى بويىچە ئاپتۇماتىك ھالدا مۇۋاپىق ئورۇندا كۆرۈنىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
ئەلۋەتتە ئالما شىركىتىدىن باشقا كومپيۇتېر شىركەتلىرىمۇ ئارقا ئارقىدىن پەد تۈرىدىكى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ بازارغا سالدى. بۇنىڭدا كورىيە «سامسۇڭ»شىركىتىنىڭ پەد مەھسۇلاتىنىڭ بازارغا سېلىنىشى ئالما شىركىتىدىن كېيىن قالسا ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدا كىچىكلىتىلگەن ۋىندوۋس سىستېمىسى قوللىنىلىپ بۇرۇنقى ۋىندوۋسقا كۆنگەنلەرنى ئەپلىك شارائىت بىلەن تەمىن ئەتكەندەك قىلدى. ئارقىدىن يەنە لىيەنشياڭنىڭ پەد كومپيۇتېرلىرى بازارغا سېلىندى.
مەيلى قايسى خىلدىكى پەد كومپيۇتېرلىرى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇنىڭ بىرىنچى ئالاھىدىلىكى قۇرۇلما جەھەتتە ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك قىلىپ لايىھىلەنگەندىن باشقا، يەنە 3 گ لىق تور ۋە ئىچكى سىمسىز تورغا ئۇلىنالايدىغانلىقى، خالىغان ئورۇندا تورغا چىققىلى بولىدىغانلىقى، توردا مال سېتىۋېلىش، ئۇچۇر ئالاقە قىلىش، رەسىمگە تارتىش، ئېلېكترونلۇق كىتاپ كۆرۈش، يۈز كۆرۈشمە تېلېفونلىشىش، يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش، سۈنئىي ھەمرا يول باشلاش، ئۇچۇر يىغىش، ساقلاش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر مۇجەسسەملەنگەن ئىدى. ئالما شىركىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ISO سىستېمىسى قاچىلانغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازارغا سېلىنىش تۈرتكىسىدە، بارلىق كومپيۇتېر شىركەتلىرىلا ئەمەس يەنە نۇرغۇن يانفون شىركەتلىرىمۇ ئارقا ئارقىدىن مەشغۇلات تەرتىۋى ۋە ئىقتىدارى ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەھسۇلاتلار بارلىققا كەلتۈردى. يانفوندا تورغا چىققىلى بولۇش، يانفوندا QQ پاراڭلاشقىلى بولۇش ئومۇملۇققا ئايلىنىپ قالدى.
ئالما شىركىتىنىڭ «ئايپەد» كومپيۇتېرىنى يۇقىرىقى مەھسۇلاتلارنىڭ ۋەكىلى ۋە سەرخىل باشلامچىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى «ئايپەد» دە ياخشى مەشغۇلات قىلالايدىغان، ئۇنى ياخشى چۈشىدىغان ئادەملەر مۇشۇ تۈردىكى باشقا يانفون بولامدۇ ياكى باشقا پەد كومپيۇتېرلارنى ئاسانلا ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ. شۇڭا تۆۋەندە «ئايپەد» توغىرلىقلا توختىلىمىز.

«ئايپەد» نىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى

«ئايپەد»نى يېڭىلا قولىغا ئالغان ئادەم ئۇنى بۇرۇنقى كومپيۇتېرلاردىن كۆپ پەرقلىق ھېس قىلىپ، قەيەردىن قول سېلىشنى بىلەلمەي قېلىشى مۇمكىن. باشتا ئېيتقىنىمىزدەك ئۇ ھازىرغىچە بولغان كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنى ئاساسىي جەھەتتىن بۇزۇپ تاشلىغان. «ئايپەد»نىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە پەقەت بىرلا كۇنۇپكىسى بولغاندىن سىرت، ئوڭ ئۈستى بۇرجۇكىنىڭ ئارقا يان تەرىپىدە يەنە بىر ئۇزۇنچاقراق كۇنۇپكا يوشۇرۇنغان. ئېكران يېنىدىكى كۇنۇپكا (يەنى باش كۇنۇپكا) ئېكرانغا قايتىش رولىنى ئوينايدۇ، مەيلى قانداقلىكى مەشغۇلات قىلىۋاتقان بولماڭ، ئېكران يېنىدىكى باش كۇنۇپكىنى بىرلا بېسىش بىلەن تەڭ باش ئېكرانغا قايتىپ كەلگىلى بولىدۇ. ئوڭ ئۈستى بۇرجەك يان تەرەپتىكى كۇنۇپكا بولسا «ئايپەد»نى ھەقىقىي ئۆچۈرۈش ۋە قوزغىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. قوزغىتىش ياكى ئۆچۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ كۇنۇپكىنى 5سىكۇنت ئەتراپىدا بېسىپ تۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئادەتتىكى كومپيۇتېرلاردەك بىرلا بېسىپ ئارقىلىق قوزغىتىلىدىغان ھالەت يوق. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەپ «ئايپەد» نى ئادەتتە ھە دېگەندىلا ئۆچۈرۈپ ياندۇرۇپ يۈرۈش ياخشى ئىش ھېسابلانمايدۇ، ياخشىسى ئۆزلىكلىدىن ساقلاش ھالىتى يەنى يېرىم ئۇخلاش ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويغان تۈر*ۈك. بۇنىڭ ئۈچۈن مەشغۇلات قىلىنمىغان چاغدىكى ۋاقىت چېكىنى تەڭشىۋېلىش ياكى سىرتقى قېپىنى ئەتكەن ھامان ئۇخلاش ھالىتىگە كېلىدىغان قىلىپ قويۇش ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسىنى بوش بىرلا بېسىپ قويۇش ئارقىلىقمۇ دەرھاللا ئۇخلاش ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئۇخلاشتىن ئويغىتىش بولسا ئېكران يېنىدىكى كۇنۇپكا بېسىلغاندىن كېيىن ئېكراندا كۆرۈنگەن سىرىلمە كۇنۇپكىنى سېرىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ يېرى سېزىمچان ئېكرانلىق يانفونلارنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
«ئايپەد» نورمال قوزغىتىلغاندىن كېيىن، كېيىنكى مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى ئېكران يۈزىدىكى توچكىسىمان رەسىملىك كۇنۇپكىلارنى چېكىش ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ. ئېچىلغان كۆزنەكلەردە تاقاش مەشغۇلاتى بولمايدۇ. پەقەت ئېكران يېنىدىكى كۇنۇپكىنى بېسىش ئارقىلىق باش ئېكرانغا قايتىپ كېلىش مۇمكىن. بەزىدە نۇرغۇن پروگراممىلارنى قوزغىتىۋالغانلىق تۈپەيلى بىر قىسىملىرىنى ئۆچۈرۈپ قايتا كىرىشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا باش ئېكرانغا قايتقان ھالەتتە ئېكران يېنىدىكى چوڭ كۇنۇپكا ئارقا- ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئۇلاپ بېسىلسا، ئېكران ئاستى تەرىپىدە بۆلەكچە ئايرىلىپ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يۈرۈشىۋاتقان پىروگمىلارنىڭ باش كۇنۇپكا رەسىمى كۆرۈنىدۇ. ئۇلاردىن خالىغان بىرسىنى 3سىكۇنت ئۇزمەي بېسىپ تورسا، بۇ رەسىملەرنىڭ يېنىغا ئېلىش بەلگىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاياقچىلىق كىچىك چەمبەر ھاسىل بولىدۇ. بۇ چەمبەرلەرنى بېسىش ئارقىلىق يۈرۈشىۋاتقان پىروگراممىنى تاقاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئاخىرىدا ئېكران يېنىدىكى باش كۇنۇپكىنى بىر بېسىش ئارقىلىق نورمال ھالەتكە قايتىپ كېلىنىدۇ.
يۇقىرىقىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۇسۇل بىلەن باش ئېكراندىكى كىچىك قوزغىتىش رەسىملەرنى رەتلىگىلى بولىدۇ. خالىغان رەسىم 3 سىكۇنت ئەتراپىدا ئۇدا بېسىپ تۇرۇلسا، بارلىق رەسىملەر لىپىلداش ھالىتىگە كېلىدۇ. بۇ چاغدا خالىغانلىرىنى تۇتۇپ يۆتكەپ باشقا ئورۇن ياكى بەتكە رەتلىۋالغىلى بولىدۇ. ئاخىرىدا باش كۇنۇپكا بىر بېسىلىش ئارقىلىق نورمال ھالەتكە قايتۇرۇلىدۇ. شۇنداقلا ئاۋالقىدەك ھالەتتە رەسىملەر لىپىلدىغان چاغدىكى ئوڭ تەرەپ بۇرجەكتىكى قوشۇش بەلگىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەمبەرنى بېسىش ئارقىلىق ئېكران يۈزىدە بار بولغان قوزغىتىش پروگراممىلىرىنى يۇيىۋەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ مەشغۇلاتنى قىلغاندا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈش كېرەك.
«ئايپەد»گە قارىتا كۆپلىگەن تەڭشەشلەر ئۇنىڭ باش ئېكران بىرىنچى بېتىدىكى «设置» دا ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن ئىچكى تورغا ئۇلىنىشنى تەڭشەش، كۇنۇپكا تاختىسى تەڭشەش، ئېكران ئۇخلاش ھالىتىگە كىرىش ۋاقتىنى تەڭشەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردىن ئورۇندىلىدۇ. تەپسىلى ئۇسۇلى ئادەتتىكى كومپيۇتېرلارنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. پەقەت تەڭشىلىپ بولۇنغاندىن كېيىن ۋىندوۋستىكىدەك، ساقلاش، قوللىنىش ياكى چېكىنىش دەيدىغان باسقۇچلار بولمايدۇ. بىۋاسىتە باش كۇنۇپكا بېسىلىپ چېكىنسە بولىۋېرىدۇ.
«ئايپەد»نى تېخىمۇ مۇكەممەل ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ بىر قىسىم ھۆججەتلەرنى سەپلەش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن «ئايتۇنىس» (iTunes) قورال پروگراممىسىنى پۇختا ئىگىلىمەي بولمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، «ئايپەد» پەقەت ئاددەتتىكى كومپيۇتېر ياكى باش مۇلازىمىتېرنىڭ ھامىيلىقىغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن ھەقىقىي قىممىتىنى نامايەندە قىلالايدۇ. كومپيۇتېردىكى «ئايتۇنىس» قورال پروگراممىسىدا ئورۇندالغان بارلىق ئەمگەكلەر مەسىلەن چۈشۈرگەن ھۆججەتلەر، تولۇقلىغان قورال پروگراممىلار «ئايپەد»كە تەڭ قەدەملەشتۈرۈش (同步) مەشغۇلاتى ئارقىلىق قاچىلىنىدۇ. «ئايپەد»دە ئادەتتىكى كومپيۇتېرلاردەك مەلۇم پروگرامما ھۆججىتىنى ئاۋال چۈشۈرۈپ ياكى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئاندىن يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق قاچىلايدىغان ئىشلار يوق. پەقەت «ئايپەد» دە يۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىغان پروگراممىلارنىلا بىۋاسىتە ياكى «ئايتۇنىس»نىڭ ياردىمىدە چۈشۈرۈش ئارقىلىق پروگرامما قوشۇلىدۇ. باشقا ھۆججەتلەردىمۇ كومپيۇتېردىكىدەك قاچىلاش ئورنىنى تاللاش، ھۆججەت ئىسمىنى بەلگىلەش قاتارلىق باسقۇچلار بولمايدۇ.
«ئايپەد» نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ توك سەرپىياتىنىڭ تۆۋەنلىكى-باتتارېيە ھالىتىدە 6- 7 سائەت بىماملال مەشغۇلات قىلغىلى بولۇشىدا بولۇپ، بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭغا تۇرغۇنلاشقان قاتتىق دىسكا ئىشلىتىلگەن؛ مەخۇس چۆرگىلەيدىغان ئۆپتېك دىسكا قويغۇچتەك ئېلېكتىر قۇۋۋىتى يۇقىرى بولغان ئۈسكۈنىلەر ئورنىتىلمىغان؛ شۇنداقلا ئارتۇقچە قىززىپمۇ كەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن مەخسۇس سوۋۇتۇش شامالدۇرغۇچلىرىمۇ ئورنىتىلمىغان.
«ئايپەد» نىڭ ئارتۇقچۇلىقى ئۇنىڭ ئەزەلدىن باشقا سىستېمىلاردا كۆرۈلۈپ بېقىلمىغان ئۆزگىچە مەشغۇلات ئۇسۇلى ۋە قولايلىقلىقىدا، شۇنداقلا ئۇنىڭ كېڭىيىشچانلىقى ۋە قوللىنىشچانلىقىدا، بولۇپمۇ كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېتقا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق كەسىپكە تەدبىقلىغىلى بولىدىغانلىقىدا.

«ئايپەد» نىڭ ئىككىلەمچى ئىقتىسادىي قىممىتى
«ئايپەد» نىڭ مەيدانغا كېلىشى كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېتقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق كەسىپلەرنىڭ يەنىمۇ بىر بالداق ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى. بولۇپمۇ مەشغۇلات جەھەتتىكى قولايلىقلىقى ۋە تورغا ئۇلانماي تۇرۇپمۇ مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقى، باش مۇلازىمېتېرگە ئۇلىنىپ، توپلاشتۇرۇلغان- زەنجىرلەشكەن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تولىمۇ پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئەتتى. بۇلاردىن ۋەكىللىكلىرىنى مىسال ئالساق:
تاۋباۋ تور دۇكىنى؛ ئىلگىرى كومپيۇتېر تورغا ئۇلانغان چاغدىلا مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولاتتى، مانا ئەمدى «ئايپەد» دە تورغا ئۇلانماي تۇرۇپمۇ تورغا ئۇلانغان چاغدىكىگە ئوخشاش تاۋار ئىسكىلاتىدىن خالىغان تاۋارنى تۈرلىرى بويىچە تېز سۈرئەتتە كۆرۈپ، سېلىشتۇرۇپ چىققىلى، كۆرگۈچىگە يارىغانلىرىنى مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىغا يىغىپ قويۇپ، تور ئۇلىنىش شارائىتى ھازىرلانغاندا كېيىنكى مەشغۇلاتلارنى ئورۇنداپ، توردا مال سېتىۋېلىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدىغان بولدى.
ئېلېكترونلۇق تاماق تىزىملىكى؛ «ئايپەد» ئاشخانا رېستورانلاردا تاماق تىزىملىك دەپتىرى ئورنىدا قوللىنىلغاندا، خېرىدار قورۇمىلارنى رەسىملىرى بويىچە خۇددى تاللا بازىرىدا مال كۆرگەندەك خالىغانچە ۋاراقلاپ كۆرۈپ، ئۆزىگە يارىغانلىرىنى بىر ياققا تاللاپ قويالايدۇ ۋە ئاخىرى بىرلا مەشغۇلات بىلەن تاللىغان تاماق تىزىملىكىنى پۇل ئېلىش ئورنى ۋە ئارقا سەپ تاماق چىقىرىش ئورنىغا يوللاپ بېرەلەيدۇ.
ئېلېكترونلۇق كۈتۈپخانا؛ ئىشلەتكۈچى ئايپەدنىڭ كۈتۈپخانىسىغا كىرىپ، كىتاپ جازىلىرىغا تور كىتاپخانىسىدىن ئۆزى ياقتۇرغان كىتاپلارنى سېتىۋېلىپ تىزىپ قويالايدۇ. «ئايپەد»تىكى مەۋھۇم كىتاپ جازىدا نەچچە يۈزلىگەن كىتاپلارنى ساقلىيالايدۇ، خالىغانلىرىنى ئېچىپ خۇددى كىتاپ ۋارقلىغاندەكلا ۋاراقلاپ زۆرۈر تېپىلغان يەرلىرىگە قىستۇرما قوشۇپ قويغىلى، ھەتتا ئوقۇپ توختىغان ئورۇنغا خەتكۈچ قىستۈرۈپ قويغىلى بولىدۇ. «ئايپەد» دە يەنە گېزىت ژۇرناللارغا مۇشتىرى بولغىلى، كېرەكلىك ئۈچۈرلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ.
ئېلېكترونلۇق كىنوخانا؛ ئىلگىرى توردا كىنو كۆرۈشتە كومپيۇتېر تورغا ئۇلانغان ھالەتتە بولۇش تەلەپ قىلىنسا، مانا ئەمدى «ئايپەد» دە ئۇنىڭغا ماس قەدەملەشتۈرۈلگەن كومپيۇتېر ئارقىلىق ياكى 3 گ تورى ئارقىلىق كىنو فىلىم ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈپ قويۇپ، يول ئۈستىدە ۋە باشقا ئارىسالدى چاغلاردا كىنو فىلىم كۆرۈش، ناخشا ئاڭلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش خەرىتىسى؛ «ئايپەد» نىڭ ئىچكى قىسمىغا سەپلەنگەن سۈنئىي ھەمرا قوبۇللىغۇچى ئارقىلىق يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش خەرىتىسىدىن ئۆزى تۇرىۋاتقان ئورۇننى تاپقىلى ۋە بارىدىغان مەنزىل ئورۇننى ئىزدەپ تېپىپ بېرىش مۇساپىسى، ئارىلىقى قاتارلىقلارنى قاتناش قورالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئايرىم –ئايرىم بەلگىلەپ چىققىلى ۋە شۇ ئارقىلىق ئاپتوماتېك يول باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
يۈزكۆرۈشمە تېلېفون؛ نۆۋەتتىكى ئۇچۇر ئالاقە قوراللىرىدىن QQ، SKYPE، MSN قاتارلىقلارنىڭ ھەرقاندىقىدىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپنىڭ چىراي شەكلىنى كۆرۈپ تۇرۇپ پاراڭلىشىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ.
ئېلېكترونلۇق كۈندىلىق خاتىرە؛ خاتىرە دەپتەرنى ئېچىپ خۇددى رېئال تۇرمۇشتىكى خاتىرە دەپتەردەك كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ قالدۇرغىلى بولىدۇ. كېيىنكى رەتلەپ ياخشىلاش ۋە ئىزدەش مەشغۇلاتلىرى بىراقلا ئاسانلىشىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئېلېكترونلۇق كالېندار، فوتو ئاپپارات، سىن كامېرا قاتارلىق ئىقتىدارلىرىمۇ باشقا شۇ تۈردىكى مەخسۇس ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىقتىدارىدىن قىلچە قېلىشمايدۇ.
«ئايپەد» نىڭ كەلگۈسى

ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق ئىنسانلارغا كومپيۇتېر، ئىنتېرنېت دۇنياسىنىڭ كەلگۈسى خەرىتىسىنى سىزىپ بەردى. ئالما شىركىتىنىڭ دەسلەپكى تەسسەۋۋۇرى ھەقىقەتەن ئەمەلگە ئاشتى. گەرچە بۇ خىل دەۋر دولقۇنى تۈرتكىسىدە نۇرغۇن كومپيۇتېر شىركەتلىرىمۇ بەس- بەستە ئوخشاش تىپتىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ بازارغا سالغان بولسىمۇ، مەيلى ئىقتىدار ياكى سېتىلىش سانى جەھەتتە يەنىلا ئالما شىركىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورنىنى ئالالمىدى. بۇ نۇقتىدىن ئالما شىركىتىنىڭ مۇشۇ ساھەدە مۇنۇپۇللۇق ئورۇنغا ئۆتكەنلىكىنى ئىتراپ قىلماي بولمايدۇ. ئەمدى بۇ مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىۋاتقان دۇنيا مىقياسىدىكى ئابۇنىچىلارنىڭ كېيىنكى ئېھتىياجىنىڭ تۈرتكىسىدە يېڭىدىن-يېڭىچە ئىككىلەمچى قىممىت نۇقتىسى كۈنسېرى گەۋدىلىنىشكە باشلايدۇ. ئالما شىركىتىنىڭ باش مۇلازىمەت تورىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتۈپ بازارغا سېلىنغان تۈرلۈك تۇرمۇش بويۇملىرى، ئۇچۇر مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرى، قوشۇمچە قىممەت يارىتىدىغان يۇمشاق دېتاللار زور ئىقتىسادى قىممەت يارىتالىشى مۇمكىن. قارىماققا بىر قىسىم كومپيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىنىۋاتقان، ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئېىنتېرنېت تورى ئابۇنىچىلىرىنىڭ ئورتاق بىر ئارقا سەپ مۇلازىمېتېرنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىق بولۇش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، باشقا ھەرقانداق ماركىدىكى ئوخشاش تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ ھامىنى بىر كۈنى بازاردىن شاللىنىپ قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. شۇڭلاشقا مۇشۇ تۈرگە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار مۇمكىن قەدەر ئالما شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئاساستا ئىككىلەمچى مەھسۇلاتلارنى بازارغا سېلىشنى ئويلاشقىنى ئاقىلانىلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەكسىچە ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ ئۆز ئالدىغا بازار ئېىچشقا ئورۇنۇش، بىر مەھەللىك ئۆتكۈنچى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش بولۇپ قېلىپ، ھامىنى بىر كۈنى بازار رىقابىتىدە شاللىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى مۆجىزىلىك تەرەققىياتلارنىڭ ئىنسانلار تەرىپىدىن بىر مەھەللىك قارشىلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تەدىرجى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بۇ بىر ھەقىقەت. چۈنكى بۇنداق بولۇشى بۇ ساھەدىكى يېڭى مەھسۇلاتلار ئىىنسانلارنىڭ نۇرغۇن ئەنئەنىۋى مەشغۇلات ئۇسۇلى- ياشاش ئۇسۇلى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلىغا ئىسلاھات ئېلىپ كېلىدۇ. ئاخىرقى مەقسەتتە ئىش سىجىللىقىنى يىنىكلىتىپ، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرىدىغان بولغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قوبۇللاش قوبۇللىماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ يېڭىلىقلار ھامىنى ئومۇملىشىپ بارىدۇ. شۇنداقلا بۇ خىل يېڭىلىقلاردىن بىر كۈن بولسىمۇ بالدىر پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى نەقلەشتۈرىۋېلىش تەقەززاسى ھەممىلا كىشىگە ئورتاق يۈكلىنىدۇ. گەرچە ئۇنىڭغا مەلۇم ئىقتىساد سەرپ قىلىپ سېتىۋېلىش، بىر خىل ئىستىمالدەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئۇنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ قىممىتى چەكسىز. گەپ ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىشنى بىلىشتە. شۇڭا ھەر بىر كىشىنىڭ ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان يېڭى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلاردىن بالدىرراق خەۋەردار بولمىقى ۋە پايدىلىنىشقا كىرىشمىكى زۆرۈردۇر.


300000928390128453993436485_950.jpg

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-6 13:16:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇردىنىڭ ھايات، تۇرمۇش ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرى ھەققىدىكى تېتىملىق ماقالىلىرى ئۆكسۈمىگەي!

ۋاقتى: 2012-5-6 17:18:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتىم:
1. ماقالىدا پەد كومپيۇتېرلىرىنىڭ شاھى بولغان ئايپەد (iPad) ھەققىدە خېلى سىستېمىلىق چۈشەنچە بېرىلگەن. شۇڭا ماقالە ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈرمۇ قانداق. ئەگەر بۇ چاتما ماقالە بولسا (يەنە داۋامى بولسا) ئۇ باشقا گەپ.
2. ئايپەدنىڭ تۈرلىرى (پەدنىڭ تۈرلىرى ئەمەس)، ھازىرغىچە قانچە ئەۋلاد چىققانلىقى، پەرقى... قاتارلىقلارمۇ تولۇقلانغان بولسا دەپ قالدىم. ئەگەر باشتا دېگىنىمدە بۇ ماقالىنىڭ يەنە داۋامى بولسا ئۇ چاغدا پەدنىڭ تۈرلىرى، ھازىرغىچە پەدتە ئىشلىتىلىۋاتقان مەشغۇلات سىستېمىسى، بۇلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى... قاتارلىق تەرەپلەرمۇ چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك.
...
ماقالىدىن قارىغاندا ماقالە مۇشۇ يەردە تۈگىگەن. مېنىڭچە ئاپتور يۇقىرىقى تەرەپلەرنىمۇ تەڭ ئويلىشىپ ماقالىنى يەنە بىر قەدەم بېيتسا، تولۇقلىسا مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇرلۇق ماقالە بولۇپ قالاتتىكەن.

ۋاقتى: 2012-5-6 23:09:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن پايدىلىق تېما بوپتۇ. ئايپەد توغرىسىدا خېلى ساۋادلىق بولۇپ قالدىم.

ئېلېكترونلۇق كۈندىلىق خاتىرە؛ خاتىرە دەپتەرنى ئېچىپ خۇددى رېئال تۇرمۇشتىكى خاتىرە دەپتەردەك كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ قالدۇرغىلى بولىدۇ. كېيىنكى رەتلەپ ياخشىلاش ۋە ئىزدەش مەشغۇلاتلىرى بىراقلا ئاسانلىشىدۇ.
--------------------
مەن بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلىتىپ باقمىدىم، شۇڭا بىر نەرسىنى سوراپ باقسام: ئايپەدتە خەت ئۇرۇش، خەت بېسىش، ساقلاش قۇلايلىقمۇ؟  كومپىيوتېرغا سېلىشتۇرغاندا بۇ جەھەتتە قانداق؟ (كونۇپكا تاختىلىرى بولمىغاچقا سورىشىم).

ۋاقتى: 2012-5-6 23:35:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Afify1983 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 23:09
ھەقىقەتەن پايدىلىق تېما بوپتۇ. ئايپەد توغرىسىدا خېلى س ...

ئايپەد، ئايفون، ئايپود قاتارلىق i جەمەتىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ھەقىقەتەن ئادەمنى رازى قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بۇ مەھسۇلاتلار سىستېما يادروسىدىن ئۇيغۇرچىنى قوللايدۇ.
بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ قايسىسىدا بولمىسۇن خاتىرە دەپتەرنى ئېچىپ بىر نەرسە يازسىڭىز ئاپتوماتىك ساقلىنىدۇ (ئاتايىن ساقلاش مەشغۇلاتى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق)... بىر نەرسىنى يېزىپ ساقلاش قىلمايلا تەسادىبىي چېكىنىپ چىقىپ كەتسىڭىزمۇ (كومپيۇتېر ۋە باشقا پەدلەردە بۇنداق ئاپتوماتىك ساقلاپ ماڭمايدۇ) يازغانلىرىڭىز شۇ پېتى ساقلىنىپ قالىدۇ.
بۇ مەھسۇلاتلاردا يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسى بار (كۇنۇپكا تاختىسىنى سىرتتىن سەپلىگىلىمۇ بولىدۇ)، ئېكران سىزىمچانلىقى ئىنتايىن ياخشى (ھازىرغىچە ئېكران سىزىمچانلىقى جەھەتتە ئالما مەھسۇلاتلىرىغا تەڭلىشەلەيدىغان مەھسۇلات مەيدانغا كەلمىدى). بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھېلىھەم دۇنيادا شاھلىق ئورنىنى ساقلاپ كېلىشىدىكى بىر سەۋەپ دەل ئاشۇ ئېكران سىزىمچانلىقىنىڭ يۇقىرىلىقىدۇر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-6 23:36  


ۋاقتى: 2012-5-6 23:38:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە، ئەمدى چۈشەندىم... ھەقىقەتەن قۇلايلىقكەن ئەمىسە... رەھمەت سىزگە ئابدۇرېشىتكا.

ۋاقتى: 2012-5-7 08:18:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ خېلى رولى بارلىقىنى چۈشەندىم، ئەمدىكى گەپ ئىشلىتىپ بېقىشتا.......

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش