چۇشەنسەڭ
راخمانجان ئىمىر
چۇشەنسەڭ ھاياتنى ھەر كۈنىڭ بىر بەت،
كەچمىشىڭ، تارىخىڭ پۇتىلەر ئۇندا.
مۇھەببەت، نەپرىتىڭ تۆكۇلەر رەت-رەت،
چېچەكلەر ئارمىنىڭ بولۇپ گۈل گۇيا.
چۇشەنسەڭ ھاياتنى ھەر كۈنىڭ دەريا،
گاھ شاۋقۇن سۇرەندە ئاقىسەن ئاھ دەپ.
بەزىدە دۇلقۇنلار بولىدۇ پەيدا،
ئۈزۈشكە مەجبۇرسەن لېۋىڭنى چىشلەپ.
چۇشەنسەڭ ھاياتنى ھەر كۈنىڭ مىڭ جەڭ،
رەقىبلەر ئالدىڭنى تۇسىدۇ تەكرار.
گاھىدا يول يۇرسەڭ ئارقاڭدا لەھەڭ،
ۋەلىكىن ئالدىڭدا گۈل تۇتار باھار.
چۇشەنسەڭ ھاياتنى ھەر كۈنىڭ بىر يەر،
تەر تۆكتىڭ ،ئەجرىڭدىن يىغىسەن خامان.
مىھنەتسىز ياشىساڭ يۇتقىنىڭ زەھەر،
بولىسەن خارۇ- زار،بىچارە ئىنسان.
چۇشەنسەڭ ھاياتنى ھەر كۈنىڭ بىر روھ،
يەلكەڭگە تۇرمۇشنىڭ يۇكلەر تېغىنى.
جاپالار دەستىدىن دېگەندە بىرئۇھ،
يېيەلمەي ئۆتمەيسەن ئەتەڭ غېمىنى.
چۇشەنسەڭ ھاياتنى ھەر كۈنىڭ ئامەت،
تېرىكلىك چەشلىرىڭ ئۇندەيدۇ ئالغا.
بارىڭدا ھەردىلغا بەر نۇر، مۇھەببەت،
گۈللىسۇن ئىناقلىق، گۈللىسۇن دۇنيا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرھات كازىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-4 13:04
|