يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 726|ئىنكاس: 4

مۇھەممەد ھۇشۇر (ت): خەتەردىكى تىللار ئۈچۈن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەتەردىكى تىللار ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىپ بېرەلەيمىز؟

جۇ بىن


«مانجۇ تىلى تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق1-سانىدىن

مۇھەممەد ھوشۇر تەرجىمىسى


بىرىنچى، خەتەردىكى تىل ۋە مەدەنىيەت كۆپ خىللىقى، تىلنىڭ يوقىلىشىنى تېزلەتكۈچى ئامىللار

     مۇئەللىپنىڭ ھازىرغىچە كۆرگەن ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىلىم ساھەسىنىڭ خەتەردىكى تىللار ھەققىدىكى ئېنىقلىمىسى بىردەك ئەمەس، ئامېرىكا بۇكنىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور لۇغىتى «Your Dictionary» دە ئېيتىلىشىچە، خەتەردىكى تىل بولسا : «بىر خىل يوقىلىپ كېتىۋاتقان تىل» نى كۆرسىتىدۇ. ئالىم دەي چىڭشيانىڭ ئېنىقلىمىسى بويىچە خەتەردىكى تىل :«ئەمەلىيەتتە ئالاجە جەريانىدا ئىشلىتىش فۇنكسىيىسى ياكى ھاياتى كۈچى ئاجىزلىشىشقا يۈزلەنگەن ھەمدە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار» نى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى تەتقىقاتچى پۇجۇڭلياڭنىڭ قارىشىچە، «خەتەردىكى تىل كۆپ ھاللاردا، ئىشلىتىلىدىغان نوپۇسى بىر قەدەر ئاز، ئىجتىمائىي ئىشلىتىش دائىرىسى تارىيىۋاتقان تىللار» دىن ئىبارەتتۇر. مۇئەللىپنىڭ ئويىچە، خەتەردىكى تىل بولسا، ئەنە شۇ ئىشلەتكۈچىلەر بارغانسېرى ئازلاۋاتقان، ياشتا چوڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە ئەگىشىپ ئېغىزدىن يوقايدىغان تىللارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئېنىقلىمىدا مۇنداق ئىككى نۇقتا ئالاھىدە تەكىتلەشكە ئەرزىيدۇ : بىرى، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېشى، يەنە بىرى ئېغىز تىلى. چۈنكى ھەرقانداق بىر تىل يوقىلىشقا يۈزلەنگەن ھامان، ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئۇنى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ يېشى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش سۆزلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى بولۇپ قالىدۇ. كىتابىي تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەرگىزمۇ مەزكۇر تىلنىڭ تىرىكلىكىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ (مەسىلەن، تىلشۇناسلار ھەرگىزمۇ ھازىر مەلۇ ساھەلەردە ئىشلىتىۋاتقان لاتىن تىلىنى تىرىك تىل دەپ قارىمايدۇ). دۆلىتمىزدىكى تىل خادىملىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە تەخمىنەن 120 خىل تىل خەتەر ئىچىدە ئىكەن. تىل خادىملىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدىكى تەخمىنەن 80 خىلى كەلگۈسى يىگىرمە يىل ئىچىدە يوقاپ كېتىدىكەن. بۇنداق ئەھۋال دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدا ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ، سوغاققانلىق بىلەن ئېيتىلغان مۆلچەر بويىچە ئون يىلدىن يىگىرمە يىلغىچە ۋاقت ئىچىدە ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوللىنىۋاتقان خېجى تىلى، مانجۇ تىلى، ئېلۇنچۈن تىلى، ئېۋىنكى تىلى قاتارلىق تىللار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يوقاپ كېتىدىكەن.
   تىلشۇناسلارنىڭ مۆلچەرلىشىچە، پۈتۈن يەرشارىدىكى 6800 خىل تىلنىڭ يېرىمى كەلگۈسى يۈز يىل ئىچىدە غايىب بولىدىكەن. ئامېرىكا تىلشۇناس ئىلمىي جەمئىيىتى خەتەردىكى تىللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى كلارخېستنىڭ قارىشىچە، ئاز ساندىكى بىر قىسىم تىللار ھازىر ھەيران قالغۇدەك سۈرئەتتە يوقالماقتا ئىكەن. تىلشۇناسلارنىڭ ئىلگىرىكى پەرىزىدە، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر خىل تىل غايىب بولىدىكەن. بىراق ئۇنىڭچە بولغاندا يوقىلىش سۈرئىتى بۇنىڭدىن كۆپ تېزز بولۇۋېتىپتۇ.
      ئۈزلۈكسىز گۈللىىنىپ تەرەققىي قىلالايدىغان بىر تىل چوقۇم يېتەرلىك مەدەنىيەت توپى ئارقىلىق ئاندىن كاپالەتكە ئىگە بولالايدۇ. ب د ت مائارىپ-پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەلۇم بىر تىلنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تارقىلىشدىكى زۆرۈر شەرتى ئاز دېگەندىمۇ 100 مىڭ ئادەم مۇشۇ تىلدا سۆزلەيدىغان بولۇشى كېرەك. مەملىكىتىمىزنىڭ مانجۇلارنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشسىمۇ، بىراق مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي تىل قوللانغۇچىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشى ئاللىبۇرۇن مەزكۇر تىلنى ساقلاپ قېلىش شەرتىنى قانائەتلەندۈرەلمەس بولۇپ قالدى. مانجۇ تىلىدىن باشقا شەرقىي شىمالىدىكى ئاز سانلىق مىللەت تىللىرى ئىچىدە بىرەرسىمۇ يېتەرلىك نوپۇسقا ئىگە ئەمەس.
  تىل بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى شۇنداقلا تىل ۋە مەدەنىيەت كۆپ خىللىقىنىڭ دۇنيا كۆپ خىللىقىغا بولغان تەسىرىنى نەزەرگە ئالغاندا، نۇرغۇن  كىشىلەر خەتەر ئىچىدىكى تىللارنى قۇتقۇزىۋېلىش كېرەك، دەپ قارايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ كۆپلىگەن تىلشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق ۋە مەدەنىيەتشۇناسلىق خادىملىرى ئاللىبۇرۇن خەتەر ئىچىدىكى تىللارنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشىپ كەتتى. مەسىلەن، ئەنگىيەلىك لىزبىت روزىڭ يېقىندا 20 مىليون فوندستېرلىڭ ئىئانە قىلىپ، بۇنى مەخسۇس پۈتۈن دۇنيادىكى خەتەردە قالغان تىللارنى خاتىرىگە ئېلىش تەتقىقات تۈرىگە بېغىشلىدى.
    يەنە بىر قىسىم خەلقئارا ئىنتېرنىت تور پونكىتلىرى مەخسۇس خەتەردىكى تىللارنى تۇنۇشتۇرۇش ۋە تەتقىق قىلىشقا كىرىشتى. مەسىلەن،( www.terralingua.org   terralingua بولسا تىل ۋە جانلىقلار كۆپ خىللىقىنى تەتقىق قىلىدىغان، تەربىيىلەيدىغان خەلقئارا تەشكىلات) نۇرغۇنلىغان تىل تور پونكىتلىرى ئۇلاپ بېرىدۇ، شۇنداقلا تىل ۋە جانلىقىلار كۆپ خىللىقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى دىئاگراممىلىق چۈشەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئۇلار يەنە Langscape (تىللارغا نەزەر دېگەن مەنىدە) ناملىق بىر پەسىللىك ژۇرنال  تارقىتىدۇ. ئورىگون ئۇنىۋېرسىتېتى yamada تىل مەركىزىنىڭ تور پونكىتىدىن پايدىلىنىش تولىمۇ قولاي بولۇپ، ئۇ دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ خەتەر ئىچىدە قالغان تىللارنىڭ ئىندىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، خەتەر ئىچىدىكى تىللارغا ئائىت 115 خىل ئۇچۇر ۋە ئۆگىنىش ماتىرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    خەتەر ئىچىدىكى تىللارغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن تور پونكىتلىرى ئاساسلىقى تىلغا دائىر ئىلمىي مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ. بىراق يەنە بەزىلىرى بولسا ئاشۇ تىللارنىڭ تاۋۇش ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. www. Ohwejagehka. Com/ index.html ۋە www. Smo. Uhi. Ac.uk/ gaelg/ goo دەل مۇشۇنداق ئىككى تور پونكىتىدۇر. ئالدىنقىسىدا ئېرودو (ئىندىئانلارنىڭ بىر قەبىلىسى) لارنىڭ ئالتە خىل شېۋىدە سۆزلەشكەن ئۈنئالغۇ خاتىرىسى، كېينكىسىدە مائېن ئارىلىدىكىلەرنىڭ يەرلىك تىلى ئېلىنغان پارچىلار بار.
    «سۆزلەر ۋە سۈرەتلەر» تور پونكىتىدا ئېل شېرمان ئىسىملىك بىر سەنئەتكار ۋە شائىر ئۆز شېئىرلىرىنى 80 خىل تىلغا تەرجىمە قىلغۇزغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى خىل تىل نۇسخىسىنى توردا بىۋاستە قويۇپ ئاڭلىغىلى بولىدۇ. بىرى، شىمالىي سىكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدىكى سامى تىلى؛ يەنە بىرى، پاراگۋايلىقلار ۋە برازىلىيىنىڭ ئاز بىر قىسىم ئاھالىسى سۆزلىشىدىغان گارنى تىلى.
    مىلىبۇرۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن «ئاۋستىرالىيەدىكى يەرلىك تىللار» تور پونكىتىدا ئاۋستىرالىيە چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ تىلىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان مەنبە ۋە ئۇچۇرلار بار. يەرلىك تىلدا سۆزلەشكۈچىلەر ئاللىقاچان ساناقلىقلا قالغان بولۇپ، مەزكۇر تور پونكىتى تەمىنلىگەن بىر ئاۋازلىق ئۇلانما گاۋرۇي تىلىغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر تور پونكىتىغا تۇتىشىدۇ. گاۋرۇي تىلى ئاۋستىرالىيەنىڭ يەرلىك ئاھالىسى ئىشلىتىدىغان بىر خىل تىل. گاۋرۇي تىلىنى ئانا تىل قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئادەم جېك باتلېر 1986- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. گاۋرۇي تور پونكىتىدىكى «ھېكايىلەر» سەھىپىسىنى چەكسىڭىز، سىز جېك باتلېرنىڭ گاۋرۇي تىلىدا سۆزلىگەن ئۈچ پارچە ھېكايىسىنى ئاڭلىيالايسىز؛ بۇنىڭ بىرىنچىسى ئەپسانە، ئىككىنچىسى ئوۋچىلارنىڭ قانداق قىلىپ چۈمۈلىخورنى ئوۋلىغانلىقىغا دائىر بايان، ئۈچىنچىسى قېرى تاغىسى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىدىن ئىبارەت.
   رېگان ھۆكۈمىتى 1975- يىلى ئىندىئانلارنى قوغداش رايونى تەسىس قىلىپ، بۇنى ھۆكۈمەت مالىيىسى ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشنى تەستىقلىدى. بۇنداق بولغان قوغداش رايونى ئىچىدىكى ئىندىئانلارنىڭ تىلى ساقلىنىپ قالاتتى، ھەمدە مەدەنىيىتىمۇ ئۇزۇنغىچە داۋاملىشالايتتى.
   تىلنىڭ ئادەتتىكى يوقىلىش قانۇنىيىتى بويىچە ئېيتقاندا، بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سەۋەبلەر بولىدۇ: يات مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزى، مىللى قوشۇلۇش، ئۇرۇش، تەبئىي ئاپەت، يۇقۇملۇق كېسەل تاقاش، ئىرقىي كەمسىتىش، دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى. لېكىن بۈگۈنكى يەرشارىلىش چوڭ ئاتموسفېراسىنىڭ تەسىرىدە، تىلنىڭ يوقىلىشى ئاساسلىقى ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان دۆلەت، رايونلارنىڭ ئىقىتىسادى، سىياسىتى، پەن- تېخنىكىسى، مەدەنىيىتى ۋە تىلنىڭ زەربىسىدىن بولۇۋاتىدۇ. بۇ خىل زەربىنىڭ تەسىرى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ناھايىتىمۇ گەۋدىلىك. مەسىلەن، ئېلۇنچۈن مىللىتى ياشايدىغان جايلاردا ئورمانلىقىنىڭ بارغانسېرى ئاز؛اپ، تېرىلغۇ يەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى ئاللىبۇرۇن ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش شەكلىگە ئايلاندى، ئەسلىدىكى بۇ ئوۋچى مىللەت ئو قوراللىرى ۋە ئوۋ مۇھىتىدىن ئايرىلىپلا قالماستىن، يەنە باشىقا دېھقان مىللەتلەرنىڭ تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىنىڭ تەسىرى ۋە ئاسمىلياتسىيىسىگە ئۇچرىدى. شۇڭىمۇ ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە تىلى ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي ھالاكەتكە يۈزلەندى.
     ئاممىباب مائارىپنىڭ ئومۇملىشىشىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىشىدا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. يەنە شۇ ئېلۇنچۈن مىللىتىنى مىسالغا ئالساق، ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى يېزا- قىشلاقلاردىن شەھەرگە ئوقۇشقا كىرگەن ھاماننەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاساسەن يۇرتىغا قايتمايدۇ. مانا مۇشۇنداق كىچىكىدىن تارتىپ ئانا تىلدا سۆزلىشىدىغان توپنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، مىللى تىل ۋە مەدەنىيەت بارا- بارا ئاجىزلايدۇ. بۇنداق مىساللارنى يەنە شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلار ۋە ئېنوتلار، شۇنداقلا روسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىمۇ ئۇچرىتىش مۇمكىن.

ئىككىنچى، خەتەردىكى تىللارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىر ۋە بىزنىڭ تەدبىرىمىز

   ئىنسانلار ھايۋاناتلار دۇنياسى ئۈستىدە ئىزدەنگىنىدە، تۇنجى قەدەمنى ئۇلارنى ئۇچرىتىشتىن باشلايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار نۇرغۇن قېتىملاپ ناق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ، سىن ئېلىش، خاتىرىلەش قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ھايۋاناتلارنىڭ ياشاش ئادىتى بىلەن تۇنۇشىدۇ، سانىنى، تارقىلىش ئەھۋالىنى ھەمدە ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ئۇلارغا بولغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېنىقلايدۇ.
   ھەممىزگە ئايانكى، نەسلى قۇرۇش ئالدىدىكى بىر خىل ھايۋان يەنە بىر خىل ھايۋان تەرىپىدىن ئوۋلانغىندا، ئالىملار ھەرگىزمۇ ئوۋلانغۇچىنى مۇداپىئەگە ئېلىش شەكلى بىلەن قوغدىماستىن، بەلكى سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىپ كۆپەيتىپ ئاندىن تەبىئەتكە قويىۋېتىش شەكلى ئارقىلىق قوغدايدۇ. چۈنكى ئۇلار شۇنى ئېنىق چۈشىنىدۇكى، ئۇزۇقلۇق زەنجىرىنى ئادەم ئارقىلىق ئۈزىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس.
   ناۋادا مەلۇم بىر قەبىلىنىڭ ياشىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئۇزۇقلۇق زەنجىرى نەسلى قۇرۇۋاتقان ھايۋاناتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالسا، ئۇنداقتا باشقا كىشىلەر چوقۇم ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن بۇنى توسۇيدۇ، ئۇلار ھەرگىزمۇ پەقەت ياشاش ئۈچۈنلا مۇشۇ ھايۋاناتلارنىڭ ئوۋلاۋاتقان بۇ مىللەت بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇزۇقلۇق زەنجىرىنى تەڭ ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ. چۈنكى ئىنسانلار نەسلى قۇرۇش ئالدىدىكى ھايۋاناتلارغا زىيان يەتكۈزمەيمۇ ئوخشاشلا ھايات كەچۈرەلەيدۇ. ئۇنداقتا، مۇمداق تەڭسىز بىر خىل زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ، يەنى ئادەم بىلەن ھايۋانات ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە بىز ئادەملەرنى قۇتقۇزامدۇق ياكى ھايۋاناتلارنىمۇ؟ ئەگەر مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆز تىل مەدەنىيىتىمزنى قۇتقۇزامدۇق ياكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي ئۇنى ئەسلىدىكى ھالىتىگە تاشلاپ قويامدۇق؟ شۇڭا خەتەر ئىچىدىكى تىللارنى قۇتقۇزىۋېلىشنى ئويلاشقىنىمىزدا چوقۇم ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەلىبىي تەسىرلەرنىمۇ تولۇق نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك.

1. تىلنى قۇتقۇزۇشنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىلللىي تىلغا ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي تەسىرلىرى
    قۇتقۇزۇشنىڭ ئەكسىچە بولغان نۇقتىئىنەزەر ئارىلاشماسلىق ئىدىيىسىدىن ئىبارەت، يەنى ھەرقانداق مىللەتنى ئۆز تەرەققىياتىغا قويۇۋېتىش قارىشىدۇر. مەسىلەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى مۇشۇ خىل سىياسەتنى قوللانغان. بەزىلەر بۇنداق ئىدىيىنى ماھىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىندىئانلارنى ھالاك قىلىشىدىكى بىر سەۋەب دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر بۇ، بىر خىل مەدەنىيەت ۋە تىلنى قوغداپ قېلىشتىكى ئەڭ ياخشى چارە، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ھايۋاناتلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەرەققىياتى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويۇش كېرەك، دەپ قارايدۇ. ئەمما نۆۋەتتكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە بۇنداق نۇقتىئىنەزەرنىڭ مەۋجۇت بولىشىغا يول قويۇلمايدۇ. چۈنكى ماددى مەدەنىيەتكە ئوخشاش گۇمانىتار مەدەنىيەتنىڭمۇ يۇقىرى- تۆۋەن دەرىجىسى بولىدۇ.ئىپتىدائىسى قالاقلىققا، زامانىۋىسى ئىلغارلىققا باراۋەردۇر. ئىنسانلار 21- ئەسىردە ئىلغار مەدەنىيەتنى قالاق مەدەنىيەتكە سىڭدۈرۈپ ئۇنى ئۆزگەرتىشى، ئىنسانىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىدە ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك، شۇڭا قۇتقۇزۇش مۇقەررەر يۈزلىنىشتۇر. لېكىن ئۇ ئېلىپ كېلىدىغان سەلبىي تەسىرنى ئويلىشىدىغانلار تولىمۇ ئاز.
   تىلنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى مەلۇم مەنىدىن ھايۋاناتلارنىڭ ئۇزۇقلۇق زەنجىرىنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە سېلىشتۇرۇش مۇمكىن. ناۋادا كىشىلەر پەقەت تىلنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنلا ھەرىكەت ئېلىپ بارسا، ئۇنداقتا پۈتكۈل ھەرىكەت مۇقەررەركى تار مەنپەئەتچىلىك تۈسىگە ئىگە بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم رايونلارنىڭ تىلىنى قۇتقۇزۇشتىكى مەقسىتى مەلۇم رايونلارنىڭتىلنى قۇتقۇزۇشتىكى مەقسىتى تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە بولۇش ئۈچۈندۈر. بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىسى كىشىلەرنىڭ قەدىمكى ئەپسانە- رىۋايەتلەرنى ۋە ئۆرپ- ئادەتلەرنى رەتلەش ئارقىلىق شۇنداقلا ئۇسۇل ئويناش، ھېكايە سۆزلەش ۋاستىلىرى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ، ئېنىقكى، ئوبېيكتىپ شەكىلدىكى تىل ۋە مەدەنىيەت قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىدۇر. لېكىن نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇلى ئاللىقاچان ئەسلىدىكى شەكىلدىن تامامەن يىراقلاپ كەتتى، ھېكايە سۆزلىنىۋاتقان تىلمۇ يەرلىكنىڭ تىلى ئەمەس بەلكى ساياھەتچىلەرنىڭ چۈشىنىشى تەرجىمە قىلىنغان باشقا مىللەت تىللىرىدۇر. بۇنداق بولغاندا قۇتقۇزۇشنىڭ سەلبىي تەسىرى مانا مەن دەپ كۆزگە چېقىلىدۇ. بىزنىڭ قۇتقۇزغىنىمىز ھەرگىزمۇ تىل بولماستىن ئەكىسىچە پۇل، يەنى تىل ۋە مەدەنىيەتنى رەتلەش ئارقىلىق ئېرىشكەن پايدا بولۇپ چىقىدۇ. بۇنداق مەقسەت ئەڭ ئاخىرىدا خەتەر ئىچىدىكى تىل ۋە مەدەنىيەتنى ھالاك قىلىدۇ. چۈنكى بىز رەتلەپ چىققان مەزمۇنلار كۆپ ھاللاردا قۇتقۇزۇلغۇچى مىللەتنى ئۆزىگە كېرەك چىن تۇرمۇش تەسراتىغا ئىگە قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي مەنىدىكى تىل ۋە مەدەنىيەت يوقايدۇ ياكى «بېزەك تىل ۋە بېزەك مەدەنىيەت» كە ئايلىنىپ ھاياتى كۈچىدىن قالىدۇ، ھەتتا ساختا تىل ۋە ساختا مەدەنىيەتنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
   بىز دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مۇشۇنداق تار مەنپەئەتچىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتلەرنى كۆرۈۋالالايمىز. مەسىلەن، ئامرېكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ چىنوگى قوغداش رايونىدا، گەرچە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى نۇرغۇن سىياسەتلەرنى بېكىتىپ، ئىندىئانلارنىڭ فولكلور ۋە مەدەنىيىتىنى قوغدايدىغان، كۆپلىگەن تىلشۇناسلار ۋە مەدەنىيەتشۇناسلار بۇ يەرگە بەس- بەستە كېلىپ تىل ۋە مەدەنىيەت رەتلەش خىزمىتى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما قوغداش رايونىدىكى ھەممە ئىش ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى مەقسەت قىلغانلىقتىن، بۇ يەردىكى چىنوگلار كىرىم يارىتىش ئۈچۈن، دۆلەت ۋە شىتاتلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئېرىشكەن ھەمدە مىللەتلەر موزېيى قۇرۇپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت نۇمۇرلىرىنى كۆرسەتكەن، ئۆرپ- ئادەت، كىيىم- كېچەك، يېمەك- ئىچمەك ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايان قىلغان، ھەتتا مىللى تىل ئۆگىتىدىغان مەكتەپلەرنى قۇرغان، لېكىن ئۇلار يەنە مەزكۇر مىللەت ياشاۋاتقان چوڭ مۇھىتنى نەزەرگە ئېلىشقا مەجبۇر بولغان، يەنى كىشىلەر بۇنداق بېكىنمە ھالەتتىكى قوغداش رايونىدا مەڭگۈ تۇرىۋەرمىگەن، ئۇلارنىڭمۇ سىرتتىكى رەڭگارەڭ دۇنيانى كۆرۈپ باققۇسى كەلگەن. نەتىجىدە رېئال تۇرمۇشتا ئۆز ئانا تىلىنى ئىشلىتىدىغانلار تولىمۇ ئازلاپ، نۇرغۇنلىرى ئېنگلىز تىلىنى قوللانغان. شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە ئۆز مەدەنىيىتىنى قالاق دەپ قارىغاچقا، قۇدۇق، گۈلخان، ھارۋا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشنى خالىماي، ئۇلارنىڭ ئورنىغا تۇربا، گاز، توك، ماشىنا قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەن. ئۇلارنىڭ دۇكانلىرىدىكى تاۋارلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسىمىلا ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان، مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى بولسا ئامېرىكىنىڭ باشقا ماگىزىنىلىرى ۋە تاللا بازىرىدىكى مەھسۇلاتلار بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش بولغان.
   ئاۋستىرالىيەدە ماۋرىلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتى يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنگەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەكك ئېنگلىز تىلىدىكى مەكتەپلەرگە كىرىپ بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتقان.
   كانادادىكى ئېنۇتلار تىلنىڭ ساقلىنىش ئەڭ ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئۇنىڭدا ياتلىشىش مەسلىسى كۈنسېرى گەۋدىلىك بولماقتا. ئوۋچىلىق قوراللىرىنىڭ يېڭىلىنىشى ئېلىپ كەلگەن مول ئىقتىسادىي كىرىم ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ئوۋچىلىقنى ئاللىقاچان تۈپتىن شاللاپ چىقاردى. ئېنۇت بالىلىرى قۇبۇل قىلغان مائارىپ ئېنگلىز تىلى – مەدەنىيىتى مائارىپى بولۇپ قالدى. گەرچە نۇرناۋۇت-ئېنۇت ئالاھىدە رايونى قۇرۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ رادىئو- تېلېۋىزىيىسى ۋە نەشرىياتىغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى يەنىلا ئۈزلۈكسىز يوقالماقتا. مەسىلەن، ئېنۇتلار ئەنئەنىۋى كىيى- كېچىكى قىسمەن سورۇن ۋە سەھنىلەردىن سىرت ئاساسەن كىيىلمەيدىغان بولدى. خام گۆش يەيدىغان ئادەتلەرمۇ يوقىلىپ، كىشىلەر كۆپىنچە دوخۇپكا ۋە مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق ئارقىلىق يېمەكلىك پىشۇرىدىغان بولدى. ئېنۇتلارنىڭ تىلىدىمۇ ئېنگلىز تىلى مەدەنىيىتىگە بېقىندىغان ھالەت بارلىققا كەلدى. ئەنئەنە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئېنۇتلار ئۆز- ئارا كۆرۈشكەندە ئەسلىدە ھېچقانداق سالام- ساھەت قىلىشماستىن، پەقەت ئۈن- تىنسىز كۆز بېقىشىپلا قوياتتى، شۇڭلاشقىمۇ ئېنۇت تىلىدا «ياخشىمۇسىز» دېگەن سۆز مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئېنگلىز تىلى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ھازىرقى ئېنۇتلار «ياخشىمۇسىز» بىلەن ھال سورىشىدىغان بولدى. دۆلىتىمىزدىكى ئەھۋال شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، قەدىمكى ناشىزۇ مىللىتى (ھازىرقى دۇڭبالار)نىڭ ئۇسسۇلى گەرچە ناشىزۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل شەجەرىسىدىن ئۇدۇملىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ھازىرقى دۇڭبا ئۇسسۇلى ئومۇمەن ئويۇن قويۇش تۈسىنى ئالغان، ئىشلەتكەن يېزىقلىرىنىمۇ دۇڭبا مىللىتى ئارىسىدا (ئايرىم كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا) تونۇيدىغان ئادەم قالمىغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئېنگلىز چە ياكى خەنزۇچە سۆزلەيدىغان بولغان. مىللىي تىل لۇغىتىدىمۇ تەسۋىرىي يېزىقىنىڭ تەلەپپۇزى ۋە گىراماتىكىلىق قۇرۇلمىسىغا قارىتا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.
   ئېلۇنچۈن مىللىتىنىڭ گۈلخان ئۇسسۇلى ئەسلى شەكلىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، يېمەك- ئىچمەك ئادىتىمۇ ئوۋچىلىق پائالىيىتىنىڭ چەكلىنىشىگە ئەگىشىپ ئۆز خاسلقىنى يوقاتقان. دىنىي ئېتىقادىدىمۇ ئۆزگىرىش ياسىغان بولۇپ، شامان دىنى مەۋجۇتلۇقىدىن قالغان، ئوت ۋە تاغ ئىلاھلىرىنىڭ ھەيكەللىرىنى ئانتروپولوگلاردىن باشقا ھېچكىم كۆرەلمەيدىغان ھالەتكە يەتكەن. ئات مىنىش پەقەت ئويۇنغا ئايلانغان بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بولۇشتىن قالغان. ئۇلارنىڭ تىلى يات مىللەتلەرنىڭ ئاسمىلياتسىيىسى تۈپەيلىدىن ئاستا- ئاستا يوقالغان.

2.بىزنىڭ تەدبىرىمىز
   ئەگەر بىز مەدەنىيەت كۆپ خىللىقىنى قۇتقۇزۇش نۇقتىسىدىن خەتەردىكى تىللارنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنساق، پۈتكۈل قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئالىي ئەقىلىي ھەرىكەت سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ. ناۋادا بىز خەتەردىكى تىللارنى قۇتقۇزۇۋاتقان چېغىمىزدا مەقسىتىمىز تىل ۋە مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئىكەنلىكىنى ئويلىساق، ئۇنداقتا تىل ۋە مەدەنىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئىچكى ئامىللارنىمۇ نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك.
قانداق قىلغاندا تىلنى قۇتقۇزۇش ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرلەرنى تۈگىتىش بىلەن بىللە مىللى تىلنى قۇتۇقۇزۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ئىشلىگىلى بولىدۇ؟ مۇئەللىپنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىجادىي تەكلىپلەردىن سىرت يەنە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك.
  ① ئىنسانىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش مەسلىسى
مەدەنىيەت ۋە مەئىشەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كىشىلەر تەبىئەتنى قوغداشقا بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. بىراق، يەنە جانلىقلار ۋە تەبىئەت دۇنياسىغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىزنىڭ دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلۇقى قانچىلىك بولۇش كېرەكك، دېگەن مەسىلە ئوتتۇرغا چىقتى. خەتەردىكى تىللارغا مۇئامىلە قىلىشتىمۇ، بىز ئوخشاش پوزىتىسىيىدە بولۇشىمىز كېرەك، يەنى ئۆز ئانا تىلىنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمايۋاتقان كىشىلەرگە بۇنى ھېس قىلدۇرىشىز كېرەك.
ئامېرىكىلىق ئانتروپولوگ جىم ماررىمان دوكتور ئۆزىنىڭ «ئانتروپولوگىيە ۋە قەبىلە، مىللەت تەتقىقاتى، ئۆتمۈشتىكى تەجىرىبە ۋە كەلگۈسىدىكى ئەندىزە» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق كۆرسىتىدۇ: «نۆۋەتتە دۇنيادا 3500 دىن 5000 خىلغىچە تىل بار (بۇنىڭ ئىچىدە ئافرىقىدىكى تىللار 1000 خىلنى ئىگىلەيدۇ). ئەڭ كۆپ ساندىكى يېزىقسىز تىللار نىسبەتەن كىچىك مىللەتلەر توپىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، مەزكۇر مىللەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى ئوۋچىلىق ۋە تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. گەرچە بۈگۈنكى دەۋر ناھايىتى زور تەرەققىياتلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ مىللەتلەر يەر شارىنىڭ ئەڭ چەت رايونلىرىدا دۇنيادىن مۇستەسنا ھالەتتە ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە. نۇرغۇن كىچىك مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، دائىنسانىيەتنىڭ كۆپلىگەن تەجىربىلىرىمۇ يوقالماقتا... ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بىز جانلىقلار كۆپ خىللىقىنى يوقىتىپ قويىۋاتقىنىمىزدا، يەنە كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە ماسلىشىش ئىقىتىدارنى قۇربان قىلىۋەتكەن بولىمىز. باشقا تۈرلەرگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقىنىمىزدا، ئەمەلىيەتتە ئۆز ھالاكىتىمىزنى جاكارلاۋاتقان بولىمىز. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا، «كۆپ خىللىقنىڭ ئۆزى ھاياتى كۈچتۇر». «قەبىلە مىللەتلىرى تەتقىقاتى ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزگە ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ئېيتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە قانداق قىلغاندا كەلگۈسىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ماسلىشالايدىغانلىقىمىز ھەققىدىمۇ ئۇچۇر بەردى».
  ماررىمان دوكتۇرنىڭ قاراشلىرى ھازىرقى كۆپلىگەن ئانتىروپولوگلارنىڭ ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلغان بولۇپ، خەتەردىكى تىل ۋە مەدەنىيەتلەرنى قۇتقۇزۇش بىزنىڭ دىققەت قىلشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بىز خەتەر ئىچىدىكى تىل ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا قوشىدىغان تۆھپىسىنى كەڭ كۆلەمدە، ئوچۇق- ئاشكارا تەشۋىق قىلىشىمىز، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى تۇنۇتۇشىمىز، بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشنى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئاۋامغا بىر توپ كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللانغان تىلىنىڭ يوقىلىشى بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ نۇرغۇن تەجىرىبىسىنىڭمۇ يوقىلىدىغانلىقىنى، تەبىئىي مۇھىت ۋە جانلىقلار دۇنياسىنىڭ تۇرمۇشىمىز ۋە كەلگۈسىمىز بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپلا قالماي، ئىنسانىيەتنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت كۆپ خىللىقىنىڭمۇ ئوخشاشلا مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
  ② تىل ئېكولوگىيىسى مەسلىسى
تىلنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى دېگەن ئاتالغۇ تەبىئەت ئېكولوگىيىسى ئىلىمىدىن كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى تىلغىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇتلۇق مۇھىتى زۆرۈر، يەنى تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلىققا ئوخشاش، تىلنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىمۇ چوقۇم مۇۋاپىق مۇھىت بولۇشى كېرەك، دېگەندىن ئىبارەت.
  تىلنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شەرتلەرنى، مەسىلەن، مىللەتنىڭ نوپۇسى، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ سىرتقى مەدەنىيەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە تۇتقان ئورنى، مىللەتنىڭ تەربىيلىنىش ساپاسى، مىللىي نوپۇس ياشاۋاتقان رايوننىڭ بېكىنمىىلكى، مىللىي رايون تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىش شەكلى، مىلللىي نوپۇسنىڭ ئۆز تىلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قارىتا ۋارىسلىق قىلىش پوزىتىسىيىسى، دۆلەتنىڭ مىللەت ۋە مىلللىي رايونغا قاراتقان سىياسىتى، مىىلىي رايوننىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى، مىللىي دىن، مىللىي ئەدەبىيات، مىللىي ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. ھەرقانداق بىر تىل ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىدا يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بىر خىل ئامىلنىڭ ئۆزگىرىشى مىللىي تىلنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە داۋاملىشىشغا ئازدۇر- كۆپتۈر تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.
تىلنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئامىللىرى ئىچىدە مەدەىنىيەتنىڭ ساقلىنىشى ئەڭ مۇھىم ھالقىدۇر. ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىقى تىل چوقۇم مەدەنىيەت ئارقىلىق تارقىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. تىلشۇناسلار تىلنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى«مەدەنىيەت ئۆتۈشچانلىقى» دەپ ئاتىشىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدىلا مەشھۇر ئانتروپولوگ مالىننوۋىسكىي ئىنسانلاردىكى پەرق ۋە تىللار ئارسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە توختالغاندا، «تىلدىكى مەلۇم بىر سئئئكزنىڭ مەنىسى سىرلىق ھالدا نوقۇل ئاشۇ سۆزنىڭ ئۆزىگە يۇشۇرۇنغان بولماستىن، بەلكى شۇ خىل مۇھىت ئىچىگگ يۇشۇرۇنغان بولىدۇ» دەپ قارىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تىلنىڭ مەنىسى ۋە مەۋجۇتلۇقى ئومۇمەن مەدەنىيەتكە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. ناۋادا مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇق مۇھىتى بزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇنداقتا تىلنىڭ ساقلىنىش ياكى ھالاك بولۇش مەسىلىسى بىۋاستە ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. خەتەردىكى تىللارغا نىسبەتەن، تىل ئېكولوگىيىسى تولىمۇ مۇھىم مەسىلە. چۈنكى تىل مەۋجۇتلۇقى تايىنىدىغان مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى ھالاك بولۇشى مۇقەرەرەكى تىلغا ناھايىتى زور تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. نۆۋەتتە سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ بۆسۈپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، خىرىىسقا دۇچ كەلگەن مىللەت چوقۇم يات مەدەنىيەت ۋە يات تىلنىڭ قوش تەسىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. مىللىي ئىقتىساد ئاجىز، نوپۇسى ئاز بولغان شارائىتتا ھەرقانداق بىر مىللەت توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان تەرەققىيات دولقۇنىنىڭ سىرتىا قېلىشنى خالىمايدۇ. شۇڭا، دەۋر قەدىمىگە يېتىۋېلىش يولىدىكى ئورۇنۇشلار ئەمەلىيەتتە ئۆز مىللىتىنىڭ تىل ئېكولوگىيىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن باراۋەردۇر.
③ تىل قانۇنىيەتلىرى ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىش كېرەك
  دۆلىتىمىزدە تىلشۇناسلار ۋە ئانتورپولوگلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتى يەنىلا تەسۋىرلەش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولۇپ، قانداق قىلىپ بىر خىل مىللىي تىلنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر ئانالىز قىلىش كېرەكلىكىنى نەزەرىيە جەھەتتىن چوڭقۇر شەرھىلەش سەۋىيەسىگە تېخى يەتمىدى. شۇڭا نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت تىلىغا ئائىت ئەسەرلەردە ئۆز ئارا زىت تەسۋىرلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنداق تەسۋىرنىڭ مىللىي تىلنى قۇتقۇزۇشقا ھەرگىزمۇ ياردىمى بولمايدۇ.
ئامېرىكىلىق ئىجتىمائىي تىلشۇنا ج. فىشمان ئۆزى باش بولۇپ تۈزگەن «خەتەردىكى تىللارنى قۇتقازغىلى بولامدۇ؟» ناملىق كىتابىدا، تىل قانۇنىيەتلىرىگە قارىتا ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىپ، خەتەردىكى تىللارنى قۇتقۇزۇش مۇمكىن دېگەن يەكۈننى چىقارغان. فىشمان تىلىنى ئەكىسىگە ئايلاندۇرۇش (Reversing Language Shift) يەنى RLS تىن ئىبارەت يېڭى بىر خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان، ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئالىملار تەتقىق قىلىۋاتقان «ئاجىز تىللار»، كىلىئور تىلى قاتارلىق يېڭىدىن تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان تىل ئېكولوگىيىسى ۋە ئېكولوگىيە تىلشۇناسلىقىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئىككىسىنىڭ تەتقىقات يۆلىنىشىدە مەلۇم پەرقلەر بار، لېكىن تېگى –تەكتىدىن ئېيتقاندا، ھەر ئىككىلىسى سۈنئىي ئامىللار ئارقىلىق مەلۇم بىر خىل تىلنىڭ يوقىلىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. فىشمان ئۇتتۇرىغا قويغان مەزكۇر نەزەرىيىنىڭ ماھىيىتى ۋە مەقسىتى گەرچە تىلنىڭ كۆپ خللىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق بولسىمۇ، ئەمما يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىكى مەسلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى، ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدىكى مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇشلا ئەمەس.
فىشمان تىل قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتا ھەممە ئېتراپ قىلغۇدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، بەزى ئىدىيىلىرى ئاللىبۇرۇن ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ تەتقىقات جەھەتتىكى پىكىر يولى دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت تىلشۇناسلىرىنىڭ ئۆرنەك قىلىشىغا ئەرزىيدۇ.
④ ئۇنىۋېرسال ھەرىكەتكە كېلىش لازىم
خەتەردىكى تىللارنى قۇتقۇزۇش ھەرگىزمۇ بىر قانچە مۇتەخەسسىسنىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس، شۇڭا، دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش كېرەك. تىلشۇناسلىق، مۇزىكاشۇناسلىق، ئۇسسۇلشۇناسلىق، ئانتروپولوگىيە، دىنشۇناسلىق، ئارخېئولوگىيە، سىياسىي، ئىقتىسادشۇناسلىق، مەدەنىيەتشۇناسلىق، تېببىي ئىلىم قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇتەخسسىسلەر ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوقىلىشقا يۈزلەنگەن مىللىي مەدەنىيەت ۋە تىلنى ھەر تەرەپلىمە رەتلەپ چىقىشى كېرەك.
فىشمان ئېيتقاندەك، خەتەردىكى تىللارنى قۇتقۇزىۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما ئۇ كۆڭۈل تەشكىللەشكە تېگىشلىك بىر تۈرلۈك جەمئىيەت قۇۇلۇشى. جانلىقىلار دۇنياسىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇناسىۋەتكە ئوخشاش، ناۋادا دۇنيادىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ نەسلى قۇرىسا، ئۇنداقتا ئىنسانىيەتمۇ بىردىنبىر ھاياتلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن مەۋجۇت بولالمايدۇ، تىلمۇ دەل مۇشۇنداق. ھەر قانداق بىر كىشى پەقەت بىرلا خىل مەدەنىيەت ، بىرلا خىل تىل بىلەن دۇنيانى قوبۇل قىلالمايدۇ.
تىل مەسلىسى ئىجتىمائىي، ئىقتىساد، پىسخىك، مەدەنىيەت ۋە سىياسىي ئامىللارغا چېتىلىدىغان بولغانلىقتىن، RLS تىلشۇناسلانىڭ بىر خىل نەزەرىيەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنى رەسمىي قوللىنىش يەنە چوقۇم سىياسىيونلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا توغرا كېلىدۇ. بولمىسا ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرمەك تەس.
⑤ يۈزەكىلىكتىن ساقلىنىش كېرەك
ئىنسانلار مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئېغىرلىقىنى ھەقىقىي يوسۇندا تونۇشى، بىراق يەنە تىلنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەسلىكى كېرەك. چۈنكى تىلنىڭ يوقىلىش خەۋپى مەۋجۇت بولمىغاندىمۇ، ھەر قانداق بىر تىلدا تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا مۇئەييەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ. ئۆزگىرىش فونتېكا، لېكىسكا، مەنە، جۈملە شەكلى، تىل ئىشلىتىش ۋە يەنە كىشىلەر پىسخىكىسىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىللىي ئاڭنى كۈچەيتىش ۋە ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك، لېكىن مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىدىن قورقماسلىق كېرەك. چۈنكى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ تەبىئىي يۈز بېرىدىغان ئوبيېكتىپ ھادىسە.
  خەتەردىكى تىللارنى قۇتقۇزۇۋاتقىنىمىزدا، تىل ۋە مەدەنىيەت ھەققىدىكى غەيرىي ئوبيېكتىپ ياكى سوبيېكتىپ تەسۋىرلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر مەلۇم مۇددىئا بىلەن قولىنىڭ ئۇچىدىلا مەلۇم بىر خىل مەدەنىيەت ۋە مەلۇم بىر خىل تىلنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىگە ئائىت ماتېرىياللارنى يىغىۋېلىپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ چۈشەنگىنى بويىچىلا مەزكۇر مىللەتنىڭ ئەمەلىيىتىگە قىلچە ماس كەلمەيدىغان يۈزەكى باھالارنى بېرىشىدۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى دېمىسەكمۇ ئۆزلۈكىدىن مەلۇم. بىز چوقۇم ئىنىچكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشمىز، ساپېر (ئۇ ئامېرىكىدىكى ئىندىئان قەبىلىلىرىنىڭ ئارىسىدا 23 يىل ئۈزۈلدۈرمەي تەتقىقات ئېلىپ بارغان)، جىم مارىمان (ئۇ ئافرىقىغا بېرىپ 18 يىل تەتقىق قىلغان)لەردىن ئۈلگە ئېلىشىمىز، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەتقىق قىلىۋاتقان قەبىلە ۋە مەدەنىيەتكە قارىتا بىر قەدەر سېستىمىلىق، ئوبيىكتىپ چۈشەنچە بېرىشىمىز كېرەك. بىز يەنە ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئىقتىساد ئىگىلىرىنى تەربىيلەپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىشىمىز، قوش تىللىق باشقۇرغۇچى خادىملارنى يېىشتۈرۈش، ئانا تىلنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆزى تەتقىق قىلىدىشىغا يول قويىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلىش مىللىي تىل- مەدەنىيىتىنى ھەقىقىي تەتقىق قىلىشقا پايدىلىقتۇر.
  (ئىزاھات: ئاپتور جۇبىن 1959- يىلى تۇغۇلغان، ئايال، خېيلۇڭجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى چەت ئەل تىلى ئوقۇتۇشى بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى، ئاساسلىقى ئېنگلىز تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تىل مائارىپى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ)

«مانجۇ تىلى تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2003-يىللىق1-سانىدىن

مۇھەممەد ھۇشۇر تەرجىمىسى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شىراق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-2 00:40  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-6-2 12:18:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭگە بەركەت تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2014-6-2 12:56:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىراق ئەپەندىمنىڭ ئىجادىيتىگە ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-6-2 13:05:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە بەركەت يار بولغاي .

ۋاقتى: 2014-6-2 14:58:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش