بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8 دىن 47 مىنوت ئۆتكەندە زامانىمىزدىكى يېتۈك ماناسچى يۈسۈپ ماماي ئاقساقال ئالەمدىن قايتتى!
ئاتاقلىق ماناسچى يۈسۈپ ماماي ئاقساقال 1918-يىلى ئاقچىي ناھيىسىنىڭ قارابۇلاق يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئىنسانىيەتنىڭ ئاغزاكى مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بىرى بولغان ئۆلمەس ئەسەر «ماناس» ئەپوسىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىشتىكى ئالاھىدە تۇغما تالانتى بىلەن ھەممىگە تونۇش بۇ زاتىي مۇبارەك ئۇستاز «ماناس» ئەپوسىنىڭ سەككىز ئەۋلات ۋەقەلىكىنى يۇقىرى بەدىئى سەۋىيە بىلەن ئېيتىپ ۋە ساقلاپ ئۆزىگە خاس ۋارىيانتنى شەكىللەندۈرگەن.مەزكۇر ئەپوسنىڭ يۈسۈپ ماماي ۋارىيانتى ماناسنىڭ سەككىز ئەۋلات ۋەقەلىكىنى جەمئىي 18 توم كىتاپ،232 مىڭ مىسرالىق ھەجىمدە ئۆزىگە سىغداپ،ئىنسانىيەت ئاغزاكىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدىكى بۈيۈك نامايەندە بولۇپ قالغان.
يۈسۈپ ماماي ئاقساقال ماناس ئەپوسىنى يىغىش،ساقلاش،يۇقىرى بەدىئىي ماھارەتتە ئېيتىپ مۇكەممەللىكلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىنىمسىز ئەمگەكلىرى ئۈچۈن كۆپ قېتىم مەملىكەت،ئاپتونۇم رايون ۋە ئوبلاست بويىچە تەقدىرلەنگەن.قىرغىز جومھۇريىتىنىڭ كۆپلىگەن پەخرىي موكاپاتلىرىغا ۋە شان شەرەپلىرىگە نائىل بولغان.زامانىمىزنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ قوبۇلىدا بولۇپ،ئاقساقالنىڭ ئۆزىگە خاس ۋارىيانتى ئايتماتوۋنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئىگە بولغان.
يېتۈك ماناسچى،قىرغىز خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر پەرۋىشكارى،قىرغىز خەلقىنىڭ ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى يۈسۈپ ماماي ئاقساقالنىڭ ۋاپاتى قىرغىز خەلق ئەدەبىيات-مەدەنىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئورنىنى تولدۇرۇپ ئالغۇسىز زور يوقىتىش بولۇپلا قالماي،دىيارىمىز مەدەنىيەت ساھەسى ئۈچۈنمۇ زور يوقىتىش!…
مەرھۇمنىڭ نامىزى ئەتە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت ئىككىدە ئاقچىي ناھىيە شەھەر ئىچىدە چۈشۈرۈلۈپ،ئاندىن مەرھۇمنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە يۇرتى قارا بۇلاق يېزىسىغا دەپىنە قىلىنىدۇ……
يۈسۈپ ئاقساقالغا ئىككى دۇنيالىق ئەمىنلىك بولغاي…!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دېھقانباي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-1 17:39