ئابلىكىم مۇھەممەت(ساكارائۇل) 1976-يىلى 2-ئايدا يەكەن ناھىيسىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرىدا تۇغۇلغان..1995-يىلى 9-ئايدا ئېلىشقۇ بازار ئوتتۇرا مەكتىۋىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. 2005-يىلىدىن2007-يىلىغىچە خىزمەت ئورنىدا تۇرۇپ،شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش بويىچە ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى تولۇق كۇرۇس كەسپىنى تاماملىغان.
1996-يىلى 11-ئايدا ئۇنىڭ «خامان ئېلىش»ناملىق شېئىرى سابىق «يەكەن گېزىتى»گە بېسىلغاندىن كېيىن،ئۇ رەسمىي مەتبۇئات يۈزىدە تونۇلۇشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ «قىش ناخشىسى»، «ئامەت ۋە ئاپەت›ھەققىدە بىرنەچچە ئېغىزسۆز»،«پىچىرلاش»،«تومۇزناخشىسى»،«قەسىدە»،«ئىزدەش»،«مەن ساڭا شۇنچىلىك ئىجىل ئەي دىيار»،...، قاتارلىق 100پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،ماقالىلىرى «تالانىت»، «65گىرادۇس چۈشكەن كۈن نۇرى»،...قاتارلىق بىرقانچە تەرجىمە ھېكايىلىرى «تارىم»، «قەشقەر »، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «مۇزات دولقۇنلىرى»، «يەكەن ئەدەبىياتى قاتارلىق ژۇرناللاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ،يەكەن ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى .