«تارىم» ژۇرنىلى 2014-يىللىق ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن ئاۋال << تارىم >> ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچى مائارىپ سارىيىدا (قارلەيلىسى مېھمانسارىيى) ئېچىلدى.
يىغىنغا سابىق دۆۋلەت رەھبەرلىرىمىزدىن ئىسمايىل ئەھمەت، ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى ئىمىن ئەھمىدى، << تارىم >> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئۈرۈمچى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئەدىبلەر، ژۇرنالىستلار، ئاخپارات ئورۇنلىرىدىن بولۇپ 120 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىنغا << تارىم >> ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ياسىن زىلال رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن مۇھىم سۆز قىلىپ دۆۋلەت رەھبەرلىرىمىزنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى قىزغىن قارىشى ئالىدىغانلىقى ۋە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە كەڭ ئەدەبىيات – سەنئەت خادىملىرىدىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەر ھەققىدە كونكىرىت تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويدى. ياسىن زىلال << تارىم >> ژۇرنىلىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە دوكىلات بەردى ۋە مۇنەۋۋەر ئەدىبلەرنى مۇكاپاتلاش ھەققىدىكى قارارنى ئېلان قىلدى.
ئاندىن مۇكاپاتلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئابدۇكېرىم قادىر، شاۋكەت ئىبراھىم، مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر، نۇرگۈل ئەبەي، روزى سوپى ئۈچتېكىن قاتارلىق 20 نەپەر مۇنەۋۋەر ئاپتور مۇكاپاتلاندى.
ئاندىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرلىرى، پىشقەدەم رەھبەرلىرىمىز ئىسمايىل ئەھمەد ۋە ئىسمايىل تىلىۋالدىلار يىغىندا سۆز قىلىپ مۇكاپاتلانغان ئاپتورلارنى تەبرىكلىدى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت، ئەدىپلىرىمىزنىڭ زىمىنىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئاخىردا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەدىبلىرىمىزدىن كۈتىدىغان ئۈمىد ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.