مۇز تۇتقان سۆيگۈ (3)
(نەسر)
سائادەت ئەلى ئايتېكىن
تاراملاپ تۈكۈلمەكتە.يامغۇر ،گۈللەر،قەلبىم...
تەسكىن شامال مەڭزىم بويلاپ ئاققان يامغۇر تامچىلىرىنى،مەيۈس تىنىقلىرىمنى مۇز كەبى قاتۇرۇپ تاشلىغان شۇ كىچە سەنمۇ تۈكۈلدۈڭ.گۈل كەبى ،يامغۇر كەبى،سۈكۈت كەبى...
مەن يامغۇرغا ئامراق ،ئۇنىڭ باغرىدا مىنىڭ مەڭگۈ كۆز ياشلىرىم بولمايدۇ.مەن ھەم گۈلگە ھىرىسمەن ،ئۇنىڭ چىھرى سۆيگۈڭ باغرىدا ئەللەيلەنگەن ماڭا ئوخشايدۇ.بىرق ،مەن سۈكۈتكە ئۆچ.چۈنكى ئۇ ۋەھىمىدىن دىرەك.ئۇنىڭدا قەلىبلەرنىڭ تىۋىشى يوق،پەقەت ئۈلۈمنىڭ پۇرىقى بار.
قاراقىمدا مۇز تۇتقان ئەكسىڭلا سىنىڭ سۆيگۈ دۇنيارىمغا كىلىپ باققىنىڭنىڭ بىردىنبىر شاھىدى.كۆزلىرىڭدە كىمنىڭ كۈلىۋاتقىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن،مەن كىملەرنىڭ سايىسى ،يەنە كىملەر مىنىڭ نالەم بۇ ماڭا ناتۇنۇش.ماڭا شۇ ئايانكى،كىچەكەبى چوڭقۇر پاتقان كۆزلىرىڭ مەن ئۈچۈن مەڭگۈ تىگىگە يىتەلمەيدىغان سىرلىق بىر تىلسىم دۇنيا.سانسىزلىغان تۈگۈن،ئىرماش-چىرماش گىرەلىشىپ كەتكەن ئازغۇن يوللار،تۇمان باسقان غۇۋا مەنزىل.
ئاچچىق ھىسلىرىمنىڭ مەۋج ئۇرغان ئەسەبىي پىچىرلاشلىرىغا گۈلگۈن تۇيغۇلىرىمنى يەم قىلىۋېتىشنى خالىمايتتىم.پەسىل قۇشلىرىغا ئەگەشكەن بەھۇزۇر خىياللىرىڭ ۋەسلىڭگە ئىنتىلگەن تەلۋە ئارمانلىرىمنى جىلۋىسىز قالدۇردى.ھەسرەتلىك تىنىقلىرىمدا چىچەكلىگەن سۈكۈتلىرىم ئاستا يىراقلاپ كىىتىۋاتقان ئىرەنسىز قەدەملىرىڭ رېتىمىدا نەپىس بىر ئايرىلىش مىلودىيىسىنى ياڭراتماقتا.سۇلغان گۈل بەرگىلىرى نازغىغان ئەسلىمىلەرنى سۈرەنسز چۈشلەر قوينىغا يۇشۇرماق بىلەن مەشغۇل.تەئەجقۈپتىن مۇستەسنا سەن پات ئارىدا يەتمەك بولغان غۇۋا بەخىت تۇيغۇلىرىدىن مەستخۇش.
قۇلىقىمنى ئىتىۋالدىم، مىسكىن قەلبىمنىڭ قان بىلەن پۈتۈلگەن تىۋىشلىرىغا قۇلاق سالماي دەپ.بىراق ،يۈرىكىمنىڭ نالىلىرى تېخخمۇ جاراڭلىق ئىسەدىگەندەك بولدى.يۈرىكىم ئەسلى كۈرۈش سىزىقلىرىڭدىن جاي ئالغان ئۇ غەملەردىن مۇستەسنا چىھرىمدە ۋە ياكى ئالەمچە پىغانلىرىم ،قاينام كەبى كۈيىۋاتقان ئوتلۇق ھاياجانلىرىمنى يۇشۇرغان ئۇ ئۈلۈمگە لايىق تىللىرىمدا ئەمەس ،كۈل باغرىدا چوغ كەبى ساقلانغان قان رەڭگىدىكى ئۈزۈمگىمۇ تەئەللۇقسىز ئاشۇ پىنھان جايدىكەن ئەسلى.
يۈرىكىم ئىكەن ئەسلى بىر دەريا ،كۈل بولغان،
سۆيگۈم ئىكەن ئەسلى بىر گۈلخان ، مۇز تۇتقان.
كۈيلىرىمنى توڭلاتقان يامغۇر تامچىلىرىنىڭ ھارارەتسىزلىكىگە ۋە ياكى قەلىب چوقانلىرىڭنى ھەسسلەپ جاراڭلىتىپ ناتىۋان يۈرىكىمنى رەھىمسىزلەرچە تىلغىغان مۇدھىش كېچىنىڭ سۈرەنسىزلىكىگە نەپرەتلەنمىدىم.پەقەت ئۆز باغرىمنى يېرىپ چىققان غېرىبان نىدالىرىمنى يەنىلا ئۆز قەلبىمگە دەپنە قىلماققا ماجبۇر بولغان قەلبىمنىڭ پىنھانلىقىغا لەنەت ئۇقۇدۇم.كۆزلىرىڭنى مەندىن يۇشۇرغان كېچە زۇلمىتىگە تەشەككۈر.سۈكۈتتىن تۈسلەنگەن تەرسالىقىم بىلەن ئاخىرقى رەت كۆزلىرىڭدىكى بىناۋا سىمايىمنى خىيال قىلىشقا ئۇرۇندۇم.ئەڭ ئاخىرقى ئاشۇ بىر تېمىم مەغرۇرلۇقۇم ئۈچۈن سىنى مىنى سۆيگەن دىدىم،چۈشلىرىڭسىز....
قەلىب سىرلىرىمنى ساڭا ئېيتمىدىم،سەھەر گۈلشەنىڭدە بۇلبۇللىرىڭنىڭ خۇشناۋا ئەيلىشى مۇڭلۇق كۈيلىرىمنى تۇسۇپ قويدى.
ئۈزۈلدى تار،جۇدۇن كەبى ئاتەشلىنىپ توڭدى باھار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-29 10:23