ھىجران
ئەينى شەھەر
ئەينى ھاۋا
پەيدا قىلماقتا چەكسىز ئارلىقنى
مەن قەدىرلەشنى ھامان ئۆگىنىمىز دەپ ئويلىغان
مەن ئۇنتۇش ئۆچۈن بۇنچە زورۇقۇش ھاجەتسىز دەپ بىلگەن
چۆكۈپ كېتىۋاتقان سۆيگۈ مېنى ئاستا- ئاستا خوراتماقتا
مەن ئۆزۈمنى يەنە ياش تۆكمەيمەن دەپ ئويلىغان
جاھاننىڭ بىر بۇرجىكىدە مۇز تۇتقان خاتىرىلىرىمنى ۋاراقلاۋاتىمەن
سېنى چوقۇم ماڭا پەرۋا قىلىدۇ دەپ ئويلاۋاتىمەن ..
لېكىن..
جىملىقنىڭ مىلودىيىسى ئۆلۈم كۈيلىرىنى چالماقتا
پەلەكنىڭ چاقى ھەر نەرسىنى پايخان قىلماقتا ..
ۋەدە
تىركىشىش
ۋە باشقىلار ..
ئۇششاق چېقىلماقتا مېنىڭ قەلبىمدە
سەن قەسەم قىلغان مېنىڭ ئېسىمدە
بىر ئۆمۈر قولۇمنى قويۇۋەتمەسلىككە ..
سۆيگۈنىڭ ھارارىتىنى ئاللىقاچان ئۇنۇتتۇم
تەكرار- تەكرار ئەسلەۋاتىمەن
سېنى خىيال قىلىۋاتىمەن
ئىلگىرىكىدەك قىيالماسلىقلار
جاھىللىقلارنىڭ ھېچقايسىسى يوق
دۇنيارىمنى كۈل قىلىۋاتىمەن ..
سېنىڭ ئاسمىنىڭ ھېلىھەم شۇ قەدەر گۈزەل
بىلىۋاتامسەن يىغلىدىم
ئاسمىنىڭنىڭ بىر بۇرجىكىدە
سېنى بىرلا قەدەم ئالسا دەپ تىلىدىم
ئەگەر ھىجران تۈگىسە مىڭلا قەدەمدە
ھەئە ..
سەنمۇ مېنى سۆيۈپ باققان
سېنى سۆيگىنىم ئۆچۈن
قەدىم- قەدىمدە ..
سائادەت سىڭلىم، سىز ئۈندىداردا مېنى كۆرۈپ بېقىڭ دېگەن شېئىرنى مۇشۇنداقراق تەرجىمە قىلىپ باقتىم، بىلمىدىم كۆڭلىڭىزدىكىدەك چىقتىمىكىن ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbeden تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-29 21:00