كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
يازغۇچىلار تورى
»
مۇنبەر
›
ئۇنۋېرسال تېمىلار رايونى
›
تەھرىر، تەرجىمە تەتقىقاتى
›
«تەھرىرلىكتە تىل سەنئىتى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەندى
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
670
|
ئىنكاس:
6
«تەھرىرلىكتە تىل سەنئىتى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەندى
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تاھىرخالىق
تاھىرخالىق
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-5-28 17:26:49
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
كۆرۈش شەكلى
مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئاكا شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىدا «تەھرىرلىكتە تىل سەنئىتى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پېشقەدەم ژۇرنالىست، ئۇستاز مۇھەررىر، تالانتلىق شائىر، ئەدىب مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئاكا شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىغا كېلىپ «تەھرىرلىكتە تىل سەنئىتى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى ئۇيغۇرچە دەرسلىك بۆلۈمى، «شىنجاڭ مائارىپى»ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى، «پەرۋاز» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىكى مۇھەررىرلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى ۋە مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئاكىنىڭ 40 نەچچە يىللىق مۇھەررىرلىك ھايىتىدا يەكۈنلىگەن قىممەتلىك تەجرىبىلىرىدىن بەھىرلەندى. مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئاكا ئۆز لېكىسىيەسىدە، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەھرىرىلىك ھاياتىغا بىرلەشتۈرۈپ تەھرىرلىك ئىلمى، تەھرىلىك ۋە ئەسەر تەھىرىرلەش ماھارىتى، تەھرىرلەرنىڭ نۆۋەتتىكى بۇرچى ھەققىدە ئەتراپلىق توختىلىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ھەم تەھرىرلىنىپ چىقىۋاتقان خەۋەر، ماقالە، ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆرىلىۋاتقان كېسەل جۈملىلەر، مەجرۇھ ئاتالغۇ ۋە تېرمىنلار، قەدەمدە بىر ئۇچراۋاتقان ئىملا خاتالىقىلىرى، ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەشنىڭ مۇھىملىقى ، تەھرىرلەرنىڭ ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداشتىكى يۈكسەك مەسئۇلىيىتى ھەققىدە پاكىتلىق ھەم قايىل قىلارلىق سۆزلەپ ، يىغىن ئىشتراكچىىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا مۇيەسسەر بولدى ھەم ئۇلارنى تەھرىرلىك ھەققىدە ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە قىلدى. لېكسىيەدىن كېيىن، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى تۇنىياز ئىلياس ، ئۇيغۇرچە دەرسلىك بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىقلار ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى ھەم كۆپچىلىك نامىدىن ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەشەككۈر بىلدۈردى. ئاخىرىدا «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى تاھىرخالىق مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئاكىغا : پېشقەدەم تەھرىر (مۇھەررىر) لەرنىڭ بىر-بىرلەپ دەم ئېلىشقا چىقىشى ۋە بىز بىلەن ۋاقىتسىز ئايرىلىشى سەۋەبلىك ، ھازىرقى تەھرىرلەر قوشۇنىدا ياش تەھرىرلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئەمما ئۇلارنىڭ تەھرىرلىك ئېستىداتى ۋە تەھرىرلىك ماھارىتىدە ئاز بولمىغان مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، تەھرىرلىك ئىلمى ھەققىدىكى قورال كىتابلارنى كۆپلەپ تۈزۈش-نەشر قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، مۇمكىن بولسا، مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئاكىنىڭ پېشىۋا تەرجىمان توختى باقى ئارتىشىنىڭ ئۇسلوبى بويىچە، ئۆزىنىڭ 40 نەچچە يىللىق تەھرىرلىك ھاياتىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە « قانداق تەھرىرلەش كېرەك » دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا بىر كىتاب يېزىپ چىقىش ھەققىدە سەمىمىي تەكلىپ بەردى. تاھىرخالىقنىڭ بۇ تەكلىپىنى مۇھەممەت شاۋۇدۇن ئاكا خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى ھەم ئۇنى تىرىشىپ ۋۇجۇتقا چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تاھىرخالىق خەۋىرى ۋە فوتوسى
ئىنكاس
جابدۇق
پاش قىلىش
ئىبنۇرى
ئىبنۇرى
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-5-28 18:28:55
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز مۇھەممەد شاۋۇدۇنغا ئالى ئېھتىرام...خەۋەرلەندۈرگۈچى جاپاكەش مۇھەرىر ،دوستۇم تاھىر خالىققا تەشەككۈر!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
-مېھرى
-مېھرى
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-5-28 21:42:26
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز مۇھەممەد شاۋۇدۇنغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن....تاھىر خالىق ئەپەندىنىڭ مېھنىتىگىمۇ تەشەككۇر بولسۇن!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
مۇھاجىر
مۇھاجىر
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-5-29 00:24:19
يانفوندا يوللانغان
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى ئۇيۇشتۇرلۇپتۇ ،ھەممىڭلارغا سالام بولسۇن ……
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئىبنۇرى
ئىبنۇرى
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-5-29 09:51:43
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىرجاننىڭ يۇقارقى تەكلىپى ئىنتايىن ئورۇنلۇق بوپتۇ...
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
لېرىكا
لېرىكا
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-5-29 18:37:28
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ،ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
بۇژغۇن
بۇژغۇن
توردا يوق
ۋاقتى: 2014-5-30 05:32:55
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز مۇھەممەد شاۋۇدۇنغا،قەلەم تۇلپارىنى مەغرۇر چاپتۇرۇپ،مەنزىلى ئۈچۈن ھېرىش-چارچاشلارنى ئۇتۇغان«مائارىپ نەشىرياتىدىكى تۆھپىكارلارغا ئالىي ئېھتىرام...تىنىڭلار سالامەت،خىزمىتىڭلار نەتىجىلىك،تۇرمۇشىڭلار كۆڭۈللۈك ھەم خاتىرجەم ئۆتسۈن...!
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش