ئىگىسى: abdurexit eli

جىمجىت ھالدا ئەنئەنىگە يۈزلەنگۈچى- مىرئەھمەد مامۇت (19)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2012-5-6 01:12:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تەملىك شېئىرلارنى يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆزىڭىزنى يېڭىلاش سەپىرىڭىز توختىمىغاي!

ۋاقتى: 2012-5-6 10:50:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم مىرئەھمەدنى قۇتلۇقلايمەن. خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدىن ياراملىقلار جىق چىقىۋاتىدۇ. سىلەرگە كۆز تەگمىگەي!

ۋاقتى: 2012-5-6 12:41:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tikan_kux يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 10:24
جىمجىت ھالدا ئەنئەنىنى ئىسلاھ قىلغۇچى، كۆرۈڭ بۇ گەپنى! ...

ماۋزۇنىڭ قويۇلىشىدا سەل مەسىلە بارلىقى راست! بۇ قېتىم ئابدۇرېشىت ئازراق كەتكۈزۈپ قويۇپتۇ. لېكىن تەنبىھ بەرمەي تۈزۈتىۋېلىش تەكلىپى بېرىشكىمۇ بولىدىغۇ؟
ئابدۇرېشىتقا ماۋزۇنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بېرىمەن، «جىمجىت ھالدا ئەنئەنىنى ئىسلاھ قىلغۇچى» دىمەي، «جىمجىت ھالدا ئەنئەنىگە يۈزلەنگۈچى» دەپ باقساقچۇ؟
بۇ ياشلار  كەلگۈسى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئۈمىدلىرى، ئۇلارغا ئىلھام بېرەيلى، ھەمدەمدە بولايلى! مانا بۇ بىز قىلىدىغان ئىش!

ۋاقتى: 2012-5-6 12:58:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئۆتمۈش، تونۇشتۇرۇلغىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم. سىزنى تەبرىكلەيمەن ھەم زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمەن. ياشلىقنىڭ تار يولىدا قەلبىنى مۇھەببەت بىلەن تولدۇرغانلار ئېزگۈلۈك گۈللىرىنى ئېچىلدۇرالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن. ياخشىلار دۇئاسى سىزنى سائادەت مەنزىللىرىگە يەتكۈزسۇن. ئاللاھ سىزنى ھەمىشە ئاسرىسۇن.

ۋاقتى: 2012-5-6 12:59:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eybuyaqup يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 12:41
ماۋزۇنىڭ قويۇلىشىدا سەل مەسىلە بارلىقى راست! بۇ قېتىم ...

دېمىسىمۇ ، ئابدۇرېشىت ئاكام بەزى جەھەتلەردە بەك تولا كەتكۈزۈپ قويىدۇ-دېسە...

ۋاقتى: 2012-5-6 13:06:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈ*ركزات يوللىغان ۋاقتى  2012-5-5 23:38
مېرەخمەت ئېنىمىزدىن كۈتىدىغان گۈزەل ئارزۇلار،ئىزگ ...

شىرىيەتتە ئۆزىگە خاس يول تۇتۇش ئۈچۈن تىنماي ئېزدىنىۋاتقان ئىنىم مىر ئەھمەد مامۇتنىڭ ‹‹ ياش قەلەم›› سەھىپىسىدە تونۇشتۇرۇلغىنىدىن خۇشھال بولدۇم ،دېمەكچى بولغان گەپلىرىم  يوقىرىدا دوستۇم تۈ*ركزات نىڭ ئىنكاسىدىكى سەمىمى ئۈمىد _تىلەكلەر بىلەن ئوخشاش، شۇڭا قايتا تەكرارلاپ ئولتۇرمىدىم ،ئىنىم مىر ئەھمەد نىڭ بۇندىنن كېيىنكى ئىجادىيەت سەپىرىگە ئاق يول تىلەيمەن .

ئەيبو ئەپەندىنىڭ تىمىنىڭ ماۋزۇسىنى ‹‹ جىم-جىت ھالدا ئەنئەنىگە يۈزلەنگۇچى ›› دەپ ئۆزگەرتىش تەكلىپى ئومۇملۇقنى كۆزدە تۇتقان ئاقىلانە تەكلىپ بوپتۇ ،بۇنىڭ بىلەن بەزى ئوقۇشماسلىق ۋە بىھۇدە تالاش-تارتىشلاردىن ساقلانغىلى بولۇدۇ .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-6 13:38:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈركۈت يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 12:59
دېمىسىمۇ ، ئابدۇرېشىت ئاكام بەزى جەھەتلەردە بەك تولا  ...

چۈنكى، مەن ئىنسان (ئازغۇچى) ئەمەسمۇ

ۋاقتى: 2012-5-6 14:50:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىش ئىچىدە داۋاملىشىشىغا تەلەكداشمەن. مۇبارەك بولسۇن.

ۋاقتى: 2012-5-6 16:43:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! بۇنڭدىن كىيىن تېخمۇ تىرىشقىن . ئەپسۇس بىريەردە بولالمىدۇق.

ۋاقتى: 2012-5-6 21:01:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجاد سەپىرىڭىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن مىرئەھمەد ، ئىجادىيەت سەپىرىدە ئىمكان بار رئىاللىقتىن چەتنەپ كىتىشكە بولمايدۇ . بەك خىيالى نەرسىلەرمۇ ئۇقۇرمەنلەرنى زىرىكتۈرۈپ قۇيىدۇ . مەن سىزنىڭ  تۇتقان  يولىڭزنى ياخشى دەپ قارايمەن ، بۇندىن كىيىن بۇ يولىڭىزدىن ئېزىپ كەتمەي ، ئىزچىل تىرىشچانلىق كۇرسىتىپ ئىلگىرلىشىڭىزنى ئومىد قىلىمەن . ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەتسىسى سىزدەك ياشلارغا تولىمۇ موھتاج .---------موھەممەدروزى  

ۋاقتى: 2012-5-6 21:07:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكام مىرەھمەت،سېنى قۇتلۇقلايمەن ھەم قەلىمىڭگە ئىزچىللىق ، چەكسىز قۇۋەت تىلەيمەن.‹‹خوتەن بىلەن مۇڭدىشىش››،‹‹ھەدەمنىڭ ئوغلى›› قاتارلىق شېئىرلارنى  تىل،ئىپادىلەش،شېئىرى مۇھىت يارىتىش جەھەتتە يەنە بىر قىتىم ئىشلەش زۆرۇر دەپ قارايمەن.ئويلىنىپ باقارسەن.

ۋاقتى: 2012-5-6 21:45:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس مىرئەھمەدنىڭ شېئىرلىرى بىر خىل يېقىملىق ھەم ئۆز گۇچلۇككە ئىگە. شۇنداقلا، ئادەمىنى ئويغا سېلىپ ئوتمۇشنى ئەسلەتدۇ...

ۋاقتى: 2012-5-6 21:55:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارماي ئىزدىنىش، يىڭىلىق يارىتىش بىلەن ھىسسىياتنى شېئىر ئىچىگە يۇغۇرۇش ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى گۈزەللىككە ئىگە قىلغان. ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئۇنى شېئىرىيەت ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىش شەرىپىگە نائىل قىلغان. ئۇ شېئىرنى سۆيىدۇ، شۇنىڭدەك شېئىرمۇ ئۇنىڭدەك پەرۋانىسىنى سۆيىدۇ.
ئىلھام بۇلاقلىرىڭىزنىڭ مەڭگۈ قايناپ ، ئېقىپ تۇرۇشىنى، قەلىمىڭىزنىڭ توختاۋسىز تەۋرىنىپ ئەڭ نادىر شېئىرلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن! نەتىجە ھارماي تىرىشقانلارغا مەنسۈپ. ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدىكى ساناقلىق ياش شائىرلار ئىچىدە سىزنىمۇ كۆرەلەيمىز!
سالامەت بولغايسىز دوستۇم!

ۋاقتى: 2012-5-7 00:21:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىرئەھمەد مامۇتقا مۇبارەك بولغاي.

ۋاقتى: 2012-5-7 00:46:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  ھەجەپ كۈنلىرىمىز ئۆتۈپتىكەن ھە ! ساۋاقدىشىم  بۈگۈن سېنى بۇ يەردە كۆرۈپ مەكتەپتىكى ئاشۇ كۈنلىرىمىز يادىمغا يەتتى ، بىز بىللە ئوقۇغان  سىنىپ  بىرلىكتە ياتقان ياتاق  شېئىر توغرىسىدا مۇنازىرلىشىپ ۋارقىراپ  توۋلىشىپ  كېتىشلىرىمىز ، بولۇپمۇ ئاشۇ بىر يىلدىكى ھىلقى بىزنىڭ ئەڭ بۇلۇڭدىكى مىھرى ئىسسىق ياتاق ھەر جۈمە كۈندىكى ھىلىقى پائالىيەتلىرىمىز يەنە ھېلىقىدەك(  قىيىن كۈنلەردە ›  بىر قاچىدىن  تاماق يىيشلىرىمىز ،ئىشقىلىپ بارنى يوقنى تەڭ كۆرگەن شۇ بىر يىل ! يەنە سېنىڭ ھىلىقى مەن قانچە تىرىكتۈرسەممۇ مەندىن زىرىكمەيدىغان مىجەزىڭ ، ھەي دەپ كەلسەم  ئىككىمىز خېلى كۈنلەرنى بىرلكىتە بىشىمىز ئۆتكۈزۈپتىكەنمىز  . ھەي ھەجەپ كۆپ سۆزلەپ كەتتىم . ئاغىنەم  ساڭا بەخت ئامەت يار بولسۇن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش