كۆرۈش: 938|ئىنكاس: 11

باتۇر روزى (ت): سېرگىي يېسىنىن شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سېرگىي يېسىنىن شېئىرلىرىدىن
تەرجىمە قىلغۇچى : باتۇر روزى

كېچە

دەريا تىپ-تىنچ ئۇيقۇغا كەتكەن،
شاۋقۇنلىماس پىنھان ئارچىزار.
توختاپ قالدى كۈيلەشتىن بۇلبۇل،
چىلىمايدۇ خورازمۇ زىنھار.
كېچە ئەتراپ تىپ-تىنچ،ئەتراپ،
ئېرىق ئۇسۇل ئوينايدۇ لەرزان.
ئاي سەپكەندە نۇرىنى بىردىن،
گۈزەللەشتى كۆمۈشتەك جاھان.
كۆمۈش نۇرلار چاچماقتا ئېرىق،
كۆمۈش نۇرلار چاچماقتا دەريا.
كۆمۈش نۇرلار چاچماقتا يەنە،
يىشىل چۆپلەر تاقىر دالىدا.
كېچە ئەتراپ تىپ-تىنچ،ھەممە،
ئۇخلىماقتا-چۈشەكەر ھەريان.
ئاي نۇرىنى چاچقاندا بىردىن،
گۈزەللەشتى كۆمۈشتەك جاھان.

ئالۇچا

نەۋقىران ۋە يۇمران ئالۇچا،
باھار كەلسە ئاچىدۇ چىچەك.
ئالتۇنرەڭلىك شاخلىرى ئۇنىڭ،
يېيىلىدۇ ماڭلاي چېچىدەك.
تېمىپ تۇرار شىرنىلىك شەبنەم،
ئالۇچىنىڭ قوۋزىقى بويلاپ.
ساقىندىسى كۆمۈشرەڭ ئىچرە،
خۇش ھىدلىنىپ تۇرار يالتىراپ.
تاۋار كەبى چىچەك بەرگىدە،
يالتىرايدۇ مەرۋايىت شەبنەم.
چاقنىغاندەك ھالقىلار،ئۇنى،
سەتەڭ قىزلار ئاسقىنىدەك ھەم.
ئاخىرقى قار يۈتكەن يەرلەردە،
يىلتىزلارغا تۇتاش چۆپلەردە.
باردۇر بىر يول-كۆمۈشرەڭ ئېقىن،
ئاقار چۈشۈپ خۇشال سەپەرگە.
چىقىرىدۇ ئالۇچا ياپراق،
خۇش ھىدلىنىپ قىلار مەپتۇن مەس.
ئالتۇنرەڭلىك شەبنەم يۇقىدا،
ئەكس ئىتەر كۈن نۇرى بىر پەس.
ئېرىقلاردا چىچەكلەپ بۇژغۇن،
سۆيۈپ ئۆتەر شاخلارغا چاچراپ.
يار يېنىدا ساز چالسا ئېرىق،
كۈيلەپ كىتەر ئالۇچا ياڭراپ.

كۆكنىڭ زەڭگەر تاۋىقى ئۆزرە

كۆكنىڭ زەڭگەر تاۋىقى ئۆزرە،
يېيىلماقتا تۇمانلار قويۇق.
كېچە تىمتاس،ئۇيقۇدا ھەممە،
پەقەت مېنى باستى دەرت-خورلۇق.
تەۋرىگەندە كېرىلىپ بولۇت،
قاندى ئورمان خۇشپۇراق ھىدلاپ.
بارمىقىنى سۇنغاندا قاپتال،
كەتتى كۆكتە نۇر جامى يامراپ.
كۆكقۇتاننىڭ پىسىلداشلىرى،
سۇ يۈزىنى كىزەر سازلىقتا.
بۇلۇتلارنىڭ كەينىدىن چىقتى،
تامغان سۇدەك بىر يۇلتۇز تەنھا.
بۇلۇت ئۆزرە قويۇۋەتسەم ئوت،
يولتۇز بىلەن قېلىن ئورمانغا.
كۆيۈپ كەتسەم بىللىلا كىيىن،
چاقماق كەبى مەنمۇ ئاسماندا.
ۋاقىت قاناتلىق شامال ھارۋىسى،
يامغۇر ئوقتەك چېچىلار تەكشى.
لەيلەر ھوجرام بۇلۇتلار ئۆزرە،
ئۇ توزۇتتى يۇمران چىچەكنى.
ئۇ ئاسماننى يەنچىدى يەنە،
يامغۇر ئوقتەك چېچىلار تەكشى.
گۈلدار جىيەك تۇتار بۇلۇت ئاسمانغا،
تۇمانلاردىن تارىماقتا خۇشپۇراق.
ھارۋا ئىچرە تۇرماقتىمەن چايقىلىپ،
يۇرت سازلىقى قالدى مەندىن كۆپ يېراق.
ئورمان تىمتاس،چەكمەس پىغان،يوق شاۋقۇن،
سايىلىرى يەلپۈنىدۇ رومالدەك.
ئاچچىق خىيال دائىم مېنى قىينايدۇ،
ئەزىز يۇرتۇم ياقماي قالدى دىتقا بەك.
ئاق ئارچا قىز پېتىپ قالدى ھەسرەتكە،
ھارۋام مېنىڭ كۈيلىمەكتە پەرۋاسىز.
مەن ئۆلگەندە دەپنە قىلسۇن زىندانغا،
كارۋاتقىلا ياتقۇزىلاي غەۋغاسىز.


ئاق ئاي، ئاپئاق قار

ئاق ئاي، ئاپئاق قار
ئاق لىباسقا پۈركەندى دىيار،
ئورمانلاردا ئاق چىچەك
ئاق چىچەكتەك ئاق قىيىن يىغلار؛
ئاھ، بۇيەردە ئۆلگەندۇ كىملەر؟
ياكى مېنى يۇتماقچىمۇ يەر؟


خەير يۇرتۇمنىڭ سىرلىق ئورمىنى

خەير يۇرتۇمنىڭ سىرلىق ئورمىنى،
خەير-خوش ئەي ئالتۇنرەڭ بۇلاق
مەغلۇپ بولار شەپشەك بۇلۇتلار،
ئۇچرىغاندا قوياشقا پارلاق
ئىھ، ساپ ھاۋا قانغۇچە نۇرلان،
مەن ھەم خۇشال ھەم دەرتلىك ئەمما
ئۆتۈگۈمنىڭ قونچىغا ئەمدى،
پىچاق تىقىپ قويمايمەن ئەسلا
ياتماقتىمەن يانپاشلاپ تايغا،
يارقىن كېچە ئۆتمەكتە ئاستا
كىشنىسىمۇ تايچاق زىل ۋە شات،
تولماس تېخى ئورمانغا سادا
كۆك ئىشىكنىڭ غايىپ ھالقىسى،
سىلكىندۇ تىنماي تاراقلاپ
بوران-چاپقۇن ئۆرلەر ھايالسىز،
يەر سۈرتىلىپ كىتەر يالتىراپ.

كۈيلىمىدى بىكارغا شامال

كۈيلىمىدى بىكارغا شامال،
يامغۇرمۇ ھەم ياغمىدى قۇرۇق
بىر سىھرى زات يارقىن نۇر بىلەن،
كۆزلىرىمنى نەملىدى قويۇق
كەلسىدى دەپ كەرەملىك كۆكلەم،
زۇلمەت ئىچرە ئەتمەكتىمەن يات
پايانى يوق گۈزەل قىرغاقلار،
ئەمدى ماڭا بولۇپ قالدى يات
ئۈنسىز ئېقىن ئېزەلمەس دىلنى،
قورقىتالماس يۇلتۇزلۇق ئاسمان
سۆيگەن كەبى ئۆيۈمدە مەشنى،
سۆيۈپ كەلدىم تىنچلىقنى ھامان
بۇندا ھەممە مىھرىبان بۈيۈك،
بار تەشۋىشكە ئۇرالغان بىر ئاي
كۆكنار گۈلدەك كەچكى ھال شەپەق،
يالتىرىغان سۈزۈك ئەينەكتەك،
سۇ يۈزىگە نۇر چاچار تىنماي
قارا، ئاشلىق پايانسىز دېڭىز،
كۆز ئالدىڭدا لەيلەر بىر سىماھ
ئاشلىق ئىمەر پەسەيگەن كۆكنى،
ئوت يالىغان موزايدەك گويا

قەيەردە سەن ئەي كىچىك ھوجرام

قەيەردە سەن ئەي كىچىك ھوجرام،
يارلىقتكى مىھرىبان يۆلەك؟
ئاھ، ئادەملەر ئىز باسماس ئاسمان
ئاھ،قەيەردە زومرەترەڭ چىچەك؟
قەيەردە سەن ئەي كىچىك ھوجرام؟
كۈيلىمەكتە ئۇياقتا خوراز،
مالچى بالا باقماقتا پادا
بىراق كۆكتە يۇلتۇزلار چاقناپ،
سۈزۈك سۇغا چاچماقتا شولا
كۈيلىمەكتە ئۇ ياقتا خوراز
ۋاقىت قاناتلىق شامال ھارۋىسى،
سائەت كەبى سىلجىماقتا ئاي
سىم-سىم يامغۇر ئۇچقۇر دەملەردەك،
ئارچىزارغا تۆكۈلەر تىنماي
ۋاقىت قاناتلىق شامال چارۋىسى
يامغۇر ئوقتەك چېچىلار تەكشى،
لەيلەر ھوجرام بۇلۇتلار ئىچرە
ئۇ توزۇتتى زۇمرەت چىچەكنى،
ئۇ ئاسماننى يەنچىدى يەنە،
يامغۇر ئوقتەك چېچىلار تەكشى.

ئىشىنىمەن،بەخىت بار جەزمەن

ئىشىنىمەن،بەخىت بار جەزمەن،
تېخى ئۆچۈپ كەتمىدى قوياش
پوپ بەرمەكتە شەپەقتىن خەۋەر،
تاڭ شەپىقى قىزارتقاندا قاش،
ئىشىنىمەن بەخىت بار جەزمەن
زەر مىسال؛روس جاراڭلا،ياڭرا،
دولقۇن ياسار تىنىمسىز شامال
كىم كۈلدۈرسە مىسكىن مالچاڭنى،
ئۇ راھەتكە يەتكەي بىمالال،
زەر مىسال روس جاراڭلا،ياڭرا
سادا بىرەر ھەسرەتلىك ئېقىن،
دولقۇنىدا يۇلتۇز شولىسى
ئەل بەختىچۈن قايغۇرماقتىمەن
قەدىرلقكتۇر ماڭا ھەممىسى،
سادا بىرەر ھەسرەتلىك ئېقىن
.
مەن يۇرتۇمنىڭ كەنجى شائىرى

مارنىكوفقا ئاتاپ
مەن يۇرتۇمنىڭ كەنجى شائىرى،
شېئىېىمنى خاتىرلەر كۆۋرۈك.
كۆيدۈرىمەن-قىيىن دەرىخى
خوشلاشقاندا ئىسرىق سەپ تۈزۈك.
تەندىن پۈتكەن ،ياندۇرۇلغان شام،
تۈگەپ كىتەر يالقۇنلار ئىچرە.
ئاسما سائەت دۈگلەكتۇر ئايدەك،
چىك-چىك ئاۋاز بىرىدۇ كىچە.
يېشىل دالا،  چىغىر يوللاردا،
تۆمۈر مىھمان كۆرۈندى ئۇچقۇر.
تاڭ شەپىقى دەممۇ-دەم بەردى،
مايسىلارغا زەررە-زەررە نۇر.
يوچۇن، جانسىز خارابە يەرلەر،
كىرگۈزەلمەس كۈيسىزلەرگە جان.
شۇڭا پەقەت مايسىلار،ئاتلار
چال ھەسرىتى كۈيلىنەر ھامان.
ئات كىشنىسە ئوت ئىمەر شامال،
ۋە سالىدۇ ماتەملىك ساما.
ئاسما سائەت ئايلىنار تىز-تىز،
بىرەر تۈنگە چىكىلداپ سادا.

ئۆچۈپ قالدى زەڭگەر رەڭ يالقۇن

ئۆچۈپ قالدى زەڭگەر رەڭ يالقۇن،
ئۇنتۇلدى ھەم شۇ يېراق ۋەتەن.
پاك سۆيگۈنى كۈيلەپ تۇنجى رەت،
ياۋۇزلۇقتىن بەزگەنمەن شۇ دەم.
چۆلسىرىگەن گۈلزارمەن گويا،
مەس قىلغانتى مېنى كۆپ مەي،يار
ئۇسۇل ئويناپ كۈيلەپ ھەۋەستە،
ئۆتكەن ئۆمرۈم مەنىسىز-بىكار.
ئەجەل ئىزدەپ تىكىلدىم ساڭا،
سېرىق كۆزۈڭ گويا چوڭقۇر ھاڭ.
ئۆتكەن ئىدىڭ سەن مېنى سۆيمەي،
بولماي ھەمدە ئۆزگىگە جانان.
يېقىن ئەكەل زىلۋا قەددىڭنى،
جاھىل كۆڭلۈم تونۇشقۇ ساڭا
ئۇ بوپ قالدى مۇلايىم ئەمدى،
مۈتھەملىك يار ئىدى ئاڭا.
ئەمدى مەڭگۈ ئۇنتۇلار قاۋاق،
شېئىرنىمۇ يازمايمەن ئۇنداق.
ئۇنتالمايمەن مامۇق بىلەكنى،
كۆز رەڭگىدەك چېچىڭنى بىراق.
مەن مەڭگۈگە سەن بىلەن بىللە،
مەيلى يۇرۇتتا،مەيلى يات يەردە.
پاك سۆيگۈنى كۈيلەپ تۇنجى رەت،
ياۋۇزلۇققا قايتۇردۇم زەربە.

كەل سۆيۈپ قوي،سۆيۈپ قوي مېنى

كەل سۆيۈپ قوي،سۆيۈپ قوي مېنى،
سۆي ئاغرىتىپ،لەۋدىن چىقسۇن قان
كېرەك قىلماس قايناق دىل-چەشمەم،
تەمكىنلىك ۋە ئەقىل ھېچقاچان
نىسىۋىمىز بولسۇن-بولمىسۇن،
مەي ئىچەيلى قۇرىغىچە جام
بىز ياشايمىز دۇنيادا بىر رەت،
بىردەملىكتۇر بىزگە بۇ جاھان
نىگاھ تاشلا  ئەتراپقا تىمتاس،
ئورار ئاينى نەملەشكەن تۈتەك
ئاي ئايلىنار زېمىننى تىنماي،
بۇلۇت ئىچرە سېرىق ئۆردەكتەك
كۈي تاراتقان سېنىڭ پاك روھىڭ،
كەل،سۆيۈپ قوي،قانسۇن بۇ يۈرەك
چۇقىلاردا يۈرگەن شۇ ئەرۋاھ،
ئەجىلىمدىن بەرمەكتە دىرەك.
ئاھ،كۈن ساناپ يۈتمەكتە دەرمان،
ئۆلسەم ئەگەر ئاشۇنداق ئۆلەي
ئارمىنىم شۇ-يۈتكىچە نەپەس،
لەۋلىرىڭگە لەۋ سۈرۈپ ئۆتەي
زەڭگەر رەڭلىك ئۇيقۇدا ھەردەم،
ئىرىپ كەتمەي،ھېس قىلماي ھەم ئار
ياپراقلارنىڭ شىلدىرى ئىچرە،
مەن سېنىڭ دەپ ئۈن كىلەر تەكرار
چاقنار مەيدە لىپمۇ-لىق كۈپۈك،
يالتىرايدۇ، يوقىماس پەقەت
ئىچكىن-ئىچكىن سۆيۈملۈك دىبەر،
بىز ياشايمىز دۇنيادا بىر رەت

ئولتۇرايلى ئامرىقىم بىللە

ئولتۇرايلى ئامرىقىم بىللە،
تويۇۋالسۇن كۆز-كۆزگە تەكرار
ئاڭلىۋالاي نىگاھلار ئىچرە،
بوران كەبى ھوۋلايدۇ ھېسلار
كۆز ئالدىمدا ئۆرۈلگەن بوز چاچ،
كۆز ئالدىمدا كۈز--زەررەڭ سىماھ
بىر چاتاقچى بىكار تەلەپنى،
قۇتقۇزىدۇ ئاشۇلار گويا
قويغان ئىدىم يۇرتۇمنى تاشلاپ،
ئۇندا ئورمان، يايلاقتا چېچەك
دەرتلىك شەھەر ئىشرىتى ئىچرە،
بەتتام تۇرمۇش ئۆتتى باشتىن بەك
يۈرگىمدە يادلىنار زورغا،
يۇرتۇمدىكى چىمەنزار ۋە ياز
ئۇندا پاقا كۈيلىرى ئىچرە،
بوغان ئىدىم شائىر-قۇشاقۋاز
ئاھ، ئۇ يەردە رەڭ تۈزمەكتە كۈز،
رۈجەك ياپقان بۇتى ۋە ئىرەن
خاتىرەمدىن بالىلىق ئىزلار،
شاخلار كۆككە بوي سوزۇپ تىرەن
ئۆلۈپ كەتكەن بالىلىق شۇنداق،
قەبرىگەئاي نۇر سىپەر تال-تال
ئاي يورۇتقان كېرسىتلار ئەمدى،
بولار بىزگە سەيلىگاھ دەرھال
ئىسسىق-سۇغۇق كۆپ ئۆتتى باشتىن،
يەنە گۆرگە ماڭىمىز ھەي-ھەي
يول-يوللاردا ياسىسۇن دولقۇن،
تىرىكلەرگە خۇشاللىق ۋە مەي
ئولتۇرايلى ئامرىقىم بىللە،
تويۇۋالسۇن كۆزگە-كۆز تەكرار
ئاڭلىۋالاي نىگاھلار ئىچرە،
بوران كەبى ھوۋلايدۇ ھېسلار

ئىسىمدە

ئىسىمدە بار، ئىسىمدە جانان،
يالتىرايتى چاچلىرىڭ-بوران
تەقدىر بىزگە بەخىش ئەتتى ھىجران،
يۈرىگىمدە ئاچچىق دەرت-پىغان
ئىسىمدە بار، ئىسىمدە جانان،
ئاق قىيىنلار شىلدىرلاپ تۇرغان
يۈتسە دەيتىم كۈندۈزنى چاپسان،
چاچسۇن دەيتىم ئاينى نۇر ھامان
ئىسىمدە بار، دىگەنتىڭ شۇ دەم؛
«ئۆتمۈش بولۇپ قالار بۇ دەملەر
يارىم مېنى ئۇنتۇيسەن ھامان،
يات بىر قىزغا بولۇپ جانجىگەر»
چېچەكلىرى پۇتۇلار يەنە،
قىينار مېنى پۇشايمان دەردى
ئىدىم ئۇ چاغ نەقەدەر نازۇك،
باشلىرىڭغا چاچقان نۇر كەبى
يات دىللاردا روھى يۈك سۆيگۈ،
ئۇ قەلبىمدە سۇۋۇماس پەقەت
سۆيەلىسە يات دىللار سەندەك،
ئاڭلىغاندەك يارقىن بىر چۆچەك
كىتەر ئىدىم شاتلىنىپ قەۋەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-25 22:55  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-25 22:57:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئالتۇن بويلىرى ئامان بولسۇن!

باھا سۆز

باقىيغا كەتكەن...  ۋاقتى: 2014-5-26 01:16 AM
ۋاقتى: 2014-5-25 22:57:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! يالقۇن ئاكا ئەجرىڭىزگە بارىكاللا!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-25 22:58:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ئامان قىلسا،
داۋامنى يوللاپ ئەتىگىچە يوللاپ بېرىمەن. بۇ شېئىرلار ئۇزۇندىن بۇيان خاتىرەمدە مۇشۇنداقراق ھالەتتە ساقلىنىپ قاپتىكەن، زادى ئەسلى نۇسقۇسى شۇنداقمۇ ئەمەسمۇ بىر نەرسە دىيالمىدىم، بىلدىغان تورداشلار بولسا تولۇقلاپ قويسا دىگەن ئۈمىددىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-25 23:10  


ۋاقتى: 2014-5-25 23:48:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلار ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتقان ئادەمنىڭ قەلبى، مىۋىلىك باغقا ئوخشايدۇ.
-مەرگەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-26 00:19:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺑﯩﺮ ﻟﯜﻛﭽﻪﻛﻨﯩﯔ ﻣﯘھﻪﺑﺒﯩﺘﻰ
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابىلىكىم خېۋىر

ﻳﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﻩ ﻛﯚﻛﯜﺷﺮﻩﯓ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ

ﻳﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪﻩ ﻛﯚﻛﯜﺷﺮﻩﯓ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ ﻳﯘﺭﺗﯘﻣﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﯨﻢ ﯬﺳﺘﯩﻦ؛
ﯮﻗﯘﺩﯗﻡ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺭﻩﺕ ﺋﯩﺸﯩﻖ ﻛﯜﻳﯩﻨﻰ،
ﻗﻮﻝ ﯴﺯﺩﯛﻡ ﯰﺭﯗﺷﻘﺎﻕ ﺧﯘﻳﯘﻣﺪﯨﻦ-ﻏﻪﺷﺘﯩﻦ.
ﯲﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﮔﯜﻟﺒﯧﻐﯩﻢ ﻛﯚﺭﯨﻨﻪﺗﺘﻰ ﭼﯚﻝ،
ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺸﯩﻖ ﺗﻮﺭﯨﻐﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﭺ ﭼﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ؛
ھﻪ،ﯬﻣﺪﻯ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ ﻛﻪﻳﯩﭗ- ﺳﺎﭘﺎﻧﻰ،
ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ.
ﻗﺎﻧﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ،ﺋﯧھ،ﺟﺎﻧﺎﻥ،
ﺯﻩﯕﮕﻪﺭ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ھﯘﺯﻭﺭ ﯪﻻﻱ ﺩﻩﭖ؛
ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﻪﻥ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﺸﯩﻤﺪﯨﻦ،
ﯞﻩ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﺳﻪﻥ ﺗﺎﺷﻼﭖ.
ﯲﺭﮔﯩﻠﻪﻱ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﯔ،ﺯﯨﻠﯟﺍ ﺑﯘﻳﯘﯕﺪﯨﻦ،
ﯲﺗﯜﻧﻪﻱ ﺧﻪﺳﺘﻪ ﺩﯨﻞ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ:
ﻣﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯜﺯ ﻛﯚﯕﯜﻝ-ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﻟﯚﻛﭽﻪﻙ
ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﺪﯨﻦ ﻧﺎھﺎﻳﻪﺕ ﺳﯚﻳﯩﻤﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ.
ﺭﺍﺯﯨﻤﻪﻥ ﺳﻪﻥ ﯴﭼﯜﻥ ﻗﺎﯞﺍﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﭽﯩﭗ،
ﻛﯜﻱ-ﻗﯘﺷﺎﻕ ﺗﯘﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺭﯨﺸﺖ ﯴﺯﯛﺷﻜﯩﻤﯘ؛
ﯴﻣﯩﺪﯨﻢ:ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻼﭖ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻗﯘﻟﯘﯕﻨﻰ،
ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻞ ﭼﯧﭽﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﻳﯜﺷﻜﯩﻤﯘ.
ﺭﺍﺯﯨﻤﻪﻥ: ﯬﮔﯩﺸﯩﭗ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﯪﺭﻗﺎﯕﺪﯨﻦ
ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ،ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ،
ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻛﯜﻱ-ﻧﺎﺧﺸﺎﻣﻨﻰ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﭖ
ﺟﯩﺪﻩﻟﺨﻮﺭ ﺧﯘﻳﯘﻣﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯧﺘﯩﺸﻜﻪ!

ﺳﻪﻧﻤﯘ ﻧﺎھﺎﻳﻪﺕ ﯪﺩﺩﯨﻲ ﺑﯩﺮ ﯪﻳﺎﻝ

ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﻩﻙ ﯪﺩﺩﯨﻲ ﺑﯩﺮ ﯪﻳﺎﻝ،
ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﭘﯘﺧﺮﺍﺳﻰ-ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻯ.
ﺳﯜﺑھﻰ ﺗﺎﯓ ﻧﯘﺭﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺪﯨﯔ،
ﺳﺎﯕﺎ ھﻪﻡ ﻣﻪﻟﻮﻣﻠﯘﻕ ﺳﻮﻍ ﻛﯜﺯ ﺷﺎﻣﯩﻠﻰ.
ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻢ ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺳﯘﻗﻤﺎﻗﺘﺎ ﻏﻪﻟﻪﺕ،
ﻣﯩﯖﻪﻣﻨﻰ ﭼﯘﻟﻐﯘﺩﻯ ﮔﺎﻟﯟﺍﯓ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ.
ﭼﯩﺮﻛﺎﯞ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ ﺳﯜﭘﻪﺕ.
ﺳﯜﺭﻟﯜﻙ ﺟﺎﻣﺎﻟﯩﯖﻐﺎ ﯰﻗﯘﻱ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ،
ﯲﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻛﺎﺭﯨﻤﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ.
ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﺱ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ ھﻪﻳﻜﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ،
ﺧﯘﻟﯩﮕﻪﻥ-ﻟﯜﻛﭽﻪﻛﻠﻪﺭ ﯲﻟﭙﯩﺘﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ،
ﯬﻣﺪﻯ ﺧﻮﺵ ھﯧﺴﻠﯩﺮﯨﻢ ﻳﺎﺳﯩﺪﻯ ﻗﯩﻴﺎﻥ،
ﺟﯩﺴﻤﯩﻢ ﻣﯘھﺘﺎﺟﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ،
ﭼﯧﻘﯩﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﺷﯘﯕﺎ ﯪﺳﻤﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ؛
ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻧﺎﻡ -ﺋﯩﺴﻤﯩﯔ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﻳﯧﻘﯩﻤﺴﯩﺰ،
ﯮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﯪﯞﻏﯘﺳﺘﻨﯩﯔ ﺟﯘﺗﻰ ﯬﻳﻨﯩﮕﻪ.
ﯬﻣﻪﺳﻤﻪﻥ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﻰ ،ﻧﺎﺩﺍﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ،
ﯰﺭﯗﺷﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﯨﻤﯘ ﯪﯕﻼﻳﻤﻪﻥ ﮔﻪﭘﻨﻰ؛
ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ؛ﯪﻳﻐﯩﺮ-
ﻗﻮﻏﻼﻳﺪﯗ ﺑﺎﻳﺘﺎﻟﻨﻰ ﺗﺎﭘﺴﯩﻼ ﯬﭘﻨﻰ.
ﺳﯧﻨﻰ ﺩﻩﭖ،ﯰﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﯪﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺩﻩﭖ،
ﻛﯚﻳﯜﻧﻤﻪﻱ ﻛﻪﻟﺪﯨﻤﻜﻰ ﯲﺯﯛﻣﮕﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ؛
ﺑﻪﺧﯩﺘﺴﯩﺰ ﯪﺷﯩﻘﻤﻪﻥ ،ﻣﻪﺟﻨﻮﻧﺪﻩﻙ ﻛﯜﻳﭽﻰ،
ﺳﯘﻻﺷﺘﯩﻢ ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺧﺎﺯﺍﻥ ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﺘﻪﻙ.
ﻛﯚﺯﯛﻣﺪﯨﻦ ﭼﺎﻗﻨﺎﻳﺪﯗ ﻧﺎﺩﺍﻣﻪﺕ-ھﻪﺳﺮﻩﺕ...
ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﯪﻳﺎﻟﺴﻪﻥ ﺑﯩﻠﮕﯩﻦ ﯲﺯﯛﯕﻨﻰ-
ﺭﻭﺳﯩﻴﻪﻟﯩﻜﺘﻪﻛﻼ ﯪﺩﺩﯨﻴﻼ ﭘﻪﻗﻪﺕ.

ﺷﻮﺭﺍﭖ ﺑﯘﭘﺘﯘ ﺷﯩﺮﻧﻪﯕﻨﻰ ﻳﺎﺗﻼﺭ

ﺷﻮﺭﺍﭖ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻳﺎﺗﻼﺭ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺷﯩﺮﻧﻪﯕﻨﻰ،
ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭘﺘﯘ ﺳﯧﻨﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺷﯜﭘﯜﻛﺘﻪﻙ؛
ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﯖﺪﺍ ﻳﺎﺗﯟﻯ ﺑﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ،
ھﺎﺭﻏﯩﻦ ﻛﯚﺯﯛﯓ ﻛﯜﺯﺩﯨﻜﻰ ﺟﯘﺕ ﯰﭘﯘﻗﺘﻪﻙ.
ﺋﯩﺦ! ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯜﺯﭘﻪﺳﻠﯩﻢ-ﻣﻮﻳﺴﯩﭙﯩﺘﻠﯩﻜﯩﻢ!
ﺑﺎھﺎﺭ،ﻳﺎﺯ ﭘﻪﺳﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﯬﻻ ﻳﯜﺯ ھﻪﺳﺴﻪ:
ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺷﯘ ﻣﻮﻝ ﭘﻪﺳﻠﯩﻢ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﭘﯩﻜﺮﯨﺪﻩ
ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﻰ ﯮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ ،ﺗﯩﺰﺩﻯ ﮔﯜﻟﺪﻩﺳﺘﻪ.
ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻢ ﯬﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﺍﺭ ﺳﺎﺧﺘﯩﺪﯨﻦ،
ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺗﯩﺘﺮﯨﻤﻪﻱ ﭼﯩﻘﺎﺭ ﯴﻧﻠﯩﺮﯨﻢ؛
ﯬﻣﺪﻯ ﻣﻪﻥ ﻣﻪﺭﺗﻠﻪﺭﭼﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﭖ:
ﻗﻮﻝ ﯴﺯﺩﯛﻡ،ﻗﺎﻟﺪﻯ ﯰ ﺑﻪﯕﺒﺎﺵ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻢ.
ﻛﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻗﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺧﯘﻳﯘﻣﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ
ﻳﯘﻗﯩﻼﯓ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﺘﻰ.
ﯲﺯﮔﻪ ﻗﺎﻥ ﺷﯘﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﭺ ﺗﯘﻣﯘﺭﻏﺎ
ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﯩﯔ ھﯘﺷﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﻰ.
ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻏﯘﭺ ﺭﻩﯓ ﺗﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﭼﻪﻛﻤﻪﻛﺘﻪ ﺩﯦﺮﯨﺰﻩﻣﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﻘﺸﯩﺘﯩﭗ.
ھﻪ،ﺑﯘ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺗﯜﯞﻩﻥ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻨﻰ
ﺧﻮﺵ ﻗﯩﻼﻱ ﻣﯧھﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺋﯩﻠﯩﭗ.
ﯬﻣﺪﻯ ﻣﻪﻥ ﯪﺩﯨﻞ ﺑﯘﻟﯩﻤﻪﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ
ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﺶ،ﺯﻭﺭﻟﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻟﻨﻰ ﯴﺯﯛﭖ.
ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺳﻜﻪ،
ﻛﻪﭘﯩﻠﻪﺭ،ﮔﯜﺭﯨﺴﺘﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﯲﺯﮔﯩﺮﯨﭗ.
ﯬﺗﺮﺍﭘﻨﻰ ﻛﯜﺯﻩﺗﺘﯩﻢ ﻣﻪﻥ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺗﯩﻜﯩﭗ،
ﯰﻳﺎﻗﺘﯩﻨﻤﯘ،ﺑﯘﻳﺎﻗﺘﯩﻨﻤﯘ ھﻪﻣﻤﻪ ﺟﺎﻳﻨﻰ؛
ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﻪﻧﻼ ﻳﺎﺭ ﺑﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ
ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﯔ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯗ ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﯪﻳﻨﻰ.
ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﻯ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻣﺪﺍ ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ
ﯪﯕﻼﭖ ﺑﺎﻗﻘﯩﻦ ﺳﯘﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﭘﻪﻳﺖ؛
ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻏﯩﯖﺸﯩﭗ ﮔﻮﮔﯘﻡ ﭼﯩﻐﻰ:
<<ﯪﺳﺘﺎ-ﯪﺳﺘﺎ ﺑﻪﯕﺒﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﯬﺕ...>>

ﻛﻪﻝ ﺩﯨﻠﺒﯩﺮﯨﻢ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻳﻠﻰ ﻳﺎﻧﺪﯨﺸﯩﭗ

ﻛﻪﻝ ﺩﯨﻠﺒﯩﺮﯨﻢ،ﯮﺗﯘﺭﺍﻳﻠﻰ ﻳﺎﻧﺪﯨﺸﯩﭗ...
ھﻪ،ﯲﺯ ﯪﺭﺍ ﻛﯚﺯﺗﯩﻜﯩﺸﯩﭗ-ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﭗ؛
ﯪﯕﻼﭖ ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﺩﺍﺳﯩﻦ،
شەھلا ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻳﺎﻏﻘﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﺎ ﻗﯧﻨﯩﺸﯩﭗ.
ﺑﯘ ﺳﺎﺩﺍﻛﻰ ﻛﯜﺯﻧﯩﯔ ﯰﭼﯘﻡ ﯪﻟﺘﯘﻧﻰ،
ﻗﯧﺮﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪﭘﯫﻕ ﭼﯧﭽﻰ ﺑﯩﺮﺗﯘﺗﺎﻡ؛
ﺑﯘﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﻟﯜﻛﭽﻪﻛﭽﯜﻥ
ھﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭺ،ﺋﯧھ،ﺑﯘﺗﺎﻡ.
ﯪﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﯪﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ،
ﯮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ،ﻳﺎﻳﻼﻗﻼﺭﺩﯨﻦ،ﮔﯜﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ؛
ﻧﺎﺑﯘﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﻪﯕﺒﺎﺵ ﯲﻣﺮﯛﻡ ﺗﺎﻳﻠﯩقى،
ﺗﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﭺ ﺧﯘﻧﯘﻙ ﻧﺎﻣﯘ-ﺷﯚﻫﺮﻩﺗﺘﯩﻦ.
ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻤﻤﻪﻥ ﭼﺎﻧﺪﯗﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﯜﺭﺳﻪﻣﻤﯘ
ﯬﺷﯘ ﮔﯜﻟﺰﺍﺭ،ﻧﯘﺭ-ﻗﯘﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻼﺭﻧﻰ؛
ﭘﺎﻗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﺭﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ،
ﻳﯩﺘﯩﺸﺘﯘﺭﮔﻪﻥ ﺷﯘﻳﯘﺭﺕ ﻛﯜﻳﭽﻰ ﺑﺎﻟﻼﺭﻧﻰ.
ﻛﯜﺯ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻯ ﻗﺎﭘﻠﯩﺪﻯ ﺷﯘ ﻳﯘﺭﺗﯘﻣﻨﻰ،
ﺭﯛﺟﻪﻙ ﻗﯧﻘﯩﭗ ﺋﯧﺮﻩﻥ،ﭼﯩﻨﺎﺭ ﺷﺎﺧﻼﺭﻯ:
ﭘﯘﺗﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﯬﺟﺪﺍﺩﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﻟﯩﮕﻪﭺ،
ﻛﯜﻛﻜﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﺗﯜﭖ-ﻏﻮﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﯪھﻼﺭﻯ!
ﺷﯘﯬﺟﺪﺍﺩﻻﺭ ﻧﯩﯟﺍﺥ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﯪﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ،
ﻛﯩﺮﺳﺘﻘﺎ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺭ ﺷﻮﻻ ﯪﻱ:
ﺷﯘﻧﭽﻪ ﯪﺩﺩﯨﻲ ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﯚﺭ- ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ،
ﯰﻧﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﺰﮔﻪ ھﻪﻡ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ!
ﺋﯩﺴﻪﻧﻜﯩﺮﻩﺵ ﯲﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﯲﺗﯜﭖ ﺑﯩﺰ،
ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﺷﺎﺥ-ﺗﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﯬﮔﯩﺪﯗﻕ.
ﺩﯗﻟﻘﯘﻧﺴﯩﻤﺎﻥ ھﺎﻳﺎﺕ ﻳﯘﻟﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ،
ﺑﻪﺧﺶ ﺋﯧﺘﻪﺭ ھﺎﻳﺎﺕ ﯴﭼﯜﻥ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ.
ﻛﻪﻝ،ﺩﯨﻠﺒﯩﺮﯨﻢ ﯮﻟﺘﯘﺭﺍﻳﻠﻰ ﺟﯜﭘﻠﯩﺸﯩﭗ،
ھﻪ،ﯲﺯﯪﺭﺍ ﻛﯚﺯﺗﯩﻜﯩﺸﯩﭗ -ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﭗ؛
ﯪﯕﻼﭖ ﺟﯘﺷﻘﯘﻥ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﺎﺩﺍﺳﯩﻦ،
ﺷﻪھﻼ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻳﺎﻏﻘﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﺎ ﻗﯧﻨﯩﺸﯩﭗ.

ﻣﯘﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ

ﻣﯘﯕﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ،
ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻤﻪﻥ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﺩﻩﺭﺗﻠﯩﻚ ،ھﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ.
ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭ،
ﺳﺎﺭﻏﺎﻳﻐﺎﻥ ﻳﺎﭘﺮﺍﻗﻼﺭ،ﻗﺎﺧﺸﺎﻝ ﺗﺎﻝ-ﭼﯩﯟﯨﻖ.
ﻳﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﻯ ﺷﻮﺭﺍﭖ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ،
ﯻﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻖ-ﻣﯧھﺮﯨﯖﻨﻰ،ﺯﯨﺒﺎﻟﯩﻘﯩﯖﻨﻰ.
ﻗﺎﻧﺴﯩﺰ ﺗﻪﻥ،ﺟﺎﻧﺴﯩﺰ ﻗﻪﺩ،ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﯔ ﻗﺎﭘﺘﯘ،
ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ-ﺳﯘ ھﯚﻝ ﻗﯩﭙﺘﯘ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﯖﻨﻰ.
ھﻪﻱ،ﻧﯧﻤﻪ،ﻧﯧﻤﯩﺘﻰ! ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﯰﻧﺪﯨﻦ،
ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﻧﯧﺴﯩﭙﺘﯘﺭ ﻣﺎﯕﺎ،
ﻗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ ﺳﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺯﻩﻳﻜﻪﺵ ﭼﯩﻤﻠﯩﻖ،
ﺳﺎﭘﺴﯧﺮﯨﻖ ﻟﻪﺵ ﺩﯨﻤﻪﻱ ﻛﯜﻳﯜﻧﻪﻱ ﺳﺎﯕﺎ.
ﺭﺍﺳﺘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺎﻳﻜﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ،
ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ ﯴﭼﯜﻧﻼ ﺗﻪﺳﻪﺩﺩﯗﻕ ﺟﯧﻨﯩﻢ.
ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ،
ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﯲﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺳﻪﯞﻩﻧﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻢ.
ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ھﺎﻳﺎﺕ ﺑﯘﻏﻪﯞﻏﺎﻏﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ،
ﺑﯘ ھﺎﻳﺎﺕ ﯲﺯ ﭘﯧﺘﻰ ﻛﯧﺘﯩﯟﯨﺮﯨﺪﯗ،
ﮔﯜﻟﺒﺎﻏﻨﻰ ﯪﻕ ﺗﯧﺮﻩﻙ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻼ،
ﮔﯚﺭ ﯪﺭﺍ ﺳﯘﯕﻪﻛﻠﻪﺭ ﻳﯧﺘﯩﯟﯨﺮﯨﺪﯗ.
ﻧﯩگاﺭﯨﻢ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻜﻰ،
ﮔﯜﻟﺰﺍﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﻴﺪﯨﺸﯩﭗ ﯲﺗﻜﻪﻥ ﻳﯘﻟﯘﭼﻰ...
ﺋﯧﭽﯩﻠﻤﺎﺳﮕﯜﻝ-ﻏﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﺸﺘﺎ ﭘﯘﺭﻩﻛﻠﻪﭖ،
ﺑﻮﻟﻤﻨﺎﻳﻠﻰ ﺑﯩھﻮﺩﻩ ھﻪﺳﺮﻩﺕ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﻰ...

ﻣﯘﺯ ﺗﻪﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﯩﻤﺎ

ﻣﯘﺯ ﺗﻪﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﯩﻴﻨﯩﻤﺎ،
ﺳﻮﺭﯨﻤﺎ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ھﻪﻡ <<ﻳﯧﺸﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﻪ>>ﺩﻩﭖ.
ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭﻣﻪﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﺗﯘﺗﻘﺎﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ،
ﺭﻭھ-ﻛﻪﻳﭙﯩﻢ ﺧﺎﺭﺍﭘﺘﯘﺭ ﺗﯘﻻ ﻏﯩﻤﯩﯔ ﻳﻪﭖ.
ﯲﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮﻣﻪھﻪﻝ ﮔﯜﺩﻩﻙ ﺑﺎﻟﯩﺪﻩﻙ،
ﻛﯚپ ﺌﯩﺸﻼﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﯩﻢ ﺧﯩﻴﺎﻝ.
<<ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﺎﻱ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎﻡ،
ﺟﯩﻤﻰ ﺧﻪﻕ ﺑﺎﻗﻘﯘﺳﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺧﻮﺵ ﺟﺎﻣﺎﻝ>>
ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ،ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ،ھﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﯪﺷﺘﯩﻢ،
ﻛﻪﻳﺪﯨﻤﻤﻪﻥ ھﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺑﯩﺮﻗﺎﻟﭙﺎﻕ،
ﯬﻣﺪﯨﭽﯘ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ﺟﯩﻠﯩﺘﻜﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ،
ﭘﯘﺗﯘﻣﺪﺍ ﺳﻪﺕ ﻛﺎﻻﭺ-ﻛﻮﻧﺎ ھﻪﻡ ﻗﺎﺳﻤﺎﻕ.
ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻧﺎﻣﯘ ﺷﯚھﺮﯨﺘﯩﻢ،
ﭘﯘﺭﻛﻪﺗﺘﻰ ﻣﯘﺳﻜﯘﯞﺍ..ﭘﺎﺭﯨﮋ...ﺧﻪﻗﻠﻪﺭﮔﻪ.
ﯞﻩﻟﯩﻜﯩﻦ ﻧﺎﻣﯩﻤﻨﻰ ﯪﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﻗﺘﻰ،
ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﺎ ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ.
ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﻰ<<ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺋﯩﺶ،ﻟﻪﺯﺯﻩﺕ..>>ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ،
ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﯔ مىس ﻜﻪﺑﻰ ،ﺳﯚﻳﺴﻪﯓ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ؟
ھﻪ،ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﻘﺎﻧﺘﻰ ﻣﯩھﺮﯨﻢ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ،
سېنىڭچۇ ؟ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﻛﻪﻥ ﭼﯧﭽﻪﻙ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ.
ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﯪھ ﯰﺭﺍﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ،
ﻳﺎﻣﺎﻧﻤﯘ ﺋﯩﺶ ﯬﻣﻪﺱ ﭼﯩﻜﯩﺶ ﺩﻩﺭﺕ،ﻫﻪﺳﺮﻩﺕ!
ﺷﯩﻠﺪﯨﺮﻻﺭ ﺗﯘﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﺎﻏﺪﺍ ﻟﻮﻳﻠﯩﻼﺭ،
ﺯﻩﭘﯩﺮﺍﻥ ﻛﯚﺭﯨﻨﻪﺭ ﭼﯧﭽﯩﻤﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻙ.
ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘﺗﺎﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ،
ﻟﻮﻳﻠﯩﻼﺭ ﺷﯩﻠﺪﯨﺮﯨﻦ ﺑﻪﻙ ﯪﯕﻠﯩﻐﯘﻡ ﺑﺎﺭ،
ﻧﺎﻣﺴﯩﺰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﯘﭖ ﭘﯧﺘﯩﭗ،
ﻏﺎﻟﺠﯩﺮ ﯮﻱ-ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﻣﻪﻱ،ﻳﺎﺭﯗ ﻳﺎﺭ.
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺶ-ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯩﺶ ﯮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ،
ﻳﻪﺭ-ﺯﯨﻤﯩﻦ،ﮔﯜﻝ-ﮔﯩﻴﺎﻫ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ.
ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺰﺍھﻼﺵمۇمكىن ﯰﻧﻰ،
ھﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﯪﯕﻼﻧﻤﺎﺱ-ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ-ﭘﯩﻨھﺎﻥ

تۈرۈلدى زاۋالنىڭ قاش-قاپاقلىرى

تۈرۈلدى زاۋالنىڭ قاش قاپاقلىرى،
بىر قورا سىرتىدا توختىدى ھارۋا.
ئاھ! ئېسىت مەي شاراپ قۇرۇتقان ياشلىق،
ئاھ! ئېسىت يارىدىن رىشىت ئۈزگەن كالۋا.
پۇشقۇرما كېچچىككەن خادىك ئاتلىرى،
ئۆتتى ئۇ–ئۆمرىمىز قالدۇرماي ھېچ ئىز.
مەڭگۈلۈك كۆز يۇمسام ئەتە بالىنىستا-
كارۋىتى يېنىدا خوشلىشارمىز بىز.
ۋە ياكى ئەتىلا جۇشقۇن روھ بىلەن
چىقارمەن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن.
ھە،ساغلام كىشىدەك ھوزۇر ئالارمەن
ناخشىدىن،يامغۇردىن شۇمرۇت(1) ھىدىدىن.
ئۇنتۇشۇم مۈمكىنكى باغرىمنى ئەزگەن،
جېنىمنى قىينىغان بېسىم –زۇلۇمنى؛
رۇخسارىڭ سۆيۈملۈك،مېھرىڭ يېقىملىق!
ئۇنتالمايمەن پەقەتلا سېنى.
مۇبادا بىرىگە كۆڭلۈم چۈشۈپ قالسا،
ئېيىتىمەن ئاڭىمۇ سېنى قەدىردان؛
ئېيتىمەن ئۇنىڭغا: بىر چاغلار سېنى
سۆيۈملۈك نىگارىم دەپ ھەم ئاتىغان.
ئىككىمىز ئۆتكۈزگەن ئۆتمۈش كۈنلەرنى،
سەزگۈرەشتىلىرىمنى قىلغايمەن بايان.
بىراق ئېھ، مەرت، قەيسەر نىگارىم ،مېنى
نە كويغا سالغىنىڭ ئۆزۈڭگە ئايان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-26 00:25  


ۋاقتى: 2014-5-26 01:17:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋالدىم ...رەخمەت!

ۋاقتى: 2014-5-26 01:18:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھاجىر يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 22:57
تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئالتۇن بويلىرى ئامان بولسۇن!


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-26 20:34:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېرگىي يېسنىن شېئىرلىردىن

ئۆزبىكچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : رەخىم قاسىم

گۇگۈم چۈشۈش ئالدىدا

گۇگۇم چۈشۈش ئالدىدا شەبنەم،
چاقنار چاققاق يوپۇرمىغىدا .
مەجنۇنتالغا يۆلىنىپ بۇدەم،
تۇرماقتىمەن چوڭ يول بويىدا .
ئۆيىمىزنىڭ ئۆگزىسىگە،
ئاي تۆكۈدۈ سۈتتەك نۇرىنى .
مەن ئاڭلايمەن يىراق يەرلەردە،
ياڭراۋاتقان بۇلبۇل كۈيىنى .
قىشتا مەشنى چۆرىدىگەندەك،
شۇنچە ئېسىل ئىللىق بۇ ھالەت .
گويا جۈپ –جۈپ ئىگىز شاملاردەك،
ئاق قىينلار تۇرار رەتمۇ–رەت .
ئۇزاق دەريا قىرغىغىدىكى،
بىر توپ ئورمان بويىدا شۇ تاپ؛
كۆرىنىدۇ غۇۋا كۈزەتچى،
بوغۇق ياڭرار قولىدا تاك–تاك .

قىش كۈيلىمەكتە

قىقاس سېلىپ كۈيلىمەكتە قىش،
شاۋقۇنلايدۇ بۈككىدە ئورمان.
قارىغايلارنى سۈيلەپ ئۇيقۇغا،
ناخشىسىنى ئېيىتىدۇ ھامان.
ئاپپاق چاچلىق توپ–توپ بۇلۇتنى،
ئورىۋالغان ھەسرەت–مۇڭ پىغان.
ئۇلار ئۇچار ئاشۇ تەقلىتتە،
يىراقتىكى ئەل يۇرۇتلار تامان.
ئەتراپىدا يېزا–مەھەللنىڭ
ھۇۋلاپ بوران بولماقتا شىۋىرغان.
مامۇق ئوخشاش يۇمشاق ئاپپاق قار،
ئېتىزلارغا ياپماقتا يوتقان.
خۇددى يېتىم بالىلار كەبى
باشپاناھسىز ئىگىسىز قالغان،
ئويۇنپەرەس كىچىك قۇشقاچلار،
دەرىزىگە تەلپۈنەر بۇئان.
ئاللىقاچان  مۇزلىدى قۇشلار،
يوق ئۇلارنىڭ پوكىنىدا دان.
شۇڭلاشقىمۇ يېقىن سىغدىلىپ،
زىچ بولۇشۇپ تۇرار يانمۇ–يان.
لېكىن قەھرى غەزىۋى بىلەن،
گۈكىرەيدۇ قۇترىغان بوران.
تىنىم تاپماي ئۇرۇپ ئۆزىنى،
دەرىزنى قويمايدۇ ئامان.
كۆتىرلىپ ئەۋجىگە مانا
ياغماقتا قار ،چىقماقتا شىۋىرغان.
دەرىزىنى قاپلاپ كەتتى مۇز ،
ئاندا قۇشلار جان ساقلار ئاران.
گۈزەل كۆكلەم باھار پەرىسى ،
بولار قۇشلار چۈشلەر ئايان.
جىلۋىلەنگەن قۇياشنى قۇتلاپ،
كېلەر باھار پەرىسى بۇيان.

رەڭمۇ–رەڭ گۈللەرگە تولغان چىمەندە

رەڭمۇ–رەڭ گۈللەرگە تولغان چىمەندە،
ياسىدىم ئەجرىمدىن كىچىك بىر قولۋاق.
دولقۇنلار ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەندە،
يوقالدى يارىمنىڭ ئۈزۈكى بىراق.
بىۋاپا دەللىگە ئوخشايدۇ ھىجران،
كۆتەرمەك تەس ئۇنىڭ مۇشەققىتنى.
ئېىپ قاچتى ئۈزۈكنى بېلىقلار شۇئان،
ئېپ قاچتى يارىمنىڭ مۇھەبىتىنى.
تاپالماي ئۈزۈكنى ئوتلاققا يېنىپ،
كەلدىممەن قەلبىمدە ھەسرەت تاشقىنى .
سۆز –چۆچەك ئامرىقى ئېرىق زاڭلىق قىپ :
دىدىكى : « سۆيگنىڭ تاپتى باشقىنى »
بارمايمەن تانسىغا، تەھقىق ئاندىكى-
ئادەملەر مەسخىرە قىلىدۇ مېنى .
بۇ توينىڭ ــ پالاكەت باسقان كۈندىكى،
كەلمەكتە ئۈزۈلمەي سۈرەن–چۇقىنى!
زۇمرەت رەڭمۇ خوشاللىقنىڭ زېمىنى.

زۇمرەت رەڭمۇ خوشاللىق–شاتلىق ئۈچۈن جاي ماكان

زۇمرەت رەڭمۇ خوشاللىق–شاتلىق ئۈچۈن جاي ماكان
ساتتىم ئاتاق شۆھرەتنى ماڭا كېرەك ئۆز ناخشام.
ئېخ دېڭىزنىڭ شامىلى،يەلپۇمە سۇ يۈزىنى،
ئاڭلا گۈلگە تەلپۈنگەن بۇلبۇللارنىڭ كۈيىنى.
گۈللەر بەزەن ئىگىلىپ، باش لىڭشىتار بەزىدە،
ئاڭلا بۇلبۇل ناخشىسى ياڭرار گۈللەر قەلبىدە.
ئېخ دېڭىزنىڭ شامىلى،يەلپۇمە سۇ يۈزىنى،
ئاڭلا گۈلگە تەلپۈنگەن بۇلبۇللارنىڭ كۈينى.
چىقمىدىمۇ تېخىچە شائىر بولۇپ يېتىلىپ ؟
يول بەرمەيسەن ئەي بالا، قاچانغىچە يېپىشىپ ؟
ئېخ دېڭىزنىڭ شامىلى،يەلپۇمە سۇ يۈزىنى،
ئاڭلا گۈلگە تەلپۈنگەن بۇلۇبۇللارنىڭ كۈينى .
قەدىردانىم گالىيە ئەپۇ قىلغىن سەن مېنى،
سەنسىز گۈللەر چوڭ يولدا داھىم چېچەك ئاچىدۇ.
گۈللەر ئىگەر بېشىنى،ھەم لىڭشىتار بېشىنى،
پەقەت بىر گۈل قەلبىدىن ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ.
مېنىڭ خوشال كۈلكەمگە بار ئاۋازدا قوشقىن ئۈن،
كەل سەن ماڭا جۆر بولغىن بۇ سۆيۈملۈك جاي ئۈچۈن.
ئېخ دېڭىزنىڭ شامىلى،يەلپۇمە سۇ يۈزىنى،
ئاڭلا گۈلگە تەلپۈنگەن بۇلبۇللارنىڭ كۈيىنى.
زۇمرەت رەڭمۇخوشاللىق–شاتلىق ئۈچۈن جاي ماكان،
بېغىشلايمەن  ئۆمرۈمنى ماڭا كېرەك ئۆز ناخشام .
ئەي بۇلبۇللار باراقسان  گۈلزار گۈللەرنى،
گالىيە دەپ باغرىڭغا چىڭ قۇچاغلاپ باس ھامان !
ئىچىنمايمەن، زارلىمايمەن،يىغلىمايمەن ھەم
                        
ئىچىنمايمەن، زارلىمايمەن، يىغلىمايمەن ھەم

يۈتتى بەرى ئالما چېچەك تاشلىغان كەبى.
دىل قەلبىگە سېرىق غازاڭ لىق تولدى بۇ دەم،
يوقتۇر سەبى ياشلىقىمنىڭ باھارى ئەمدى.

ئېخ يۈرىكىم، بارماقتىسەن ئاستىلاپ مۇزلاپ،
سەن ئەمەسسەن ئۆتكەنكىدەك قىزغىن -جۇشقۇنلۇق.
ئاق قىيىندىن ئۆرنەك ئالغان ھۆيلامدا شۇ تاپ،
يالاڭغىداق يۈرۈش ئۈچۈن ئەمدى مەيلىم يوق.

سەرگەرداننىڭ ھاياجىنى كەتتىڭ يىراقلاپ،
ئۇرغۇتاتتىڭ ئوتلۇق سۆزنى قەلبىمدىن ھەيھات!
بوشتىن بوشقا ئۆتۈپ كەتتىڭ ئەي ھايات ئۆمۈر،
سۇندى ئەمدى كۈچلۈك نەپرەت ۋە جۇشقۇن ھېسسىيات.

چارچاپ قالدىم كۈتۈۋېرىپ سېنى كېلەچەك،
رستىن قۇرۇق خىيالمىدۇر ھاياتلىق دېمەك.
گويا شاۋقۇن - سۈرەنلىك بۇ باھار تىڭىدا،
مىنىپ جەرەن دۇلدۇلىغا چاپتىم تالغۇدەك.

ئۈن - تىۋىشسىز تۆكۈلدى سارغايغان ياپراق،
بارچە ئىنسان چىرىپ ئىزسىز يوقايدۇ جەزمەن.
ئۈزۈلمەيدۇ ئالەمدىكى ھاياتلىق بىراق،
تىلىگىم شۇ: سەن ئەبىدى گۈزەل بول گۈللەن.

تانيوشا بەك چىرايلىق

تانيوشا بەك چىرايلىق يېزىدا ئەڭ گۈزەل قىز،
پەرۋاز قىلىپ يەلپۈنەر تاققان ئېسىل لىنتىسى.
جىلۋىلىنىپ كېزەر ئاي بۇلۇت ئارا ئىز سېلىپ،
جىرادىكى چىتلاقتا ئايلىنار قىز كېچىسى .
يىگىت كەلدى كەچۈرۈم سورىدى باش لىڭشىتىپ،
« ئەپۇ قىلغىن ئامرىقىم،سۆيۈپ قالدىم باشقىنى »
قىزنىڭ رەڭگى تاتاردى، قاپىغدىن قار يېغىپ،
غەزەپ بىلەن سىلكىدى ، يىلان ئوخشاش چېچىنى.
« كۆك كۆز يىگىت ئەيىپكە بۇيۇرمىغىن ئاڭلاپ قوي،
تەگمەك بولدۇم باشقىغا مەنمۇ تاپتىم ئۆزگە يار »
ئىبادەتكە چېلىنغان قوڭغۇراق ئەمەس،بۇ توي ــ
ئۆتتى نىكا ھارۋىسى تۆپىسدە بۇتى بار .
كاككۇك ئەمەس يىغلىغان  قىز نادامەت–ھەسرەتتە،
چۈشتى ئېغىر زەربىدىن ئۇنىڭ چېكى چىچى تىز.
قىزىل رومال بېشىدا،ئۆرتىنىدۇ غەم–دەرىتتە،
تانيوشا بەك چىرايلىق يېزىدا ئەڭ گۈزەل قىز.

ئاق قىيىن

تۇرار ئاشۇ بىر توپ ئاق قىيىن،
دەرىزەمنىڭ ئالدىدا مانا.
كۈمۈش شەبنەم قاپلاپ كەتكەندەك،
قاردىن ساۋۇۇت كىيگەندەك گويا.
بىخ قاپلىغان شاخلارنىڭ ئۇچى،
بەكمۇ ئېسىل سۈرەتكە ئوخشار.
خۇددى قاردىن جىيەك تاقىغان،
ئاق كۆينەكتەك ساڭگىلاپ تۇرار.
تۇرار ئاشۇ  بىر توپ ئاق قىيىن
خىرە جىملىق ئىچىدە شۇ تاپ.
پارلاپ تۇرغان ئالتۇن نۇر ئارا،
قار گۈللىرى كۆز چاقار چاقناپ.
رەڭدار شەپەق  كەلمەكتە ئاستا
ئاق قىيننى چۆرىدەپ ئەگىپ.
ئاپپاق قارغا تولغان ھەر شاخقا
كۈمۈش رەڭلىك نۇردىن ھەل بېرىپ.

قار

كېلىمەن چانىدا جىمجىت دالادا،
غاچىلداپ قار دەسەپ چېپىپ بارار ئات.
پەقەتلا قاقىلداپ توپ –توپ قاغىلار،
بۇزۇلار بۇندىكى جىملىق –سۈكۈنات.
ئاجايىپ ئۇيقۇدا ئۇخلايدۇ ئورمان،
يوق سادا ،ئۇ شۇنچە تىپ –تىچ بىمالال .
بۈككىدە باراقسان قارىغايلار  بۇئان،
گوياكى بېشىغا تاڭغان ئاق رومال .
ئىگىلگەن قارىغايلار  تۇرىدۇ گويا،
تاينىپ تۇرغاندەك بوۋايلار ھاسا.
جاڭگال دۇمباقچىسى  دەرەخ ئۇچىدا،
چوقۇيدۇ  شاخلارنى  توختىماي ئەسلا.
پايانسىز دالىدا ئات مىسلى دۇلدۇل،
ئاپپاق قار ياتىدۇ زېمىننى قاپلاپ .
يەلپۈنگەن لېنتىدەك مۇشۇ ئۇزاق يول،
سوزۇلغان كۆز يەتمەس ئۇپۇققا قاراپ.

خەيىرلىك سەھەر

ئالتۇن رەڭلىك يۇلتۇزلار چىمچىقالاتتى كۆزىنى،
دولقۇنلىدى زەپ مەيىن ئەينەك ئوخشاش سۇ يۈزى.
تاڭ شەپىقى يورۇتتى ئەگىم دەريا سۈينى،
ئالدى ئەنە قىزغۇچ رەڭ  توردەك ئاسمان گۈمبىزى.
ئاچتى چىراي ئاق قىيىن قېنىپ شىرىن ئۇيقۇسى،
خۇددى يۇمشاق يىپەكتەك چاچلىرنى تارىدى .
شىلدىرلىدى يېقىملىق سۇس يېشىل گۈل تىزمىسى،
كۈمۈشتەك ئاق شەبنەملەر  نۇر ياغدۇرۇپ پارلىدى.
چاققاق قويۇق زىچ ئۆسكەن تەمە –قاشا بويىدا،
تاقاپ نۇرلۇق ئۈنچىنى گۈل ياساندى شۇ قەدەر.
كۈلۈپ تۇرۇپ دىدى ئۇ تولغىنىپ ھەر يېقىغا :
« مەن تىلەيمەن خەيىرلىك بولسۇن ساڭا تاڭ سەھەر »
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-26 20:34  


ۋاقتى: 2014-5-27 09:23:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2014-5-30 01:10:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئەسەرلەرنى ھوزۇرلىنىشىمىزغا سۇنغان تورداشلارغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر...!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش