كۆرۈش: 5683|ئىنكاس: 43

مۇھەممەدجان راشىدىن: دوستلارغا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                       دوستلارغا

                          مۇھەممەدجان راشىدىن

يامان كۈنلەر مەن بىلەن كەتكەي،
ياخشى كۈنلەر سەن بىلەن بولسۇن.
مەنلا تارتاي تىكەن دەردىنى،
قىزىلگۈللەر سەن بىلەن بولسۇن.

چوققىلارنى ساڭا ئۆتۈندۈم،
ماڭا قالسۇن ساينىڭ تاپىنى.
تەقدىر ساڭا تاۋار تون ياپسۇن،
ماڭا قالسۇن ئەسكى چاپىنى.

ماڭا قىيا باقمىغان ھۆرلەر،
بېرىپ سىنىڭ چېيىڭنى قۇيسۇن.
كىبىرلىكتە ماڭا غادايغان،
بېرىپ سىنىڭ كىرىڭنى يۇيسۇن.

مەن ياسىغان كۆۋرۈكتىن ئۆتسەڭ،
مىنىڭ ئۈچۈن ياساپتۇ دەپ ئۆت.
سەپەرلەردە ئۇلاغسىز قالساڭ،
ھاپاشلاشقا يەنە مىنى كۈت.

ئاي چىللىسا، مەن قالاي، سەن چىق،
ئايدا دوستۇم بار دەپ يۈرىمەن.
پەخىرلەنسە مۈلكىدىن ئەللەر،
مەن سىنىڭدىن ھۇزۇر سۈرىمەن.

مەن تۇرغاندا غەم قىلىپ يۈرمە،
قاردا قالغان خامانلىرىڭدىن.
غەلۋىر تۇتۇپ ئۆزۈم ئايرىيمەن،
چەشلىرىڭنى سامانلىرىڭدىن.

دورىمايمەن‹‹ ئاغزى دوست›› لارنى،
ئاغرىپ قالساڭ قەلبىم يىغلايدۇ.
ئىككى قولۇم تاپقانلىرىنى،
سەندىن ئاياپ دۇنيا يىغمايدۇ.

بىر نان تاپسام، يېرىمى سىنىڭ،
تەڭ ئۆلىمىز ئاچلىقتىن ئۆلسەك.
يالغۇز كۈلگەن ياخشىلىق ئەمەس،
تەڭ كۈلىمىز توقلۇقتىن كۈلسەك.

يامان كۈنلەر مەن بىلەن كەتكەي،
ياخشى كۈنلەر سەن بىلەن بولسۇن.
مەنلا تارتاي تىكەن دەردىنى،
قىزىلگۈللەر سەن بىلەن بولسۇن.


( بۇ شېئىر 2001 - يىلى 11 - نۆۋەتلىك ‹‹ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى›› غا ئېرىشكەن)



مەنبە: شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان ‹‹ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى›› غا ئېرىشكەن ئەسەرلەردىن تاللانما - شېئىرلار دىگەن كىتابتىن ئېلىندى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-24 16:31:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى بەك ياقتۇراتتىم شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم. مۇمكىن بولسا   تەستىقلاپ قۇيۇشىڭلارنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىد قىلىمەن!

ۋاقتى: 2014-5-24 20:00:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاي چىللىسا، مەن قالاي، سەن چىق،
ئايدا دوستۇم بار دەپ يۈرىمەن.
پەخىرلەنسە مۈلكىدىن ئەللەر،
مەن سىنىڭدىن ھۇزۇر سۈرىمەن.





ۋاقتى: 2014-5-24 21:10:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىردىن قايتا ھوزۇر ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگەن ئالىمجاننىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

ۋاقتى: 2014-5-24 22:26:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرلىرىگە باركاللا !

ۋاقتى: 2014-5-25 00:22:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇستازنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي!يەنە شۈنداق ياخشى شىئېرلىرىغا تەشنامىز.

ۋاقتى: 2014-5-25 13:25:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-25 22:18:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمىدجان قادىرى يوللىغان ۋاقتى  2014-5-24 21:10
ياخشى شېئىردىن قايتا ھوزۇر ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرگە ...

مەن بۇ شېئىرنى يوللاش ئارقىلىق سىزگە ھۇزۇر ئاتا قىلالىغىنىم مىنىڭ ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم. مىنىڭ بۇ ئەمگىكىمنى قوللىغىنىڭىزغا، ياقتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت!

ۋاقتى: 2014-5-26 14:19:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھاممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ شئېرلىرنى  داۋاملىق يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلمەن .
شائىرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك يار بولغاي!  بۇ شائىرىمىزدەك ئېسىل شائىرلار كەم تېپىلىدۇ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-26 19:56:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Wolkani يوللىغان ۋاقتى  2014-5-24 22:26
ئەجىرلىرىگە باركاللا !

رەخمەت سىزگە!

ۋاقتى: 2014-5-29 22:45:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەك ياختۇرۇدىغان شىر ئدى،رەخمەت سىزگە...مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىمىزنىڭ ئومرى ئۇزۇن بولسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-29 22:50:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
انقۇش يوللىغان ۋاقتى  2014-5-24 20:00
ئاي چىللىسا، مەن قالاي، سەن چىق،
ئايدا دوستۇم بار دەپ ي ...

رەخمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-1 21:58:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۈسەيىن ئەسئەت يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 13:25

رەخمەت سىزگە!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-1 21:59:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇت يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 00:22
بۇ ئۇستازنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي!يەنە شۈنداق ياخشى شىئې ...

ياخشى شېئىرلىرىدىن يەنە يوللاپ تۇرىمەن.

ۋاقتى: 2014-6-2 13:36:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەدجان ئاكىنىڭ ‹‹سەن كەتكەن كۈنى›› دېگەن شېئىرى ماڭا بەك تەسىر قىلىدۇ.قانچە رەت ئوقىسام،شۇنچە رەت كۈزۈمگە ياش تىقىلىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش