يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 709|ئىنكاس: 7

2-قېتىملىق يەر - جاي ناملىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىنىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
     << مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسى >> ۋە << خەلقئارا خەۋەرلەر لېنىيەسى >> قاتارلىق كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ بۈگۈن بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە  2 -قېتىملىق يەر - جاي ناملىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتى بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. تەكشۈرەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولسا ئېلىمىز يەر ناملىرىنى ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئىگەللەش ۋە قالايمىقان قويۇلغان يەر ناملىرىنى تەرتىپكە سېلىش بولىدىكەن.
" q% u6 J. f# d3 F- f# E, W# t       ئېلىمىزدە يەر ناملىرىنى تۇنجى تەكشۈرەش خىزمىتى بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان. 30 يىلدىن بۇيان شەھەر - بازارلارنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگۈرۈشلەر بولۇپ، شەھەرلەرنىڭ سانىلا ئەسلىدىكى 356 دىن 656 گە كۆپەيگەن. كۆپلىگەن تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن ئەسلىدىكى يەر ناملىرى ئۆزگۈرۈپ كەتكەن ۋە يوقالغان. ئىگەللەشلەرگە قارىغاندا ھازىر ئېلىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەر ناملىلىرىنى قەرەللىك يۇقۇرىغا مەلۇم قىلىش قاتارلىق مېخانىزىملىرىدا يوچۇقلار كۆپ بولۇپ ،بۇنىڭ بىلەن  مەملىكەت بويىچە 2- قېتىم يەر - جاي ناملىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش تەخىرسىز بىر خىزمەت بولۇپ قالغان.$ r- \% I5 n# f' y
     تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھازىر ئېلىمىزدە يىلىغا 20 مىڭدىن ئارتۇق يېڭى يەر ناملىرى پەيدا بولىدىكەن، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولۇق ئىگەللىيەلمەسلىك، يەر ناملىرى توغرا، ئىلمىي قويۇلماسلىق، ھەتتا قالايمىقان قويۇلۇش ئەھۋاللىرى ئېغىر ئىكەن. ئۇلار ئاساسلىقى "كۆلەمنى قوغلىشىش''، "ئەجىنەبىلىشىش''، "غەلىتىلىشىش''، "تەكرارلىق'' قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدىكەن.  قانداقتۇر <<مەيدان>> دەپ قويۇلغان يەرلەردە مەيدان يوق، <<كاتتا ساراي>>لار قونالغۇچىلىك، ئەزەلدىن بار بولغان، تارىخ ، مەدەنىيەت ۋە مىللى تۈسى قويۇق يەر ناملىرىنى  چەتئەلچىگە ئۆزگەرتىۋالىدىغان، <<جەھەننەم يولى>> دىگەنگە ئوخشاش غەلىتە ئاتالغۇلارنى يەر نامى قىلىپ قويۇۋالىدىغان ئەھۋاللار ئېغىر ئىكەن.
9 ^3 R( p. W  l7 ~" e      مەملىكەت بويىچە 2- قېتىم يەر - جاي ناملىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈش مۇتەخەسىسلەر كومىتىتىنىڭ مۇدىرى ليۇ باۋچۇەن ئەپەندىنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرىشىغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق تەكشۈرەش _ ئېلىمىزنىڭ يەر ناملىرى ئۇمۇمىيۇۈزلۈك ئىگەللەپ ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقىش، توغرا ۋە ئۆلچەملىك قويۇلمىغان يەر ناملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق بەش جەھەتتىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.3 K% ^2 X7 v1 m) O
         ئىگەللەشلەرگە قارىغاندا، بۇ خىزمەت  2018-يىلى 6-ئايدا تاماملىنىدىكەن.
& K, @7 `- K6 q3 u" r7 i
+ j* r# {+ P' P6 _
+ [0 p8 {/ N5 N! x# N& Aمەنبەسى: مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسى خەۋىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تورلاردىن رەتلەندى.
# T' r$ C7 J6 i: j7 r/ Q: q
; l. D* E9 a$ b3 h5 w
7 d' ]/ B6 ^2 [, b* D) Uئىلاۋە: سىرتلارغا چىققاندا يەر ناملىرىغا دىققەت قىلاتتىم، شۇڭا بايام بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ بىزدىمۇ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلدىم ۋە ئۇچۇردىن كۆپچىلىكنى بۇرۇنراق خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم.
' B& V- Z6 h1 E& C* t" y; t* r) l  c. Q; k+ o! S. s# |# q

7 I& r- x1 [) Z* ^8 O' \# w+ G( F, \4 Q
- C, E6 L; B8 q5 U

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-5-24 01:46:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  «تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر ئېلىمىزدە يىلىغا 20 مىڭدىن ئارتۇق يېڭى يەر ناملىرى پەيدا بولىدىكەن.»
# }) B6 y/ N* \/ k                                          -نەقىل& U( g8 F* ^, q) a
4 y3 p7 W0 t# H( c* s/ K3 v
     دەرۋەقە، رەتلىمىسە بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەنىدى. يۇقىرىدىكى سان ئاز سان ئەمەس.  گەرچە ئۆزئارا تەدبىقلىۋېلىشقا بولمايدىغان بولسىمۇ، ئەمما دېمەي بولمايدۇكى، بىرەر ئەسرمۇ ياشىيالمايدىغان بىز ئىنسانلارغا ئىسىم قويۇشتىمۇ شۇنچە ئويلىنىپ، ئوبرازلىق، چىرايلىق ئىسىملارنى تاللايمىز، مۇبادا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسىمۇ، خېلى كۆپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىسپات-دەلىللىرى ئارقىلىق گېزىتكە ئېلان بېرىپ، جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن  ئۆزگەرتەلەيمىز. ئەمما يەر-جاي ناملىرىنىچۇ؟ شۇ تاپتا ئاجايىپ-غارايىپ يەر-جاي ناملىرى كۆپىيىپ كەتتى. بەزى يەر-جاي ناملىرىمىز ھەتتا سىفىرلىشىپمۇ كەتتى...5 Q4 E- T9 h; h% ~1 L! ^
   رېئال ئەھمىيىتى بار خىزمەت ئىكەن.
3 ~4 \$ m& j7 J# {& C

ۋاقتى: 2014-5-24 03:33:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپتۇ بۇ خىزمەتنى تەرتىپكە سالىدىغان ۋاقتىمۇ كەلگەن ،تور ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگەن ئەپەندىگە رەخمەت !

ۋاقتى: 2014-5-24 14:00:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر جاي ناملىرىنى بىكىتىشتە شۇ جاينىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاتىلىشىنى ئاساس قىلىشىنى،يەنە باشقا تىللاردىمۇ شۇجاي نامىنىڭ شۇ ئاھاڭدارلىق بويىچە ئېلىنىشى ساقلاپ قېلىنسا بۇمۇ ئۆز مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ ئازراق بولسىمۇ بىر بۈرجىكىنى ساقلاپ قالغانغا باراۋەر دەپ قارايمەن.

ۋاقتى: 2014-5-24 15:04:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شەھەرلىرىمىزدىكى كوچىلارنىڭ، يېڭىدىن ياسىلىۋاتقان يول-مەھەللىلەرنىڭ ناملىرىنى ئالدى بىلەن تۈزىتىش كېرەك، بۇنداق كوچا ناملىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ئاتالمىش رەھبەرلىك قويۇپ بەرگەن «شەرەپلىك» ناملار. مەسىلەن؛ جەنۇپتىكى بىر شەھەرنىڭ مەلۇم بىر چوڭ كوچىسىنى ئەسلى «تانايبېشى» كوچىسى تاناي يولى دەپ ئاتايتتۇق. لېكىن ئو كوچىغا شەھەر قۇرۇلىشى ئىدارىسى تەرىپىدىن قويۇلغان نام «تەيبىي يولى»، خەت-چەك ئالاقىمىزدىكى ئادرىسقىمۇ مۇشۇ بويىچە يازمىساق خەت-خەۋەرلەر ماڭمايدۇ. نېمە دېگەن غەلىتە ئىش بۇ؟ ئۇلۇغ ئىلىمىزگە كەينىنى قىلىپ تۇرغان تەيۋەندىكى گومىداڭنىڭ پايتەختى تەيبىي بىلەن تەكلىماكاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماۋۇ شەھەرنىڭ مەزكۇر كوچىسىنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟! ئۇنداقتا بۇنداق ناملار قاندا قويۇلۇپ قالىدۇ؟! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-24 15:05  ; ]6 @; Z1 Y2 P9 s+ x0 s, [% ^

: f+ Y3 w  M9 I3 K

ۋاقتى: 2014-5-24 16:25:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى ئاتىلىشىغا ھۆرمەت قىلماي يېڭىچە قويۇلغان ناملارمۇ ئاز ئەمەس، سىياسى تۈس بەرگەن ناملارنى ئىلاجى بار ئەسلىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا رەتلەش كېرەك .
( b5 M" v2 U" A

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-26 09:23:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسىلەن: 阿拉尔市 ئالار شەھىرى ئەمەس، «ئارال شەھىرى» بولۇشى كېرەك. # t9 ~, I  h& Y8 Y9 N1 n6 `
孔雀河 دىگىنىمىز «كۆنچى دەرياسى»نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر، ئۇ قانداقتۇر «توز دەرياسى» ئەمەس.
- ^' [( E- Y, Q: G  ?' q: d  Q, F4 Lمېنىڭچە بۇ خىزمەتنى يەنىلا يەرلىكتىكىلەر ئىشلەيدۇ. يەر - جاي ناملىرى دىگەننى كۈندە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا كەسپ ئەھلىلىرى ئىش بېشىدا ياكى مەسلىھەتچى بولسا بۇ خىزمەت ئىلمىي، ئەقىلگە مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلىشى مۈمكىن.

ۋاقتى: 2014-5-26 10:31:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

& k! f" E+ x6 n1 v6 W6 D- ^* \          خوتەندىمۇ «يۇرۇڭقاش ___ يورۇق قاش __ كۈنگەي تەرەپتىكى دەريا» دېگەننى ھازىر «ئەجدىھا دەرياسى» دەپ يېزىپ، شۇنداق ئاتاۋاتقان ئەھۋاللا كۆرىلىۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندا مەدەنىيەتنىڭ قۇيرىقى كېسىلىپ كېتىپ، باش-ئاخىرىنى تاپقىلى بولمايدىغان ھادىسىلەر مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-26 10:32  - t3 W$ k! p1 `9 ^9 ~
2 T- D' I( {. d1 i8 q" \

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش